zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 22:39:25

ئاشلىتىش بىدئەتمۇ؟


  قەغىش ۋەجىنى بىلمەي،"كۆز تېگىپتۇ"دەپ نان پارچىلىرىنى بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە تەگكۈزۈپ،"ئاش بولساڭ چىق"دەپ،سۈفلەيدۇ.جەرياندا ئاشلىغۇچىنىڭ بىر يېرى بىئارام بولسا،بوۋاقنىڭ شۇ يېرى ئاغرىۋېتىپتۇ دېيىلىدۇ ھەم "ئاش چىقىپ كېتىۋاتىدۇ"دەپ قارىلىدۇ."پات پات ئاشلاپ تۇرسا،بوۋاقنىڭ قەرغىشى پەسىيىپ ،ساغلام بولىدۇ"دەپ قارايدۇ.بۇ بىرىنچى ئىش.



  تىلىنى تولا چىقىرىۋالىدىغان بوۋاقلارنى"تىل تېگىپتۇ"دەپ،يەتتە ئۆيدىن يەتتە پۇرۇچ يىغىپ،تىلىنىڭ ئۇدۇلىغا ئەكىلىپ،قايچا بىلەن پۇرۇچنى كېسىدۇ."تىلنى كېسىۋېتىش"مۇشۇ شۇ.شۇنىڭ بىلەن بوۋاق تىلىنى چىقىرىۋالمايدىغان بولىدۇ.بۇ ئىككىنچى ئىش.



پاقا بارماق ئادەم ئۇۋلاپ قويسا،بوۋاقنىڭ غولى تالمايدۇ دەيدىغان قاراش ۋە شۇنداق قىلىش.بۇ ئۈچىنچى ئىش.



دېمەك ئەزىزلەر،مۇشۇ ئىشلار بەك كەڭ تارقالغانكەن.كەڭ كۆلەملىك ئىزدىنىپ كېتەلمىدىم،ئاكام جاۋاب بېرىپ " ئاشلىتىشنى ئاتالمىش "ئوقۇشى بار"ئادەملەر قىلىدۇ،ئەمەلىيەتتە ئىنسان بىلەلمەيدىغان ئىشلارنى جىنلارنى ئىشقا سېلىپ،بىلگىلى بولۇشى مۇمكىن.بىدئەت ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ"دېدى.يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنىڭ بولۇپمۇ پۇرۇچلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا مېنىڭ ئىدىيەمدىن چورتلا ئۆتمىدى.(خاتالاشقان بولسام ئىگىسى ئەپۇ قىلغاي).


سوئال : ئاشلىتىش بىدئەتمۇ؟ئاشلىغۇچىنىڭ بەدەنلىرى بىئارام بولۇشى دېگەندەك ئىشلارنىڭ ماھىيىتى نېمە؟ راستىنلا جىنلارنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتىدىغان ئىشمۇ؟راستىنلا شۇنداق بولسا ئېي سادىغاڭ كېتەي،ياشقا توشمىغان بوۋاقنىڭ ئەتراپىدا بىكار تۇرغۇزماي  كاپ ى ر جىنلارنى پىقىرىتىپ يۈرۈش نەقەدەر رەزىللىك؟بىدئەت بولسا خاتالاشقۇچىنىڭ گۇناھى قانداق يېزىلىدۇ؟


سوئال: تىل تېگىپتۇ دەپ پۇرۇچ كېسىدىغان ئىشمۇ بىدئەتمۇ؟بىدئەت بولسا ئۆتكۈزگۈچىنىڭ گۇناھى قانداق يېزىلىدۇ؟بوۋاقنىڭ تىلىنى دائىم سىرتىغا چىقىرىۋېلىشى نېمە ۋەجىدىن؟(بۇنى مەن دوختۇرلاردىن سوراپ باقتىم،نېمە دېگىنىنى بۇ يەردە دېمەي تۇراي) شۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟


سوئال: پاقا بارماق ئادەم دېگەنمۇ ئاساسى يوق تېتىقسىز گەپ دەپ قارايمەن.مەيلى مەن ئىزدىنەي ئىزدەنمەي،بەزى ئىشلارنىڭ شەكلىدىنلا غەيرىيلىكى،ئەپسانىلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.ئىگىسى بىر ئاغرىقنىڭ سەۋەبىنى نەچچە تال پۇرۇچقا،ئاتالمىش پاقا بارماق دېگەندەك ئاڭلاشقىمۇ تۇترۇقسىز ئاڭلىنىدىغان بىر ئىشلارغا باغلاپ قويارمۇ؟بولسا مۆتىۋەرلىرىم ،ھەكىملىرىم تەپسىليراق توختىلىپ،تۈگۈنلەرنى يېشىۋەتكەن بولساڭلار.....رەھمەت!

