Hamaqet يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 17:17:48

بېيجىڭدىكى تورداشلاردىن يارىدەم

مېنىڭ بىر يېقىنىم ئائىلە ئەزالىرى بىلەن(ئەر-ئايال، ئوغلى، قىزى)  مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە بېيجىڭدە ساياھەتتە بولماقچى، ئۆزى سەھىيە ئىدارىسىنىڭ تىئەنئەنمىن مەيدانىغا يېقىنراق جايدىكى مىھمانخانىسىنى تور(同程网)دا زاكاس قىلغان ئىكەن، بىراق پۇلنى يېتىپ بارغاندىن كېيىن پۈكەي ئالدىدا تۆلەيدىغانلىقى، ئالدىن پۇل تۆلەشكە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىن تىزىلاتقان ياتىقىغا  ئىشەنچ قىلالماپتۇ، 3 كۈنلۈك ياتاقنى ساياھەتكە ۋە قاتناشقا قولاي، ئۇيغۇرچە تۇرمۇشقا مۇۋاپىقراق، باھاسى يۇقۇرى بولمىغان ياتاقنى تىزىمنلىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭنىڭ قەيېرىدە تۇرسا مۇۋاپىق بولىدۇ، ياتاقنى قەيەردىن، قانداق ئۇسۇلدا تىزىملىتىش ھەققىدە يارىدىمىڭىزلەرگە ئىھتىياجلىق بولۇپ قاپتۇ. يارىدىمىڭىزلەرنى ئايىمىغايسىزلەر.

sevinch يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 20:27:36

بىلەت ئىشىدا ئەجەپ يىنىكلىك قىپسىز.سىز ئاۋال شۇ بىكەتنىڭ ئۆزىگە تىلفۇن قىلىپ كىملىكتىكى خەت پاتىمىدى قانداق قىلىمەن دەپ سورىغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى،ھازىر بولسىمۇ تىلفۇن قىلىپ سوراپ بىقىڭ.مۇمكىن بولسا شۇلار ئۆزگەرتىپ بىرىدۇ بولمىسا شۇ ئايروپىلانغا چىقارمايدۇ.

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 18:01:27

نە,نە,نە、نەگە بارىدۇ?تەپسىلىراق دېمەسىز?باشقا

قانداق ىشلارى بار? مەن بىر قاراپ باقاي

13381275710,قولۇمدىن كەلسە ياردەم قىلاي, بەك اۋارە بولغۇدەك بولسام ىىشىمنى قىلاي。

يەيدىغان نەرسىلەرگە مۇھتاج بولسا مەن بىلەن الاقە قېلىڭ!

kumlukbalisi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 18:41:42

مەن بۇنداق ئىشلارنى تازا ئۇقۇپ كەتمەيمەن،ئۆزۈم قەشقەرلىك!قەشقەرگە كەلگەن بولسا ئىشەنچىلىك ھەم قولايلىق،مۇھىتى ياخشى مىھمانخانىلارنى دەپ بەرگەن بۇلاتتىم  {:90:}

erturk يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 21:15:06

يەنىلا شىنجاڭ مېھمانىسىغا چۈشكىنى ياخشى، كادىر بولسا خىزمەت كېنىشكىسىنى كۆرسەتسە باھادا ىېتىۋار قىلىدۇ. دېھقان ياكى سودىگەر بولسا كارى يوق. ىۇ يەرنى قىممەت كۆرسە نيۇ جې كوچىسغا كەلسۇن، ياتىقى ىەرزان، تامىقى قولايلىق، مەسچىتى بار، مۇنچىسى بىكارلىق.

bugrahan11 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 23:00:30

ماۋۇ ئاكىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ كەلسە بۇلىدۇ،ئسمى غېنى مامۇت شەخسى كىرا ماشىنىسى ھەيدەيدۇ(ئاۋدى ماشىنىسى بار)،تېلفۇن نۇمۇرى 13701299347بېيجىڭ،تىئەنجىن،خېبېى شەھەرلىرىدىكى قولايلىق ياتاق ،مۇسۇلمانچە ئاشخانا ،ساياھەت ئۇرۇنلىرى، سودا سارايلارنى ئېنىق بىلىدۇ.

Hamaqet يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 19:29:59

مەن بۇ يېقىنىمغا http://www.17u.cn دىن،  3 دانە ئايرۇپىلان بىلىتى زاكاس قىلىپ بەرگەنتىم، ئىسملىرىنىڭ ئايىغىدىكى بىر، ئىككىدىن خەت پاتمىدى(پاتمىغان 1، 2 دىن خەتنى كىرگۈزمىگەندىلا ئاندىن مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى)، بىراق دوستۇمنىڭ ئىسمىنىڭ ئايىغىدىكى پاتمىغان مۇشۇ، بىر ئىككى خەت سەۋەپلىك، جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيتى بەرگەن قانۇنلۇق كىملىك بىلەن جۇڭگۇ زىمىنىدا ئايرۇپىلانغا چېقالماي، نەچچە مىڭ يۇەن پۇل زىيان بولۇپ كېتەرمۇ دەپ ئەندىشىدە قالدىم(ھەسرەتلىنىۋاتقان چىراي). ئىسىم ئاخرىدىكى پاتمىغان بىردىن، ئىككىگىچە خەتنى كىرگۈزەلمىگەن خاتالىق ئەسلىدە بىزنىڭ خاتالىقىمىز ئەمەس ئىدى، خاتالىق دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىش كېرەك دېگەن تەلىمىگە ئەمەل قىلماي پروگرامما تۈزگەنلەردە ئىدى. شۇڭا، كىملىك نۇمۇرى توغرا بولسىلا، جۇڭگۇ پۇقراسى ئۆز دۆۋلىتى جۇڭگۇدا بىر، ئىككى خەت سەۋەپلىك ئايرۇپىلانغا چىقالمىسا، بۇ ئادەتتكى ئىش سانالماسلىقى لازىم ئىدى، دائىرىلەر بۇنى تىزدىن ھەل قىلمىقى لازىمتى.


  بۇ مەسىلىدە زادى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ؟ نەچچە ئەسىرلىك تارىخى ئاساسى بولغان ئىسىم ئىگىلىرىدىمۇ؟ جۇڭگۇدىكى بارلىق پۇقرالارنى نەزەردىن سىرتتا قويماي پروگرامما تۈزمىگەن كىشىلەردىمۇ؟ كاللىسى ماشىنىلىپ كەتكەن ئايرۇپىلان خادىملىرىدىمۇ؟ زادى كىمدە؟


3 بىلەتنىڭ 2سىدە ئاخىرقى بىر خەت پاتمىدى، بىرسىدە ئىككى خەت پاتمىدى، بۇلار پايتەختتىن  ئۈرۈمچىگە كەلمەكچىتى، بۇلار قانداق قىلغاندا ئاشۇ 3 بىلەت ئارقىلىق ئايرۇپىلانغا چىقالايدۇ؟ ناۋادا چىقالمىسا، قۇتلان ئەپەندىمگە ئوخشاش(http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=52086) نەچچە مىڭ سوم پۇلنى زىيان تارتىپ كېتەرمۇ؟

Hamaqet يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 19:38:23

دوستلاردىن زۆرۈر سورايدىغىنىمىز، بېيجىڭغا بارغان ئادەم چوقۇم زىيارەت قىلىشقا، ساياھەت قىلىشقا، كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيىدىغان جايلارنىمۇ ئەسكەرتىۋەتكەن بولسا. جۈمە كۈنى جۈمە ئوقۇيدىغان ئەڭ چوڭ مەسچىت قايسى؟ بۇلارنىمۇ ئەسكەرتىۋەتكەن بولساڭلار.

bytheway يوللانغان ۋاقتى 2013-2-9 09:09:08

ئەگەر ئىسىم تولۇق پاتماي بىلەتنى ئىلىپ بولغان بولسىڭىز ئايرۇدۇرۇمغا بالدۇرراق بىرىپ مۇلازىمەت مەركىزىگە دىسىڭىز ئىسمىڭىزنى قەلەم بىلەن تولۇقلاپ تامغا ئۇرۇپ بىرىدۇ ، ئايرۇپىلانغا بىمالال چىقالايسىز .

ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

Hamaqet يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 14:24:00

8- قەۋەتتىكى bythewayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر ئىسىم تولۇق پاتماي بىلەتنى ئىلىپ بولغان بولسىڭىز ئايرۇدۇرۇمغا بالدۇرراق بىرىپ مۇلازىمەت مەركىزىگە دىسىڭىز ئىسمىڭىزنى قەلەم بىلەن تولۇقلاپ تامغا ئۇرۇپ بىرىدۇ ، ئايرۇپىلانغا بىمالال چىقالايسىز .

ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

كۆپ تەشەككۇر، يېرىم بولغان كۆڭلۈمنى بىرئاز بولسىمۇ ئۈمىتۋار قىلدى. بېلەتنى قولىغا تېخى ئالمىدى،ئايرۇپىلان ئۇچۇشتىن 3، 4 سائەت بۇرۇن  ئايرۇدۇرۇمغا چېقىپ، مۇلازىمەتخانىسىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىپ كۆرمەكچى.



بېيجىڭنىڭ ھازىرقى ھاۋارايى قانداقكىن؟ ئۈرۈمچىدىن ئىسسىقراق دەپ ئاڭلىۋىدىم، كۈزلۈك كىيىملەر نىپىز كىلەرمۇ؟

Hamaqet يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 14:32:48

1- قەۋەتتىكى osmanuyghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نە,نە,نە、نەگە بارىدۇ?تەپسىلىراق دېمەسىز?باشقا

قانداق ىشلارى بار? مەن بىر قاراپ باقاي

13381275710,قولۇمدىن كەلسە ياردەم قىلاي, بەك اۋارە بولغۇدەك بولسام ىىشىمنى قىلاي。

يەيدىغان نەرسىلەرگە مۇھتاج بولسا مەن بىلەن الاقە قېلىڭ!

14- چىسلا، پويۇز بىلەن بېيجىڭگە چۈشىدۇ، 17- چىسلا ئايرۇپىلان بىلەن قايتىدۇ(ئىنشائاللاھ).


3كېچە، 4 كۈندۈز بېيجىڭدە ساياھەتتە بولىدۇ. قىلىدىغان ئالاھىدە ئىشى چوڭ ئىشى يوق. كۆرشىشكە تىگىشلىك يەرنى كۆرسىلا بولدى، تېلېفۇننىڭ بەيدۇ تورىنىڭ يارىدەمچىسى ئارقىلىق يول يۈرەلەيدۇ، ئەمما بېيجىڭنىڭ قەيىرىدە تۇرغېنى ياخشى، قەيەرلەرنى كۆرسە بولىدۇ، بېيجىڭدىكى جۈمە نازمىزىنى ئوقۇيدىغان ئەڭ چوڭ  مەسچىت قايسى؟ دېگەندەك ئۇچۇرلارغا ئىھتىياجلىق.

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 18:25:57

ۇندا بولسا مېنىڭ تۇرغان يىرىممۇ شىنجاڭ مېھمانخانىسمۇ يېقىن, بۇ يەردە تاماقمۇ بار,يەنە كېلىپ مەن ۆزەم شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى دۇككىنى اچىمەن。 ساياھەتكە بارغاندا لازىم بولىدۇ。

كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلار: قۇش ۇۋىى ۋە سۇ كۇبىنىڭ كەچلىك مەنزىرسى پەچەت。

يىخىيۈەن, تىيەن ەنمىن,گۇگۇڭ,سەددىچىن,دۇنيا باغچىسى

ەڭ چوڭ مەسچىت نىيۇجى مەسچىت

بەك بىلەلمەي كەتكەن بولسا ماڭا تېلفۇن قىلسۇن。
بەت: [1]
: بېيجىڭدىكى تورداشلاردىن يارىدەم