tawakkulluq يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 18:41:34

ئىلىم ھەقىقىي يېتەكچىدۇر2

ۋە داۋالاش يوللىرى (دورىلار)


ھايات چەكلىك، ئارزۇ-ئارمانلار چەكسىز. چەكلىك ھاياتتا چەكسىز ئارزۇ-ئارمانلارغا يېتىشنىڭ بىرلا يولى بار. ئۇ بولسا شۇ ئارزۇ-ئامانلارغا يېتىش غايىسى بىلەن، شۇ ئارزۇ-ئارمانلارغا يېتىش يولىدا توختاپ قالماي مېڭىشتىن ئىبارەت. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بىز غايىمىزنى ئاللىقاچان ئۆزگەرتتۇق، يولىمىزدا مېڭىشتىن ئاللىبۇرۇن توختىدۇق، ھەتتا يولىمىزدىن ئاداشتۇق. ئەمدىكى مەسىلە غايىمىزنى تونۇش، يولىمىزنى تېپىش ۋە يولىمىزدا مېڭىشتىن ئىبارەت. لېكىن بىز غايىمىزنى ۋە يولىمىزنى تونۇش ئۈچۈن ساق ئەمەس، كېسەلدۇرمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ساقىيىشىمىز كېرەك. ساقىيىشىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىشىمىز، دوختۇرغا رېتسېپ يازدۇرۇشىمىز ۋە رېتسېپ بويىچە داۋالىنىشىمىز شەرت.


يۇقىرىدا كېسەللىكلىرىمىزگە توغرا دىياگنوز قويۇشقا ۋە توغرا رېتسېپ يېزىشقا تىرىشتۇق. شۇنداقتىمۇ «ئەتتەكرارۇ ئەھسەن، ۋەلەۋكانە سەكسەن (تەكرارلىماق بەك بەلەن، ھېچبولمىغاندا سەكسەن)» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنىڭ تەقەززاسى بويىچە بىز ماقالىمىزنىڭ بۇ بۆلۈمىدە ئۇ كېسەللىكلەرنىڭ دورىلىرىنى، داۋالىنىش جەريانىدا تۇتۇشقا تېگىشلىك پەرھىزلەرنى ۋە ساقىيىپ بولغاندىن كېيىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىرئاز تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز.   


1- دورا ئۆگىنىش


جاھىللىق كېسىلىمىزدىن ساقىيىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىمىز كېرەك، ئاندىن داۋالىنىش ئۈچۈن كېسەلنىڭ ئۆز دورىسىنى ئىستېمال قىلىشىمىز لازىم. جاھىللىقنىڭ دورىسى ئۆگىنىش، ئىزدىنىش، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىشتۇر. بۇ ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش ھەممەيلەن ئۈچۈن مۇھىم. ئالدى بىلەن بۇنى بىلىشىمىز كېرەك، ئاندىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدىشىمىز كېرەك. بۇ سوئالنىڭ جاۋاب شۇنىڭدىن ئىبارەت: ھەممىمىز ھەر نەرسىنى ئۆگىنىمىز. چۈنكى ئاللاھ تەئالا تۇنجى نازىل قىلغان ئايەتلىرىدە مۇنداق دەيدۇ:


«ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ! ئۇ ئىنساننى يېپىشقاق بىر قاندىن ياراتتى. ئوقۇ! رەببىڭ ئەڭ سېخىيدۇر. ئۇ شۇنداق زاتكى، قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، ئىنسانغا ئۇنىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى»- ئەلەق 96/1-5.


ئاللاھ تەئالا بىرىنچى ئايەتتە بىزنى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى:


بىز ئوقۇغان چېغىمىزدا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغان ھالدا ئوقۇشىمىز، ھەر ئوقۇشىمىزدا ئاللاھدىن ياردەم تىلىشىمىز، ئۇنىڭغا تايىنىشىمىز، ئۇنىڭغا تېۋىنىشىمىز، ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ئىجرا قىلىشتا پەقەت ئۇنىڭ رىزاسىنىلا كۆزلىشىمىز، شۇنداقلا سۆز- ھەرىكەتلىرىمىزنى بۇنىڭغا قارىتا سادىر قىلىشىمىز لازىم.