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 12:13:01

46- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنى خۇراپى دىسەڭلامۇ مەيلى \"\"

مەن ھازىرغىچە ئۈتەلمەيدىغان بىر تام بار

باشلانغۇچ ۋاقتىمدا بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ بوينىغا قېپقىزىل بىر نىمە چىقىپ قاپتىكەن،يەنە بىر ساۋاقدىشىمىز بۇنى ئاي تەمرەتكە دەيدۇ،ئايغا قاراپ سىيسە چىقىدۇ دەپ چۈشەندۈردى.

شۇ ۋاقىتلاردا بەكرەك كاپىركەنمەن ئويلاپ باقسام \"\"

شۇ ئاخشىمىلا ئايغا قاراپ چور..... \"\"

ئەتىسى ئويغانسام بىر تۇتام چېچىم قۇلۇمغا چىقتى

ئىپلاس بېشىمغا چىقىپتۇ \"\"

شۇنىڭ بىلەن بىر يىلدەك لوپىۋاش يۈردۈم تەمرەتكە چىقىپ قالغان يەرگە دورا سۈركەپ....

بىر تۇنىشىمىز كونىلىقتىن بىرنى دەپ بەرگەن.نىمە دەپ بەرگىنىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

شۇنى قىلىۋىدىم ئوڭشالدىمۇ ياكى دورا تەسىر قىلدىمۇ بىلمەيمەن

ئىشقىلىپ شۇندىن كىيىن ئايغا قاراپ سىيمەيمەن \"\"



مىنىڭ بۈگۈن كەچ ئايغا قاراپ چور قىلىپ ئىسپاتلاپ باققىم كىلىۋاتىدۇ،  ئەگىشىدىغانلار باما  002.gif

maraz886 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 12:38:29


25- قەۋەتتىكى karizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىزىق گەپلەر چىققىلى تۇرۇپتىغۇ؟ مەن توپلاپ چىققان بۇ ئادەت قوشاقلىرىدىن 18 تۈر بار. ئۇلاردىن ئىسرىق سالغاندا ئوقۇلىدىغان قوشاق، تىل كەسكەندە ئوقۇلىدىغان قوشاق، ئاشلىغاندا ئوقۇلىدىغان قوشاق... دېگەندەك. بۇلارنى ئۇيغۇر فولكلورى، ئۆرۈپ-ئادەت دەپ چۈشەنسەك بولدى. ئىزدىنىشقا چىقىۋاتقانلاردىن كىم «مەن كىچىك ۋاقتىمدا بۆشۈكۈمگە ئىسرىق سالمىغان، مېنى ئاشلىمىغان» دېيەلەيدۇ.

دىن دېگەن دىن. مىللەت دېگەن مىللەت. مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرۈپ ئادەتلىرى بولىدۇ. بۇنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. مەسىلەن: تۇرپان رايونىدا مەسچىتلەردە ئەزان ئېيتىشتىن ئىلگىرى تاك-تاك چالىدۇ. قانچە يۈز يىلدىن بىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنى بۇددا دىنىنىڭ قالدۇقى دەپ بىر كىم بىدئەت دېمەپتىكەنغۇ؟ ئاشلاش ئۇ بىر ئۆرۈپ-ئادەتكە ياتىدۇ. ئۇنى نېرى بېرى دېيىشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق.



بىزنىڭ ھەققىمىز يوق لىكىن سىزنى ياراتقان زاتنىڭ ھەققى بار شۇنداقمۇ ؟؟؟...


سىزدىن سۇراپ باقاي ئۆرۈپ-ئادەتنى بەك كىملەر پەيدا قىلغانلىقىغا قارىمايلا


ئەگىشىۋىرىش بەك كالۋالىق بۇلامدۇ قانداق ؟؟چۇنكى شۇ ئۆرۈپلەرنى پەيدا قىلغانمۇ سىلىدەك ئىنسان ۋە ئىنسانلار ....


