google play دىن ئەپ چۈشۈرۈش ۋە device ID نومۇرى
مەن موتورولا me865 تىن بىرنى ئالغان ، google play ئەپ بازىرى يوقكەن، كېيىن ئۆزەم قاچىلىسام ھەر قانداقلا قىلغىنىم بىلەنمۇ ئىشلىمىدى ، مۇشۇ ئالپ تورىدىكى http://www.alip.biz/thread-6785-1-1.htmlكومپىيۇتېردا google play دىن ئەپ چۈشۈرۈش ھۈنىرى ئارقىلىق چۈشۈرەي دىسەممۇ قەتئىلا بولمىدى،ئىنكاس يوق قاراپلا تۇرىدۇ....
قارىغاندا بۇ ھۈنەرمۇ زاۋۇتتىن چىققاندا google play قاچىلانغان ياكى چەتئەلدە ئىشلەنگەن يانفونلارغا ماس كېلىدىغان چىراي،دۆلەت ئىچىدە ياسالغان يانفونلارنى قوللىمايدىغاندەك !
安知市场, 安卓市场, moto市场 دىگەن يەرلەردىكى ئەپلەرنىڭ 98 % ى ئەخلەت دېتاللاركەن ، پايدىسى يوق، بىر قاچىلاپلا قويسىڭىز ئېلان دىگەنلەر رودىپايدەك چاپلىشىپ ۋاي دات دىگۈزۈۋېتىدىكەن، يەنە كېلىپ بىر ئىشلىتەي دىسىڭىز 积分 يەتمىدى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئويۇننى قاچىلاڭ، بۇنى دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ، بۇنى قاچىلاپ تىزىملاتسىڭىز مانچە جۇغلانما نومۇرى بېرىلىدۇ دىگەندەك، ئىشلىتىلىش قىممىتى ، ئۈنۈمى بەك تۆۋەن، ئىشقىلىپ مۇشۇ خەقنىڭ ھەممە نىمىسى زادى بىر قانداق !
شۇڭا بىرەرسىڭلار يانفونىڭلارنىڭ device ID نومۇرىنى مۇنۇ ئېلخەتكە elbilge@139.com ياكى مىكرو خەتتىكى elbilge گە ئەۋەتىپ بەرسەڭلار ، مەن كومپىيۇتېردا تورغا چىقىپ ئولتۇرۇپ google play دىن پۇلغا ئالساممۇ مەيلى، ئېلان، لۈكچەك قىستۇرمىسى يوق، ئىشلىتىش قىممىتى بار ئەپلەرنى چۈشۈرۈۋالسام.......
يانفونىڭلارنىڭ device ID نومۇرىنى كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرېستىن ئەپنى چۈشۈرۈپ يانفونغا قاچىلاپ شۇ ئەپنى قوزغاتسىڭىزلا يانفونىڭىزنىڭ device ID نومۇرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئىنتايىن ئاددى، شۇنى يېزىۋېلىپ ئەۋەتىپ بەرسەڭلار....
http://file.m.163.com/app/free/201301/25/com.langlearner.deviceid_101.apk
كېرەككە كېلىدىغان ID نومۇرى ئارقىلىق ئەپنى كومپىيۇتېردا چۈشۈرۈۋېلىپ يانفونۇمغا قاچىلايمەن، يانفونىڭلار يەنىلا ئۆزەڭلاردا قالىدۇ
تېلفونىڭىزدىكى ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ ، ناۋادا چۈشۈرگىلى بولمىسا كومپىيوتىر ئارقىلىق چۈشۈرۈپ تېلفونغا قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ .
googleplay服务
google服务框架
googleplay商店
بۇلارنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تېلفوننى قايتا قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ ، ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمدى قىلىمەن . ئىككى خىل ئۇسۇل بار
1.كىرومغا APK Downloader قىستۇرمىسى ئارقىلىق كومپىيوتۇرغا چۈشۈرۈش
http://www.appinn.com/apk-downloader-google-play-download-apk-pc/comment-page-1/
2. تىلفونغا G apps ئورنۇتۇش
G apps نى خۇددى سېستىما ئورناتقانغا ئوخشاش ئورنىتىسىزinstall zip from sdcard ......
