sardar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 20:26:58

ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ؟[ناخشا-مۇزىكا]

تورنى مالتىلاپ يۈرۈپ ماۋۇ ناخشا ئۇچراپ قالدى. ياخشى ناخشىدىن كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھرلەنگىم كەلدى ، قېنى ئەمىسە غۇژمەكلىشىپ ئولتۇرۇپ بىللە ئاڭلايلى.



ناخشا ئىسمى ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ؟ تىلى تۈركچە   


چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://pan.baidu.com/share/link?shareid=270894&uk=540297792



ئالپ ئەرتۇڭا مەرسىيەسى


ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ،

يامان دۇنيا قالدىمۇ،

پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ،

ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.

ئەرلەر بۆرىدەك ھۇۋلىشىپ،

ياقا يىرتىپ ۋارقىرشىپ،

ئۇنىنىڭ بېرىچە چىقىرشىپ،

ئۆكسۈپ كۆزى ئۆرتىلۇر.

زامان پۇرسەت كۆزەتتى،

ئوغرى توزاق ئۇزاتتى،

بەگلەر بېگىنى ئازدۇردى

قاچسا قانداق قۇتۇلۇر.

ئادەتتىن زور نەرسە يوق،

باشقا بانىلارمۇ ھەم كۆپ،

ئاتسا زامان چەنلەپ ئوق،

تاغلار بېشى يەنچىلۇر.

بەگلەر ئېتىنى ھارغۇزدى،

قايغۇ ئۇلارنى تۇرغۇزدى،

مەڭزى، يۈزى سارغايدى،

خۇددى زەپىرەڭدەك سارغىيۇر.

يېغى ئاتىن ئۆچۈرگەن،

ئوردىسىدىن كۆچۈرگەن،

ئىشنى كېسىپ بېجىرگەن،

ئەجەل ئوقى تەگدى، ئۇنى ئۆلتۈرۇر.

زامان گەزدىن ئوق ئاتسا،

كىم تۇرانى قوغدىسۇن،

تاغقا تەگسە تاغ تۈگەل،

ۋادىلارمۇ يىرتىلۇر.

زامان پۈتۈنلەيئاينىدى،

ئوسول كىشىلەر تەۋرىدى،

پەزىلەت تامامەن سىيرەكلەشتى،

دۇنيا بېگى يوقىلپ.

كۆڭلۈم ئىچى ئۆرتەندى،

پۈتكەن جاراھىتىم تىلىندى،

كەچمىش خاتىرەمگە كەلدى،

كۈن-تۈن ئۇنى ئىستەرمەن.

كېچە-كۈندۈز يىغلايمەن،

كۆزياشلىرىم سورىلۇر




ئەمدى ئازراق ئېلان قىستۇرايلى .ئۇلىنىش قانىلى بىر قەدەر تۇلۇق بولغان توربەت ئادرېسىلىرى ، كۆركەم ۋە پاكىز بەت يۈزى بىلەن سىزنى مەمنۇن قىلغۇسى! قېنى ئەمىسە ناخشا ئاڭلىغاچ بىر كۈرۈپ بېقىڭ. ئادرېسى : http://www.ulinix.tv


خېرىدارىڭ بولمىسا زىبالىقىڭ نە ئەتىۋا دەپتىكەن ، تورلاش  تورىنى بىر ئارىلاپ بېقىڭ، سىزگە ياققىدەك مەزمۇنلار ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . ئادرېسى : http://www.torlax.com



مۇشۇ مىكروبلوگ ، مىكروئۇچۇر دىن كېيىن يەنە بىر نەرسە مودا بولىدىغاندەك تۇرىدۇ . نېمە دەمسىز ؟ ھەببەللى ماۋۇنى كۆرسىڭىز بىلىسىز .  ئادرېسى : http://www.alpertungaoldumu.com/   (توربەت ئادرېسى ۋە توربەتتىكى مەزمۇنغا دىققەت قىلىڭ)


ھە راسىت مىكرو دېسە يەنە بىر ئىش ئىسىمگە كېلىۋاتىدۇ . مۇشۇ مىكرو ئۇچۇردا يەنە ئۆزئارا كامېرا ئارقىلىقمۇ سۆزلەشكىلى بولىدىكەن.كىىچك ۋاقتىمدا دادام  يەنە ئۇزۇنغا قالماي تېلفوندا كۆرۈپ تۇرۇپ پاراڭلاشقىلى بولىشى مۈمكىن دېسە تازا ئىشەنمىگەن راس شۇنداق بولدى مانا. مىكرو ئۇچۇرنى يەنە ئۈندىدار دەپمۇ قويىدىكەن، مەن يۇقاردا دېگەننى سىندىدار دەپ ئاتىساق قانداق بولا؟  تالاش تارتىش قىلغاچ ئولتۇرىلى دېدىمغۇ.

sardar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-8 22:07:20

بوممامدىكەن بۇ ناخشا؟ \"\"

tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 12:21:32

سىز ئېيىتقاندەك ‹‹ سىندىدار ›› دەپ ئاتىساق تولىمۇ جايىدا بولغۇدەك  {:106:}

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 12:42:07

ئېلان تېمىسىمۇ بۇ؟

ئېلانغا دەھشەت ئۇستا بوپ كەتتىغۇ باللا \"\"

palwan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 14:30:15

ئالپ ئەرتۇڭا تارىخىمىزدىكى ئەفراسىياپ دەل ئۆزى شۇ بولىدۇ، مەھمۇد قەشقەرى شەجەرسىدە مەھمۇد قەشقىرىنڭ ئەجدادلرى دەل ئەفراسىياپ قا تۇتىشىدۇ. بۇ ماقالە مۇنبەر ژورنلىدا ئېلان قىلىنغان ،قەشقەردىكى داڭلىق ئۆلىما قۇتلۇق شەۋقى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىمرھەسەن قازاخۇنۇم دەل شۇ مەھمۇد قەشقىرنىڭ ۋە شۇنداقلا ئەفراسىياپ نىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر.
بەت: [1]
: ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ؟[ناخشا-مۇزىكا]