ئالدىلىرىدا سىلىنىڭ ئۆرىپلىرى بىلەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كۆرسەتكەن يولى تەڭ كەلسە سىلە قايسىسىنى تۇتىلا







Jemile33 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 12:42:29

كېسەلگە خاسىيەتلىك دۇئالارنى ئوقۇش دىنىمىزدا بار ئىش، سۈپكۈشلەشكە كەلسەك بۇنىڭغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. قىسقىسى بۇ ئىشنى نوقۇل دىنغا سېلىۋېلىپ بىدئەت دېيىش ياكى ئۆرپ-ئادەتكە سېلىۋېلىپ، دىننى رەت قىلىشنىڭ ھەر ئىككىسى خاتا. سىرلىق ئىش، كارامەتلەرنى ماتېرىيالىزملىق كاللا بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، ماددىچىلار دىندىكى ئاجايىباتلارنى، روھىيەتكە دائىر سىرلىق ئىشلارنى رەت قىلسىمۇ، ئايغا قاراپ سىيىسىمۇ، كۆڭلىدە يەنىلا قورقۇنچ مەۋجۇت، مۇشۇ قورقۇنچنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئاجايىباتتۇر.

maraz886 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 12:57:22


8- قەۋەتتىكى Mollamushukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ خىل ئۆرپ ئادەتلەر مىللىتىمىزنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ تۈپكى يىلتىزى ۋە ئىپتىدائىي ئەندىزىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ھازىرقى دەۋردە بۇ خىل ئىشلارنىڭ توغرا خاتالىقىنى مۇلاھىزە قىلىشنىڭ زادىلا ئەھمىيىتى يوق. بىز پەقەت ئۇنىڭ مىللىي پىسخىكىمىزنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن قاتلاملىرىدا قانداق ساقلىنىپ، بىزنىڭ ھازىرقى ياشاش ئۇسۇلىمىز ۋە تەپەككۈر ئادىتىمىزگە كۆرسىتىۋاتقان يوشۇرۇن تەسىرلىرىنى تەتقىق قىلساقلا ئاندىن قىممىتى بار ئىشلارنى قىلغان بولىمىز.



دىمەك كۆز ئالدىمدا  بۇلىۋاتقان ئىشلار بىلەن مىنىڭ كارىم يوق .ئۇلار خاتا قىلامدۇ توغرىمۇ ئۈزىنىڭ ئىشى دىمەكچىمۇ سىز ؟؟؟  ياق ئۇنداق ئەمەس .   ئۇ چاغدا سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىز ئەھمىيەتسىز بۇلۇپ قالىدۇ .مەنچە




elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 13:41:27

29- قەۋەتتىكى adolifنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەك جوھۇت نىمىكەنسەن ئەلبىلگە .



ھە بوپتۇ،خەۋەر تاپتىم


elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 13:43:34

30- قەۋەتتىكى lawrenceنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۈگۈن قايسىلا تېمىغا كىرسە مۇشۇ چىۋىننىڭ غۇڭۇلدىغان ئاۋازى كىشىنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ ، قويىۋالغان ئىسمىدىن ئۆرگىلەي جىڭ كالۋا بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچكەن ساختا بىلگە ... \"\"



شۇ،شۇ تەقسىر


سىلىدەك پوقلار بولغاچقىلا بىزدەك چىۋىنلەر بولىدىكەن...\"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 13:47:46

70- قەۋەتتىكى elbilgeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

29- قەۋەتتىكى adolifنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەك جوھۇت نىمىكەنسەن ئەلبىلگە .



ھە بوپتۇ،خەۋەر تاپتىم




\"\"\"\"

kariz يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 14:01:46

67- قەۋەتتىكى maraz886نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


25- قەۋەتتىكى karizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىزىق گەپلەر چىققىلى تۇرۇپتىغۇ؟ مەن توپلاپ چىققان بۇ ئادەت قوشاقلىرىدىن 18 تۈر بار. ئۇلاردىن ئىسرىق سالغاندا ئوقۇلىدىغان قوشاق، تىل كەسكەندە ئوقۇلىدىغان قوشاق، ئاشلىغاندا ئوقۇلىدىغان قوشاق... دېگەندەك. بۇلارنى ئۇيغۇر فولكلورى، ئۆرۈپ-ئادەت دەپ چۈشەنسەك بولدى. ئىزدىنىشقا چىقىۋاتقانلاردىن كىم «مەن كىچىك ۋاقتىمدا بۆشۈكۈمگە ئىسرىق سالمىغان، مېنى ئاشلىمىغان» دېيەلەيدۇ.

