شىنجاڭدا 67 ئادەم قانۇنسىز پوجاڭزا ساتقانلىقى ئۈچۈن قاتتىق جازالاندى

6-فېۋرال ، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئاخبارات
ئىشخانىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئاپتونوم رايوندىكى ج خ تارماقلىرى پوجاڭزا سېتىشنى
تەكشۈرۈپ تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان ، 67 ئادەم پوجاڭزىنى
قانۇنسىز توشۇش، ساقلاش ، سېتىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق بىر تەرەپ
قىلىنغان .
ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ ج خ تاماقلىرى 2012-يىلى
12-دېكابىردىن 2013-يىلى 24-فېۋرالغىچە ، 70 كۈندىن ئارتۇق داۋاملىشىدىغان پوجاڭزا
سېتىشنى تەكشۈرۈپ مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ ، ھازىرغىچە ، پۈتۈن ئاپتونوم
رايوندىن 17 مىڭ 964 ساقچى بۇ قانۇنسىز قىلمىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتنىشىپ ،
قانۇنسىز پوجاڭزا سېتىشقا دائىر 33 دېلونى بىر تەرەپ قىلغان ، قانۇنسىز پوجاڭزا
ساتقان 67 ئادەمنى تۇتۇپ ، 2671 يەشىك پوجاڭزىنى يىغىۋالغان .

2- قەۋەتتىكى koqahawiri1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىزگە ساتمايدۇ ،بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز،قانۇنلۇق -قانۇنسىز ساتسىمۇ .ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ماتىرىيال سىتىۋالىدىغان ئۇيغۇر ئىدارىغا لازىم بولۇپ قىلىپ سىتىۋالاي دىسە ساتماپتىكەن، ئورنىغاخەنسۇ كىرىپ سىتىۋاپتۇ.بۇمۇ شىنجاڭنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن بولسا كىرەك.![]()
يۇمۇرمۇ يا بۇ

بىكارغا پۇل بەرسە ئالمايدىغان ساراڭ ئەمەس ئۇلار . كىم بولسۇن نەرسىسىنى سېتىۋالسا پۇل تاپسا بولدى .
ئۇزۇندىن ئىككىنى ئېلىپ قويدۇم. يېرىم كىچىدە پوجاڭزا ئېتىپ ئۇخلاتمىغان يولداشنى مەنمۇ ئۇخلاتمىغىلى ...
ساتارۇي ، تولۇق ئوتتۇردا كىچىكىدىن چوڭنى ياساپ بېلىققا ئېتىپ ئوينايتىم . ھېلىقى پىلىكى يوق سۈركەپلا ئاتىدىغىنى سۇغا چۈشسىمۇ ئۆچۈپ قالمايدىكەنتۇق ، بېلىق چۆچۈتىدىغانغا بولىدىكەنتۇق ، ماياقتىن تورنى سەپ قوياپ ، ئاياقتىن تاشلىسا بېلىقلار تور بار يەرگە جۇغۇردىكەنتۇق {:92:}4- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى koqahawiri1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىزگە ساتمايدۇ ،بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز،قانۇنلۇق -قانۇنسىز ساتسىمۇ .ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ماتىرىيال سىتىۋالىدىغان ئۇيغۇر ئىدارىغا لازىم بولۇپ قىلىپ سىتىۋالاي دىسە ساتماپتىكەن، ئورنىغاخەنسۇ كىرىپ سىتىۋاپتۇ.بۇمۇ شىنجاڭنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن بولسا كىرەك.![]()
بىكارغا پۇل بەرسە ئالمايدىغان ساراڭ ئەمەس ئۇلار . كىم بولسۇن نەرسىسىنى سېتىۋالسا پۇل تاپسا بولدى .
ئۇزۇندىن ئىككىنى ئېلىپ قويدۇم. يېرىم كىچىدە پوجاڭزا ئېتىپ ئۇخلاتمىغان يولداشنى مەنمۇ ئۇخلاتمىغىلى ...

