wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 11:21:34

مۇراجەتنامە

مۇراجەتنامە



ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ؛ جەميىتىمىزدىكى ھەم تور دۇنياسىدىكى مىھرىبان ئاتا - ئانىلار قېرىنداشلار ، يىلتىزداشلار ،مەن بۆرتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى خارمۇدۇن كەنىتى چىيەنچىڭ يولى 200 - نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق غېنى ئەمەت بولىمەن ،ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنۇم چېندىل يېزا شاۋۇرتاي 3 - كەنىتتە .

مېنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى سۇنۇشتىكى مەقسىتىم ؛ قىزىم گۈلزىرە بۇ يىل 22 ياش بولۇپ ،2013 - يىلى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۇشتۇمتۇت ئاغرىپ بۆرتالا ئوبلاستىلىق دوختۇرخانىغا ئەكىرىپ تەكشۈرۈتكەندىن كىيىن قىزىمغا

< ئاق قان كىسىلى > دەپ دىئاگونوز قويدى ،ھەم تېزدىن شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونلۇق خەلىق دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ داۋالىتىشىمىزنى ھاۋالە قىلدى ، مەن دوختۇرنىڭ ھاۋالىسى بويىچە شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونلۇق خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپبېرىپ تەكشۈرۈتتۈم نەتىجە يەنىلا < ئاق قان كىسىلى > بولۇپ چىقتى .

دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە جىددى يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلمىغاندا غۇنچىدەك قىزىمىزنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يىتىشى مۈمكىن ئىكەن .بۇنىڭ ئوپراتسىيە ھەققى ئۈچۈن 300 مىڭ < ئۈچ يۈز مىڭ يۈەن > ئالدىن تاپشۇرۇشنى ئېيىتتى ، مەن بۇ رىئاللىق ئالدىدا نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم .

مېنىڭ ئائىلە ئەھۋالىق ئانچە ياخشى ئەمەس ، ئائىلەمدە بەش جان بار ، <ئۆزەم بولسا 4 - دەرجىلىك مىيىپ >

مېنىڭ باشقا كىرىدىغان ئىقتىسادى كىرىم مەنبەيىم يوق .مېنىڭ قۇشۇمچە پۇل تېپىش ئىقتىدارىم بولمىغاچقا جەميىتىمىزدىكى ھەر ساھە ،ھەر كەسىپتىكى مىھرىبان ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ، پەرزەنتىمىز گۈلزىرەنىڭ داۋالىنىپ ساقىيىشى ئۈچۈن ، شۇنداقلا ئىللىق ئائىلىسىگە قايتىپ بىز بىلەن جەم بولىشى ئۈچۈن ساخاۋەت قوللىرىنى سۈنۈشىنى ئۈمۈت قىلىپ ئۇشبۇ مۇراجەتنامىنى سۇندۇم .



دۇنيا مىھر - مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر ، مىھىر - مۇھەببەت تامچىلىرى خۇددى چاڭقاق يەرگە چۈشكەن يامغۇر سۈيىدەك ساخاۋەتكە مۇھتاج دىللارنى قوينىغا ئالغۇسى ، ھەر دىللاردىن تامچىلىغان ساخاۋەت نۇرلىرى بۇ ئائىلىگە كەلگەن تەقدىرىنىڭ قىسمىتى ئۈستدىن غالىپ كەلتۈرۈپ ھاياتقا تەشنا غەمكىن كۆزلەرنى ھاياتقا بولغان ئىشەنچكە ئۈندۈگۈسى . ئادەم ھاياتىدا قىسمەتلەردىن خالى ياشاپ كىتەلەيمەن دىيەلمەيدۇ ، ھاياتلىق ئادەمنى ئۆزىنىڭ تۈرلۈك قىسمەتلىرى ئارقىلىق سىناپ تۇرىدۇ ، بىرى بىرىمىزگە بولغان مىھىر - مۇھەببەت يۇقاپ كەتمىسىلا ھاياتنىڭ ھەر قانداق سىناقلىرىدىن چۇقۇم غالىپ كىلەلەيمىز ،

قېنى ئەزىز قېرنداشلىرىم ئۇشبۇ ئاغرىق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان قىزنىڭ ھاياتقا بولغان ئىنتىلىشىگە ، پەرزەنت ئىشقىدا پۇچلىنىۋاتقان ئاتا - ئانىسىنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ خۇشاللىققا ئايلىنىشغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلايلى .

باشقىلار ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقىمىزنىڭ ساۋابىنى ياراتقۇچىمىز ئۈلۇغ ئاللاھ ھەسسىلەپ بەرگۈسى !



ئالاقىلاشقۇچى ؛ غېنى ئەمەت < قىزنىڭ دادىسى >

تېلفۇن ؛ 13565518063

ئەسكەرتىش < ئەگەر بانكا كارتىسىغا پۇل ئۇرماقچى بولسىڭىز سودا - سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى

6222023009001518560



1360033136887.jpg




گۈلزىرەنىڭ كىملىك گۇۋانامىسى

1360033092423.jpg




گۈلزىرەنىڭ دادىسى غېنى ئەمەتنىڭ كىملىك گۇۋانامىسى

1360033056070.jpg


كىسەللىك ئىسپاتى

1360033019829.jpg




مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىسپاتى .

IMG_20130207_113100.jpg


IMG_20130207_113119.jpg


IMG_20130207_113253.jpg




ئەسكەرتىش - رەسىملەرنى تېلفۇندا تارتقاچقا تازا ئىنىق چىقمىغان بولىشى مۈمكىن  ، ئەڭ تېز سۈرەتتە ئىنىقلىقى يۇقىرى ئىسپات رەسىملەر بىلەن تەھىرلەيمەن .


wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 12:30:25

ئاقساپ ماڭىدىغان بىر ئاتىنىڭ پاراڭلاشقۇچە  كۆزلىرىدىن ياشلار ئاققىنىدىن بەكمۇ ئازاپلاندىم .ئۇ كىشى پۇتىنى ئاسىرىمىسا بولمايدىكەن ،لىكىن قىزى ئۈچۈن پۇل غەملەپ كۈن-تۈنلەر قاتىراپ يۈرگەچكە پۇتىنىڭ ئاغىرىقىمۇ ئېغىرلاپ كېتىپتۇ .ئاھ يوقسۇزلۇق ،ئۇ كىشى ھازىر ئۈرۈمچىگە قىزىنىڭ 1ياشتىن ئاشقان بالىسىنى ئېلىپ كەتتى ،قىزى بالامنى كۆرىۋالاي دېگەن ئىكەن .......

ئامال بار كۆڭلۈڭلار بولسا شۇ كارتىغا ئەۋەتەرسىلەر بۇرادەرلەر ،ھەم بۇ تېمىنى باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويارسىلەر ،پۇلى كۆپلەر بىلىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس .

ئاللاھىم ،ھەر بەندەڭنى ئامان قىلغايسەن ....

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 12:34:55

ئۇ ئىسىم-فامىلىگە مەنمۇ ھەيران قالدىم .بەكمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ئىكەن .

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 13:05:31

سودا بانكىسىنىڭ نومۇرىنى قالدۇرغىنىڭلا ياخشى بولدى. ئاندىن ئاۋۇ كارتىنىڭ ئىگىسىنىڭ خەنسوچە ئىسمى 小艾尼 بولدىما شۇندا قىلىپ؟

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 11:45:17

قىزنىڭ كىسىلىگە شىپالىق تىلەيمەن،

تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ: ئۇ تەرەپلەردە كىملىككە فامىلە ئىشلەتمەمسىلە؟

ئىسىم دىگـەننى شۇنداقمۇ تەرجىمە قىلىۋەتكەن بارمۇ ئەمدى« كىچىك غىنى»نى«شىياۋئەينى» دەپلا؟

كەچۈرۈڭلار، بۇنداق ئەھۋالنى تۇنجى كۆرۈشۈم، ئەجەپلىنىپ قىلىۋاتىمەن.

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 11:46:22

قىزنىڭ كىسىلىگە شىپالىق تىلەيمەن،

تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ: ئۇ تەرەپلەردە كىملىككە فامىلە ئىشلەتمەمسىلە؟

ئىسىم دىگـەننى شۇنداقمۇ تەرجىمە قىلىۋەتكەن بارمۇ ئەمدى« كىچىك غىنى»نى«شىياۋئەينى» دەپلا؟

كەچۈرۈڭلار، بۇنداق ئەھۋالنى تۇنجى كۆرۈشۈم، ئەجەپلىنىپ قىلىۋاتىمەن.

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 11:53:29

بۇرادەر، ئىۋۇ ئىمزا يازىدىغان يەردىكى گەپلەرنىڭ ئورنىغا بىر سوم پىلانى ئۈچۈن مەخسۇس بىجىرگەن يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتا نومۇرىنى يېزىۋىلىڭلا. ھەر قېتىم تېما يازساڭلا، نەچچە ئادەم سورايدۇ شۇنى، يا ئىچىڭلا پۇشمىدى.



ماندا يېزىڭلا:

بىر سوم پىلانى: يېزا ئىگىلىك بانكىسى، كارتا نومۇرى، ئىسمىڭلىنىڭ ئۇيغۇرچىسى ياكى خەنزۇچىسى



مەنمۇ ھازىرغىچە بىر تىيىن سىپ باقمىدىم. ئالدىراش بوپ يوغان ئىش قىلىۋاتقىنىمىزمۇ تايىنلىق بولمىسا.

kumandan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 15:53:26

كىمنىڭ نامىدىكى كارتىكەن ئاۋۇ ؟ قىزنىڭ نامىدىكىمۇ يا قىزنىڭ دادىسىنىڭمۇ ؟

function يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 16:01:10

ئىككى يەردە شىنجاڭ ئاپتونۇم رايۇنى بولاپ قاپتۇ، خەنسۇنىڭ ئاپتونۇم رايۇنى بولمىغانكىدىن بۇ، ئارىسىغا بىچارە ئۇيغۇرنى قېتىپ قويىلى ئاندا قىلماي... ياردەم قىلغۇسى كەلگەن ئادەمنىمۇ بىرقىسىم قىلىپ قويىدىغان مۇراجەتنامە ئىكەن بۇ.

umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 16:14:37

قىزنىڭ كېسىلىگە ئاللاھ شىپالىق بىرەر! قېرىنداشلارمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قولىمىزنى سۇنارمىز ئىنشائاللاھ...

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 20:16:35

ئىككىنچى دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى ئانا- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ ئۇ قاتىدا بىرىنچى قەۋەتتە «ئەلنەزەر» دەپ بىر شىپاخانا بار، بۇ شىپاخانىدىكى دوختۇر كىشى ئانامنىڭ راك كېسىلىنى داۋالاپ، ساقايتقان، ھازىرمۇ بىر تونۇشۇم شۇ يەردە داۋالىنىۋاتىدۇ، ئۇ تونۇشنىڭ ئۈچىيىنى قورسىقىنى تېشىپ چىقىرىپ قويۇپتىكەن 1- دوختۇرخانىدا، ئاخىرى ئامال يوق دىگەندە «ئەلنەزەر» گە ئەكەلگەنىكەن، ھازىر ئاشۇ كىشى راكنى تىزگىنلەپ بوپتۇ، ھازىر كېسەلنىڭ ئەھۋالى ياخشىكەن.... مەسلىھەتىم يۇقارقى تۇغقىنىمىزنى مۇشۇ «ئەلنەزەر» گە بىر ئاپىرىپ باقسا بوپتىكەن، داۋالاش ھەققى بەكلا ئەرزان، ئون مىڭ سومدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئاللا خالىسا ئاندىن «ئەلنەزەر» دوختۇر مەدەت قىلسا شۇ سىڭلىمىزمۇ سەھەت تېپىپ قالسا، بىچارە ئاتا- ئانىسىمۇ قەرز- قىسمەتلەرگە بوغۇلمىسا ئەجەپ ئەمەستى.... ھە رااست بۇ دوختۇر دوختۇر ھەم تىۋىپ ئىكەن، ئوكۇل سېلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى سەرتان، كەتان قاتارلىق راك دورىلىرىنى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ياساپ ئىچكۈزىدىكەن، شۇڭا ئەيساجان مۇشۇ دوختۇرخانىنى ئۇنتۇپ قالماي بىر تەۋسىيە قىلىپ باقسىلا بوپتىكەن..

ئۇ كىشىنىڭ تېلفون نومۇرى تېلفونۇمدىن چىكىتىپ قاپتۇ، ئەتىگىچە چوڭ ئۆيدىن يېزىۋالاي، ئالاقلىشماقچى بولۇپ قالساڭلار، ماڭا 18909961490 غا تېل قىلسىلا، نومۇرىنى دەپ بېرەي، يېقىن ئەتراپقا بېرىپ تېل قىلسا شاگىرتلىرىنى ئەۋەتىپ دوختۇرخانىسىغا ئەكىرىۋالىدۇ...

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 20:48:21

ئاللاھ مۇھتاجلارنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلسۇن، كسىلىگە شىپالىق بەرسۇن. بۇ كىشىلەرگە سەۋىرنى ھەمرا قىلسۇن.

مۇنداق گەپنى مۇشۇ يەردە تورداشلارغا دەپ قويغڭۇم كەلدى:

يېقىن تۇققانلىرى ئۆلسە، 7-كۈنى 40 -كۈنى دەپ نەزىر نام بىلەن پۈتۈن تۇنۇشلارنى چىللاپ زىياپەت بەرگەندىن كۆرە ، مانا مۇشۇنداق ھەقىقى مۇھتاج بولغان يەرگە شۇ زىياپەتگە كەتكەن پۇلنى سەدىقە قىلىپ، ساۋابىنى شۇ مەرھۇملارغا يەتسىكەن دەپ دۇئا قىلسا، ئاللاھ ساۋابىنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ.

بۇ ئاغرىق سىلاق ئىشلار ئاۋۇ كىسەل كىشىلەرنىڭ سەۋىر قىلىشى، قالغانلىرىمىزنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولۇشلىرىمىز ئۈچۈن سىناقلار ھىساپلىنىدۇ. ھەر قانداق ياخشى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسى بىكارغا كەتمەيدۇ. قانچىلىك ياردەم قىلىشقا ئاتىغانلىرىمىز بولسا، ياردەم قىلىپ قويساق بولغۇدەك.

نەچچە يىل بۇرۇن بىر جىيەن قىزىممۇ شۇ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ تۆگەپ كەتكەن ئىدى. مەن بەزى دۇختۇرلاردىن بىلىشىم، ۋە ئۆزەم بىلىدىغان قىزلارنىڭ ئەھۋالىنى

كۈزىتىشىمگە ئاساسلانغاندا، قىزلارنىڭ ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇشى، قان ئازلىق كىسىلى، يامانراق بولغاندا، ئاق قان كىسىلى بولۇپ قېلىشىدا، يىمەك -ئىچمەك تۇرمۇش ئادىتىگىمۇ ئالاقىسى بار دەپ ئويلايمەن، ھەم ئېھتىماللىقى يۇقۇرى دەپ ئويلايمەن. بويى ئۆسىۋاتقان قىزلار ئۈچۈن قان تولۇقلايدىغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بېرىشى، راڭپىزا، تەييار چۆپ دىگەندەك ئادەم ئالدايدىغان(ئۇنى يىگەن كىشى ئۆزىنى تاماق يىدىم دەپ ئويلايدۇ، ئەمما ئۇ تاماق يىمىگەن بىلەن باراۋەر دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ) ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئىمكان بار يىمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يىمەكلىكلەر ئىچىدە قىزلارنىڭ 1-دۈشمىنى راڭپىزا، 2-سى تەييار چۆپ بولىشى مۇمكىن.

company يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 20:55:52

قىرىندىشىم ، دەرەتلىرىڭىزىگە ئاللا شىپاتلىق بەرسۇن .

يۇقىردا دىگەندەك ئەلنەزەرگە ئاپىرىپ بىقىڭ ، يەنە ئەخمەتجان ئىسمائىل بىلگىنى دىگەن دوختۇرنىڭ قىشغىمۇ ئاپىرىپ بىقىڭ . شىخابا مەسچىت تەرەپتىكى بىر يەردە ئىدى ، بەلكىم ئاللا شىپاتلىق بەرسە ئەجەپ ئەمەس

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 00:02:43

http://www.yolyar.com/amma/show.asp?id=70 دا تەۋسىيە قىلىندى

uyghun يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 11:38:21

بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا دۇكاندىكى بالىلار بۇ ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزىدىن ئاڭلاپ، تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى ئۇرۇپ ،كۆپەيتىپ تېگىشلىك يەرلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىپتۇ. مەنمۇ ئۇ كىشگە بورتالادىكى مېھىرىبان ئاتا-ئانىلار جەمئىيتنى ئىزدەپ بېقىشنى ئېتقان ئىدىم . قولمىزدىن كىلشچە سەۋەبىنى قىلايلى، شىپاسىنى ئاللاھ بېرەر!

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 20:43:38

تورداشلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە رەھمەت ،مەن ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشاي ...

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 20:43:47

تورداشلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە رەھمەت ،مەن ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشاي ...

kasimpalgan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 12:18:32

تۇرسۇن قارىھاجىمنىڭ ئادرىسى : قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزا يېڭئاۋات كەنت 6-مەھەللە



ئالاقىلشىش تىلفۇن نومرى :15099390563



مۇلازىمەتچى شوپۇرنىڭ تىلفۇن نومرى: 13899130014



بۇ تىۋىپ تۇغۇرسىدا تور دۇنياسىدا ياخشى پىكىرلەر بوپتۇ ،  ئالاقىلىشپ باقساق قانداق ۋاپادارىم ئاكا ..

بەلكىم شىپاسى تېپىلىپ قالار ، مەسلىھەت سۇراپ باققان بولساق
بەت: [1]
: مۇراجەتنامە