دىن دېگەن دىن. مىللەت دېگەن مىللەت. مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرۈپ ئادەتلىرى بولىدۇ. بۇنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. مەسىلەن: تۇرپان رايونىدا مەسچىتلەردە ئەزان ئېيتىشتىن ئىلگىرى تاك-تاك چالىدۇ. قانچە يۈز يىلدىن بىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنى بۇددا دىنىنىڭ قالدۇقى دەپ بىر كىم بىدئەت دېمەپتىكەنغۇ؟ ئاشلاش ئۇ بىر ئۆرۈپ-ئادەتكە ياتىدۇ. ئۇنى نېرى بېرى دېيىشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق.



بىزنىڭ ھەققىمىز يوق لىكىن سىزنى ياراتقان زاتنىڭ ھەققى بار شۇنداقمۇ ؟؟؟...


سىزدىن سۇراپ باقاي ئۆرۈپ-ئادەتنى بەك كىملەر پەيدا قىلغانلىقىغا قارىمايلا


ئەگىشىۋىرىش بەك كالۋالىق بۇلامدۇ قانداق ؟؟چۇنكى شۇ ئۆرۈپلەرنى پەيدا قىلغانمۇ سىلىدەك ئىنسان ۋە ئىنسانلار ....


ئالدىلىرىدا سىلىنىڭ ئۆرىپلىرى بىلەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كۆرسەتكەن يولى تەڭ كەلسە سىلە قايسىسىنى تۇتىلا


__________


ئاشلاش قانداقتۇر سىز چۈشەنگەندەك بىر ئىدىيە، بىر پەلسەپە سېستىمىسى ئەمەس. مىڭ يىل بۇرۇنمۇ ئۇيغۇردا بۇ ئادەت بار ئىكەندۇق. مىڭ يىل كېيىنمۇ بۇ ئۆرۈپ ساقلانغۇسى. ئۇنى ئاللانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يۇلى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويماڭ.







sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 23:29:58

ئاچ كىرىپ قاپتۇ دەپ ، قەغەزنى يېتىپ پۇتتىن باشلاپ باشقىچە تەككۈزۈپ قوشاقلىرى بىلەن ئوقۇپ ، ئاندىن ئاشۇ قەغەزنى كۆيدۈرۋىتىدىغان ئىش بار، دادام كىچىك ۋاقتىمدا دائىم شۇنداق قىلاتتى ...

« .... كۆچ - كۆچ ، ئەسكى تامنىڭ يىنىغا كۆچ ، بولمىسا قەغەز بىلەن كۆتۈڭگە ئوت قالايمەن ... » مۇشۇنداق يەرلىرى بار قوشاق ...

لېكىن ئاشۇنداق قىلسا راست ساقىياتتى جۇمۇ ئادەم. بەلكىم بەدەندىكى پەللىلەرنى بېسىش ياكى شۇ قەغەزنىڭ بىرەر كىسەلنى سۈمۈرۈش دېگەندەك تىببىي

ئاساسىي باردۇر ...

maQak يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 00:34:23

بىز ئاشلىتىشنى ئوت تۇتۇپ قېلىش دەيمىز .بۇنىڭدا .كەلىمە تەيبە .كەلىمە شاھادەت ،كەلىمە تەمجۈت ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، قاتارلىق بىر نەچچە ئايەتلەرنى ئوقۇپ ھۇرىيدىغان شۇنداق قىلسا راس ساقىيىدۇ . بۇ قانداقبىر جىنلارنىڭ ياردىمى بولماستىن ئايەتلەرنىڭ خاسىيىتىدىن دەپ قارايمەن . بىدئەت ئەمەس

قالغانلىرىنى ئۇقمۇدۇم

0996 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 01:37:27

10ئايلىق بولغان قىزىم يېقىندىن بېرى تولا تىلىنى چىقىرىپ ئوماق ئويناپ يۈرەتتى،

توۋا! \"تىل تىگىپتۇ\" دىگەن خوراپى قاراش قەتتى يادىمغا كەلمەپتۇ دىسە، ئەمدى ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن.

دوختۇر نىمە دىگەنتى ؟ لىكىن بەزى خوراپى قاراشلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەمىلى تۇرمۇش تەجىربە ساۋاقلىرىنىڭ يەكۈنى بۇلۇشى مۇمكىن. مەسلەن : بارمەىقىنى شورىغان بالا ئەقىللىق بولىدۇ دەپ قاراش ۋە بارماقلىرىنى مەجبۇرى شورىتىپ مەشىقلەندۈرىش ، بۇنىڭدا بالىلارنى بالدۇر ئوزى بىرنەرسى تۇتۇپ يېيىشكە رىغبەدلەندۈرۈش ئىكەن مىنىڭچە .

