tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 17:27:59

يەنە شۇ ۋېن 8نىڭ گىپى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش مۇتەخەسىسلىرى ھەرقايسىڭلارغا ھاجەت :مىنىڭ كومپىيوتىرىمدا ئەسلى بىر ئوبدان  ھەقىقىي نەشىردىكى ۋېن7مېڭىۋاتقان .مۇنبەردىكى دوسلارنىڭ قىزىقتۇرىشى شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بىلەن  115 يۈەنلىك ئىتىبار نومۇرى بىلەن ۋېن8غا ئالماشتۇرغانتىم .ئەپسۇس بىر نەچچە تۈرلۈك مەسىلىگە يۇلۇقتۇم (1)ۋېن 8 نىڭ خەتلىرى بەك ئۇششاق بەكلا ئىمىر- چىمىردەك مۇنبەردىكى نادىر تىمىلارنى ئۇقۇپ ھوزۇرىنى سۈرۈش ئۈچۈن كۆزۈم ئاجىز كىلىۋاتىدۇ ،خېلى تىرىشىپ باقتىم تازا ئۈنۈمى يوق .(2)سېستىمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇراي دەپ كۆرسەتمە بۇيىچە مەشغۇلات قىلساممۇ يەنىلا ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتكىلى بولمىدى.(تىل بۇلىقىنى تاللايدىغان يەردە ئۇيغۇرچە باركەن بولمىسا).(3)سىز تېخى 激活قىلمىدىڭىز دىگەن ئۇچۇر تۇرىدۇ ،激活دىگەننى باسسام ئامال بولمىىدى خاتالىق ئۇچۇرى باردەپ خەت چىقىۋالدى .شۇڭا ھەرقايسىڭلارنىڭ يول كۆرسىتىشىگە مۇھتاجمەن !ياردىمىڭلارنى ئايىماڭلار !

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 13:46:35

شۇۋېن 8 دىگەن قايسى خەنسوكىن دەپتىمەن \"\"

itarim يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 18:50:45

كوت كوت نۇمۇرىمنى قوشۋالسىلا ، ئامالىمنىڭ بارىچە ياردەم قىلىمەن... 184295957

noshirwan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 20:18:13

ۋىن 8 دە تور بەتتىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر بەك كىچىك، ئىمىر-چىمىر كۆرۈنۈپ قالسا، 分辨率 نى يۇقۇرىراق تەڭشەپ، ئاندىن تور كۆرگۈدە تور بەت چوڭايتىش-كىچىكلىتىش نىسبىتىنى %125 كە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق تەڭشەپ قويساق، ئۇيغۇرچە خەتلەر چوڭ ھەم كۆركەم كۆرۈنىدىكەن.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 21:19:15

مەن سېستىمىدىكى بارلىق خەت نۇسخسىنى توم قىلىپ كۆرسىتىشكە تەڭشىگەندىن كېيىن win8 نىڭ ئۇيغۇرچە خېتى چىرايلىقلىشىپ كەتتى....

matrixii يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 06:05:06

كۆزنەك 8نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ 2خىل ئامالى بار.

1. ئالدى بىلەن سېستىمىىنى يېڭىلاش، ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلاش. چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك يېڭىلانما 600مىگا بايت ئەتراپىدا. (بۇ خىل ئۇسۇلنى مەن سىناپ باقمىغان).



2. ئالدى بىلەن سېستىمىغا ئىنگىلىزچە تىل بولىقى قاچىلاش، كۆرسىتىش تىلىنى ئىنگىلىزچىگە ئۆزگەرتىپ، ئاندىن ئىنگىلىزچە شارائىتتا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش. چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك تىل بولىقى 130مىگا بايت ئەتراپىدا (سىناقتىن ئۆتكەن).

matrixii يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 06:09:04

مەندىن سېتىۋالمىغاندەك تۇرىسىز، مېنىڭ خېرىدارلىرىم ئىچىدە سىزنىڭ چ چ نومۇرىڭىز يوقكەن(چ چ نومۇرىڭىزنى مۇنبەر ئارخىپىڭىزدىن كۆردۈم، ئاشكارا ئىكەن). ئەگەر مەن خاتالاشقان بولسام ، مەن بىلەن ئالاقىلاشقان ئالاقىلىشىش نومۇرىڭىزنى دەپ بېرىڭ، مەن يەنە بىر قاراپ باقاي.


مەندىن سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى مىكروسوفتنىڭ ئېلخىتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئاندىن تاۋباۋدا مال تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى جەزم قىلغان.(确认收货). شۇ ئىلخەت بويىچە چۈشۈرۈپ، تەرتىپ نومۇرىنى كىرگۈزسىلا، ئاكتىپلىيالماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ.

