jinchiraq يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 13:25:04

ئالما 4دىن ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئىزدىنىش  مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار !

مەن تۇيۇقسىز بىر ئالما 4 يانفونىغا ئىگە بولۇپ قالغان ئىدىم ، (بىر خەنزۇ غا  تىگىشكەن ).

ئەمدى بۇنى ئۇيغۇرچە قىلاي دەپ ئويلاپ ، بۇ يەردە ياردەم سوراپ كەلدىم .تۈرمىدىنىمۇ قاچۇرۇلمىغاندەك قىلىدۇ . http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=50587

بۇ يەردە دىگەن بويىچە قىلاي دىسەم ،يانفۇنۇمدا  Cydia  ماۋۇ دېتال كۆرۈنمەيدۇ !  خەنزۇچە بەتلەردىن ئىزلەپ باقسام ، تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىسا Cydia  قاچىلىنمايدۇ ، دەپتۇ .

شۇنىڭ بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىگىنى كۆرۈپ باقسام ئاددىلىدەك قىلىدۇ ، ئەمما يەنە ئىشەنچ قىلالماي ئولتادىم . چۈنكى تۆنۈگۈن يانفۇننڭ مەخپى نومۇرىنى خاتا بېسىۋېتىپ سولاپ قويۇپ ، 60 يۈئەنگە ئاچقۇزدۇم ، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئاددىلا بىر ئىشتەك قىلىدۇ ، مەلۇم بىر دېتال بىلەنلا ئاچتى .( شۇ قايسى دېتالدۇ )؟

ئەمدى مەن قانداق قىلسام بولىدۇ ؟ ئۆزەم قىلالامدىم يوق ؟  يەنە  يانفۇندا دېتال چۈشىرەي دىسەم  iphone  id密码  دەپ بىر نەسە چىقىۋالدى ، ئۇ مەخپى نومۇرنى مەن ئۇقمايمەن . ....دىگەندەك ئىشلار  .

ئالما بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچۇرشىشىم ئىدى ،( بومىسىغۇ ئالما بىلەن نەشپۈتنى جىق يەيمەن )

شۇڭا تورداشلاردىن ئالاھىدە ياردەم سوراپ ئولتادىم ، سىلەرگە ئالدىن رەھمەتلەر بولسۇن .



muzappar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 14:39:30

ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز قىلىڭ،تېلىفۇن بازىردىكى قويمىچىلار بەك جىق،تاياق قېپى ھارامدىن قورقمايدۇ،كىچىككىنە ئىشنى كىلىپ خاپا بولماي نۇرغۇن پۇل دەيدۇ.ۋاقتىم بولسا ئۆزۈم بىر دۇكان ئېچىپ كوياتتىم.



پاسىبان تور بېتىدا سىزگە لازىملىق نەرسىلەر بار.www.pasiban.com

خەنزۇچە مۇنبەر bbs.weiphone.com

sujup يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 14:59:29

ئاۋال ئۈزىڭىزنىڭ بىرەر ئىمايىل ئادىرسىڭىزنى كىرگۈزۈڭ . ئاندىن باش ھەرىپىنى چوڭ خەتلىك قىلىپ مەخپى نۇمۇر كىرگۈزۈڭ . ئاندىن كىين بىر نەرسە چۇشۇرسڭىز ئاشۇ گەپ چىقۋالسا مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈسىزڭىلا ئىش پۈتىدۇ . ئىسڭىزدە بولسا باش بىرنچى ھەرىپى چوڭ خەتلىك يىزىلىشى كىرەك .

Otunchi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 15:10:42

بىر خەنسۇغا بىر iphoneتىگىشكەن بولسىڭىز پايدا ئاپسىز,يەنە تېگىشىدىغانلار بارمىكەن ئىككى خەنسۇغا بىر نى تىگىشسىمۇ مەيلىتى \"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 15:35:42

3- قەۋەتتىكى Otunchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر خەنسۇغا بىر iphoneتىگىشكەن بولسىڭىز پايدا ئاپسىز,يەنە تېگىشىدىغانلار بارمىكەن ئىككى خەنسۇغا بىر نى تىگىشسىمۇ مەيلىتى \"\"

ھاھا.......

ما ئوتانچىنىڭ يامانلىقىنى\"\"

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 16:24:03

3- قەۋەتتىكى Otunchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر خەنسۇغا بىر iphoneتىگىشكەن بولسىڭىز پايدا ئاپسىز,يەنە تېگىشىدىغانلار بارمىكەن ئىككى خەنسۇغا بىر نى تىگىشسىمۇ مەيلىتى \"\"



قارا يۇمۇر!!تازا كۈلىۋاپتىمەنغۇ!

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 16:46:38

تېمىنى ئۇقۇ-ئوقۇمايلا ئاشۇ گەپكە كۆزۈم چۈكەنتى..بىر خەنسوغا تىگىشتىم دىگەنتىڭىز .كۈلۈپ تاشلىۋەتتىم ئامما...

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 16:59:01

يۇرتىمىزدىكى خەنزۇلارنى ئالما تېلفۇنىغا تىگىشىۋەتسەك ئۈستەك بەرسەكمۇ مەيلىتى

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 20:09:49

ئالما 4 دېگەن نېمە گەپ بۇ.ئايفون 4 دەڭلا.

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 20:48:39

مۇشۇ كۇچاردكى ئۇيغۇر تېلفۇنچىلىدا يۇز دىگەن نەرسە يوقكەن

kahxal يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 09:15:36

ئاۋال تىلىفۇنىڭىزنىڭ (ئالما 4 ىڭىزنىڭ) سىتىما نەشرىنى تەكشۈرۈڭ.. ئەگەر 6.0.1 ياكى 6.1 بولسا تۈرمىدىن قاچۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ.. ناۋادا ئۇنىڭدىن تۆۋەن نەشرى بولسا خەنچە توربەتلەردىن ئىزدىسىڭىز 教程 دىگەن يامان تولا.... ئۆزىمۇ ئاددى...ناۋادا قۇلۇپ بار نەشرى بولسا يەنىلا تۈرمىدىن قاچۇرىمەن دىمەڭ...

ajrim يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 18:06:48

كۇچارلىقنى ئۇنى بۇنى دىيىشمەي سىزنى قويغان شۇ قويمىچىنى بىر نىمە دەڭ... كۇچاردا تېلېفۇنچىلىق قىلىۋاتقان،سېستىما يازىدىغان،ساتىدىغاندىن بىرسىلا يوق.
بەت: [1]
: ئالما 4دىن ياردەم سورايمەن