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 01:49:04

2- قەۋەتتىكى maqakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز ئاشلىتىشنى ئوت تۇتۇپ قېلىش دەيمىز .بۇنىڭدا .كەلىمە تەيبە .كەلىمە شاھادەت ،كەلىمە تەمجۈت ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، قاتارلىق بىر نەچچە ئايەتلەرنى ئوقۇپ ھۇرىيدىغان شۇنداق قىلسا راس ساقىيىدۇ . بۇ قانداقبىر جىنلارنىڭ ياردىمى بولماستىن ئايەتلەرنىڭ خاسىيىتىدىن دەپ قارايمەن . بىدئەت ئەمەس

قالغانلىرىنى ئۇقمۇدۇم



سىز دېگەن ھۇرىيدىغان ئىشنى دېمىدە قىلىشمۇ دەيمىز،بۇ دىنىمىزدا بار ئىش.بىدئەت ئەمەس.لېكىن مەن كۆزدە تۇتقان ئاشلىتىشنىڭ جەريانلىرى دېمىدە قىلىش بىلەن ئوخشىمايدۇ.

kvlgvnchek يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 09:10:46

تۇرپاندا ئاشلىغاندا ئادەتتە بىر پىپالە ئۇن ياكى يەتتە پاي ئاياق ئىشلەتكىنىنى كۆرگەنمەن. قايسى ئايەتنى ئوقۇيدىغىنى تازا ئېسىمدە قالماپتۇ، ئادەتتە، ھەر بىر مەھەللىدە بىرەردىن ئاشلامچى بولىدىكەن. بالىنى ئاشلىغاندا «ئاش ئاش ئېچىپ چىق، قوقاق بولساڭ كۆچۈپ چىق، ئەسكى تاملىقلارغا بار، يالغۇز دەرەخ تۈۋىگە بار. ئەسكى كاپىردىن كىرگەن بولساڭمۇ چىق ئاش، ئاتا ـ ئانىسىدىن كىرگەن بولساڭمۇ چىق ئاش......» ئىشقىلىپ جىق گەپلەرنى قىلىدىكەن. ئاياقنى ئادەتتە ئاتا ـ ئانىسىنىڭ بەكرەك ئىچى كىرىپ قالىدۇ ئۆز بالىسىغا دەپ، ئاۋال ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئايىقىنى ئاندىن باشقىلارنىڭ ئايىقىنى قوشۇپ يەتتە تال ئاياق قىلىدىكەن. ئاشلاپ بولغان كىشى بەك ھەفشىپ كېىتىدىكەن. قانچە كۆپ ھەفشىسە ئاش شۇنچە كۆپ چىقىپ كېتىدۇ دەپ قارىلىدىكەن. تېخى بىر قېتىم نەق مەيداندا بىر بوۋاقنى ئاشلىغىنىنى كۆرگەن ئىدىم، ئالدى بىلەن پىيالىگە لىققىدە بىر چىنە ئۇن ئىلىپ، ئاغزىنى سۇلياۋ بىلەن ھىم ئىتىپ ئايەت ئوقۇغاچ بالىنىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىنى شۇ پىيالە بىلەن باسىدىكەن. ئاشلاپ بولغاندىن كىيىن پىيالىدىكى ئۇننىڭ تۆتتىن بىرىدەك كەملەيدىكەن. مەن چىڭدىلىپ شۇنداق بولدى ـ دەپ قارىدىم. لېكىن يەرلىكتىكى كىشىلەر پىيالىنىڭ بىكار قالغان يېرى قانچە چوڭ بولسا ئاشنىڭ شۇنچە چىقىپ كەتكىنى دەپ قارايدىكەن. تېخى تىلىفوندا ئاشلاشمۇ بار ئىكەن \"\"

tuumar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 10:15:23

قىلغۇڭىز كەلمىسە قىلماڭ .سىزنى بىرى قىل دەپ زورلىمىدى .بەلكىم سىزنىمۇ ئاتا-ئانىڭىز شۇنداق ئۇسۇللاردا ساغلام بېقىپ چوڭ قىلغاندۇ .سىزمۇ بالىڭىزنى شۇنداق ئاشلىتىپ باققىڭىز بولسا ئاشلىتىڭ ،ئاشلاتقىڭىز بولمىسا دۇختۇرغا ئېلىپ بېرىڭ ،بىرەركىم سىزنى ئاشلاتمىدىڭ دەپ رەنجىپ قالمايدۇ .چۈشەنمىگەن بولسىڭىز ئىزدىنىپ جاۋابىنى تېپىڭ ،بىراق ئەسكەرتىپ قۇيىدىغىنىم ھەقىيقى جاۋابىنى بىلىشتىن بۇرۇن قالايمىقىان سۆكمەڭ .

