choice يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 15:05:19

[تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىلىپ‹‹دۆتلەشتۈرىۋاتىدۇ››؟

(بۇ ئەسەر مويەننىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىگە ئاساسەن ئەينەن تەرجىمە قىلىندى)


بىر توپ كۆز بويامچى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى يوشۇرۇپ يۈرگىنىگىمۇ 20نەچچە يىلدىن ئاشتى، ئىچىمىزنى ئەڭ ئېچىشتۇردىغان ئىش زادى نىمە؟ بۇ دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات جۇڭگۇ مائارىپى تەرىپىدىن‹‹دۆتلەشتۈرۈلۈپ›› تەربيىلىنىۋاتانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ  ھىچنىمە قىلالمايۋاتقانلىمىزدۇر.

جۇڭگو مائارىپىنىڭ چوڭ تۆھپىسىدىن بىرى شۇكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى ئىمكانقەدەر ئوخشاش ‹‹بىرلا كاللا››  قىلىۋېتىشتۇر.

ھازىرقى زامان مائارىپى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرىدىغان بولىشى كېرەكمۇ ياكى خاسلىقنى يوقىتىپ ئىجادچانلىقىنى تۇنجۇقتىرىدىغان بولىشى كېرەكمۇ؟ توغرا جاۋاپ ئەلبەتتە ئالدىنقىسى بولىشى كېرەك ئىدى.لېكىن جۇڭگونىڭ مائارىپى ئۇزۇندىن بېرى ئەكسىچە ئىش تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق تەربىيلەش نەتىجىسى كۆپۈنچە ھالدا  جۇڭگۇچە  ئىمتىھان شەكلى بىلەن ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ.جۇڭگوچە ئىمتىھان نومۇرى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئۆگۈنۈش نەتىجىسىگە باھا بېرىدىغان ئاساسلىق ئۇسۇل.كۈندىن كۈنگە ‹‹تەلەپچان›› ،‹‹ئىلمىي››ئاتالمىش‹‹ ئۆلچەملەشكەن سۇئاللار››نىغۇ دىمەيلا قويايلى، ھەممىدىن بەكرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىقىنى جارى قىلدۇردىغان ‹‹جاۋاپ بېرىش سۇئاللىرى››‹‹بايان قىلىش سۇئاللىرى››غىمۇ  ‹‹ نومۇر قويۇش ئۆلچىمى›› دىكى ‹‹ جاۋاپ مۇھىم نۇقتىلىرى›› ئارقىلىق نومۇر قويۇلۇۋاتىدۇ.نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇ ئەھۋالدا سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە ئالدى بىلەن سۇئال چىقارغۇچىنىڭ مۇددىئاسى  ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى بەكرەك گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئۆزگىچە يېزىقچىلىقتىمۇ ‹. باش تېما›› ‹. مەركىزى ئىدىيە›، ‹‹ ئەھمىيىتى›› ھەققىدە چوقۇم ‹‹ ئاكتىپ بولۇش›› ، ھەرگىز ‹. قالاق ›، بولماسلىق  چوقۇم ‹‹  مەدھىلەش›› ‹‹تەنقىت قىلماسلىق››‹‹ يورۇق تەرەپتىن يېزىش››‹‹ قاراڭغۇلۇق تەرەپلەرنى يازماسلىق›› قاتارلىق نۇرغۇن چەمبىرەك ئەپسۇنلىرى بېكىتلگەن. جۇڭگودا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشىگە باھا بېرىشتە يەنە  ئەخلاق ،يۈرۈش- تۇرۇش، تەن ساپاسى، قىزىقىش ئالاھىدىلىكى، ئىجتىمائىي ئەمىلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئەلبەتتە، بىراق  نومۇر بىلەن ئەزىمەتلەرنى ئۆلچەيدىغان جۇڭگوچە ئالىي مەكتەپ ۋە  ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانلىرى ئالدىدا بۇ نەرسىلەر ھەممىسى يەنىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

بۇنداق ئىمتىھان ۋە باھالاش ئۇسۇلىنىڭ ھالاكىتى كۈندىلىك ئوقۇتۇشقىمۇ سىڭىپ كىرگەن بولۇپ  بارلىق سۇئاللارنىڭ جاۋاپلىرى ئوقۇتۇش  پايدىلىنىش ماتىرىيالىدا كۆرسىتىلگەن ياكى مەشق كەينىدە بېرىلگەن پايدىلىنىش جاۋاپلىرىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. مەسلەن   思想统一,共同努力 دىگەن سۆزنى تۇراقلىق ئىبارە بىلەن ئىپادىلەڭ دىگەن بولسا  پەقەت 同心协力 دەپلا يېزىشقا بولىدۇ،齐心协力 دەپ يېزىشقا بولمايدۇ. 《刻画描摹得非常逼真》 نى پەقەت 惟妙惟肖  دەپلا يېزىشقا بولىدۇ لېكىن 栩栩如生    دەپ يېزىشقا بولمايدۇ. مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ماقالە تاپشۇرۇقىغا ئۇ ئۆيدىكى بىر تەشتەك گۈلنى يازغان بولۇپ ، ئوقۇتقۇچى تۆۋەن نومۇر قويۇپ، ماقالىگە گۈلنىڭ روھىنى يېزىپ چىقىلماپتۇ مەسلەن ئاكتىپ ئالغا باسدىغان، تىرىشىپ پورەكلەپ ئېچىلغان... دىگەندەك مەزمۇنلار يېزىلماپتۇ دەپ باھا  بېرىلگەن. يەنە بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى  مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندىكى ماقالىدە شۇ يېزىدىكى تاماكا تارماقلىرىنىڭ  تاماكا سېتىۋىلېىشتىكى ناچار كەيپىياتلارنى، زورلۇق- زومبۇلۇقلىرىنى ئاشكارىلاپ ماقالە يازغان بولۇپ، ماقالىگە تۆۋەن نومۇر قويۇلۇپ،  ئوقۇتقۇچى ‹‹بۇنداق تېمىدىكى ماقالىنى يازغاندا ئېھتىيات قلىش كېرەك››- دەپ باھا يازغان. بۇنداق ناچار قىلمىشلارنى نەچچە دۆۋە كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىقساقمۇ تۈگىمەيدۇ ، ھەرقايسى زاتلارمۇ بۇنىڭدىن خەۋەردار، شۇڭا بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك توختىلىپ تۇراي.

جۇڭگو مائارىپىنىڭ ئىككىنچى زور تۆھپىسى شۇكى   ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقى ‹‹ ئۆگۈنۈش››تىن ئۈنۈملۈك ھالدا ئايرىپ قويۇش.

ھەقىقى ئۆگۈنۈش ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشپ تۇرۇپ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ھىس قىلىش  ئارقىلىق ئېرىشكەن يېڭى بىلىمى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانسىراش، ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرەلەيدىغان ، ئاڭلىق رەۋىشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاكتىپ قاتنىشىدىغان جەريان  ،تۈپ ماھايەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا لەززەتلىك قىزىقارلىق جەريان بولىشى كېرەك ئىدى.بىراق جۇڭگو مائارىپى ئوخشاشلا ئۇزۇندىن بۇيان ئەكسىچە يول تۇتۇپ كەلدى. بۇنىڭغا جانلىق مىسالدىن بىردىن كەلتۈرۈپ بېرەي: خىزمەتدىشىمىنىڭ ئېيىتپ بېرىشىچە  ئۇنىڭ ئوغلى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە يېڭى ماكتەپ پۈتتۈرۈپ چىققان تەبىئەت دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ دەرس ئۆتكەندە ھەمىشە ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا ئەپچىقىپ بالىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قۇرۇت قوڭغۇزلارنى ،تۇتقۇزۇپ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى ئۈزدۈرۈپ، گۈل- گىياھلارنى كۆرسىتىپ، لاي- پاتقاقلارنى ئوينىتىپ، بالىلارنى ھەمىشە تەجرىبە ئىشلەشكە  ‹‹قۇترىتىپ›› تۇرىدىكەن ،شۇنىڭ بىلەن سىنىپ ئىچى‹‹قالايمىقانلىشىپ›› كېتىدىكەن،ئوقۇغۇچىلارمۇ‹‹ چەكتىن ئېشىپ›› كېتىدىكەن. بىراق ئىمتىھان نەتىجىسى يەنىلا ئەزەلدىن بالىلارنى تەجرىگە ئۇيۇشتۇرماي، سىنىپ ئىچىدە يۇۋاش- يۇمشاقلىق بىلەن  كىتاپتىكى جاۋاپلارنى يادلىتىدىغان‹‹ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى››لارنىڭ سىنىپ نەتىجىسىدىن كۆپ تۆۋەن چىقىدىكەن. نەتىجىدە بۇ يېڭى ئوقۇتقۇچى مەكتەپ مۇدىرىدىن تەنقىد ئىشتىپتۇ، سىنىپ مەسئۇلىمۇ سىنىپنى‹‹ قالايمىقان›، قىلۋېتتەڭ دەپ بۇ ئوقۇتقۇچى ئەيىپلەپتۇ. بۇ ئوقۇتقۇچى ئەلەم ۋە چارىسىزلىقتا  ئاخىرى پىشقەدەملەرنىڭ‹‹ئىلغار تەجرىبىسى››دىن ئورنەك ئېلىشقا مەجبۇر بوپتۇ.بۇنداق مىساللارنى ساناپ تۈگەتكۈسىز. جۇڭگوچە مائارىپنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى نومۇر ئالغۇزۇش، پەقەت ئىمتىھاندا ياخشى نومۇر ئالىدىغان ئىش بولسىلا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ھەرقانداق چارە -ئامالنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ باقىمىز.ھالبۇكى ھەممىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بولغان ئۆگۈنۈش جەريانى ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ھىس قىلىش جەريانى، ئۆگۈنۈش جەريانىدىن لەززەت ئېلىش قاتارلىقلارنى بولسا ئىمكاننىڭ بېرىچە بىر چەتكە قايرىپ قويىمىز.بۇ خىل ئۇسۇلنى تېخى   ئۆزىمىزچە   ‹‹ئوقۇتۇش ئۈنۈمى›› دەپ سەپسەتە ساتىمىز.ئەمىلىيەتتە بۇ   سۇئال ئامبىرى بىلەن ئېلىشىش جېڭى،مىخاينىك ھالدا سىڭدۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇنى سۇبېي قاتارلىق بەزى جايلاردا ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا ئۈلۈك ھالدا مايسىنى مەجبۇرى تارتىپ ئۆستۈرۈش دەپ تەسۋىرلەشتى. جۇڭگو مائارىپىدا تەربيىلەپ چىقىلغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى نىمىنىڭ كۈتۈپخانا، ماتىرىيال ئامبىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ئەزەلدىن ئەڭ دەسلەپكى ماتىرىيالنى ئىزدەپمۇ باقمايدۇ ھەم نەزەرگە ئىلمايدۇ.-بىراق مۇنداقچە ئېيتقان نۇرغۇن جايلاردا ھەقىقى مەنىدىكى كۈتۈپخانا ماتىرىيالخانىلارمۇ يوق،شۇڭا كۆپۈنچە ھالدا ئوقۇغۇچىلار ھەقىقى بولغان ئەڭ دەسلەپكى ماتىريالللارنىمۇ كۆرۈشكە قادىر ئەمەس ئەلبەتتە.—ئاخىرىدا يىغىپ ئېيتساق ھەممە جاۋاپ دەرسلىك كىتاپلار بىلەن مىسال توپلانمىلرىدا شەك-شۈبھىسىز ھالدا ئېيتىپ بېرىكلىك.

ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە شۈبھىسىز مۇتلەق ھەقىقەت بارمۇ؟

بار.—

نەدە؟

دەل  جۇڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپ ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سىياسى دەرسلىكلىرىدە بار.

مائارىپ دىگەن ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلاردا پەرەز  قىلىش،تەكشۈرۈش ئىزدىنىش روھىنى؛ پىكىر قىلىش، سېلىشتۇرۇش، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرشى كېرەك ئىدى، بىراق  جۇڭگونىڭ مائارىپ دەل ئەكسىچە  بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۈبھىلىنىش روھى، تەكشۈرۈش جۈرئىتىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇش ۋە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىدىكى مۇتلەق توغرا جاۋاپقا بولۇپمۇ سىياسى تەربىيە ئوقۇشلىقلىرىنىڭ مۇتلەق توغرىلىقغا ئىشىنىشكە يېتەكلەۋاتىدۇ،  چۈنكى شۇنىڭدىكى جاۋاپ بويىچە سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە يۇقۇرى نومۇر ئالغىلى بولىدۇ ، بولمىسا تەس كۈنگە قالىدىغان گەپ.تېخى ئۇنداق قىلمايدىغان بولسىڭىز كەلگۈسىڭىز تۈگىشىدۇ،  ئاشۇ تەلىم تەربىيە ساۋاقلارنى ئەمىلىيەت بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ بۇ نەرسىلەرنىڭ ساختا،بىمەنە ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق بولسىمۇ ،بىراق سىز ئۇنىڭدىن شۈبھىلەنسىڭىز بولمايدۇ ھەم شۈبھىلىنىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايسىز.ئۇنداق قىلىشقىمۇ يول قويۇلمايدۇ، بولۇپمۇ ئىمتىھاندا تېخىمۇ شۇنداق. بۇ تېمىنى يەنە سۆزلەۋەرسەك يەنە خاتالىق چىقىدۇ، شۇڭا بۇ گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.

بۇنداق‹‹ ئۆگۈنۈش›› ئەلبەتتە ئازاپلىق بولىدۇ، ھەقىقى لەززىتىمۇ بولمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈشتىن بىزار بولۇش نىسبىتى دۇنيا بويىچە مۇتلەق بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا جۇڭگولۇق‹‹ ناچار ئوقۇغۇچى››مۇ مەيلى مۇتلەق ياكى نىسبىي سان بولۇشتن قەتئىي نەزەر يەنىلا دۇنيا بويىچە بىرىنچىدۇر.ئېسىمدە قېلىشىچە جۇڭگو ياشلار گېزىتىدىكى بېرىلگەن مەلۇم خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ھەربىر سىنىپتىن 10نى بىرلىك قىلغان نىسبەت بويىچە ھېساپلىغاندا جۇڭگودىكى ئاتالمىش‹‹ ناچار ئوقۇغۇچى››نىڭ سانى 40، 50 مىليۇندىن ئاشىدىكەن، بۇ خەۋەر بەزىلەرنىڭ تىتاڭ تومىرىغا تەگكەنلىكتىن تەنقىدكە  باستۇرۇپ قويۇلدى.

جۇڭگو مائارىپىنىڭ يۇقۇرقى ‹‹ ئىككى چوڭ تۆھپىسى››نى نۇرغۇنلىغان بىلىملىك زاتلار ھەم نۇرغۇن مائارىپ ساھاسىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر بۇرۇنلا پاش قىلىپ تەنقىدلىگەن ئىدى،تېخىمۇ مۇھىم مەسىلە شۇكى ئەمىلىيەتتە ئەڭ مۇھىم بولغان ساغلام تۇرمۇش ئېتىقادى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش،كىشىلىك دۇنيا قارىشى، ئەخلاق قارىشى ، قىممەت قارىشىنى توغرا تۇرغۇزۇش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشقا توغرا يېتەكلەش قاتارىلق تەرەپلەردە جۇڭگو مائارىپىنىڭ ‹دۆتلەشتۈرۈپ تەربىيىلەش›› ئۈنۈمى تېخىمۇ‹‹ روشەن›› بولىۋاتىدۇ. بىراق بۇلارغا نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا سەل قاراۋاتىدۇ.


داۋامى بار  داۋاملىق يوللىنىدۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 14:24:45

muztag قا جاۋاپ:

بۇ دۇنيانىڭ گۈزەل تەرىپىنى بىلدۈرۈش ۋە دۇنيانى ئامال بار گۈزەل قىلىپ تەسۋىرلەش ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى. دۇنيادا مۇتلەق ئادىللىق يوق، مۇكەممەل تۈزۈممۇ يوق. ئاشۇ يامان تەرەپلىرىنى تەكىتلەپ تۇرىۋېلىش بالىلارغا نىمىنى ھىس قىلدۈرىدۇ ؟ كىچىك تۇرۇپلا جەمئىيەتنىڭ رەزىل ئىكەنلىگىنى بىلىش زادى شۇنداق مۇھىمما ؟ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازى خۈنۈكلىشىپ كەتسە بالا ئوقۇشتىن قاچىدىغان بولىدۇ، ئۇنداق لاياقەتسىز تۈزۈم ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا ئوقۇشقا مەجبۇرلىشىڭىزنى بالا تېخىمۇ چۈشەنمەيدۇ.

umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 18:00:11

گەپ دىگەننى ماندا ئوچۇق يورۇق ئولتۇرۇپ دىگەندە ئاڭلايدىغان بىر ئادەم بولسا ھە!!!!

