ۋىندوۋس 8نى 98يۈەنگە سېتىۋىلىش ئۈزۈندە رەسىملىرى
مەن كۆزنەك 8نى 98يۈەنگە سېتىۋىلىپ 199يۈەنگە ساتىدىغانلىقىم توغرىلىق ئىلان چىقىرىپ، بەزى تورداشلارنىڭ مەقسەتلىك-مەقسەتسىز ئەيىپلەشلىرىگە ۋە گۇمان قىلىشلىرىغا ئۇچرىدىم. شۇڭا سېتىۋىلىش جەريانىمنى ۋە ۋاقىتنى ئىلاجىنىڭ بارىچە ئىسپاتلاش ئۈچۈن، سېتىۋىلىش جەريانىمنى رەسىمگە تارتىپ يوللاشنى قارار قىلدىم. ئەگەر بۇنى Photoshopدا لايىھىلەپ چىقىرىۋاپسىز دېسەڭلار، ئۇيغۇرۇمنىڭ قوڭ كوچىلاش تېخنىكىسىغا قايىل بولۇپ، ۋىندوۋس8 نى سېتىشتىن ۋاز كېچىمەن.
مەندىن سېتىۋىلىشنى خالايدىغانلار، تاۋباۋدىكى دۇكىنىمدىن سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.
http://item.taobao.com/item.htm?spm=0.0.0.0.MYLRBi&id=22573064474
چ چ : 15918327 تېلىفۇن : 18909988229 ۋاڭ ۋاڭ: videobox تور تەخەللۇسۇم: رۇسلان
بىر قانچە يىللار بۇرۇن تاۋباۋدا دۇكان ئاچقىنىمدا دۇكىنىمنىڭ ئىسمىنى 喀什好汉 دەپ قويغانىكەنمەن. رەسىمنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان بۇخەت تاۋباۋ تەرىپىدىن بىۋاستە ئۇرۇپ چىقىرىلغان. ئەمەلىيەتتە قەشقەر ئوغلانى، قەشقەر ياخشى يىگىتى دىمەكچى ئىدىم، تەرجىمەم خاتا بولسا ئەپۇ قىلغايسىز. ئەمەلىيەتتە بۇنداق شىركەت مەۋجۇت ئەمەس، كېيىن قۇرۇش پىلانىم بار ئىدى خالاس. نەق گەپ ، سىزدىن 98 يۇەنلىكىنى 199 يۇەنگە ئالغىنىم بىلەن تاۋ باۋدىن 5 يۇەنگە ئالغان win8 نىڭ جىق پەرقى يوق دەپ ئويلايمەن .
تەكلىپ : تورداشلار ئامال بولسا 248 يۇەنلىك نۇسخىسىنى (گەرچە ھازىر مەۋجۇت بولمىسىمۇ ، جىق ئېلىپ قويغانلاردا بار ، ) ئېلىپ ئىشلىتىڭلار .....
مەن باشقىلاردىن 120 يۈەنگە سېتىۋالغان (DVD)نۇسخىسىنىڭ ئاكتىپلاشقابولمىغانلىقىنڭ سەۋەبى نىمە ؟ئاكتىپلاش دىگەننى باسسام DNS名称不存在دەپ خەت چىقىۋالدى .گەرچە سىزدىن سېتىۋالمىغان بولساممۇ ياردەم قىلىڭ قېرىدىشىم !!
ـــــــــــــــــ
ئىنكاس يازسىڭىزلا تىما ئىگىسى كۆرەلەيدۇ. پۈتۈن تىمىنى نەقىل قىلىش ھاجەتسىز.
http://v.youku.com/v_show/id_XNDU4NzI3ODIw.html
3- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نەق گەپ ، سىزدىن 98 يۇەنلىكىنى 199 يۇەنگە ئالغىنىم بىلەن تاۋ باۋدىن 5 يۇەنگە ئالغان win8 نىڭ جىق پەرقى يوق دەپ ئويلايمەن .
تەكلىپ : تورداشلار ئامال بولسا 248 يۇەنلىك نۇسخىسىنى (گەرچە ھازىر مەۋجۇت بولمىسىمۇ ، جىق ئېلىپ قويغانلاردا بار ، ) ئېلىپ ئىشلىتىڭلار .....
مەنمۇ مەزكۇر قىرىندىشىمنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن ، شۇڭا تاۋباۋدا ۋىندوۋۇس 8 نى 3 كويغىمۇ ئاكتپلىغىلى بولىدۇ ، دىققەت قىلىشڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ...
سىز 3يۈەنگە ، 8يۈەنگە سېتىۋالغان ۋىندوۋس8نىڭ سېتىۋىلىش جەريانىنى سىزگە كۆرسىتەمدىكەن؟ مەن مىكروسوفت تورىدىن سېتىۋالسام،مەندىن ئالغانلار سېتىۋىلىش جەريانىنى كۆرۈپ تۇرسا بۇ يەنە ساختىما؟
تىۋىپ قىرىندىشىم، مەندىن سېتىۋالغانلار بۇچاغقىچە ئاكتىپلاشتا ھىچقانداق مەسىلىگە يولۇقۇپ باققىنى يوق، سىزنىڭ 115يۈەنگە ئالغىنىڭىزنىڭ قانداق نۇسقىسى ئىكەنلىكىنى مەن بىلمىدىم، باشقا تېخنىكىلىق مەسىلە بولسا مەن ياردەم قىلاي، ئاكتىپلاشقا ئەڭ ياخشىسى ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ھەرقىتىم مەن تىما يوللىسام 115يۈەنگە سېتىۋالغىنىمنى ئاكتىپلىيالمىدىم دېگەن بولۇپ، \"سىزنىڭمۇ ساختا\" دىمەكچىمۇسىز؟
بۇرۇن سېتىۋالغان 248يۈەنلىك نەشىرى دىگەنگە نىسبەتەن، دىمەك بۇ شۇ ساتقۇچىنىڭ نامى بىلەن سېتىۋىلىنغان. ۋاقتى كەلگەندە سېتىۋالغۇچى كومپىيۇتىر ئالماشتۇرماقچى بولۇپ، سېستىمىنى بىر كومپيۇتىردىن يەنە بىر كومپىيۇتىرغا يۆتكىمەكچى بولسا، مىكروسوفتنىڭ سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن قانداق ئۆتەر؟ چۈنكى ئۇنىڭدا پەقەت تەرتىپ نومۇرى بار، لىكىن ئۆزىنىڭ نامىدا سېتىۋىلىنمىغان.(مەن سېستىمىنى باشقا كومپيۇتىرغا قاچىلىماقچى بولسا مىكروسوفت مۇلازىمەت تىلىفۇنىغا تېلىفۇن قىلىپ ئىلتىماس قىلىش كىرەك دەپ ئاڭلىغان، لېكىن سىناپ باقمىدىم).