wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 21:26:43

«بىر سوم پىلانى»غا كىچىك خۇلاسە

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ساخاۋەتچى تورداشلار ،بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىق پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى داۋام ئېتىشى ،ئۇچۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئاشكارا بولۇشى ،كىرىم چىقىم ئەھۋالىنىڭ قەتئىي ئېنىق بولۇشىنى تېخىمۇ ياخشى  قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ  قېتىمدىن تارتىپ يىلدىكىدەك ھەر يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى بىرلا قېتىم خۇلاسە يېزىپ ئاشكارا قىلىشتىن ،ھەر ئايدا كىرىم ئەھۋالىنى قىسقا بىر خۇلاسە قىلىپ يېزىشنى لايىق تاپتىم .يەنە بىرگە ئىلگىركى 7يىلدا تۇتۇلغان ئىئانە جەدىۋىلى بىر  تىزىملىك بولۇپ بۇ تىزىملىككە ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىپ بويىچە كارتىغا ھەر قايسى جايلاردىن ئۇرۇلغان پۇلنىمۇ ،ماڭا نەق تەكگەن ،ھاۋالە ئارقىلىق  ئەۋەتىلگەن پۇللارنىمۇ يازغان ئىدىم ،بۇ قېتىم ئويلىشىش ئارقىلىق ئاساسلىق يىل ئاخىردا بانكىدىن چىقارتقان يىللىق پۇل كىرىش ئەھۋالى بىلەن دەپتەرگە خاتىرلەنگەن  پۇلنى بىرمۇ بىر ئېنىق بىلىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن  پۇل تىزىملاشقا ئىككى دەپتەر ياسىدىم ،بۇنىڭ بىرى مېنىڭ  قولۇمغا تەگمىگەن يەنى كارتىغا بىۋاستە ھەر قايسى جايلاردىن ئۇرۇلغان پۇل ،بۇ تىزىملىك بىلەن بانكىنىڭ چىقارغان ئايلىق ھېسابات خاتىرىسىنى مۇتلەق جىپسىلىشىدۇ .يەنە بىرگە كارتىغا ئۇرۇلغان پۇللاردىن بىزنىڭ كارتىدىن تۇتۇلغان قىسمىنىمۇ بىلگۈلى بولىدۇ (ئادەتتە بۇنداق ئۇسۇلدا تۇتۇلغان  پۇلغا بانكىدىن قىسقا ئۇچۇر كەلمەي بېشىدا ئۇرۇلغان پۇل ئۈچۈنلا ئۇچۇر ئەۋەتىلىدىكەن )


بۇ دەپتەرگە پۇل بەرگۈچىنى يازغاندا ئىسمى ئېنىق بولغان يەنى ماڭا ئۇچۇر قىلىپ ئەسكەرتكەنلەرنىڭ تېلىفون نومۇرى بىلەن ئىسمىنى يازدىم ،نامسىز  كەلگەن پۇللارغا  بانكا خاتىرىسىدا كۆرۈنگىنى بويىچە ئەۋەتىلگەن شەھەرنىڭ ئىسمىنى ئەسكەرتتىم .


نەق پۇل ھېسابات خاتىرىسى ئاساسلىقى بورتالا شەھىرىدە ماڭا بىۋاستە بېرىلگەن ياكى ھاۋالە قىلىپ ئەۋەتىلگەن پۇللار .بۇ پۇللارنى بەرگۈچىلەرگە يىل ئاخىرى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىزىم دەپتىرىنى كۆرسىتىپ شۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇپ  يىل ئۆرۈلگەندە مۇشۇ تىزىملىك دەپتەرلەرنى فوتو نۇسخىلاپ  مۇشۇ يىلدا ئېچىش پىلانلانغان  "بىر سوم پىلانىنىڭ قوش تىللىق تور بېكىتىدە ئېلان قىلىمەن .


1-ئايدا كارتىغا كىرگەن پۇل 7238 سوم ؛


1-ئايدا ماڭا نەق كەلگەن پۇل 7165 سوم ؛(بۇ پۇللارنى بەرگۈچىلەر ئاساسلىقى ئۇرۇق تۇغقان ،دوسىت بۇرادەرلەر )


جەمىئىي :14403 سوم پۇل ؛


بۇنىڭدىن "180 مىڭ سوم يىغىشقا ئاتلاندىم دېگەن مۇراجەتنامىدىكى قىزغا  ھاۋالە قىلىنغان پۇل 10865سوم .بۇ پۇل بىمانىڭ بانكا كارتىسىغا يوللاپ بېرىلدى .



ئاخىردا بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىق  پائالىيىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بارلىق ساخاۋەتچى تورداشلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .


بىلدۈرگۈ :چ چ غا كۆپ چىقالمايمەن ،سورايدىغان ئىشلار بولسا مۇمكىن بار ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقە قىلساق .


ھۆرمەت بىلەن ۋاپادارىم912


بورتالا توك ئىدارىسى خىزمەتچىسى .


يانفون (ئۈندىدار ):13565777257


چ چ (ئۈندىدار ):365199404

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 00:53:45

خۇدايىم ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندېشىم!

itarim يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 10:36:41

بىر سوم پىلانىغا قانداق پۇل ئىئانە قىلىمىز ؟ بانكا كارتا نۇمۇرى ۋە باشقا پۇل ئەۋەتىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار ....

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 14:44:41

ۋاپادارىم سىلنىڭ شەھەردە ئامانەت قەرىز بانكىسى يۇقما ؟نەچچە سورۇدۇم سىلدىن ياكى ئامانەت قەرىز بىلەن جىدەللىشىپ قالغانمۇ ؟بىزگىمۇ قولايلىق بىرىڭلار مانداق ئانچە مۇنچە سەپ قۇيىلى بىزمۇ

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 16:31:26

ئادەم كۆپ كىرىدىغان توربەتلەرنىڭ بۇ ئىشنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرسەڭلار بولمامدۇ؟ تەشۋىقات كەڭرەك بولسا

birdil يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 16:56:39

ئەيساجان دوستۇم، سىزنى قوش-قوللاپ قوللايمىز. ئاللاھ سىزگە بۇ ئىشنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرالايدىغان چىدام-غەيرەت ئاتا قىلسۇن.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 21:06:38

3- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋاپادارىم سىلنىڭ شەھەردە ئامانەت قەرىز بانكىسى يۇقما ؟نەچچە سورۇدۇم سىلدىن ياكى ئامانەت قەرىز بىلەن جىدەللىشىپ قالغانمۇ ؟بىزگىمۇ قولايلىق بىرىڭلار مانداق ئانچە مۇنچە سەپ قۇيىلى بىزمۇ

بۇ ئىش باشلانغاندىن تارتىپ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىغىچە يىغىلغان پۇل 101مىڭ489سوم بولدى .گەرچە بۇ پۇللار 7يىلدا ئاز  ئازدىن يىغىلغان پۇل بولسىمۇ لىكىن رەسمىيەتسىز ھالدا بۇ ئىشلارنى ئېلىپ بېرىشنىڭ خىيىم خەتىرى يوق ئەمەس . گەرچە ساخاۋەت ئىشى بولسىمۇ ..


مەن چوقۇم كىرگەن پۇل بىلەن چىققان پۇلنى بىرمۇ بىردىن ھېسابات قىلىپ ھەممىگە يۈز كېلەلىشىم كېرەك ،ھېساباتقا قولاي بولۇش ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت بېشىدا بېجىرگەن يېزا-ئىگىلىك كارتىسىنىلا ئىشلىتىۋاتىمەن .بۇمۇ يىللىق تەكشۈرۈش ۋە خۇلاسىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ،توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن ....

بەت: [1]
: «بىر سوم پىلانى»غا كىچىك خۇلاسە