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 18:08:00

جوڭگۇ مائارىپى «قېلىپ مائارى» دەۋاتاتتى بىرسى.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 18:45:36

مائارىپ دېگەن دۆلەت تۈزۈمىگە بېقىپ بولىدىغان تۇرسا، قىزىق مويەنكەن ئۇ. سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە كاپىتالىستىك تۈزۈمدىكى مائارىپنىڭ گېپىنى قىلىپ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 19:51:51

choice خانىم بۇ تېما بىلەن سىز يوللىغان يەنە بىر تېما(يېڭى مودا : قىزلارنى مەكتەپكە بەرمەي ئەرگە بېرىش) سەل زىددىيەتلىك بولۇپ قالدىمۇ قانداق ؟



جۇڭگۇنىڭ مائارىپى توغرۇلۇق نۇرغۇن ماقالىلەر يېزىلدى ، سەلبىي تەرەپلىرى كوپ سانلىق كىشىلىرىمىزگە ئايان  ، دىيارىمىزدا بۇ خىل مائارىپ ئۇسۇلىغا يەنە يىڭى ئىجادىيەت ، كەشپىياتلار قوشۇلۇپ ، بېسىم بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ .\"\"



..................


.............................

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 19:55:19

جوڭگو مائارىپى ئەزەلدىن بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 20:32:56

جۇڭگۇ مائارىپىنى ئوڭشاشتىن ئاساسەن ئۇمۇت يوق، ئۇيغۇر مائارىپىدىن مۇتلەق يوق

jahanger130 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 20:42:05



نېمە مويەنگە نوبىل مۇكاپاتى بەردىكى دېسەم ئەسلى بىر گەپ باركەنتۇق ئاينا.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 22:06:58

مائارىپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مائارىپنىڭ مەقسىتىنى توغرىلاش كېرەك،مائارىپنىڭ مەقسىتى ھاكىمىيەتنىڭ تەلىپىدىن ئىبارەت،بۇنى توغرىلاش ئۈچۈن يۈسۈف-زۇلەيخا فىلىمىدىكى ئىبادەتخانا كاھىنلىرىغا ئوخشاش كىشىلەرنى يوقىتىش كىرەك،بۇنىڭ ئۈچۈن خۇاشىيا مىللىتى ئۆزى كۈچىشى كىرەك،نىھانكى خۇاشىيالار قۇللۇققا كۆنۈپ كەتكەن تۇرسا.

مائارىپنىڭ ئوڭشىلىشى بەك چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى تەلەپ قىلىدۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 08:07:20

جۇڭگۇ مائارىپىنىڭ پەقەت ياخشى تەرەپلىرىمۇ يوقمىكەن ؟



ماۋۇ تىمىنى choice نىڭ ئاۋۇ \" ئوقۇتماي ئەرگە بېرىش\" تىمىسى بىلەن باغلاپ چۈشەنسەك، سەن نىمە دىمەكچى ؟



جۇڭگۇ مائارىپى جۇڭگۇنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماسلاشقان مائارىپ. جۇڭگۇ ئىقتىسادى ۋە پەن-تېخنىكىسىدىكى تەرەققىيات ئاشۇ مائارىپنىڭ نەتىجىسى. بالىلارغا تەلەپنى چىڭ قويۇش، بولۇپمۇ ماتىماتىكا، خېمىيە ۋە فىزىكا ئاساسىغا كۈچەشنىڭ ئېلىپ كەلگەن پايدىسى ناھايىتى زور، ئەلۋەتتە بالىلارغا ئېلىپ كەلگەن بېسىمىمۇ زور. ئېرىشىش بولغان ئىكەن قۇربان بېرىشمۇ بولىدۇ.

ھازىر قورسىغى توق،كىيىمى پۈتۈن بولغانلار ئەمدى بېسىمدىن قېچىپ ، 休闲رەك بولغان بىر مائارىپنىڭ ئارزۇسىنى قىلىشىۋاتىدۇ. ئۇمۇ بوپ قالا. ئەمما، ئۇنداق مائارىپ پەقەت ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ماس كېلىدۇ. شىنجاڭدىكىلەر يەنىلا \"ماشىنا ئادەمدەك\" ،\"ئات-ئىشەكتەك\" ئوقۇمىساق بولمايدۇ، بالىلارنىڭ نەتىجىسىدىكى ئاسمان-زىمىن پەرىق شۇنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ.

ئېسىڭلاردا بولسۇن، ئوقۇۋاتقان بالىلارغا مائارىپتىن قاخشاپ سۆزلەپ بەرمەڭلار، ئۇلارغا باھانە بولۇپ بېرىدۇ. بالىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆگىنىش.

choice يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 08:10:48



جۇڭگۇچە مائارىپنىڭ 3-چوڭ تۆھپىسى شۇكى ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام تۇرمۇش ئىديىسى، ساغلام تۇرمۇس ئۇسۇلى بىلەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا ئايرىۋېتىدۇ، ھازىرقى زامان مائارىپى ئەسلىدە كىشىلەرنى ساغلام تۇرمۇش ئىدىيىسىگە تۇرمۇس ئۇسۇلىغا يېتەكلىشى كېرەك ئىدى، بۇ ئەسلىدە مۇتلەق شۇنداق بولىشقا تېگىشلىك ئىش.لېكىن جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسى ھەددىدىن زىيادە ئېغىر، تاپشۇرۇقلىرى بەكلا كۆپ، سەھەر تۇرۇپ كېچە ياتمىسا بولمايدۇ، قېنىپ ئۇخلايدىغانغىمۇ يېتەرلىك ۋاقتى يوق بولۇپ چېنقىش پۇرسىتى بەك ئاز، ھەتتا يوق دىيەرلىك.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەپسۇس جۇڭگۇدا قەدىمدىن ھازىرغىچە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا يېتەكلەش ئەزەلدىن سەل قاىرلىپ كەلدى، جۈملىدىن شۇئارچىلىق بەكمۇ ئېغىر.جۇڭگۇ مائارىپى تەربيىلەپ چىققان بالىلارنىڭ پەي بوغۇملىرى قېتىپ كەتكەن، مۇسكۇللىرى يۇمشاق،يۈرۈش تۇرىشى كېلەڭسىز،ئىرادىسى بوشاڭ بولۇپ، بىر بوسا يىڭناغۇچتەك ئىنچىكە بىر بولسا بەك سەمىرىپ كەتكەن، كىچىك تۇرۇپلا كۆزئەينەك تاقىۋالغانلارنىڭ سانى ساناقسىز. بىرقانچە يىلدىن بېرى مەن تۈرلۈك دەرسخانا پائالىيەتلىرىگە، ئىمتىھان مەيدانلىرىغا كىرگىنىمدە بىر سىنىپتا كۆز ئەينەك تاقىغانلارنىڭ قانچىلىق ساننى ئىگىلەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىم نەتىجىدە بىر سىنىپتا ئاساسەن يوق دىگەندە 3دىن بىر قىسىم بالىلار كۆزئەينەك تاقايدىكەن. بەزى سىنىپلاردا بۇ نىسبەت يېرىمدىن ئاشىدىكەن،كۆز ئىچىگە كۆزئەينىكى سالغانلارنىڭ سانى قانچىلىك ئۇنى بىلمىدىم.بۇ ئەھۋالدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم.جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئوزۇقلىنىش سەۋىيسيى بارغانسېرى ئۆسىۋاتىدۇ لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى بولسا ئەكسىچە چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ جەھەتتە جۇڭگۇچە مائارىپنىڭ ‹‹تۆھپىسىگە›› سەل قاراشقا بولمايدۇ.

