پەيزى besame mucho لار[ناخشا-مۇزىكا]
بۇ دۇنياغا داڭلىق ناخشا.كۆپىنچىمىز ئاڭلىغان بولۇشىمىز مۇمكىن.نۇرغۇن ئەللەردە ھەر خىل تىللاردا ئېيتىلغان.مەن
ھەممىسىنى بۇ يەردە تىزىپ بولالمايمەن،ناخشىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى،ئىجادىيەتچىسى دېگەنلەرنى ئاختۇرۇپ كۆرۈۋالارسىلەر.مەن بۇيەردە ھەر خىل نۇسخىدىكىbesame mucho لار ئىچىدە بىر قەدەر ياخشىلىرىنى تىزىپ باقىمەن.ياقتۇرىدىغانلار چىقىپ قالار.
1.ئەڭ ئېسىل نۇسخىسى ئەلۋەتتەANDREA BOCELLI دىن ئاشمايدۇ.
2.ئۇلاپلا Kenny G نىڭ چالغىنىنى ئاڭلىۋەتسەك،ئاھاڭى كاللىدا پىشقاچ تۇرىدۇ.
3.لاتىن ئۇسلۇبىدىكى شوخ besame muchoنى Aileeدېگەن كورىيان خوتۇن ئېيتقان.ئۈن نۇسخسىنى تاپالمىدىم.سىننى چاپلىغۇم كەلمىدى."ھە،شوخ نۇسخىسىمۇ باركەندە"دەپ بىلىپ قويساق كۇپايە.ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈپ،پاتانغا گۇناھ يېزىلسا مەن شېرىك ئەمەس.
4.ئەلۋەتتە بۇ ناخشىنى ۋىتاسمۇ ئېيتقان.
5.مەن تولا ئاڭلايدىغان ساپ مۇزىكا نۇسخىسى.JEREMY MONTEIRO ئاتلىق پىيانىست چالغىنى.بىراق ئېغىز گارمونى ئاساسلىقتەك تۇيۇلىدۇ.
6.小野丽莎ئورۇنلىغان نۇسخىسىنىڭ مۇزىكىسى ئۆزگىچە.كېيىن ئارزۇگۈل خېلىل ئورۇندىغان نۇسخىسىنىڭ مۇزىكىسىمۇ مۇشۇ نۇسخىغا ئوخشاش چېلىندى.
چەتئەللىكنىڭكىنى تىزغانغا تۈگەپ قالمايدۇ.ئەمدى ئۆزىمىزنىڭكىگە كېلەيلى.
7. بۇ ناخشىنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچىسىنى ئەكبەر قەھرىمان 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا "يالغۇزلۇق كېچە"دېگەن دېيىدە گىتار ۋە ئەرەب دۇمبىقىنىڭ تەڭكىشىدە ئورۇنلىغان.بۇ نۇسخىسى توردا يوق ئەلۋەتتە.لازىم بولغانلارغا مەن ئەۋەتىپ بەرسەم بولىدۇ.بىراق
كېيىنكى "تەقدىرىم"پلاستىنكىنسىدىكى نۇسخىسى توردا بار.ئەكبەر قەھرىمان زور غەيرەت بىلەن مۇزىكىسىنى بوچېللىنىڭكىگە
ئوخشاش چېلىشقا تىرىشقان.بىراق ئاۋازدىكى كەيپىيات 90-يىللاردىكى نۇسخىدىن كۆپ نامرات.
8. ئەسقەر مۇھەممەد نۇسخسى." كۆز ياشىڭنى پەقەتلام،سەزمىگەنتىم"ھې..ھې...
9.ئارزۇگۈل ئابدۇخېلىل ئورۇنلىغان نۇسخىسى ئۇيغۇرچە besame muchoلار ئىچىدە تېكىستى ياخشىراق چىققىنى.
10.خۇشتار ئابلىمىت مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ 1-سانىدا "دىلرەبا"دېگەن تېمىدا ئورۇنلىغان.بىراق توردىن تاپالمىدىم.بىر نەچچە كۈنگىچە ئۆزەم چىقىرىپ قويارمەن.
ئوخشاشلا بۇ ناخشىلار ھەرگىز پاشا ئىشاننىڭ ياكى ھاجى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ناخشىلىرىغا يەتمەيدۇ.يۇقىرىقى ناخشىلارنى ئاڭلاپ "نېمانداق خېنىم مىجەز ناخشىلار بۇ "دەپ ئىچىڭىز پۇشسا ۋە "تۈزۈك ئەركەك سۈپەت ناخشىدىن بىرەرنى ئاڭلىمايمۇ"دەپ ئويلىسىڭىز،باشقا ياقتىن ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭ.
يەنە ئوخشاشلا "مۇشۇنداق كەچكىچە ناخشا مۇزىكا دەپلا يۈرۈيدىغان ساپاسىز ئاداشلاردىن جاق تويدۇم،شۇنىڭ ئورنىغا بىرەر تېخنىكا،ئىلىم پەن بىلىمى چىقارسىچۇ"دەپ ئويلىسىڭىز،ئۇنىڭغىمۇ خوش.ماۋۇ جۇڭگو پەن تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تور بېتى.
http://www.cpus.gov.cn/index.htm
ئەگەر "مەن ناخشا ئاڭلىمايمەن،سۈرە ئۆگىنىمەن"دېسىڭىز،قۇرئان كەرىم تورىغا مەرھەمەت.