بىر قېتىم قىزىقچىلىقتا يولدا پوجاڭ ئېتىپ ئويناۋاتسام بىر ئادەم « ؟؟؟؟؟؟؟ خەنسۇ ئالغانما !» دېمەسمۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى تۇتمىدىم بۇ نەرسىنى.
تولۇقسىزدا ئوقىۋاتقان چېغىمدا،ئاكام قازاقىستانلىق بىر خېرىدارىغا تازىمۇ جىق پوجاڭزا ساتتى.مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدىن ئۇزۇنى-قىسقىسى بولۇپ ئاتىدىغانغا خىلى ئەپ قالدىم ۋە بالىلار بىلەن مەھەللىدە تازا ئېتىشىپ ئوينىدۇق.شۇ پوجاڭزىنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن بىرسى بولىدىغان ئاسمانغا قاراپ ئاتساق تازا ئۆرلەپ چىقىپ ئېتىلىدىغان.مەن ئاسمانغا ئېتىۋىرىشتىن زىرىكىپ يەردە ئاتمامدىم دەپ،بۇ پوجاڭزىنى يەرگە قويۇپ،ئوت تۇتاشتۇردۇم.بۇ پوجاڭزاغۇيۇلداپ- يورغىلاپ ماڭغىنىچە بىزنىڭ ئۆيدىن ئۆتۈپ 3-خوشنىمىزنىڭ دەرىزىسى تۈۋىدە گۈم قىلىپ پارتىلىدى.بىر چاغدا دادام يۈگۈرۈپ چىقىتى،ھېچ ئۆڭسىلى يۈق ۋە مېنى قار-يامغۇر تىللاپ كەتتى. ئەسلى ئۇ خوشىنىمىزنىڭ ئايالى سەل كىسەلچان ئايال بولۇپ ناماز ئوقاي دەپ جەينىمازغا كېلىشى بىلەن تەڭ،مەن ئاتقان پوجاڭزا پارتىلاپ،بىچارە ئايال شۇ يەردىلا ھوشىدىن كېتىپتىكەن. {:107:}
3- قەۋەتتىكى begtashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى koqahawiri1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىزگە ساتمايدۇ ،بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز،قانۇنلۇق -قانۇنسىز ساتسىمۇ .ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ماتىرىيال سىتىۋالىدىغان ئۇيغۇر ئىدارىغا لازىم بولۇپ قىلىپ سىتىۋالاي دىسە ساتماپتىكەن، ئورنىغاخەنسۇ كىرىپ سىتىۋاپتۇ.بۇمۇ شىنجاڭنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن بولسا كىرەك.![]()
يۇمۇرمۇ يا بۇ
يۇمۇر ئەمەس رىياللىق !قەشقەر شەھىرىدىكى ،ئۇ ۋاقىت چاغان ئەمەس ئىدى شۇ. مۇھىتنى دەھشەت ‹‹ئاسرايدىغان›› نەرسىدە بۇ. بۇنى ئېتىپ بولغاننىڭ ئەتىسى ھاۋا ‹‹سۈزۈكلىشىپ››، ئاسمان ‹‹كۆپكۆك›› بولۇپ كېتىدۇدە. قاسى كۈنى دۇككاننىڭ ئالدىدىكى كانارىغا ئېسىقلىق گۆشنى پەشلەۋاتسام بىر خەنسۇ شۇم يىنىمغلا پوجاڭدىن بىرنى تاشلاپ قوياپتۇ. بۇرنۇمغا سىسىق بىر نەرسە بۇرىغاندەك قىلدى، ئەتراپىمغا قاراپ بولغۇچە «پاڭ» قىلىپ سەت ئېتىلدى. ئۇۋىقى چاشلاپ چىقىپ يۈزۈمگە پاسسىدە تەگدى. ئۆزۈممۇ بەك چۆچۈپ كەتتىم.
ئالدى كەينىمگە قارىسام دۇككاندىن 15 مىتىر يىراقلىقتا بىر شۇمتەك خەن ھەدەپ كۈلگىلى تۇرىدۇ ماڭا قاراپ. قوغلىغانچە بېرىپ ياقىسىدىن تۇتقان پېتى كۆتىرەپ دولامغا ئارتىپ دۇككانغا ئەكىردىم. زوڭ ئوتتاغىزىپ قوياپ يې، دەپ بېشىنى كۈچەپ بىرنى نوقىۋىتىپ، داداڭنىڭ تىلفۇن نۇمرىنى دە، دىسەم لاغىلداپ تىتىرەپ نۇمۇرىنى دەپ بەردى. تىلپۇن قىلىپ كىلە ما دۇككانغا، بالاڭ ئىش تېرىدى دىسەم، ھە ماقۇل ھازىرلا باراي دەپ تىلپۇننى قويىۋەتتى.
دادىسى كەلگۈچە بۇ شۇمنى بىردەم قوقاتقاش تۇراي دەپ، كۆردىڭما ما يۈزۈمنى، بەك ئاغرىۋاتىدۇ، قۇلۇقۇممۇ ئاغرىۋاتىدۇ، مىنىڭ بەك ئاچچىقىم يامان، داداڭ كەلمەيۋاتىدۇ، سىنى سويۇپلا ۋىتەي، دەپ بىر قولامغا پىچاقنى، بىر قولامغا بىلەينى ئېلىپ پىچاقنى بىلەپ قويسام بىچچارە شۇم يىغلاپ كەتتى. يىغلىما دەپ بىر ۋارقىرىسام، جىملا توختاپ قالدى، بىر چاغدا قارىسام ئىشتىنىغا چىقىرۋىتىپتۇ.

