bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 19:58:38

ئەيساجان، «بىر سوم پىلانى» غا ئاتالغان 1-ئايلىق پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى، ئاق بۈركۈت تورى بۇ يىل 10-ئايدىن بېرى بىكەت مۇلازىمىتىر چىقىمىنى قامداش ۋە ئىزدىنىشتا يولغا قويۇلىۋاتقان <بىر سوم پىلانى> غا ياردەم قىلىپ موقىم كىرىم مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ھەر بىر فىلىمنى بىر يۈەندىن سېتىپ چىقىرىشنى يولغا قويغان، بۇ جەرياندا كەڭ تورداشلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 10-ئايدا پىلاننى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشتۈرۈپ، ئاي ئاخىرىدا 371.25يۈەن پۇل ئايرىغان، بىراق مۇنبىرىمىزدىكى بىر سوم پىلانىنىڭ قۇرغۇچىسى  ۋە ئىجراچىسى ئەيساجاننىڭ ئالدىراش بولۇپ قېلىشى سەۋەپلىك پۇلنى يەتكۈزۈپ بېرىپ بولالمىغان، ئەمما بىز بۇ پۇلنى 400 يۈەن قىلىپ كۆيۈك ئازابىدا پۇچۇلىنىۋاتقان بىر ئانىغا ياردەم قىلدۇق، ئشىنىمىزكى تورداشلارمۇ بىزنىڭ بۇ ھەركىتىمىزنى قوللىغۇسى.


11-ئايدا بىر سوم پىلانىغا 321.5 يۈەن پۇل يىغىلغان، بۇنى گودلاك بۇرادەر ئارقىلىق ئەيساجانغا ئەۋەتىپ بەردۇق.


12-ئايدا 183.5 يۈەن يىغىلىپتىكەن، بۇنى گودلاك بۇرادەر ئارقىلىق ئەيساجانغا ئەۋەتىپ بەردۇق.


2013-يىلى 1-ئايدا 237 يۈەن يىغىلىپتىكەن، بۇنى تۈنۈگۈن گودلاكقا ئەۋەتىۋەتتۇق، ئەيساجانغا يوللاپ بېرىدۇ.


بىز بۇنىڭدىن كىيىن مەلۇم مەزگىلدە بىر ھىسابات قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن يىغىلغان پۇلنى <بىر سوم پىلانى> غا ياردەم قىلىشقا تىرىشىمىز.


مەن ئاق بۈركۈت تورى نامىدىن مۇنبىرىمىزنى قوللاپ كۈچ چىقىرىۋاتقان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.


ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى


http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3936&extra=&page=1




ئاق بۈركۈت تورىمىز ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تەرەققىياتى ۋە بىر سوم پىلانىغا يەنىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن ئۆز ھەسسىنى قوشۇشنى خالايدىغان تەرجىمانغا ئېھتىياجلىق، ئىختىيار قىلغان تورداشلارنىڭ تەرجىمە سېپىمىزگە قوشۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز  

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 21:28:23

سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن بۇرادەرلەر ، گەرچە ئۆزۈم بۇ تورغا كۆپ چىقالمىساممۇ لىكىن مۇمكىنچىلىكى بار يەرلەردە سىلەرنىڭ تەشۋىقاتىڭلارنى قېتىپ قويىۋاتىمەن ھەم قويىمەن .....

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 09:10:59

مېنىڭ ئالىپاي ھېسابىمغا 237 سوم كىرىپتۇ، بانكىغا ئاغدۇرۇپ قويدۇم. ھېسابقا كىرگەندىن كېيىن ۋاپادارىمغا يەتكۈزىلىدۇ.

ئىشلىرىڭلار يۈرۈشۈپ كەتكەي بۇرادەرلەر!
بەت: [1]
: ئەيساجان، «بىر سوم پىلانى» غا ئاتالغان 1-ئايلىق پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىڭ