maraz886 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 15:19:21

مۇسۇلمان ئالىمى ۋە دەۋەتچىسى سەييىد ئەبۇلھەسەن ئەلھىندىي ئەننەدەۋىي

ئاللاھ رىزالىقىغا ئىرىشىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ مۇسۇلمان ئالىمى ۋە دەۋەتچىسى سەييىد ئەبۇلھەسەن ئەلھىندىي ئەننەدەۋىي ھەسەن ئىبنى ئەبۇ تالىپنىڭ نەسەبىدىندۇر.دادىسى بۈيۈك ئالىم فەخرۇددىن ئبنى ئابدۇلئەلىدۇر.نەسەبى ئابدۇللا ئەلئەشئەرىي ئىبنى مۇھەممەن زىننەفسىززەكىيە ئبنى ئابدۇللا ئەلماھىس ئبنى ئەلھەسەن ئەلمۇسەتتا ئبنى ئەلھەسەن ئەسسەبىت ئىبنى ئەلى ئبنى ئەبۇ تالىپقا تۇتىشىدۇ.

نەدەۋىينىڭ دادىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان قول يازما ۋە باسما ئەسەرلىرى بار.ئەڭ مەشھۇرى 8توملۇق ‹‹نۇزھەتۇل خەۋاتىر››ناملىق ئەسىرىدۇر.ئۇ ھىجرىيە 1341-يىلى ۋاپات قىلدى.نەدەۋى ھىجرىيە1332-يىلى مۇھەررەم ئېيىدا ھىندىستاننىڭ بارەللى ۋىلايىتىگە قاراشلىق ‹‹تەكىيە››يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى.بارەللى لوكنوۋغا تەخمىنەن70 كىلومىتىر كىلىدۇ.ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلغان خىزمىتىنى ئۇتۇقلۇق قىلغاي!

نەدۋىينىڭ ئائىلىسى ئەرەپ نەسلىدىندۇر .كۈنىمىزگىچە ئۈزىنىڭ ئەرەپلىكىنى ساقلاپتۇ.ۋە ھازىرمۇ ساقلاپ كەلمەكتە.ئەسىرلەردىن بىرى ھىندىستاندا ياشاپ ھىندىچە سۆزلەشسىمۇ،ئەسلى ئەجداتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.نەدەۋىينىڭ ئائىلىسى تەۋھىد ۋە سۈننەتنى قوغداش،بىدئەتلەردىن يىراق تۇرۇش،ئىنسانلارنى ئاللاھ يولىغا چاقىرىش ۋە ئاللاھ يۇلىدا جىھاد قىلىش بىلەن تۇنۇلغان ئائىلىدۇر.

تىببىي دوكتۇر ئابدۇلئەلى ئابدۇلھەي نەدەۋىينىڭ ئاكىسى ئىدى.ئۇ لوكنوۋ ئونۋىرىستىتىنى بىرىنچى دەرىجىدە تاماملىغان.دىيۇبەند ئىنىستوتى ۋە دارۇلئۆلىمانى تاماملىغان ئىدى .شۇنداق قىلىپ ئۇ زامانىۋى ئىلىم بىلەن دىنىي ئىلىمنى بىرلا ۋاقىتتا ئۈزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىدى.نەدەۋىينىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىدە ئۇنىڭ رولى چوڭ بولدى.دادىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن نەدۋەتۇلئۆلىماغا مۇدىر بولدى .نەدەۋىي بۇندىن 10يىل بۇرۇن ئۆز ئا.ىلىسىدىن ئۆيلەنگەن ئىدى.بۇ ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بىر ئادەت بۇلۇپ ،قارشى چىققانلار ئەيىپلىنىدۇ.

نەدەۋىينىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش ھاياتى ئائىلىسىدە ئانىسىنىڭ ياردىمىدە قۇرئان كەرىم يادلاش بىلەن باشلاندى.ئانىسى پەزىلەتلىك،ئۈستۈن قابىلىيەتلىك،تەقۋادار ئايال ئىدى.قۇرئاننى يادقا بىلەتتى.كىيىن نەدەۋىي ئوردۇچە ۋە پارىسچە ئۈگەندى.12ياشلىرىدا ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەپچە ئۈگۈنىشكە باشلىدى.ئەرەپچە دەرىسلىرىنى شەيىيخ خېلىل ئىبنى مۇھەممەت ئەليەمەنى بەردى.،توپتوغرا 2يىل ئەرەپ ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى.كىيىن لوكنوۋغا ئونۋېرستىتىغا ئۇقۇشقا كىردى.بۇيەردە ئىنگىلىزتىلى ۋە تەبىئي پەن دەرىسلىرى ئۇقۇلاتتى.نەدەۋىي ئونۋېرستىتنىڭ‹‹ئەرەپ تىلى ۋە ئەدەبىياتى››فاكولتىتىدائۇقۇشنى داۋاملاشتۇردى.ئۇ ئونۋېرستىتنىڭ يېشى ئەڭ كىچىك ئۇقۇغۇچىلىرىدىنىدۇر.

كىيىن نەدۋەتۇلئۇلىماغا كىرىپ 2 يىل ھەدىس ئىلمى ئۈگەندى.ئاندىن لاھورغا بېرىپ داڭلىق مۇپەسسىر شەيىخ ئەھمەد ئەلىدىن تەپسىر ئۈگەندى.

نەدەۋىي دىپلوم ياكى كۆرسەتكۈچ ئۈچۈن ئەمەس بەلكى پەقەت ئەركىن بىر شەكىلدە ئىلىم-ئىرپان ئۈگىنىش ئۈچۈن توختىماي ئۈگەندى.

ئۇقۇشنى تاماملاپ دەرھال لوكنوۋغا قايىتتىۋە ئۇ يەردىكى دارۇلئۇلۇمغا كىرىپ 10 يىل ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىپ ھەرخىل ئىلىملەرنى ئۈگەتتى.بۇ ئارىدا ئۇ ‹‹زىيانۇر››ژورنىلىدا ئەسەر ئىلان قىلشقا باشلىدى.كىيىن ئوردۇچە ئەسەرلەرنى يازدى.‹‹شەيىخ ئەخمەتنىڭ ھاياتى››ناملىق ئەسىرىنى ئىلان قىلدى.

بۇ ئەسەر كۈچلۈك ئالقىشقا ئىرىشىپ ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم نەشىر قىلىندى.


كىيىن نەدەۋىي دىھلىگەبېرىپ بۈيۈك ئىسلام دەۋەتچىسى شەيىخ مۇھەممەد ئىلياس بىلەن كۈرۈشتى.بۇ كۈرۈشۈش ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى بۇلۇپ قالدى .چۈنكى شەيىخ مۇھەممەد ئىلياس بىر بۈيۈك مۇرشىد ئىدى.

ئۇ ئاللاھ يۇلىغا دەۋەت قىلىشتا سەمىمىي بولغاچقا خەلىقنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن بولسىمۇ،ئەمما بۇندىن بۇرۇن خەلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەك قۇيۇق ئەمەس ئىدى.كىيىن ئاستا-ئاستا ئىسلامنى ھىندىستاننىڭ شەھەر-يېزىلىرىغا يېيىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىشقا باشلىدى.


1947-يىلى-1950 يىللىرى ئارىسىدا ھىجازغا ۋە 1951-يىلى مىسىرغا باردى.كۆپلىگەن ئىسلام دۇلىتىنى ئايلاندى،كۆردى،ياشىدى،دەرىس ۋە دوكلاتلارنى بەردى.خەلىق ئاممىسىغا خىتاپ قىلدى.

ھەر ئاياق باسقان يىرىدە ئۇنىڭ ئەجرى-مىھنىتى ۋە كۆزيىشى بار ئىدى.


1957-يىلى ‹‹ئەرەپ ئىلىم جەمىيىتى››گە مۇخبىر بۇلۇپ تاللاندى.1956-يىلى دەمەشىق ئونۋېرىستېتىدە تەكلىپلىك پىروفىسور سۈپىتىدە دوكلات بىرىش ئۈچۈن سۇرىيەگە دەۋەت قىلىنغان ئىدى.


نەدەۋېي 1960-يىلى لوكنوۋدا ‹‹ئىلىم ۋە ئىسلام جەمىيىتى››نى قۇردى.بۇ جەمىيەتنىڭ ئىنگىلىز،ئەرەپ،ھىندى ۋە ئوردۇ تىللىرىدا ئېلىپ بارغان كۆپلىگەن تەتقەقات ۋە ئىلمىي خىزمەتلىرىدىن باشقا نەشىر قىلغان ئەسەرلىرىمۇ بار.

بۇ مۇسۇلمان ئالىمى ۋە دەۋەتچىسى سەييىد ئەبۇلھەسەن ئەلھىندىي ئەننەدەۋىي 1999-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى.

يەر يۇزىدەئىسلام ھاكىمىيىتى بايرىقىنىڭ لەپىلدىگىنىنى،ئىشغالىيەتچى،جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ يەر بىلەن يەكسەن بۇلىشىنى،ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئىلان قىلغان،مۇسۇلمانلارغا زورلۇق-زومبۇلۇقنى راۋا كۆرىدىغانلاردىن ئاللاھنىڭ قانداق ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى ئۆز كۈزى بىلەن كۈرۈش نەدەۋىينىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىدۇر.پەقەت شۇندىلا ئۇنىڭ كۆڭلى ئارام تېپىپ ھۇزۇرلىنىدۇ .

ئۇ ئىسلامى ئويغىنىشنىڭ تۇنجى ئۇچقۇنىنىڭ پەقەت تۇركىيە ۋە پاكىستاندىن تۇتىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.ئۇندىن باشقا ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىغا بولغان ئۈمىدىمۇ بۈيۈكتۇر.


ئۇنىڭ ئۈزى ئويلىغان مەقسەتكە يىتىش يولىدىكى پىداكارلىق تىللاردا داستاندۇر.باشقىلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچراۋاتسىمۇ ئۇنىڭ ھەر ساھەدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىكى بىردىن بىر سىرى بولسا،ئۇنىڭ چەكسىز ئىخلاسى ۋە رەببىگە بولغان تەۋەككۇلچىلىكنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشىدۇر.


يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 21:28:50

ئافىيفي، بۇ كىشى مۇسۇلمان جەمىيتىنىڭ چۈشكۈنلىشىنىڭ سەۋەبىنى نىمە دەپ كۆرسىتىدىكەن؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 21:40:54

ئاللاھ بۇ ئالىمغا رەھمەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا فىردەۋس جەننىتىدىن ئورۇن بەرسۇن. ھەقىقەتەنمۇ مول ھوسۇللۇق ئالىم ئىدى، بالىلار تەربىيىسىدىن تارتىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكىچە بولغان تېمىلاردا يازغان ئەسەرلىرى بار. ئىشقىلىپ، ھەربىر ئەسىرى ئادەمنى يېڭىچە پىكىرگە باشلايدۇ.

ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ «بالىلار ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى» دېگەن كىتابىنى تەرجىمە قىلىۋېتىپ، تەرجىمە قىلىۋاتقانلىقىمنى مەھزۇنغا دېسەم، ئۇلار ئاللىقاچان تەرجىمە قىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتقانتى. ئاللاھ نېسىپ قىلسا، بۇ تەرجىمە تارقىتىلسا نەدەۋىنىڭ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئىككىنچى كىتابى بولۇپ قالىدىغۇ دەيمەن؟

ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى تەقۋادار كىشىلەر ھەققىدە يېزىلغان بىر كىتابى بولىدىغان، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلاردىن تارتىپ ئۆزى ياشىغان زامانغىچە بولغان كىشىلەرنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرى يېزىلغان. شۇنىڭدا ھىندىستانلىق ئىككى ئالىمنىڭ ھېكايىسى ماڭا بەك تەسىر قىپتىكەن. دەسلەپتە قانداق ئوقۇغانلىقىدىن تارتىپ سۆزلەپ، ئاخىرىدا ھىندىستاننى ئەنگىلىيىلىكلەردىن ئازات قىلىش يولىدا قانداق كۈرەش قىلىپ شەھىت بولغانلىقىچە سۆزلەيدىغان. شۇ كىتابمۇ تەرجىمە قىلىنسا ياخشى بولاتتىكەن. مەن قىلاي دېسەم بالىلىرىم ھاردۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ.

layike يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 22:06:05

1- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ زاتنىڭ «مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى؟» ناملىق كىتابى ئەڭ مەشھۇر.

مۇسۇلمانلارنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بېرىقى چۈشكۈنلىشىشىنى نوقۇل مۇسۇلمانلارنىڭ پاجىئەسى دەپ قارىماي، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانىيەتنىڭ پاجىئەسى دەپ يەكۈنلەيدۇ. ھەقىقەتەن ئېسىل كىتاب.


لېكىن، ئېچىنىشلىق يېرى، ئىزدىنىشتىكى ۋە جەمئىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان زىيالىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشىنى مۇقەررەرلىك، مۇسۇلمانلارنىڭ، دىننىڭ سەۋەنلىكى دەپ قارايدۇ. مەن بۇنداقلارنىڭ پىكرىگە مەنسىتمەسلىك بىلەن كۈلۈپ قويىمەن، چۈنكى مۇسۇلمانلار تا ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن باشلاپ بۈگـۈنگىچە نەچچە گۈللەندى؛ نەچچە چۈشكۈنلەشتى، يەنە گۈللىنىدۇ...


مۇسۇلمانلىقنى بىر مىڭ تۆت يۈز يىلدىن باشلانغان دەپ ئويلاپ قالماڭ، بۇ دىننىڭ يىلتىزى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ بار، پەقەت دىننىڭ يىلتىز، غوللىرى ئۆز پېتى قېلىپ، شاخلىرى ئۆزگەردى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا مۇكەممەللەشتى.



يۇقارقى كىتابنى تۇۋەندىكى بوشلۇققا يوللاپ قويدۇم


http://pan.baidu.com/share/link?shareid=285285&uk=1530156771


لازىم بولغانلار چۇشۇرۋالساڭلار بۇلىدۇ .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 02:02:56

5- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئافىيفي، بۇ كىشى مۇسۇلمان جەمىيتىنىڭ چۈشكۈنلىشىنىڭ سەۋەبىنى نىمە دەپ كۆرسىتىدىكەن؟




بۇ كىتابتا ئۇچۇر بەك مول، سەييىد قۇتۇپ، دۇنيانى ئالقىنىمىزغا كىچىكلىتىپ كۆرسىتىپ بەرگەن كىتاب، دەپ باھا بېرىپتىكەن، مەنچە ئاۋۇ چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇپ بېقىڭ...


بايا ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىغا دىگەن نۇتۇق خاتىرىسىنى ئوقۇدۇم. بىرىنجى تەسىراتىم پىكىرلىرىنى ئابدۇقادىر داموللامغا ئوخشاتتىم. نەزىرى كەڭ، بىلىملىك زاتكەن.


ئۇ كىتابىنى چۈشۈرۋالدىم، ئالدىرماي ئوقۇپ چىقارمەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 12:15:47

7- قەۋەتتىكى begir3نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ ‹دەۋەتچى› دىگەن سۆز ‹پەيغەمبەر› دىگەن سۆز بىلەن بىر مەنىداش كېلەمدۇ ؟

مېنىڭچە ئوخشىمايدۇ ،

چۈنكى پەيغەمبەر دىگەن پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتائالا ئىنسانلارغا مەخسۇس ئەۋەتكەن ئەلچى

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 12:48:00

maraz886نىڭ تېمىسىدىن نەقىل

نەسەبى ئابدۇللا ئەلئەشئەرىي ئىبنى مۇھەممەن زىننەفسىززەكىيە ئبنى ئابدۇللا ئەلماھىس ئبنى ئەلھەسەن ئەلمۇسەتتا ئبنى ئەلھەسەن ئەسسەبىت ئىبنى ئەلى ئبنى ئەبۇ تالىپقا تۇتىشىدۇ.





يائاللا دەھشەت ئۇزۇن پويىزدەكلا ئىكەنغۇ ئىسمى !


mastura يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 13:05:04

قەستەن سورامسىلەر، يا ئۇيغۇرچە گەپنى راستلا چۈشەنمەمسىلەر بىلمىدىم، دەۋەتچى دېگەن ئۇيغۇرچە گەپقۇ، بىرەر نەرسىگە دەۋەت قىلغۇچى دېگەن گەپ. ئەجىبا رەسۇلۇللاھتىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمىگەنلىكى ھەم كەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەمسىلەر؟؟؟

@elbilge : بۇ بىر كىمنىڭ ئىسمى ئەمەس، مۇشۇ ئەجداتلىرى ئارقىلىق نەسەبى رەسۇلۇللاھنىڭ كۈيئوغلى ھەم تۆتىنچى خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتىشىدۇ دېگەن گەپ.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 13:14:09

10- قەۋەتتىكى masturaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



@elbilge : بۇ بىر كىمنىڭ ئىسمى ئەمەس، مۇشۇ ئەجداتلىرى ئارقىلىق نەسەبى رەسۇلۇللاھنىڭ كۈيئوغلى ھەم تۆتىنچى خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتىشىدۇ دېگەن گەپ.



يا ئاللا ، بىراقلا ئادەم ئاتىمىزغىچە ئۇلىۋەتمەي، نەسەبى تېخىمۇ ئېنىق بوپ كېتەتتى ئەمەسما\"\"

mastura يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 13:22:09

@elbilge : «ئى مۆمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (اﷲ نىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن» قۇرئان كەرىم ھۇجۇرات سۈرىسى 11-ئايەتنىڭ بېشى.

يوق يەردىن تۈك ئۈندۈرۈش قاچانلاردىن بېرى ئوغۇل بالىغا يارىشىدىغان بولۇپ قالدىكىن، بىلمىدىم.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 14:07:32

1- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لېكىن، ئېچىنىشلىق يېرى، ئىزدىنىشتىكى ۋە جەمئىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان زىيالىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشىنى مۇقەررەرلىك، مۇسۇلمانلارنىڭ، دىننىڭ سەۋەنلىكى دەپ قارايدۇ. مەن بۇنداقلارنىڭ پىكرىگە مەنسىتمەسلىك بىلەن كۈلۈپ قويىمەن، چۈنكى مۇسۇلمانلار تا ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن باشلاپ بۈگـۈنگىچە نەچچە گۈللەندى؛ نەچچە چۈشكۈنلەشتى، يەنە گۈللىنىدۇ...




نۇرغۇنلىرىمىزدا (مەيلى دىندا ئوقۇغان بولسۇن، ياكى دىندا ئوقۇمىغان بولسۇن) ئىسلامنىڭ ئۆزىنى، خۇدانى ۋە دىننى چۈشەنمەسلىك بار. شۇڭا بەزىلەر سەۋەپنى دەرھال دىندىن ئىزدەشكە ئۇرۇنىدۇ. ئازراق دىندا ئوقۇغانلار بولسا، دەرھال پەتىۋا پىچىشقا ئالدىرايدۇ.


قوشۇلامسىلەركىن، بىلمىدىم. مەن دىنى تېمىلار توغرىلىق بەزى دىندا ئوقۇغانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان چاغلىرىم بولدى، ۋە كەمتۈكلۈك بىلەن چىقارغان خۇلاسەمدە، دىندا ئوقۇغان ياكى دىنى تەلىم تەربىيە ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇغانلارنىڭ، مەسىلىلەرگە باھا بېرىشى، ياكى پەتىۋا پىچىش ئۇسلۇبى، ئۇلار ئوقۇغان مەكتەپلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى بىلەنمۇ بەك مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، گەرچە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئۆگىنىدىغان ئىش بولسىمۇ. (ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن)


شەخسەن، تۈركىيەدە دىنى بىلىملەردە ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان قېرىنداشلىرىم بىلەن سۆھبەتتە بولغان چاغدا، ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرگە بەرگەن ئوبىكتىپ باھالىرى ۋە تەھلىللىرىنى ئاڭلىغاندا ئۇلارغا بولغان قايىللىقىمنى يوشۇرۇپ قالالمايمەن. مەسىلەن، تۈرك دىنى زاتلىرىمۇ خەتنە قۇرئان قىلغان چاغلىرىدا، ئەرەپچە بىلەن تۈركچىنى تەڭ قىلىدۇ. بىزگە ئوخشاش ئەرەپچە چۈشەنمەيدىغانلار، ئاڭلاپ نېمىلەرنىڭ ئېيتىلىۋاتقىنىنى بىلەلەيمىز.


باشقا بەزىبىر ئەرەپ دۆلەتلىرىدە تەربىيە ئالغان قېرىنداشلىرىمىزدا، نىسبەتەن قاتتىقلىق (رادىكاللىق دەمدۇق)نى كۆرۈپ يېتىمەن. بىرەر مەسىلىگە تون پىچىشى بەكلا كەسكىن. بۇ مېنىڭ شەخسى تەسىراتىم.


ئۇنىڭدىن سىرت، دىندا ئوقۇپ بىلىمىنى كۈچەيتكەن بەزى قېرىنداشلىرىمىز، دەرھاللا بۇرۇنقىنى ئىنكار قىلىشقا ئالدىراپ كېتىدۇ. مەسىلەن، بەزى تېمىلاردا، \"ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى\" دېگەن ئاتالغۇنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن خىرىستىيانلارنىڭ بارلىقى راست، لېكىن بىز تېخى ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان، ياكى ئەمەس دەپ بۆلگۈدەك سەۋىيەگە يەتمىدۇق (ئۇنداق بولمىسۇن ئىشقىلىپ).


قىزىل رەڭدە بوياپ قويغان يەرلەردىكى پىكرىم يۇقىرىقىدەك، يېشىل ئۈچۈن \"\"


بەزىدە، دىنى ئەھكاملاردىن قوپۇپ، تون پىچىشقا ئالدىرايدىغانلارنى كۆرگەن چېغىمدا، نېتزىنىڭ \"خۇدا ئۆلدى\" دېگەن گېپى ئېسىمگە كېلىدۇ دەرھال. بەزىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن خۇدا ئۆلگەن ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن.

maraz886 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 16:41:14

9- قەۋەتتىكى elbilgeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

maraz886نىڭ تېمىسىدىن نەقىل

نەسەبى ئابدۇللا ئەلئەشئەرىي ئىبنى مۇھەممەن زىننەفسىززەكىيە ئبنى ئابدۇللا ئەلماھىس ئبنى ئەلھەسەن ئەلمۇسەتتا ئبنى ئەلھەسەن ئەسسەبىت ئىبنى ئەلى ئبنى ئەبۇ تالىپقا تۇتىشىدۇ.





يائاللا دەھشەت ئۇزۇن پويىزدەكلا ئىكەنغۇ ئىسمى !



بۇنىڭ ھەممىسىنى بىر ئىسىم دىمەي مەرھۇمنىڭ ھايات شەجەرىسى دەپ چۇشىنە دەپ ئويلاپتىمىيكەن مۇنا  ئۆزلىرىنى .....





ئاتتىلا يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:59:41

\"\"

ئاتتىلا يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 12:01:13

ھەراست چۈشۈرۈش ئادرىسىنى؟

مەن قاچاندىن تارتىپ تىما يازالايمەن؟
بەت: [1]
: مۇسۇلمان ئالىمى ۋە دەۋەتچىسى سەييىد ئەبۇلھەسەن ئەلھىندىي ئەننەدەۋىي