دۇختۇردىن سوراپ بىلگەن بولسىڭىز ئايىماي جاۋابىنى يېزىپ قۇيۇڭ .

kariz يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 10:26:06

ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسى بىتئەت ئەمەس. مىللىي ئادەت.

   خېلى يىللاردىن بېرى مەن نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئادەتلىرىمىزنى ۋە قوشاقلارنى توپلاپ (ئەلۋەتتە ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان ۋە يۇرتىمىزدىكى كىشىلەردىن ) نەشىرگە تەييارلىغان ئىدىم.بالا ئاشلاشنىڭ قوشاقلىرىنى مەن دەپ بېرەي. ئاشلاش قوشاقلىرى يۇرت-يۇرتلارنىڭ ئوخشىمايدۇ.



ئاش، ئاش، ئاش.

ئاش بولساڭ ئۆچۈپ چىق،

قوقاق بولساڭ كۆچۈپ چىق.

ئاش، ئاش، ئاش.

ئاچ پاقىنىڭ ئىچىگە كىرگەن بولساڭمۇ چىق.

چۆل پاقىسىنىڭ ئىچىگە كىرگەن بولساڭمۇ چىق.

ئاش، ئاش، ئاش.

چوڭ قۇيرۇقلۇق قويلار بار.

يالغۇز دەرەخكە بار.

ئۇلۇغ—ئۇلۇغ سۇلار بار.

چىرايلىق باغلارغا بار.

ئېگىز تاغلارغا بار.

ئەسكى تۈگمەنگە بار.

ئەسكى تامغا بار.

تاغار – تاغار ئاشلارغا بار.

دەستە – دەستە نانلارغا بار.

ئاش، ئاش، ئاش.

366 تومۇرغا كىرگەن بولساڭمۇ چىق.

444پارچە ئۇستىخانغا كىرگەن بولساڭمۇ چىق.

شاماللاردىن كىرگەن بولساڭمۇ چىق.

ئىنسۇجىن، دۆ پەرىلەردىن كىرگەن بولساڭمۇ چىق.

تىلى يامانلارنىڭ تىلىدىن كىرگەن بولساڭمۇ چىق.

كۆزى يامانلارنىڭ كۆزىدىن كىرگەن بولساڭمۇ چىق.

ئەلمى ئاتا، سەلمى ئانا ئاش.

ساڭا قىلغان ئىشىم شۇ

چىقساڭ چىق،

چىقمىساڭ كۆتۈڭگە بورا يۆگەپ ئوت قۇيىمەن.

بۇنداق بالىغىمۇ ئاش كىرگەن بارمۇ ئاش

ئاش چىق، ئاش چىق...

2

ئاللاھ ھۇممە، ئاچ،

ئاچ، ئاچ، چىق!

چۈشكۈرگەننىڭ يۈزىگە چىق.

توق بالامنى قىينىماي،

ئاچ قالغاننىڭ كۆزىگە چىق.

ئاچ، ئاچ، ئاچ!

ئاچ بولساڭ چىق.

چىرايلىق قىزنىڭ چېچىغا چىق.

ئاللاھ ھۈممە، ئاچ،

ئاچ، ئاچ، ئاچ!

ئاچ بولساڭ ئاچلارغا چىق،

ئاچ قالغاننى قوغلىشىپ،

تاپالمىساڭ تاشقا چىق.

ئاچ، ئاچ، ئاچ!

ئاچ بولساڭ چىق، چىق،

باي خېنىمنىڭ بېشىغا چىق.

ئاچ، ئاچ، ئاچ!

ئاچ بولساڭ چىق، چىق.

ئويناشماي بوزەك بىلەن،

چۆلگە، كۆلگە كېتىڭلار،

ئۇجۇقتۇراي تېزەك بىلەن.

ئاچ، ئاچ، ئاچ!

ئاچ بولساڭ چىق، چىق.

نەدىن كىرسەڭ شۇ يەردىن چىق!

