ئۆيىدە كۆرۈپ توڭگۇز بېشىنى ، ياندۇردى كەمىنە يىگەن ئېشىنى
ئۆتكەن ھەپتە بىر غەلىتە ئىش يۈز بەردى ، مەن بۇنى دوسلارغا سۆزلەپ بېرەي . ئۆتكەن ھەپتىنىڭ موشۇ كۈنلىرى بولسا كېرەك ، سەھەردە ئايالىم تاماقنى تەييارلاپ ئۈستەلگە قويۇپ ئۆزى قازان - قومۇچنى يېغىشتۇرۇشقا تەمشىلىۋاتاتتى ، مەن بىر تەرەپتىن تېلۋىزور كۆرگەچ تاماقنى يەي دەپ تاماقنىڭ يېرىمىنى يەپ تۇرۇشۇمغا ، يەنىلا بىزنىڭ موشۇ يەكەننىڭ يەرلىك قانىلىدا بىر ئىشتاننى دەھشەت داملاپ ئېلان بېرىشنى باشلىدى ، تازا كەيپىم ئۇچۇپ باشقا قانالنى كۆرۈپ باقاي دەپ قانال يۆتكىسەم (س س ت ۋ 1) قانىلىدا 《《 民兵葛二蛋 》》ناملىق فېلىمنى قويۇۋېتىپتىكەن ، مەن بۇ فېلىمنى << كىچىك ئەسكەر جاڭگا >> فېلىمىگە ئوخشاش كومىدىيەلىك فېلىم بولسا كېرەك دەپ قىززىقىپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن ، بىردەم بولغاندا ئۇ فېلىمدىكى باش قەھرىمان << گې ئېر دەن >> دىگەن خەنسۇنىڭ باشقا ئەسكەرلەردىن خۇپىيانە بىر يەرگە كېتىۋاتقانلىقى دىققىتىمنى تارىتتى ، گې ئېر دەن بولسا ئەشۇ مەھەللىدىكى كونا بىر كەپىگە ( ئاتالمىش شۇ مەھەللىدىكى خەنسۇلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ) كىرىپ ، ھەيكەلنىڭ ئالدىدىكى شېرە ئۈستىگە باشقىلار قويۇپ قويغان يوغان بىر دانە توڭگۇزنىڭ پۇشۇرۇلغان بېشىنى ئېغىزىدىن شۆلگەيلىرىنى ئېقىتقىنىچە خوشاللىقىدا كۆتۈرگەن پېتى يەر ئاستى گەمە ئۆيىگە ئەكىرىپ ئەمدى بىرنى چىشلەپ تۇرۇشىغا ئۇنىڭ كەينىدىن تۇيدۇرماي ئەگىشىپ كەلگەن بىر خەنسۇ قىزچاق ، گې ئېر دەننىڭ قۇلىقىدىن كاپپىدە تۇتۇپ تارىتقېنىچە : مەن تېخى سىنى شۈنچە خۇپىيانە نىمە قىلىدىغاندۇ ؟ دېسەم سەنزە بىزنىڭ پىشىۋا بۇزرۇكلىرىمىزنىڭ يىمەكلىكىنى ئوغۇرلۇقچە يەۋالماقچىكەنسەندە ؟ دېيىشىگە ھېلىقى گې ئېر دەن دىگىنى : مە ئەمىسە سەن يېگىن ... دەپ ھېلىقى توڭگۇزنىڭ بېشىنى قىزچاققا ئۇزىتىشى ... ھەي - ھاي توڭگۇزنىڭ بېشى تېلىۋىزور ئېكرانىدا بىر پۈتۈن چىقماسمۇ ، شۈنچە يىللاردىن بېرى توڭگۇزنىڭ بۇنچە ئوماق جامالىنى شۇنچە يېقىندىن شۇنچە ئېنىق كۆرۈپ باقمىغان ھېس قىلىپ باقمىغان كەمىنىگە ، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ھوزۇرلۇق بىر تۇيغۇ بەردى بولغاي ئۆزۈممۇ بىلەلمەيلا قالدىم تۇيۇقسىزلا كۆڭلۈم ئېلىشىپ ھۆھۆھھھھھۆ دىگەن پىتىچە تازىلىق ئۆيۈمگە يۈگۈرۈپ كېرىشكە ئاران ئۈلگۈردۈم دە يېگەن تاماقلىرىمنى ياندۇرۇپ قانچىلىك بىئارام بولغېنىمنى قانچىلىك تۇرغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، بىر چاغدا ئايالىمنىڭ نوقۇشى بىلەن ھوشۇمغا كېلىپ كۆزۈمنى ئاچسام تازىلىق ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپتىمەن ، ئايالىم باياتىن بىرى يوقاپ كەتتىڭىز نەدىدۇ ؟ دەپتىمەن ، نېمە ئىش بولدى ؟ دەيدۇ ، مەن دېدىم سورىما يەنە كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرگۈم يوق ... دوسلار سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغو ئېلىشمىغاندۇ ؟؟؟ بىرسى سىزنى زورلاپ كۆگۈزگەنمىدى...خەقنىڭ چوشقا كاللىسى چىقىرىشى شۇخەقنىڭ ئادىتى،ئۇلاررغىمۇ چوشقا كاللىسى ،بىزگە قوي كاللىسى كۆرۈنگەندەكلا كۆرۈنىدۇ،ئۇنىڭدىن قاقشاشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن، خوپ بوپتۇ سىزگىمۇ ئىزدەپ كۆگەندىكىن.... بىزنىڭ كۆڭلىمىز پەقەت ‹‹ئىلىشمىدى›› ئەخلەت ۋۇكۇڭنىڭ كىنوسىنى پەقەت كۆمىگەنما؟ ئۇنىڭدا سىز كۆرگەن باش پۈتۈن پېتى چىقىدۇ، تېخى ئۇيغۇرچە گەپ قىلالايدۇ.3- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سۇنۋۇكۇڭنىڭ كىنوسىنى پەقەت كۆمىگەنما؟ ئۇنىڭدا سىز كۆرگەن باش پۈتۈن پېتى چىقىدۇ، تېخى ئۇيغۇرچە گەپ قىلالايدۇ.
ئۇ چاغدا چوشقىنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ
ئىزدىنىشتىكى ئەڭ سەزگۈر ئەخلەت تىمىكەن بۇ.
ئىزدىنىشتىكىلەرنىڭ شەخسى پاراڭ قىلىدىغان مۇنبىرىما بۇ، ئەگەر 3D تېلىۋىزۇردا كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز ئىچكى ئەزالىرىڭىزنى ياندۇرۇپ چىقىرىۋەتكەن بولىشىڭىز مۇمكىن. ئەلا كەتتى.............. مۇشۇنداق ئادەم بولسا ھە.. ھاراققىمۇ شۇنداق بولۇپ كەتسەكچۇ.. ھاراقنى مەززە قىلىپ غوپۇلدىتىپ ئىچىسىلە ، ئۇزۇن قۇلاقنى زاكوسكا قىلساڭلا تېخىمۇ پەيزى ئەمەسمۇ بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەر چىققاندا دىققەت قىلسىڭىز بولغۇدەك،ھېلى بىكا ئىشنىڭ تېخىمۇ چاتىقى چىقمىسۇن. ئەسلىدە ھاراقتىنمۇ مۇشۇ چوشقىدىن ئۈتە سەسكىنىش كىرەك ئىدى ! ھازىر جىق كىنولاردا ئۇنداق كۆرۈنۈشلەر.. يېڭىدىن ئىشلىگەن «سۇ بويىدا» فىلىمىدىمۇ خىلى جىق يەرلەردە چىقىدۇ.. ئۇرۇش قىلىپ غەلبە قازانسا يوغان قۇلاقنىڭ گۆشىنى جوزىغا قويۋالغان. بىرەسى ئۆلسە تېخى قويىۋالغان......... مەن ئۆسكەن يەردە بۇ جانىۋارنىڭ ئىسمىنى پەقەتلا بىۋاسىتە ئالمايدۇ، «ئاتىماس»لار دېسىلا ھەممە كىشى شۇ ھايۋانلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ھاھاھا ئاتىماس دەڭ شۇ گەپنى ئاڭلىسا يەنە شۇ نەرسە يادىغا كىلىدىغاندۇ {:92:}
بەت:
[1]