biltap يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 15:32:31

بىلتاپ ئىنتېرنېت ئۇچۇر كاتالوگىغا قوشۇلۇڭ.

قىممەتلىك ۋاقتى ۋە ئىقتىزادىنى سەرپ قىلىپ ئىنتىرنېت ئۇچۇر دۇنياسىدا بوغۇن كەبى تىنىمسىز پەرۋاز قىلىۋاتقان تورخۇمار قېرىنداشلار، ياخشىمۇ سىلەر!


ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىش، تەرەققى قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئەگرى-توقاي جەريانلارنى بېسىپ ئۆتتى، ئەڭ دەسلەپتىكى پىنيىنچە يېزىق ئاساسىدىكى كاككۇك تورلىرىدىن باشلانغان بۇ كىچىك ئېقىن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تەرەققى قىلىپ مەيلى تېخنىكا، مەيلى ئۇچۇر زاپىسى، مەيلى زىيارەتچىلەر جەھەتتىن بولسۇن غايەت زور دەرىجىدە زورىيىش پۇرسىتىگە ئىرىشىپ مانا بۈگۈنكىدەك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ھازىرقى ھالەتكە  كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى تەۋەللۇت تېپىش، چوڭ بولۇش، يىقىلىش ، يەنە ئورنىدىن تۇرۇش، پىشىپ يىتىلىش...ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى،مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ھاياتى كۈچىنى تور دۇنياسىغىلا ئەمەس پۈتۈن جەمىيەتكە نامايان قىلدى .


بىراق شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۈرۈش لازىمكى، بىكەتلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇش، تور بېكەتلىرىمىز ئارىسىدا ھەمكارلىق كەم بولۇش، خەنزۇ ياكى ئىنگىلىز يېزىقىدىكى تور بېكەتلەردىكىدەك نوپۇزلۇق مۇلازىمەت بىكەتلىرى ئىژتىمائى ئالاقە بىكەتلىرى بولماسلىق،كەسپى بىكەتلەر تەرەققى قىلالماسلىق، توردىكى لازىملىق ئۇچۇرلارنى لازىم بولغاندا تاپقىلى بولماسلىق ... قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا.


يۇقارقى مەسىلىلەرگە قارىتا ئاز تولا بولسىمۇ ياندىشىش مەخسىدىدە بىلتاپ تورىمىز ئۇيغۇر ئىنتىرنېت ئۇچۇر كاتۇلۇگى مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. يەنى توردىكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان، ياكى ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان ۋە ياكى ئۆزىڭىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ يازغان تېمىلىرىڭىز ئەمدى بۇ چەكسىز ئىنتىرنېت دۇنياسىدا كۈمۈلۇپ ياكى يوقاپ كەتمەيدۇ!


يەنى سىز ئەشۇنداق ئەھمىيەتلىك تور ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسىنى بىلتاپ ئىنتېرنېت ئۇچۇر كاتالوگىغا تەۋسىيە قىلىپ قۇشۇپ قويسىڭىزلا، ۋاقتى كەلگەندە ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قايتا كۆرەلەيسىز شۇنداقلا باشقىلار سىز يوللىغان ئەشۇ ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلاردىن ، سىزمۇ باشقىلار يوللىغان قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىمان بولالايسىلەر.


قېنى ئۇنداقتا بىلتاپ ئۇچۇر كاتالوگىغا قىممەتلىك ئۇچۇرلار مەنزىلىنى تەۋسىيە قىلىپ باشقىلار بىلەن تور ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ بەھىرلىنىڭ.


ھۆرمەت بىلەن بىلتاپ ئىنتېرنېت ئۇچۇر كاتالوگى


ئادرىسىمىز:         www.biltap.com

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 17:16:53

ياخشى بوپتىغۇ، مەن بىرنى ماڭدۇرۇۋەتتىم ئەمىسە



لېكىن بىر-ئىككى يىلدىن كېيىن پۇسسىدە يېلى چىقىپ يوقاپ كەتمىگەي

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 19:28:18

ئوكيان تور بېتىمۇ مۇشۇنداق تور بەتقۇ دەيمەن؟ ئۇ خېلى چوڭ ئۇيغۇرچە ماقالە ئامبىرى ئىدى.

بىلتاپ ئۇيغۇرلارنىڭ بەيدۇسى بوپقالسا ئەجەب ئەمەس. قوللايمەن.
بەت: [1]
: بىلتاپ ئىنتېرنېت ئۇچۇر كاتالوگىغا قوشۇلۇڭ.