جۇڭگۇ مائارىپىنىڭ 4-چوڭ تۆھپسى شۇكى: ئوقۇغۇچىلارنى رىئال جەمىئەت بىلەن ئايرىۋېتىدۇ. ھازىرقى زامان مائارىپ ئوقۇغۇچىلارنى رىئاللىققا يۈزلەندۈرىشى كېرەكمۇ ياكى رىئاللىقتىن قاچۇرشى كېرەكمۇ؟ شۈبھىسىزكى ئالدىنقىسى بۇنىڭ توغرا جاۋابىدۇر . لېكىن ئەمىلىيەت قانداق بولىۋاتىدۇ؟ جۇڭگۇ مائارىپى رىئال ئەمىلىيەتنى مەكتەپ ۋە كىتاپتىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىدۇ. مەكتەپلەردە ‹‹ بېكىنمە باشقۇرۇش›، چارىسى قوللىنىدۇ دىگەن بۇ سۆز ھازىر نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ بازارلىق ئېلان تەشۋىقات سۆزىگە ئايلاندى.ئەسلىدە جەمئىيەتكە ئېچىتېلىشكە ھەممىدىن بەك تېگىشلىك بولغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى:- ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىمۇ بارا بارا ‹. بېكىنمە باشقۇرۇش››قا يۈزلىنىشكە باشلىدى.بۇنداق قىلىش گەرچە بىخەتەرلىك ،ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاشقا پايدىلىق بولسىمۇ بىراق بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىغا ئوخشاش ئالىي بىلىم يۇرتىدىمۇ پەقەت بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپ ئۈچۈنلا ‹‹ بېكىنمە باشقۇرۇش›› نى يولغا قويساق،بېكىنمە باسقۇچتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن بىز تەربيىلىگەن ئوقۇغۇچىلار رىئال جەمئىيەتكە قانداق يۈزلىنىدۇ؟بۇلارنى ھىچكىم ئويلاشقىنى يوق، بۇ ئاز كەلگەندەك، ھازىر نۇرغۇن ياتاقلىق مەكتەپلەردە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دەرۋەزىسى سىرتىغىمۇ چىقمايدۇ،تېلۋىزور كۆرمەيدۇ، تورغا چىقمايدۇ،تلۋزىور كۆرگىلى، تورغا چىققىلى قويىدىغان مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئىجازەت دائىرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك  مەزمۇنلارنى يەنى:‹‹ ئۇچقاندەك تەرەققىيات ››،‹‹كۈندىلىك يېڭى ئۆزگۈرۈشلەر ›› قاتارلىق قىسمەن نەرسىلەرنىلا كۆرەلەيدۇ مۇھىتنىڭ بارغانسىرى بۇلغىنىۋاتقانلىقىنى؛ بايلىق مەنبىيىنىڭ ئىسراپ بولۇپ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى؛نامراتلار بىلەن بايلاردىكى زور پەرقنىڭ خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان چەكتىن ئاللىقاچان ئېشىپ كەتكەنلىكىنى؛جەمئىيەتتىكى زىددىيەتنىڭ كۈندىن-كۈنگە كەسكىنىلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى... ھەرگىز كۆرمەيدۇ؛ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى ‹‹خەلق چاكارلىرى››نىڭ ھوقۇقنى قانداق قىلىپ خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈپ خەلقنى قانچىلىك سۆيۈۋاتقانلىقى بولۇپ،  ھۆكۈمەت ھوقۇقۇدىن پايدىلىنىپ كىرمىگەن مەنپەت تۆشىكى قالمىغان پارىخۇرلارنى بولسا كۆرمەيدۇ،ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى ئاپەت رايونلىردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ‹‹ قانداق بەختلىك تۇرمۇشنى يېڭىدىن باشلىغانلىقى›› ؛قانداق ‹‹ مىننەتدار بولغانلىقى ››؛‹‹ قانداق تىرىشچانلىقى››بولۇپ،ئىئانە بۇيۇملىرنىڭ نومۇسسىزلارچە قانداق يەرلەرگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ،ھەتتا قىسمەن مەكتەپلەردىكى ناچار شارائىت سەۋەپلىك ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان بالىلارنىڭ ئىسمىنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلىشقىمۇ رۇخسەت يوق... شۇنداق قىلىپ جۇڭگودىكى ھەردەرىجىلىك، ھەرتۈرلۈك مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ جەمىئىيەت چىققاندىن كېيىن،  مەكتەپ ئىچى بىلەن سىرتتىكى، ئوقۇشلۇق بىلەن رىئاللىقتىكى پەرقنىڭ چوڭلىقىدىن ھەيران بولمىغانلار، ھەسرەتلەنمىگەنلەر ، گاڭگىراپ نىمە قىلىشنى بىلمەي قالغانلار يوق دەپ ئېيتالامسىز؟

داۋامى بار داۋاملىق يوللىنىدۇ

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 11:29:44

\"\"