شۇنىڭدەك، ھەر ئوقۇشىمىزدا ئاللاھ تەئالانىڭ كائىناتنى يوقتىن ياراتقان، ئۆزىنىڭ ھەر مەخلۇقىنى لازىملىق نەرسە بىلەن تەمىنلەۋاتقان، پۈتكۈل مەخلۇقات ۋە بارلىق مەۋجۇداتنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇۋاتقان زات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرشىمىز لازىم.


ئاللاھ تەئالانىڭ بىرىنچى ئايەتتە ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىلىق سۈپىتىنى، ئىككىنچى ئايەتتە ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دالالەت قىلىدۇكى:


ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى ياراتقان ئايەتلىرى (ئاياتى كەۋنىيە)، يەنە بىرى نازىل قىلغان ئايەتلىرى (ئاياتى مۇنەززەلە). دېمەككى ئاللاھ تەئالا بۇ ئىككى ئايىتىدە ئالدى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنى ئاندىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەر ئۇممىتىنى ئۆزىنىڭ ياراتقان ئايەتلىرىنى ۋە نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ئوقۇشقا بۇيرۇغان. ئۇ ھالدا ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقىرىدىكى بەش ئايىتىنىڭ تەپسىرى مۇنداق بولىدۇ:


«ئى مۇھەممەد! ئى مۇئىمىن! مەن ھازىر نازىل قىلىشقا باشلىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇ، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگەن! شۇنىڭدەك، مەن تەبىئەتتە ياراتقان ئايەتلەرنى ئوقۇ، ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ئۆگەن!».


ئاللاھ تەئالانىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەمىر قىلىشى، ھەر بىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلغۇدەك دەرىجىدە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇنىڭ مەنىلىرىنى بىلىشكە ئەمىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


بۇ خىل ئوقۇش كۈنىمىز تىلىدا ئىلاھىيات ئوقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى ئاللاھ تەئالا پەيغەمبىرىمىزگە دەسلەپتە نازىل قىلغان ئايەتلىرىدە بىزنى تەجۋىد، تەپسىر، ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، قائىدە-يوسۇن ۋە ئۆلچەملەرنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدىن ئوقۇپ ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان. بۈگۈنكى تەجۋىد، تەپسىر، ھەدىس، فىقىھ، ئەخلاق، ئاقائىد ۋە دىنلەر تارىخى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەر ئەسلىدە ئەنە شۇ ئىلىملەردۇر. ئاللاھ تەئالا ئۇ ئىلىملەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇش بىلەن ئۇ ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ۋاسىتە بولىدىغان مورفولۇگىيە، سىنتاكسىس ۋە سىتىلىستىكا ئىلىملەرنى ئوقۇشقىمۇ ئەمىر قىلغان بولىدۇ.


ئاللاھ تەئالانىڭ تەبىئەت ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەمىر قىلىشى، ھەر بىرىمىزنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئەتراپىمىزدىكى تەبىئەت (مەخلۇقات) نىڭ ماھىيەتلىرىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىشكە ئەمىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


بۇ خىل ئىلىمنى ئوقۇش كۈنىمىز تىلىدا تەبىئىي پەن ئوقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى ئاللاھ تەئالا دەسلەپتە نازىل قىلغان ئايەتلىرىدە بىزنى فىزىكا، خىمىيە، زوئولوگىيە ، بوتانىكا، مىنېرالوگىيە، فىزىيولوگىيە ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق ئىلىملەرنى ئوقۇشقا ئەمىر قىلغان.


ئاللاھ تەئالا ئۈچىنچى ئايەتتە «ئوقۇ!» دېگەن ئەمرىنى تەكرارلىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئەڭ سېخي» ئىكەنلىكىنى، بايان قىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تەئالانىڭ تەبىئەتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىپ ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە سۇنغانلىقىنى، ھەر كىشىنىىڭ ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۇسۇللىرىنى ۋە ئۇلاردىن ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش يوللىرىنى ئۆگنىشىنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ.


ئاللاھ تەئالا تۆتىنچى ئايەتتە قەلەم بىلەن ئۆگەتكۈچى ئىكەنلىكىنى، بەشىنچى ئايەتتە ئۆزىنىڭ قەلەم بىلەن ئىنسانغا ئىنساننىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتكۈچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانغا يۇقىرىدىكى ئىلىملەرنى ئوقۇشىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ۋە ئىنساننى قەلەم بىلەن ئۆگىنىلىدىغان بارلىق ئىلىم، پۈتكۈل پەن ۋە جىمى ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىشكە ئەمىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


بۇ خىل ئىلىمنى ئوقۇش كۈنىمىز تىلىدا ئىجتىمائىي پەن ئوقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى ئاللاھ تەئالا بىزنى تۇنجى نازىل قىلغان ئايەتلىرىدە سەنئەت، سىياسەت، ئىقتىساد، ئېستېتىكا، پىسخولوگىيە، تىل، ئېتىكا قاتارلىق ئىلىملەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇغان.


(ئەسكەرتىش: ئايەتتىكى قەلەم كۈنىمىزدىكى خەت يېزىش ۋە شەكىل سىزش ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: قەلەم، ماشىنكا، كومپيۇتېر ۋەھاكازا قاتارلىق خەت يېزىش ۋە شەكىل سىزىش ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى قەلەم ھېسابلىنىدۇ).


ئاللاھ تەئالا باشقا بىر ئايىتىدە بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلارنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:


«...ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟›...»- زۇمەر 39/9.


ئەسلا ئوخشاش بولمايدۇ.


مۇسۇلمان شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىر شېئىرىدا:


«ئىلىم- پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە-ئۈزەر سۇدا، مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر» دەپ ئېيتقاندەك بىلگەنلەر ھاۋادا ئۇچۇۋاتىدۇ، بىلمىگەنلەر پىيادە مېڭىۋاتىدۇ. بىلگەن دېھقان ۋە باغۋەنلەر ئاسان تېرىپ، ئوڭاي سۇغۇرۇپ، تېز ئۆستۈرۈپ، چاپسان تىرىپ، ئىتتىك يىغىپ، ئاز ئەمگەك بىلەن كۆپ ھوسۇل ئېلىپ، پەيتنى چىڭ تۇتۇپ باي بولۇۋاتىدۇ. بىلمىگەنلەر كۆپ ئىش قىلىپ، ئېغىر ئەمگەك قىلىپ، كۆپ يەردىن ئاز ھوسۇل ئېلىۋاتىدۇ، ئالغىنى ئۆزىنىڭ يېيىشىگە يەتمەيۋاتىدۇ.


بىلگەنلەر ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ ئىنسانىيەتكە لازىملىق پۈتكۈل تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، بىلمىگەنلەر دۈمبىلىرىنى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ ماللارىنى يۈدۈپ يۇرتمۇيۇرت ئاپىرىپ سېتىپ ئايىغىنى چىقىرىپ بېرىۋاتىدۇ. بىلگەنلەر پۇل تېپىۋاتىدۇ، بىلمىگەنلەر ئاران جېنىنى ساقلاۋاتىدۇ.


خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا بىز جاھىللىق كېسىلىمىزدىن ساقىيىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشكە، ئىزدىنىشكە، ئوقۇشقا ۋە ئوقۇتۇشقا سەپەرۋەر بولۇشىمىز كېرەك. بالىلىرىمىزنى يېشىغا قاراپ مەكتەپلەرگە يەرلەشتۈرىشىمىز، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشىمىز، ئىمكانىيەت تاپالىساق چەتئەللەرگە ئەۋەتىپ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا زامانىۋى ئىلىم ئەربابى قىلىپ يېتىشتۈرىشىمىز كېرەك.


ھەر بىرىمىز ئۆز ساھەمىز بويىچە «بىرىنچى» بولۇپ ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىشىمىز، بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىمىزنى بىلىم ۋە تېخنىكا بىلەن بېزىشىمىز لازىم، ئۆز كەسپىمىزنى زامانغا ماسلاشتۇرۇش ۋە رىقابەت ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئىزدىنىشىمىز، تىرىشىشىمىز، ۋە غەيرەت قىلىشىمىز كېرەك.


مانا مۇشۇنداق بولغاندىلا بىز ئاللاھنىڭ «ئوقۇ!» دېگەن ئەمرىنى ئادا قىلغان بولىمىز، پەيغەمبىرىمىزنىڭ «بۆشۈكتىن تۆشۈككىچە ئوقۇڭلار» دېگەن مەزمۇندىكى يوليورۇقىغا ئەمەل قىلغان بولىمىز. نەتىجىدە بىزدىكى جاھىللىق كېسىلى ساقىيىدۇ، نادانلىق ئىللىتى يوقايدۇ.


2- ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈستۈن تۇتۇش روھىنى يېتىلدۈرۈش


ئەسلىدە بۇ روھ ھەر ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە بار. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئىنساننى ياراتقاندا ئۇنى شۇنداق بىر روھ بىلەن ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار تارىخ بويىچە مەھەللە، قەبىلە، رايون ۋە دۆلەت شەكىللەندۈرۈپ ئۆزلىرىگە بىرەر باشلىق سايلاپ شۇ باشلىقنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ ياشاپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلىۋى مەنپەئەتلىرىنى مەھەللىنىڭ، قەبىلىنىڭ، رايوننىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە قۇربان قىلىپ جەمئىيەتنىڭ ھەر ئەزاسى ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان. لېكىن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بىزدىكى بىرىنچى خىل كېسەل يەنى جاھىللىق بۇ روھنى كۈندىن كۈنگە تەسىر قىلالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈردى ھەتتا تەلتۆكۈس يوقاتتى. نەتىجىدە ھەربىرىمىز شەخسىيەتچى بولۇپ چىقتۇق.


ئەمدى جانابى ئاللاھ بىزنى ياراتقاندا پىترىتىمىزگە سىڭدۈرگەن ئۇ روھنى قايتا جانلاندۇرۇشىمىز ۋە ئۇ شەخسىيەتچىلىك كېسىلىمىزنى ساقايتىشىمىز لازىم. بۇنىڭ دورىسى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى شەخسنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇتۇش روھىنى يېتىلدۈرۈشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئۆگىنىشتۇر. يەنى بىز ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشكە سەپەرۋەر بولۇش بىلەن بىرىنچى كېسىلىمىز بولغان جاھىللىقىمىزدىن ساقايساق، توغرا تەپەككۇر قىلىدىغان، توغرا تەسەۋۋۇر قىلىدىغان، توغرا ھۆكۈم چىقىرىدىغان ۋە توغرا ھەرىكەت قىلىدىغان بولىمىز.


شۇنىڭ بىلەن بىز ئاستا-ئاستا دوست بىلەن دۈشمەننى، تۇغقان بىلەن ياتنى، يىراق بىلەن يېقىننى تونۇشقا باشلايمىز. دەسسەپ تۇرۇۋاتقان يېرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ يېرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە باشلايمىز. بۇنىڭغا ئەگىشىپ دوست- دۈشمەنگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنى، تۇغقانلىرىمىزغا مېھرى- شەپقەت قىلىشنى ۋە يېقىنلىرىمىزغا كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىمىز. ئۆيىمىزگە، مەھەللىمىزگە، ۋە زېمىنىمىزغا مۇھەببەت باغلاشقا باشلايمىز. نەتىجىدە، دوستلىرىمىز، تۇغقانلىرىمىز ۋە يېقىنلىرىمىز بىلەن ئۆيىمىزدە، مەھەللىمىزدە ۋە زېمىنىمىزدا باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاشنىڭ چارىلىرىنى قىلمىساق بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز. ئىش بۇ سەۋىيەگە يەتكەندە بىزدە شەخسىي مەنپەئەتنى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە قۇربان قىلىش ياكى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى شەخسىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇتۇش روھى يېتىلگەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئەلا بۇ روھنى جانلىق تۇتۇشنىڭ سىرىنى تۆۋەندىكى ئايەتلىرىدە بايان قىلغان:


«شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار بىر-بىرى بىلەن قېرىنداشدۇر. ئۇنداقتا ئىككى قېرىندىشىڭلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويۇڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»- ھۇجۇرات 49/10.


«ئى مۇئمىنلار! گۇماننىڭ تولىسىدىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى گۇماننىڭ بەزىسى گۇناھتۇر. بىر- بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىرى- بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار. سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ بۇنى ياقتۇرمايسىلەر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- ھۇجۇرات 49/12.


3- تەڭپۇڭلۇقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش   


يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى كېسەللىكىمىز يەنى جاھىللىق ۋە شەخسىيەتچىلىكىمىز ساقىيىپ بىز ئىلىملىك ۋە پىداكار بىر ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن بىزنىڭ شەخىسي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭلىقلىرىمىز ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ. بۇ تەڭپۇڭلۇق قۇرئان ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەن سەۋىيەگە يەتكەندە بىزنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىمىزدىكى تەڭپۇڭلۇقمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۇ چاغدا بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى يامان نىيەت، ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، ئىرادىسىزلىك، ۋىجدانسىزلىق ۋە ھەسەتخورلۇق قاتارلىق مەرەزلەر ئورۇننى تەۋھىد نۇرى، ئىتتىپاقلىق غايىسى، قېرىنداشلىق ئارزۇسى ۋە ھەمكارلىق ئېڭى قاتارلىق ئالىي خىسلەتلەرگە بىكارلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىچكى دۇنيايىمىزدىكى تەڭپۇڭلۇق ئەسلىگە كەلگەن بولىدۇ.


پۈتۈن بەدىنىمىزنى قەلبىمىز، قەلبىمىزنى ئىچىدىكى چۈشەنچىلەر باشقۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ نۆۋەت قەلبىمىز بەدىنىمىزنى توغرا ئىشقا يېتەكلەيدىغان، توغرا ئىشتا قوماندانلىق قىلىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ تاشقى دۇنيايىمىزدا تۇغقانلىرىمىزغا سىيلەرەھىم، يېقىنلىرىمىزغا ياخشىلىق، دوستلىرىمىزغا دۇرۇسلۇق، قېرىنداشلىرىمىزغا پىداكارلىق كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. بۇ روھ جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر ئەزاسىدا يېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ھەر بىرىمىز خالىس مۇئمىن، تەقۋادار مۇسۇلمان، پىداكار ئىنسان ۋە ياراملىق ئۇيغۇر بولۇپ چىقىمىز. بۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇھىتىمىز «ياخشى مۇھىت» ھالىتىگە كېلىدۇ. شۇنداقلا بىز ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق بولغان بولىمىز. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدا تېپىلغان ھامان بىزنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەڭپۇڭلىقىمىز ئەسلىگە كەلگەن بولىدۇ.


خۇلاسە


ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «...ئاللاھ ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ...»- رەئد 13/11.


بۇ ئاللاھ تەئەلانىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. بىز ھازىرقى ھالەتكە جاھىللىق، شەخسىيەتچىلىك ۋە بۇزۇلۇش بىلەن كەلگەندەك، ھازىرقى ھالىتىمىزدىن ئىلىم ئىگىلەش ، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈستۈن تۇتۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك تۈزۈلۈش بىلەن قۇتۇلۇپ كېتەلەيمىز. بۇنى يۇقىرىدا ناھايىتى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتۇق.ئاز پۇلغا كۆپ نەرسە ياكى قىممەت باھالىق نەرسە كەلمىگەندەك، دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك بەخت- سائادەتمۇ قۇرۇق ئارزۇ ۋە خام خىياللار بىلەن ئەسلا قولغا كەلمەيدۇ. بەدەل تۆلەش كېرەك. يەنى ۋاقىتنى، ياشلىقنى، ئىقتىسادنى ھەتتا ئىلكىمىزدىكى بارلىق نەرسىلىرىمىزنى دۇنيادا ئىنسانچە ياشاش، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىش ۋە ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىشدىن ئىبارەت ئالىي غايە ئۈچۈن قۇربان قىلىشىمىز كېرەك.


يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بىزدىكى ئۈچ خىل كېسەللىك ساقايغاندىلا بىز بۇ سەۋىيەگە يېتەلەيمىز. بىز بۇ سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن سۈننەتۇللاھنىڭ بىزگە دۇنيادا باياشاتچىلىق ئىچىدە ئىنسانچە ياشاش، ئاخىرەتتە جەننەتتە راھەت- پاراغەت ئىچىدە ئەبەدىي ياشاش مۇكاپاتىنى بېرىشى مۇھەققەقتۇر. بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىشىمىز لازىم.


دۇنيالىق جەھەتتە كىچىككىنە بىر راھەتكە ئېرىشىپ بولغۇچە پۈتۈن بەختنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەپ ئويلاپ قېلىش شاكىلاتقا ئالدانغان كىچىك بالىلارنىڭ ئىشى بولسا، ئۆزلىرى كەيپىنى سۈرۈۋاتقان ۋاقىتلىق مەنپەئەتنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن يۇقىرىدىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلماسلىق ۋە كېرەكلىك پەرھىزلەرنى تۇتماسلىق شەيتانغا ئالدانغان غاپىللارنىڭ ئىشىدۇر.


شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يۇقىرىدىكى دورىلارنى دەرھال ئىستېمال قىلىشقا باشلاپ ئەڭ قىسقا زاماندا ساقىيىشقا، پەرھىزلەرنى تۇتۇشقا ۋە كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغالماسلىقى ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. ھەردائىم پەخەس بولىشىمىز، دىققەت قىلىشىمىز، كۆزىمىزنى ئېچىشىمىز، ھوشيار بولىشىمىز شەرت. چۈنكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە نېمىتى بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزگە ياكى كەلگۈسىمىزگە قاراپ ئەمەس، بىزنىڭ شۇ ئاندا قەلبىمىزدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان پاكىز ئىمان، تىلىمىزدە جارى بولۇۋاتقان توغرا سۆز ۋە پۇت- قول ئەزالىرىمىزدىن سادىر بولۇۋاتقان سالىھ ئەمەللەرگە قارىتا بېرىلىدۇ.


تۈگىدى


ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!


مەنبە: مۇسۇلمانلار تورى


abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 00:15:29

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،




ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى ياراتقان ئايەتلىرى (ئاياتى كەۋنىيە)، يەنە بىرى نازىل قىلغان ئايەتلىرى (ئاياتى مۇنەززەلە). دېمەككى ئاللاھ تەئالا بۇ ئىككى ئايىتىدە ئالدى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنى ئاندىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەر ئۇممىتىنى ئۆزىنىڭ ياراتقان ئايەتلىرىنى ۋە نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ئوقۇشقا بۇيرۇغان. ئۇ ھالدا ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقىرىدىكى بەش ئايىتىنىڭ تەپسىرى مۇنداق بولىدۇ:


«ئى مۇھەممەد! ئى مۇئىمىن! مەن ھازىر نازىل قىلىشقا باشلىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇ، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگەن! شۇنىڭدەك، مەن تەبىئەتتە ياراتقان ئايەتلەرنى ئوقۇ، ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ئۆگەن!».


ئاللاھ تەئالانىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەمىر قىلىشى، ھەر بىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلغۇدەك دەرىجىدە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇنىڭ مەنىلىرىنى بىلىشكە ئەمىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.



-----------------------------------


مەن ئاددى ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن قىزىل رەڭدە بويالغان جۈملىلەرنى ئەللاھنىڭ سۆزىگە ئوخشاش، دەپ دېيىلدى، دەپ بىلدىم. خوش، ئۇنداقتا ئەللاھنىڭ سۆزى ئىككى تەرەپتىن بايان قىلىنىدۇ: بىرى، قۇرئان ئارقىلىق؛ يەنە بىرى، ھەدىس قۇدسىي ئارقىلىق. ئۈچىنچى مەنبەدىن كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا ئايەتلەرنى يىغىنچاقلاپ خۇلاسە قىلىپ ئەللاھ مۇنداق دېمەكچى، دەپ يۇقارقىدەك جۈملە تۈزۈشنىڭ شەرىئەتتىكى ئورنى قانداق؟ سىز نېمىگە ئەللاھ دېمەكچى بولغان ئاۋۇ جۈملىنى قۇراشتۇردىڭىز؟ دەلىلىڭىز نېمە؟

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 01:10:47

باشقۇرغۇچىلار ئىككى تېمىنى بىرلەشتۈرۈپ قويسا بولغۇدەك

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 13:38:48

@abdulehed ئەپەندىمنىڭ سۆزىنڭ ئاساسى بار، كىمىكى ئاللا ئېيتمىغاننى ئاللا ئېيتقان، دىسە، ئۇ ئاللاغا بۆھتان قىلغان بولىدۇ. ئەگەر، «تەپسىرى مۇنداق بولىدۇ» دىيىلمەكچى بولسا، چوقۇم ئىنسان سۆزى شەكلىدە بايان قىلىشى كېرەك، «.. ئوقۇش، .. ئۆگىنىش، .. سىرلىرىنى بىلىش..» دىگەندەك شەكىلدە.

«ئى مۇھەممەد!، ... ئى مۇئىمىنلەر!،...» شەكلىدىكى خىتاب قوللىنىلغان ئەسلى ئورۇن قۇرئان بولغاچقا، ئايەتلەرگە ئوخشىشىپ قالىدىغان ئوقۇشماسلىقتىن ساقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
بەت: [1]
: ئىلىم ھەقىقىي يېتەكچىدۇر2