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 10:40:46

بۇ خىل ئۆرپ ئادەتلەر مىللىتىمىزنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ تۈپكى يىلتىزى ۋە ئىپتىدائىي ئەندىزىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ھازىرقى دەۋردە بۇ خىل ئىشلارنىڭ توغرا خاتالىقىنى مۇلاھىزە قىلىشنىڭ زادىلا ئەھمىيىتى يوق. بىز پەقەت ئۇنىڭ مىللىي پىسخىكىمىزنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن قاتلاملىرىدا قانداق ساقلىنىپ، بىزنىڭ ھازىرقى ياشاش ئۇسۇلىمىز ۋە تەپەككۈر ئادىتىمىزگە كۆرسىتىۋاتقان يوشۇرۇن تەسىرلىرىنى تەتقىق قىلساقلا ئاندىن قىممىتى بار ئىشلارنى قىلغان بولىمىز.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 10:41:47

tuumar


بۇيەردە مەسلىھەت سورىما دېمەكچىمۇ ؟

مۇشۇمۇ ئىزدىنىشنىڭ بىر ئۇسۇلى. چوڭلار قىپتىكەن دەپلا «ئىسلامغا ياتمۇ ئەمەسمۇ»دېگەننى ئويلىشىپمۇ باقماي قىلىۋېرىدىغان ئىش ھېلىمۇ بىزدە ئاز ئەمەس.ئاددىيلا بىر مىسالى ئىسرىق سېلىش.بۇنداق بۇددا دىنىنىڭ ئاسارەتلىرىنى بەزى يۇرتلاردا ھازىرغىچە مومايلار«پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ تۇتقان يولى»دەپ ئۇلۇغلاپ كېتىدۇ.بۇنى بىلىدىغانلار قانچىلىك،بىلمەيدىغانلار قانچىلىك؟...بېجىرىم مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن بىدئەت ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.يۇقىرىقى سوئاللىرىم ھەققىدە كامىل ئىلىمدارلاردىن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ مەسلىھەت سوراي دېسەم،بۇ بۆكۈمدەك يېزىدا چىقىشى ناتايىن.مۇنبەردە ئەڭ توغرا جاۋابى چىقىدۇ دەپ ئىشەنگەچكە ،مەسلىھەت سوراپ يازدىم،نېمە بوپتۇ؟نېمانداق ئۆتكۈزۈپ قويغان نېمىڭىز باردەك قاتتىق قۇرۇق ھەتتەم پاراڭ قىلىسىز قاغا پوق يېمەستە...

ئىملايىڭىزنى توغرىلاپ كېلىڭە باشتا.شۇنچە خاپومماي دېسەممۇ خاپوپ كەتتىما...







zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 10:51:27

8- قەۋەتتىكى Mollamushukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ خىل ئۆرپ ئادەتلەر مىللىتىمىزنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ تۈپكى يىلتىزى ۋە ئىپتىدائىي ئەندىزىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ھازىرقى دەۋردە بۇ خىل ئىشلارنىڭ توغرا خاتالىقىنى مۇلاھىزە قىلىشنىڭ زادىلا ئەھمىيىتى يوق. بىز پەقەت ئۇنىڭ مىللىي پىسخىكىمىزنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن قاتلاملىرىدا قانداق ساقلىنىپ، بىزنىڭ ھازىرقى ياشاش ئۇسۇلىمىز ۋە تەپەككۈر ئادىتىمىزگە كۆرسىتىۋاتقان يوشۇرۇن تەسىرلىرىنى تەتقىق قىلساقلا ئاندىن قىممىتى بار ئىشلارنى قىلغان بولىمىز.



مەن بەك دۆتكەنمەن.مەن پەقەت ئىسلامغا ئۇيغۇنمۇ ياكى ئەمەسمۇ،شۇنى بىلۋالساملا كۇپايە ئىدى.تەتقىق قىلىشقا مېنىڭ مادارىم يەتمەسلىكى مۇمكىن.