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-2-5 16:33:18

8- قەۋەتتىكى Musicfanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جۇڭگۇ مائارىپىنى ئوڭشاشتىن ئاساسەن ئۇمۇت يوق، ئۇيغۇر مائارىپىدىن مۇتلەق يوق

ناتايىن

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 00:11:30

ماۋۇ خەن يولداش قايناپ قاپتۇ راس ئىشنى . \"\"

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 00:19:18

ئابدۇلئەزىز:

جۇڭگۇ مائارىپىنى ئوڭشاشتىن ئاساسەن ئۇمۇت يوق، ئۇيغۇر مائارىپىدىن مۇتلەق يوق

------------------------



توغرا گەپ.

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 09:22:35

مائارىپنىڭ نەتىجىسى دېسە ھەدېگەندىلا ئىمتىھان نەتىجىسىگە قارايدىغان ئىشلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مويەننىڭ دېگىنى توغرا! مۇشۇ يىقىندىن بۇيان ھەدېگەندىلا «مەكتەپنى سىياسىئونلار باشقۇرۇش» دېپىنى چېلىپ ئاغزىدىن ماغزاپ كەلتۈرۈپ سوزلەۋاتقان ئەمەلدارنى تولا كۆرەپ كەتتىم. مەكتەپ دېگەننى مائارىپچىلار باشقۇرمامدۇ؟ سىياسىي دېگەن دېگەن سۆزىنىڭ توققۇزى يالغان بىرى گۇمانلىق تۇرسا، بالىلارغا چېقىمچىنى ياخشى قاتارىدا تۇرغۇزۇپ مۇكاپاتلاۋاتسا، ئىنتىزام تەربىيىسى ئېلىپ بارماي تۇرمىغا سولاپ تەربىيىلەۋاتسا، ... قانداق ئوقۇغۇچىلار يېتشىپ چىقماقچى؟ بالىلارنىڭغۇ ئوقۇشتىن بىزار بولغىنى بىلەن ئاتا - ئانىسىنىڭ زورى بىلەن مەكتەپكە بارماي ئامال يوق.


قالغىنىنى ئايىغىنى كۆرۈپ  دىيشەيلى

sayqi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-6 11:37:29

مائارىپ ھەققىدە ئاندىغەي-ماندىغەي دەپ سۆزلىگەنلەرمۇ سەھنىنىڭ كەينىگە ئۆتكەندە شۇنداق دېگەن بىلەن مۇشۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ دەيدۇ .سەۋەپ جۇڭگو مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن كېلىدىغان ئاممىۋى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشلا ئەمەس ،يەنە تېز پەيتتە ئۈنۈمنى كۆرستىش كېرەك .يۇقىرىدىن قىلماڭلار دېگەن ئىش تۆۋەندە بەك ئەۋج ئالىدۇ .ھەممىمىز بالىلىرىمىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ قىزىل تامغىلىق كېنىشكېنىڭ ئىگىسى قىلىشنى ئويلايمىز .شۇنىڭغا ئىگە بولسىلا بىر ئۆمۈر خاتىرجەملىك بىلەن ئۆتكىلى بولىدۇ.شۇڭا بالىلىرىمىز ھەرخىل بېسىملار تۈپەيلىدىن ھەرخىل ئالامەتلەرنى كۆرسىتىۋاتسىمۇ ،پەرۋاسىز ھالدا ئۇلارنى گىلدىياتۇرلار مەيدانىغا قىستايمىز.قايسى بىر يىلى جاڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يېڭى ئىمتھان پروگراممىسى بويىچە ئېلىنغان ئىمتىھاندا مەكتەپتە كىتاپقا يادا بولۇپ كەتكەنلەر بىلەن ››كەپسىزلەر‹‹نى پەرقلەندۈرەلمەي مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ تاجىسىنى ئېلىۋەتكەن ئىش بولغان .پىروگرامما چىققاندا ھەممىسى ياخشى بوپتۇ دەپ چاۋاك چېلىپ ،چاتاق چىققاندا بىر ئادەم جاۋاپكار بولىدىغان ئىشنى كىم قىلىدۇ؟ شۇڭا قاراپ باقىمىز ،يەنە قاراپ باقىمىز.....
بەت: [1] 2
: [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىلىپ‹‹دۆتلەشتۈرىۋاتىدۇ››؟