G apps نى خەت ساندۇقىڭىزغا يوللاپ قۇياي يەنە بىر ئۇسۇل، باشقا سېستىما قاچىلسىڭىز بولىدۇ، مەنمۇ گۇگىلنىڭ مۇلازىمەتلىرى تولۇق سېستىمىغا يېڭىلىغان جۇڭگودا ياسالغان Andorid تېلېفونلاردا گۇگول مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ (چۈنكى قانۇنىي جەھەتتىن گۇگولنىڭ جۇڭگو بازىرىدا مەھسۇلات تارقىتىش ھوقۇقى يوق، چۈنكى ئۇ ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە باج تۆلىمەيدۇ...)
ئەمما Google Service Frame work دېگەن ئەپنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى قاچىلاپ، ئاندىن «تەڭشەك»، «ئەپلەر ۋە ماسقەدەملەش» تىن «ماسقەدەملەش» تەڭشىكىنى بەلگىلەپ قويسىڭىز، ئاندىن Google Play نى ئىشلىتەلەيسىز.
www.wandoujia.com ئەڭ چوڭ ئەپ ئوغرىسى. Googleplay چىققان ئەپلەر 2 سائەت ئىچىدە ئوغرىلىنىپ، شۇ بېكەتكە چىقىرىلىدۇ. شۇنىڭدىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ قانداق گەپ ئەمدى ، مەن رەسمى جوڭگۇنىڭ يان تىلفوندا (شىياۋمى) googleplay نى نورمال ئىشلىتىپ ئەپ چۈشۈرۋاتىمەن.
1- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سىز تېلفونىڭىزغا تۈۋەندىكى ئۈچ ئەپنى چۈشۈرسىڭىز ، بىېۋاستە googleplay بازىرىنى ئىشلىتەلەيسز ، سىناپ بېقىڭ .
تېلفونىڭىزدىكى ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ ، ناۋادا چۈشۈرگىلى بولمىسا كومپىيوتىر ئارقىلىق چۈشۈرۈپ تېلفونغا قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ .
googleplay服务
google服务框架
googleplay商店
بۇلارنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تېلفوننى قايتا قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ ، ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمدى قىلىمەن .
ھەممىسىنى قاچىلىدىم، لېكىن تۇنجى قوزغىتىشتا此应用程序与服务器无法连接 دەپ چىقىۋېلىپ شۇنداق ئىچىمنى پۇشۇردى،قارىسام ئۈستىدە 后台数据限制 دەپ چىقىۋاتىدۇ، كېيىن 5-10 قېتىم قوزغاتتىم، 360 نىڭ بارلىق ( 360手机卫士, 360 功夫木马杀毒, قاتارلىق) نەرسىلىرىنى چېكىندۈرۈۋېتىپ مۇۋەپپەقىيەتلىق تىزىملاتتىم ، ئېچىلدى ...
لېكىن google playنى قوزغاتساملا ياكى ئەپ چۈشۈرەي دىسەملا مۇنداق چىقىۋېلىپ ئاپتوماتىك چېكىنىپ كېتىۋاتىدۇ، google play商店 نى 2 خىل نۇسخىسى بارتى، ئالماشتۇرۇپ نەچچە رەت قاچىلاپ باقتىم، يەنە ئوخشاش،مۇنۇ كۆرۈمسىز خەت !
很抱歉“google play商店”已停止运行
بۇلار 360 دېتاللىرىنىڭ چەكلىشىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ؟ قانداق ھەل قىلىمەن ؟ يول كۆرسەتكەيسىز
2- قەۋەتتىكى uquhuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىككى خىل ئۇسۇل بار
1.كىرومغا APK Downloader قىستۇرمىسى ئارقىلىق كومپىيوتۇرغا چۈشۈرۈش
http://www.appinn.com/apk-downloader-google-play-download-apk-pc/comment-page-1/
2. تىلفونغا G apps ئورنۇتۇش
G apps نى خۇددى سېستىما ئورناتقانغا ئوخشاش ئورنىتىسىز install zip from sdcard ......
G apps نى خەت ساندۇقىڭىزغا يوللاپ قۇياي
APK Downloaderقىستۇرمىسىنى قىستۇرغىلى بولمايدىكەن،بولۇپمۇ كىرومنىڭ 目标 دىگەن يېرىگە ، بۇنى قانداق قىستۇرىمىز، ئۆزىڭىزبىر كۆرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن دوستۇم .
يەنە بىرى سىز دىگەن G apps ھەر قانداق يانفونغا ماس كېلەمدۇ، ياكى مەخسۇس موتورولا مى 865 نىڭمۇ؟ قانداق قاچىلايمىز؟ سېستىمىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ،قاچىلىغان ئەپلەر، ئالاقىداش قاتارلىقلارنى يۇيۇۋېتەمدۇ؟ قاچىلىغاندا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىمىز؟
سىزنى مالال قىلىدىغان بولدۇم دوستۇم، ئېغىر كۆرمەي ياردەم قىلسىڭىز ،رەھمەت
4- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەمما Google Service Frame work دېگەن ئەپنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى قاچىلاپ، ئاندىن «تەڭشەك»، «ئەپلەر ۋە ماسقەدەملەش» تىن «ماسقەدەملەش» تەڭشىكىنى بەلگىلەپ قويسىڭىز، ئاندىن Google Play نى ئىشلىتەلەيسىز.
سىز دىگن تەڭشەككە قاراپ باقسام مۇنۇ يەردىكى设置 - 账户与同步دا گوگىل ئاككونتىم ( ئېلخەت ئادرېسىم ) ئۆچۈك تۇرۇۋاپتۇ، شۇنداق قىلىپمۇ يورۇتالمىدىم، قانداق قىلسام يورۇيدۇ، كۆرسەتمە بەرسىڭىز
سىزنى مالال قىلىدىغان بولدۇم،رەھمەت
5- قەۋەتتىكى jesur971نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ قانداق گەپ ئەمدى ، مەن رەسمى جوڭگۇنىڭ يان تىلفوندا (شىياۋمى) googleplay نى نورمال ئىشلىتىپ ئەپ چۈشۈرۋاتىمەن.
شياۋمى دېگەن زاپەر تېلېفون، زاپەر تېلېفون دېگەن قانۇنغا بويسۇنمايدۇ.
قانۇن بويىچە ئىش قىلىدىغان ھېچقانداق شىركەت جۇڭگودا زاۋۇت تەرەپتىن گۇگول مۇلازىمەتلىرىنى قاچىلاپ بېرەلمەيدۇ.
ئەمما ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى قاچىلىۋالسا بولىدۇ.
شۇڭا خاڭخو دەيدىغان تېلېفونلارنى ئالسىڭىز، جمەيل، گۇگۇل پلەي، ... دېگەنلەر يوق، ئەمما زاپەر تېلېفونلاردا ۋە چەتتىن كىرگەن تېلېفونلاردا بار.
googleplay服务
google服务框架
googleplay商店
لارنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن dataapp مۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىدىن com.android.vending-1.apk نى كۆچۈرۈپ systemapp نىڭ ئىچىگە يۆتكىۋېتىپ تېلىفۇننى قايتا قوزغۇتۇڭ !
مەن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بىرقانچە تىلىفۇنغا مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىغان ئىدىم . نى مەن بۇرۇن ئىشلەتكەنAPK Downloader
غا قىستۇرسىلا بۇلاتتى Chrome
گوگول ھېساۋاتىڭىز بۇلۇشى كېرەك ئەلۋەتتە
جى ئەپلىرى ھەممە تىلفونغا ئورتاق بۇلۇشى مۇمكىن
ئۇرنىتىپ سىناپ بىقىڭ بولمىسا ئۆچىرۋەتسىڭىزلا بۇلىدۇ
10- قەۋەتتىكى imtiyaz نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
googleplay服务
google服务框架
googleplay商店
لارنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن dataapp مۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىدىن com.android.vending-1.apk نى كۆچۈرۈپ systemapp نىڭ ئىچىگە يۆتكىۋېتىپ تېلىفۇننى قايتا قوزغۇتۇڭ !
مەن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بىرقانچە تىلىفۇنغا مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىغان ئىدىم .
ماڭىلا يولۇقامدىغاندۇ بۇنداق چاتاقلار، كۆچۈرۈلمەيۋاتىدۇ،يانفون روتلىنىپ ئۇيغۇرچە تونۇتۇلۇپ بولغان ئىدى بولمىسا،
warning
you cnnot paste here
because the file system is read-only
ok
دەپلا تۇرۇۋالدى، root explorerدا يۆتكىگەن،COPY,MOVEقىلىپ باقتىم بولمىسا !
قانداق قىلىمەن ئەمدى دوستۇم؟
11- قەۋەتتىكى uquhuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نى مەن بۇرۇن ئىشلەتكەنAPK Downloader
غا قىستۇرسىلا بۇلاتتى Chrome
گوگول ھېساۋاتىڭىز بۇلۇشى كېرەك ئەلۋەتتە
جى ئەپلىرى ھەممە تىلفونغا ئورتاق بۇلۇشى مۇمكىن
ئۇرنىتىپ سىناپ بىقىڭ بولمىسا ئۆچىرۋەتسىڭىزلا بۇلىدۇ
قىستۇرمىنى قاچىلاشتا ئاۋال كىرومنىڭ ئۈستەل يۈزىدىكى بەلگىسىنىڭ خاسلىقىنى ئېچىپ 目标 نىڭ ئەڭ كەينىگە بىر يۈرۈش بۇيرۇقنى قىستۇرۇپ ساقلاڭ دەپتىكەن، ساقلىغىلى بولمايدىكەن، سىز بىر كۆرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن،سىزنى مالال قىلدىم رەھمەت دوستۇم ئوخشىمىغان شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان تېلفونلاردا ، بەلكىم پەرىقلىق بولىدىغان ئوخشايدۇ . سەۋەبىنى مەنمۇ ياخشى بىلىپ كەتمەيمەن . ئىمتىياز ئەپەندىم بىلسە كېرەك ، ئىمتىيازنىڭ جاۋابىنى ساقلاپ باقايلى . google talk نى بىر قىتىم ئىچىپ قويسا بۇلىدۇ،تىزىملاتقان ھالەتتە.
يەنە بولمىسا تامنىڭ ئىشى.مانى چۇشۇرۇپ قاچىلاپ قويسىمۇ بۇلىدۇ.
http://smartladder.googlecode.com/svn/trunk/SmartHosts_v1.3.86.apk
Chrome web store
ئىچىلماي قالدى
گوگولنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى زادى نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدۇ پارتىيەنىڭ غەمغورلىقى ئاستىدا مەن قىلالمىغانسىرى سەت ئاچچىقىم كېلىپ تېخىمۇ بەك كىرىشىپ قېلىۋاتىمەن بۇ ئىشقا......
ماڭا ياردەم قىلىۋاتقان دوستلارغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە يەنە داۋاملىق ياردەم قىلىشىنى ، مۇشۇ ئىش باشقا چىققىچە توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن، قارپ باقسام بۇ تېما ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى مۇشۇ google play قاچىلاش ۋە نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا بىلىم ئەڭ توپلانغان ، ئەڭ قوللىنىشچان،ئەڭ تەپسىلى ۋە نادىر تېمىغا ئايلىنىپ بولغاندەك قىلىدۇ، بىلگەنلىرىمىزنى مۇشۇ يەردە توپلايلى ۋە ئالماشتۇرايلى، كېيىن لازىم بولغانلار پايدىلىنار
10- قەۋەتتىكى imtiyaz نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
googleplay服务
google服务框架
googleplay商店
لارنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن dataapp مۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىدىن com.android.vending-1.apk نى كۆچۈرۈپ systemapp نىڭ ئىچىگە يۆتكىۋېتىپ تېلىفۇننى قايتا قوزغۇتۇڭ !
مەن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بىرقانچە تىلىفۇنغا مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىغان ئىدىم .
复制 قىلىپمۇ ياكى 剪切 قىلىپمۇ؟
مەن كۆچەرگىچە re 管理器
نى ئىشلەتكەن ئىدىم كۆچەرگىچەڭ ئۈستى تەرەپىدە 读/写 دىگەن بىر كۇنۇپكا بار ئۇنى 只读 قىلىسىڭىز ئاندىن كۆچۈرۈشكە يول قويىدۇ
يۇقارقى ئۇچۇردا root explorer نىڭ يېزىش ئىقتىدارى چەكلەنگەنلىكى كۆرسىتىلىپتۇ ،
root explorer نىڭ تۈۋەندىكى رەسىمدىكى كۇنۇپكىسىنى بېسىپ يېزىش ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىپ سىناببېقىڭ