zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 11:37:11

ۋېيىتنامغا قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدار تۇتۇلدى



پارە ئېلىپ ئاشنىسى بىلەن ۋېيېتنامغا قېچىپ كەتكەن خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھەرلىك زىمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ سابىق  باشلىقى سۇڭ جيەنجۇڭ جۇڭگو ۋېيېتنام ساقچىلىرىنىڭ 20 نەچچە كۈن ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈشى ئاستىدا، 2013-يىلى 5-فېۋرال ۋېيېتنامنىڭ ماڭ كوچىسىدا تۇتۇلدى ھەم شۇ كۈنى سائەت 18:00 دە گۇاڭشىنىڭ دۇڭشىڭ شەھىرىدىكى ساقچى دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بىرىلدى.





2013-يىلى يانۋاردا، گۇاڭشى دۇڭشىڭ شەھەرلىك ساقچى تارماقلىرى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنخې ناھىيەلىك ساقچى تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇلدى. ئۇقتۇرۇشتا، 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، خېبېي ئۆلكىس باۋدىڭ شەھىرى مەنچېڭ ناھىيەلىك زىمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سۇڭ جيەنجۇڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن بىر مىليۇن 500 مىڭ يۈەن پارە ئالغان ھەم تەكشۈرۈلىۋاتقان مەزگىلدە ئاشنىسىنى ئېلىپ ۋېيېتنامغا قېچىپ كەتكەن. سۈرەتتە سۇڭ جيەنجۇڭنىڭ ئاشنىسى.







http://news.ifeng.com/photo/being/

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 15:47:47

ئادەتتە ئاشنا دېگەن يامان سەتەڭ كېلىدىغان، ماۋۇسى ئەجەب ... كۆڭلى ياخشى مەرى ئىسسىق ئوخشايدۇ ھە.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 15:56:21

تۇتۇپ قايتۇرۇپ بەرگىنىگە قاندا مۇكاپات ئالدۇ؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 17:34:18

بىچارە ،تېخى پىشمىغان پارىخور ئىكەنتۇق، بىر يېرىم مىليۇنغا چەتكە قاچقىنى تېخى ئەمەلدارلىق پىسخىكىسىنىڭ تولۇق يىتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ، پارتىيە مەكتەپتە بىر مەزگىل تەربىيلىنىپ كۇرسانتلار بىلەن تەجىربە كۆپرەك تەجىربە ئالماشتۇرۇپ بەرسە قانداق بولاركى ، لېكىن تاللىغان ئاشنىسىنىڭ تەلەتىدىن قارىغاندا بۇنىڭ ئىستىداتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمىغۇدەك.. \"\"

kumlukbalisi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 18:37:09

ۋىيىنامغا قاچقۇچە كانادا ياكى ئامىرىكىغا قاچماي!تازىمۇ دۆت گۇي ئىكەن بۇ !قاچقان يېرىنى قارىمامدىغان!  {:136:}

kumlukbalisi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 18:39:33

بۇ گۇينىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىق خەۋىرى بۈگۈنكى خەۋەر تور بىكەتلىرىنى بىر ئاپتۇ.سۇمرۇغ،تىڭشۇن....قاتارلىق تور بىكەتلەرنىڭ باش بىتىدىن ئورۇن ئاپتۇ بۇ پارىخور....بۇنداق پۇرسەت ھەممە ئادەمگە كىلىۋەرمەيدۇ-دە \"\"

janijanim يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 19:43:57

1 مىليۇنغىمۇ چەتكە قاچىدىغان ئەخمەق بولامدۇ .

Falcon921 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 23:30:34

باشقا بەسەيلەرگە سېلىشتۇرغاندا ، پارخورلىقتا يۈزى ئېچىلمىغان «قىز» كەنغۇ تىخى بۇ  {:92:}

owqinof يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 00:08:50

راسلا كۆزى كوركەن بۇنىڭ ئا تۇتقان ئاشنىسىنى دۆت

tuumar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 11:05:32

بۇنۇ بۇپتۇ ،ماۋۇ شوركىنى بىرنەچچە كۈن سازايى قىلىپ ،يىغىنلاردا پىپەن قىلغۇچە چوڭلىرى دەم ئېلىپ ئۆزىنى يېغىشتۇرۇپ تۇرغۇدەك .

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 11:46:42

8- قەۋەتتىكى owqinofنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

راسلا كۆزى كوركەن بۇنىڭ ئا تۇتقان ئاشنىسىنى دۆت

شۇڭا يىراققا بارالمىغان گەپ.
بەت: [1]
: ۋېيىتنامغا قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدار تۇتۇلدى