zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 09:40:23

شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئۇيغۇر قىز ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇشى



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن قىز ئەسكەر دىلنۇر ئەخمەت شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمغا ھال سورىغىلى بارغان كومىسسار يۆ شىشىنغا دوكلات قىلىپ: «قىسىمدىكى كادىرلار ۋە باشلىق بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىز قىسىمنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەشقىگە تېزلا ماسلاشتۇق، مەن (ئىلگىرىلەش يۇلتۇزى) شەرىپىگە ئېرىشتىم» دېدى. ئۇ بۇ گەپلەرنى شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمغا قوبۇل قىلىنغان 10 نەپەر ئۇيغۇر قىز ئەسكەرگە ۋەكىل بولۇپ ئېيتقان ئىدى. ئۇلار 2012-يىلى 25-دېكابىر شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمغا قوبۇل قىلىنغان. شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇلار «شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق تاللانغان ئەسكەرلەر» شىنجىن بازىسى ئوقۇتۇش پولكىدا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەسكەرلەر بىلەن قاتتىق مەشقنى باشلىۋەتكەن ئىدى.























تۆۋەندىكى تور بىكەتتە تېخىمۇ كۆپ رەسىملەر بار:


http://bbs.miercn.com/201302/thread_159263_1_7.html

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 16:25:49

بەزى نامەرت گۇيلار بۇ قىزلارنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ ، ئاجايىپ گۇيلار بار جۇمۇ

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 16:29:19

سالامەت تۇرىۋىتىپتۇدە.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 16:54:06

قۇرۇق گەپنى ئاز قىلساڭلار بولاتتى . تاقاپلا قۇتۇلۇشساق بولدىغان چىراي.

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 17:00:06

ژۇتۇق ئىشتاندىن چىققاندەكلا بىركىملەرنى تىللىغاننىڭ نېمە پايدىسى
بەت: [1]
: شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئۇيغۇر قىز ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇشى