مەن ئېيتقان دۇتار ناخشىلىرى
ئىچىم پۇشقاندا تېلفۇندا ئېلىپ، Windows Movie Maker دە ئازىراق ئىشلەپ، يۇكۇغا چىقىرىپ قويغانتىم. بەك ياخشى بولمىسىمۇتېلفۇن بىلەن بىرقېتىمدىنلا ئالغانغا قارىغاندا خىلى ئوڭۇشلۇق چىقتى دەپ قارايمەن.شۇڭا بۇلارنى سىلەرگە سۇنغۇم كەلدى. قېنى مەرھەممەت:
بۇلار نورمال چىقمىغان بولسا ئۈستىگە ناخشىلارنىڭ ئادرىس ئۇلانمىسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم.
دۇتتارنى بۇنچە ياخشى چالىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەپتىمەن.ناخشىنىمۇ ياخشى ئېيتىپىسىز. ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دەڭە،دۇتارنى ياخشى چالىدىكەنسىز ئەلا باھا كەتتىپىچچەت ! دۇتتارنى ياخشى چەپ قويدىكەنلا!
ھى ھى خونى تۆكىۋەتمىگەن ئەسلى
3- قەۋەتتىكى bitalayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پىچچەت ! دۇتتارنى ياخشى چەپ قويدىكەنلا!
باشقىلارنىڭ ئەمگىكلىنى ھۆرمەتلەشمۇ ئادىمىيلىك .
ئاغزىڭىزدىن گەپ خاتا چىقىپ قالدىمۇ، ياكى مۇبارەك قولىڭىز خاتا مەشخۇلات قىلدىمۇ؟
3- قەۋەتتىكى bitalayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پىچچەت ! دۇتتارنى ياخشى چەپ قويدىكەنلا!
خو تۆكىلەپ كېتىدا
ئەلا كەتتى...دۇتارنى سايرىتىۋەتكەن بارماقلارغا دەرت كەلمىسۇن، ناخشىنىمۇ بەك يېقىشلىق ئېيتىپسىز. ئەلا
كەيپىيات تەڭشەيدىغان ھۈنىرىڭىز بەك نوچىكەنغۇي؟!
ئەلادىن بىرى كەتتى!
شۇغىنىشى كۆرۈنۈشنى پۈتۈنلا قىلىپ ئېلىۋەتمەي.
بۇنىڭدىن 10-15يىللار مۇقەددەم ساپ يېزا مۇھىتىدا چوڭ بولغان ئەل-ئاغىنىلەر بىلەن قىشىچە مەشرەپ(‹‹تۈنەك››مۇ دەپ قوياتتۇق يەرلىك تىلدا) ئويناپ چىقاتتۇق،ناخشا ئېيتالايدىغان،دۇتتار چالالايدىغان ئاغىنىلىرىمىزگە ئەگىشىپ نەق موشۇ ناخشىلارنى(‹‹ئانام قۇنىخان،دادام كارۋان››دىن باشقىسىنى،بۇ ناخشىنى ئۇ چاغلاردا بىز بىلمەيتتۇقكەن.)نەق مۇشۇ ئاھاڭ،نەق مۇشۇ ئاۋازدەكلا سادالار بىلەن ئېيتىپ كېچىنى تاڭغا ئۇلاتتۇق.تېخى بەزىدە ئۈنئالغۇغا ئېلىپ،قارا دەيلەرنىمۇ چىقىرىپ قوياتتۇق(گەرچە،ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىم ئاڭلىمىسىمۇ).شۇ چاغلارنى ئەسلىتىپ قويدى بۇ ناخشىلار!
shah_senem ئېيتقاندەك،كەيپىيات تەڭشەيدىغان ھۈنىرىڭىز ھەقىقەتەن نوچىكەن،كىشى ھاياجانلانغاندا بىر-ئىككى پەدە ناخشا توۋلىۋەتسە نېمىدىگەن ياخشى-ھە!ئەپسۇس، بۇ ھۆنەرنى ياراتقۇچى بىزگە بەرمەپتىكەن،ھېلىھەم شۇكرى،بەرگەن باشقا نېمەتلىرىگە!
ۋاھ!
گۈلمەرەمگە چېلىڭە،قوش كىشىلىك قىلىپ ئېيتايلى ئىنكاس قايتۇرسام ناخشا ئۈچۈپ قالدىغۇ.
بۇنى يازساممۇ يەنە ئۈچۈپ قالامدۇ
ئىنكاس يۆتكەلگىچە ئەلبەتتە ئۆچۈپ قلىدۇ دە
بۇدا چولام تەگسە گۈلمەرەم دوس خېنىم قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتىپ چىقىرىپ قوياي.
زىيالى، يېقىندا توي قىلغۇدەكسىز تويىڭىزغا تەكلىپ قىلسىڭىز شۇ چاغدا گۈلمەرەمنى قوشكىىشلىك ئېيتايلى
ھاھاھاھىم
مەن توي قىلىمەن
مەن سەل شۇم ئېغىز
ئاسان سائىتى چىقىپ كىتىدۇ.
10 يىل بۇرۇن 10 يىلدىن كىيىن توي قىلىمەن دەپ ئاغزىمدىن سائىتى چىقىپ كىتىپتىكەن
بۇ يىل ۋاقتى توشىدۇ.
شۇڭا سائىتى چىقىپ كەتسىمۇ توي قىلىدىغان بولۇپ چىقىپ كەتسۇن دەپ{:92:}
خۇدايىم بويرىسا توي قىلىمەن
پۇرسەت بولسا ئەر ئايال بولۇپ بالىنى ئېلىپ كىلەرسىزلەر ھە{:92:} بەزىدە دۇتار بىلەن ئۇسسۇل دەپ، بىلىگ بۇرادەر مانا بىر ئوبدان ھۈنىرىڭلار باركەن، بىر ئېسىل كەتتى.
مۇڭنى دەھشەت ئالىدىغان نەرسە جۇمۇ مۇشۇ دۇتار دېگەن. باشقا سازىڭغا قاراپ قويمايمەن، ئەمما مۇشۇ گۇيغا بەك ئىچىم كۆيىدۇ. ئۈرۈمچىگە يېڭى چىققان چېغىمدا ياتاقتا بىرسى ئانام ئانامغا بىر چاپتى، كۆزۈمگە ياش كەپكەتكەن. ئۇ چاغلاردىغۇ كىچىك شۇمتۇم تېخى. ئۆگىنىمەن دەپ كەينىگە نەچچە ئاي كىرىۋېلىپ، نەچچە تارنى ئۈزۈپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۆگىنەلمىگەن ئەپەندىمدەك چېلىپ كەچكىچە...
بەلكىم ئورنى ئەمەس، شۇنداق بولمىسىمۇ سۈيلەپ قوياي، ئاۋۇ ئەسىرىڭلارنىمۇ قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمىز جۇمۇ، ئۇنىمۇ پات-پات چېلىپ تۇرۇڭلار.
16- قەۋەتتىكى Hechkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بەلكىم ئورنى ئەمەس، شۇنداق بولمىسىمۇ سۈيلەپ قوياي، ئاۋۇ ئەسىرىڭلارنىمۇ قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمىز جۇمۇ، ئۇنىمۇ پات-پات چېلىپ تۇرۇڭلار.
ھا ھا ھا
ئۇنىمۇ چالىمەن خۇدا بۇيرىسا.سەپەردە بولۇپ قېلىپ چالالماي قالدىم. لىكىن ئۇ سازنىڭ تارىسى ئاچچىق ئۈچەيدىن ياسالغان ئۇزۇۇۇۇۇن تارا، چالسام چالسام تۈگىمەيدۇ، ئۈزۈلمەيدۇ.
دۇتتارنى بەك پەيزى چاپسىز،مەنمۇ دۇتتار چېلىشنى ئۆگۈنىۋاتىمەن،ئىچىم پۇشقاندا بىرەر ناخشىغا چېلىپ ئېيتىۋالسام،كەيپىياتىم خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. ئۇزاق بوپتىكەن بۇنداق مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئاڭلىمىغىلى.