kumuray يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 10:29:17

مۇراتجاننىڭ يىقىنىقى كىسەللىك ئەھۋالىدىن قىسقىچە ئۇچۇر

تۇنۇگۇن شەرقىي جۇڭغارىيە نىفىتلىگىدىكى قىسمەن ئشىچى-خىزمەتچى ۋە پىنسىيونىرلاردىن يىغىلغان ئىئانە پۇلنى ئىلىپ شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا 1-بالىلار بۆلۇمى 13-كارىۋاتتا يىتىپ داۋالىنىۋاتقان قەيسەر ئوغلىمىز-مۇراتجاننى يقلاپ كىردۇق.مەلۇم بولدىكى،بۇ قىتىملىق داۋالاش مۇۋاپىقىيەتلىك بولسىلا،مۇراتجان ئىلىك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرسا بولىدىكەن،ئاللاغا شۈكرىلەر بولسۇنكى،مۇراتجاننىڭ چوڭ ئاچىسىنىڭ ئىلىكى 98% ماس كىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئوپىراتسىيە ئۈچۈن 300مىڭ سومدىن ئارتۇق كىتىدىكەن....ھازىرقى داۋالىنىش ئۈچۈنمۇ خەجلىنىۋاتقان راسخۇتنى ئاران تەييارلاپ كىتىۋاتقانبۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆينى سىتىپ بولسىمۇ داۋالايدىغانلىغىنى يىغلاپ ئىزھار قىلىشتى....مۇشۇ تىمىنى كۆرۈۋاتقان قىرىنداشلار،ئاپتونۇم رايۇنىمىزداياشاۋاتقان ھەر بىرىمىز ئورتاق ئاز-تولا ياردەم قىلساق،بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىمۇ ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالمىسا

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 20:40:38

تۆبە گۇناھنى يەيدۇ ، سەدىقە بالا قازانى يەيدۇ ! بۇھەقتە پەيغەمبىرىمىزدىن كەلگەن مەلۇماتلار كۆپ قېرىنداشلار !

سەدىقە خەيرى ئېھساننى قانچە كىرەك مۇھتاجلىقى كۈچلۈك جايغا بەرسە ئەجرى ساۋابى شۇنچە كۆپ بۇلىدۇ ، بۇ ئائىلە مۇشۇ ئىككى يىلدىن بۇيان بەكلا ئېغىرچىلىقتا قالدى نامازخان بىر ئېتىقادلىق ئائىلە ئىدى ، ئازنى ئاز كۆرمەي كۆپنى ئايىماي ياردەم قۇلىمىزنى سۇنىلى قېرىنداشلار !

kumuray يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 13:48:36

ئەسلىدە مۇراتجاننى ئوغلۇم بىلەن سۈرەتكە تارتقان ئېدۇق،لىكىن رەسىم يوللاشتىكى ئىنگىلىزچە خەتلەرنى بىلەلمەي يوللىيالمىدىم..... \"\"
بەت: [1]
: مۇراتجاننىڭ يىقىنىقى كىسەللىك ئەھۋالىدىن قىسقىچە ئۇچۇر