tuumar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 11:56:51

9- قەۋەتتىكى zaparistanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

tuumar


بۇيەردە مەسلىھەت سورىما دېمەكچىمۇ ؟

مۇشۇمۇ ئىزدىنىشنىڭ بىر ئۇسۇلى. چوڭلار قىپتىكەن (قىلىپتىكەن )دەپلا «ئىسلامغا ياتمۇ ئەمەسمۇ»دېگەننى ئويلىشىپمۇ باقماي قىلىۋېرىدىغان ئىش ھېلىمۇ بىزدە ئاز ئەمەس.ئاددىيلا بىر مىسالى ئىسرىق سېلىش.بۇنداق بۇددا دىنىنىڭ ئاسارەتلىرىنى بەزى يۇرتلاردا ھازىرغىچە مومايلار«پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ تۇتقان يولى»دەپ ئۇلۇغلاپ كېتىدۇ.بۇنى بىلىدىغانلار قانچىلىك،بىلمەيدىغانلار قانچىلىك؟...بېجىرىم مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن بىدئەت ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.يۇقىرىقى سوئاللىرىم ھەققىدە كامىل ئىلىمدارلاردىن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ مەسلىھەت سوراي دېسەم،بۇ بۆكۈمدەك يېزىدا چىقىشى ناتايىن.مۇنبەردە ئەڭ توغرا جاۋابى چىقىدۇ دەپ ئىشەنگەچكە ،مەسلىھەت سوراپ يازدىم،نېمە بوپتۇ؟نېمانداق ئۆتكۈزۈپ قويغان نېمىڭىز باردەك قاتتىق قۇرۇق ھەتتەم پاراڭ قىلىسىز قاغا پوق يېمەستە...

ئىملايىڭىزنى توغرىلاپ كېلىڭە باشتا.شۇنچە خاپومماي(خاپا بولماي) دېسەممۇ خاپوپ(خاپا بۇلۇپ) كەتتىما...

پاراڭ قىلىسىز قاغا پوق يېمەستە  -----مەن بۇ ئىنكاسنى ھەممە قاغا \"پوق \"يەپ بولغاندا كۈ چىققاندا يازغان ،قارىغاندا بۈگۈن بامدات نامىزىغا تۇرالمىغان ئۇخشىمامسىز ؟يۇتقىنىڭىزدا يېتىپلا پوق يەپسىزدە !؟


رەھمەت ،ئىملايىمنى ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا .



مۇنبەردە ئەڭ توغرا جاۋابى چىقىدۇ-----خاتالىشپ قالدىڭىزمۇ قانداق .بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ تۇغرا جاۋابى \"قۇرئان كەرىم\"دىن چىقىدۇ .ئۇنىڭغا باشقا كىتاب ،تور ،مۇنبەر دېگەندەكلەرنى شېرىك كەلتۈرۈش ئىسلام دىنىغا يات ئىشلاردۇر .سىز دېگەن ئاتالمىش بېجىرىم مۇسۇلمان بۇلۇش ئۈچۈن بۇنداق گەپلەرنى قىلساق بولمايدۇ .


بېجىرىم مۇسۇلمان---بۇقانداق گەپ ؟!مۇسۇلماننىڭ يىڭى تۈرى ئۇخشىمامدۇ ؟نېمىىزگە ئاساسەن مۇسۇلماننى تۈرگە بۈلۈپ كەتتىڭىز ؟سىز كىم ؟مۇشۇنداق بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچە ،بىر ئوڭلاپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟سىزمۇ مۇسۇلمانما ؟ئۇنداق مۇسۇلمان -مۇنداق مۇسۇلمان دەپ .!؟


جاۋابىنى تاپقان بولسىڭىز جاۋابنى يېزىپ \"مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم ،ماۋۇ -ماۋۇ ئىشلار دىنىمىزغا ياتكەن ،قىلمىساق \"دېسىڭىزكەن .


جاۋابىنى تاپالمىغان بولسىڭىز \"مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم ،بىزدە مۇنداق -مۇنداق ئىشلار بارئىكەن ،دىنىمىزغا ياتمۇ ؟\"دەپ يازسىڭىزكەن .


مۇسۇلمانلارنى بېجىرىم مۇسۇلمان ،بۇزۇق مۇسۇلمان دەپ بۆلۈپ سەن كىم ؟سەن قانداق مۇسۇلمان ؟دىنىمىزغا قانداق ئىشلار يات ،قانداق ئىشلار ئۇيغۇن ،،قۇلۇڭغا \"قۇرئان كەرىم\"نى ئېلىپ قايتا -قايتا ئۇقۇپ كۆرسەڭ بىلمەمتىڭ ؟ھېلىدىن -ھېلىغا كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ قۇرۇق گەپ ساتقۇچە .تاھارەتنى ئوبدان ئېلىپ ،قۇرئاننىڭ ئەرەبچىسىنى چۈشىنەلمىسەڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۇقۇساڭچۇ مۇسۇلمان ؟!  






بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8
: ئاشلىتىش بىدئەتمۇ؟