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 10:18:04

ھەممىڭلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !!تۆنۈگۈن كەچ itarimئىسىملىك مۇنبەردىشىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن ئالىم ئەھەت ئاكىمىزنىڭ بىلوگىدىن قالغان بىلمىگەن مەسلىلەرنى كۆرۈپ چىقىپ سېستىمىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ تەڭشىۋالدىم .ئەمدىكى مەسىلە قانداق ئاكتىپلاشتىلا قالدى !! [ \"\" tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 10:32:07

5- قەۋەتتىكى matrixiiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەندىن سېتىۋالمىغاندەك تۇرىسىز، مېنىڭ خېرىدارلىرىم ئىچىدە سىزنىڭ چ چ نومۇرىڭىز يوقكەن(چ چ نومۇرىڭىزنى مۇنبەر ئارخىپىڭىزدىن كۆردۈم، ئاشكارا ئىكەن). ئەگەر مەن خاتالاشقان بولسام ، مەن بىلەن ئالاقىلاشقان ئالاقىلىشىش نومۇرىڭىزنى دەپ بېرىڭ، مەن يەنە بىر قاراپ باقاي.


مەندىن سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى مىكروسوفتنىڭ ئېلخىتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئاندىن تاۋباۋدا مال تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى جەزم قىلغان.(确认收货). شۇ ئىلخەت بويىچە چۈشۈرۈپ، تەرتىپ نومۇرىنى كىرگۈزسىلا، ئاكتىپلىيالماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ.



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىزدىن سېتىۋالمىغان  !شۇنداق بولسىمۇ ئاكتىپلاشقا كۆرسەتمە بەرسىڭىز بۇلۇپتىكەن قېرىندىشىم!!چ چ 1820628313

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 11:52:55

شۇ مەھسۇلات ئاچقۇچى بىلەن قاچىلىغان بولسىڭىز كومپيۇتېرىڭىز تورغا ئۇلانغاندا ئاپتوماتىك ئاكتىپلىنىدىغۇ ؟!

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 16:29:08

ئەڭ ياخشىسى ئا تىزىملاش نۇمۇرىنى سېتىپ بەرگەن تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىڭ،مىكرو سوفت شىركىتى ئېتېراپ قىلىدىغان نۇمۇر بىلەن قاچىلىغان بولسىڭىزلا تورغا ئۇلانغاندا ئۆزىنى ئۆزى ئاكتىپلايتتى،بولمىسا سېستېمېنى قايتا چۈشۈرۇپ قاچىلاپ ئاندىن ئاكتىپلاپ باقامسىز -يا.....

Namsiz يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 11:37:07

ئاساسى ئېكراندىن ئىزدەش كونۇپكىسىنى بېسىپ ئېچىلغان كۆزنەككە بۇ بۇيرۇقنى يېزىڭ:



SLUI 3      

( 3 نىڭ ئالدىدا بوشلۇق بار )

ئېنتېر كونۇپكىسىنى بېسڭ.

ئاندىن ئېچىلغان كۆزنەككە 25 خانىلىق نۇمرىڭىزنى كىرگۈزۈپ ئاكتىپلاش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ.

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-9 16:44:22

11- قەۋەتتىكى namsizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاساسى ئېكراندىن ئىزدەش كونۇپكىسىنى بېسىپ ئېچىلغان كۆزنەككە بۇ بۇيرۇقنى يېزىڭ:



SLUI 3   

( 3 نىڭ ئالدىدا بوشلۇق بار )

ئېنتېر كونۇپكىسىنى بېسڭ.

ئاندىن ئېچىلغان كۆزنەككە 25 خانىلىق نۇمرىڭىزنى كىرگۈزۈپ ئاكتىپلاش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن سىزدىگەندەك كىىرگۈزسەم ماس كىلىدىغان ھۆججەت يوق دەپ نەتىجە چىقتى !قانداق قىلسام بۇلار؟\"\"

berna يوللانغان ۋاقتى 2013-2-9 20:59:14

مەنمۇ قاچلىغان، باشلاش دېگەن يېرىدىن چىقىدىغان ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى تاپالماي، قوزغاتقۇچ كونۇپكىنى بېسىپ تۇرۇپلا ئۆچۈرۋاتىمەن، ئەمما ئۇندا قىلىۋەرسەم كومنىڭ ئۆمۈرى قىسقىراپ كېتىدۇ،  {:106:}  

خەت كىرگۈزگۈچىنى تازا بىلەلمىدىم، ئۇيغۇرچىسىنى تېخى قاچلىيالمىدىم ئۇفففففففففففففففففففففففففففففففف

Namsiz يوللانغان ۋاقتى 2013-2-13 22:21:33

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەن بۇ خىل ئاكتىپلاش ئۇسۇلىنى نەچچە كۆمپىيۇتېردا سىنىغان نورمال ئىشلىگەن. سىز ئاۋۇ بۇيرۇقنى توغرا يازغانسىز ھە..........


ئىزدەش دىگەن ئورۇنغا:-


3  SLUi


بەت: [1]
: يەنە شۇ ۋېن 8نىڭ گىپى