ئاڭغىچە دادىسىمۇ كەلدى. بالاڭغا ياخشى قارا خەنسو. قاندا دىگەن دادىسەن، بالاڭغا مۇشتاق تەربىيە قىلدىڭما... دەپ بىردەم سۆزلەپ بالىسىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم. دۈيبۇچى مۇ دۈيبۇچى دەپ ئىششەك گەپ قىلىپ بالىسىنى ئەككەتتى.
ئەسلى دوختۇرخانىغا بېرىپ قۇلاق تەكشۈرتۈپ، CT دىن تارتىپ بىجوغىچە چۈشۈپ بىر ئاۋار قىلاي دىگەن، بولدىلا دەپ قالدىم.
11- قەۋەتتىكى qassapنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قاسى كۈنى دۇككاننىڭ ئالدىدىكى كانارىغا ئېسىقلىق گۆشنى پەشلەۋاتسام بىر خەنسۇ شۇم يىنىمغلا پوجاڭدىن بىرنى تاشلاپ قوياپتۇ. بۇرنۇمغا سىسىق بىر نەرسە بۇرىغاندەك قىلدى، ئەتراپىمغا قاراپ بولغۇچە «پاڭ» قىلىپ سەت ئېتىلدى. ئۇۋىقى چاشلاپ چىقىپ يۈزۈمگە پاسسىدە تەگدى. ئۆزۈممۇ بەك چۆچۈپ كەتتىم.
ئالدى كەينىمگە قارىسام دۇككاندىن 15 مىتىر يىراقلىقتا بىر شۇمتەك خەن ھەدەپ كۈلگىلى تۇرىدۇ ماڭا قاراپ. قوغلىغانچە بېرىپ ياقىسىدىن تۇتقان پېتى كۆتىرەپ دولامغا ئارتىپ دۇككانغا ئەكىردىم. زوڭ ئوتتاغىزىپ قوياپ يې، دەپ بېشىنى كۈچەپ بىرنى نوقىۋىتىپ، داداڭنىڭ تىلفۇن نۇمرىنى دە، دىسەم لاغىلداپ تىتىرەپ نۇمۇرىنى دەپ بەردى. تىلپۇن قىلىپ كىلە ما دۇككانغا، بالاڭ ئىش تېرىدى دىسەم، ھە ماقۇل ھازىرلا باراي دەپ تىلپۇننى قويىۋەتتى.
دادىسى كەلگۈچە بۇ شۇمنى بىردەم قوقاتقاش تۇراي دەپ، كۆردىڭما ما يۈزۈمنى، بەك ئاغرىۋاتىدۇ، قۇلۇقۇممۇ ئاغرىۋاتىدۇ، مىنىڭ بەك ئاچچىقىم يامان، داداڭ كەلمەيۋاتىدۇ، سىنى سويۇپلا ۋىتەي، دەپ بىر قولامغا پىچاقنى، بىر قولامغا بىلەينى ئېلىپ پىچاقنى بىلەپ قويسام بىچچارە شۇم يىغلاپ كەتتى. يىغلىما دەپ بىر ۋارقىرىسام، جىملا توختاپ قالدى، بىر چاغدا قارىسام ئىشتىنىغا چىقىرۋىتىپتۇ.يې، سىيۋىتىپسەنغۇ، دۇككاننى بۇلغۇدۇڭ، سەن گۇينىڭ چۇچىقىنى بىر كىسۋىتەي، دەپ پىچاقنى دەڭلەپ قويسام ئايلىنىپ قالغىنى تاس قالدى بىچچارە
![]()
ئاڭغىچە دادىسىمۇ كەلدى. بالاڭغا ياخشى قارا خەنسو. قاندا دىگەن دادىسەن، بالاڭغا مۇشتاق تەربىيە قىلدىڭما... دەپ بىردەم سۆزلەپ بالىسىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم. دۈيبۇچى مۇ دۈيبۇچى دەپ ئىششەك گەپ قىلىپ بالىسىنى ئەككەتتى.
ئەسلى دوختۇرخانىغا بېرىپ قۇلاق تەكشۈرتۈپ، CT دىن تارتىپ بىجوغىچە چۈشۈپ بىر ئاۋار قىلاي دىگەن، بولدىلا دەپ قالدىم.
يامانكەنسىز جۇمۇ، مەن بولسام ئۇنىڭغا «دۈيبۇچى» دەتىم.
ئىمان ئېيتىپ قالسا يەنە كېلىپ ئاتامۇ پوجاڭنى
1----------------------------------
1- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ نەرسىگە بەك ئامراقتىم مەن ، ھازىرمۇ ئامراق ئېلىپ ئېتىپ ئوينىغۇم بار لېكىن نومۇس قىلىپ ئالالماي .
----------------------------------------------------------------
زىلتار باي، ئىسىڭلاردا بارمۇ كىچىك چېغىمىزدا بىر قېتىم سۇغا چۈشكىلى بىرگە بارغان يادىمدا شۇ چاغدا سۇغا چۈشۈپ بۇلۇپ ئوت قالاپ ئويناۋاتقاندا كۆيۋاتقان ئوتقا بىرسى پوجاڭزىمۇ ياكى خېلە پارتىلايدىغان بىر نەرسە تاشلاپتىكەن سىلنىڭ يۈزۈڭلار شۇ چوغدا بىر خىل بوپ قالغان يادىڭلارغا كەلدىمۇ
دەپ قويسا تازا پەيزى چىقاتتىكە ..