ئىشقىلىپ،ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ بولغىنى ياخشى.بىراق كاللا دېسە پاقالچاق دېيىش تولىمۇ بىمەنە ئىش.
ئېرىنمەي ئىزدىنىپ، بىزنى ھوزۇرلاندۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئەلادىن بىرى كەتتى! يەنە ئوخشاشلا \"مۇشۇنداق كەچكىچە ناخشا مۇزىكا دەپلا يۈرۈيدىغان ساپاسىز ئاداشلاردىن جاق تويدۇم،شۇنىڭ ئورنىغا بىرەر تېخنىكا،ئىلىم پەن بىلىمى چىقارسىچۇ\"دەپ ئويلىسىڭىز،ئۇنىڭغىمۇ خوش.ماۋۇ جۇڭگو پەن تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تور بېتى.
http://www.cpus.gov.cn/index.htm
ئەگەر \"مەن ناخشا ئاڭلىمايمەن،سۈرە ئۆگىنىمەن\"دېسىڭىز،قۇرئان كەرىم تورىغا مەرھەمەت.
http://www.qurankerim.com/
ئىشقىلىپ،ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ بولغىنى ياخشى.بىراق كاللا دېسە پاقالچاق دېيىش تولىمۇ بىمەنە ئىش.
-----------------------------------------------------------------------------------------
باياتىن بېرى ئىنكاس يازاي دىسەم ، كومپىيوتېرنى بالام ئىگەللىۋىلىپ ئاخىرى ئۆچىرەت كەلدى ماڭا . ئوقۇپ بەك كۈلۈپ كېتىپتىمەن . 4 ياشلىق بالام نىمىگە كۈلىسەن دەپ قولۇمدىكى پەدكە قارايدۇ نىمە ئىش بولغاندۇ دەپ .
ئېسىل ئادەملەر كۆپ بولغاچقا ياخشى كۆرىمەندە ئىزدىنىشنى . ھاھ ، ھاھ . ناخشا ئاڭلىغاچ كۈلۈپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئېسىل تېما بولۇپتۇ .
بۇندىن كىيىن ئانچە مۇنچە ئىمكانيەت قويۇپ قويۇڭلار دەيمەن ، بىرەر ئېغىز سېسىق گەپ قىلىۋالغىلى .{:92:} لىسا ئونو دەيدۇ ئاۋۇ بوسانوۋاچە ئۇسلۇپتىكى ياپونلۇق ناخشىچىنىڭ ئىسمىنى. لىسا ئونو ئېيتقان بىر فرانسۇزچە ناخشا بار la vie en rose ئۆلۈپ بېرىمەن ئەمما ئاڭلاپ

5- قەۋەتتىكى MVXVKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
لىسا ئونو ئېيتقان بىر فرانسۇزچە ناخشا بار la vie en rose ئۆلۈپ بېرىمەن ئەمما ئاڭلاپ![]()
بەك پەيزى ھە، مەنمۇ بەك ئامراق لىسا ئېيتقانغا لېكىن ھەممىدىن ئامرىقى ئېدىس پىياف ئېيتقىنى، بەك ئىسىل.
يەنە بىر مەن ياخشى كۆرىدىغان ناخشىسى Non, Je Ne Regrette Rien
ئاۋۇ ۋىتاسنىڭ ئېيتقىنىمۇ ئەجەپ پەيزىكىنا. بۇ ناخشىنىڭ مەنىسىنى بۇرۇن ئۇقمىغاندىمۇ بەك ياقتۇراتتىم. ھەقىقەتەن بەك پەيزى6- قەۋەتتىكى espressoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بەك پەيزى ھە، مەنمۇ بەك ئامراق لىسا ئېيتقانغا لېكىن ھەممىدىن ئامرىقى ئېدىس پىياف ئېيتقىنى، بەك ئىسىل.يەنە بىر مەن ياخشى كۆرىدىغان ناخشىسى Non, Je Ne Regrette Rien
ئېدىس پىياف ھېلىقى inceptionدىكى ناخشىنى ئېيتقان شۇمۇ؟ شۇ بولسا ئاۋازى بەكلا ئۆزگىچە. ئىسمىنى ئىنگىلىزچە يېزىپ بېرىڭچۇ
la vie en rose نى لىسا ئونو بەك ۋايىغا يەتكۈزۈۋەتكەندك بىلىنىدۇ ماڭا، باشقا نۇسخىلىرىنىمۇ ئاڭلاپ باقتىم ئانچە يارىمىدى، ئېدىس پىياف ئېيتقىنىنى ئاڭلاپ باقاي
ھەممىدىن ئوتتۇرىدىكى ئېغىز گارمونى چالغان يېرى ئۆلتۈرىدۇ ئادەمنى
بۇ ناخشىنى ئەركىن بىر ئوقۇۋەتكەن بولسا بەلكىم مەن باشقا ھېچقانداق نۇسخىسىنى ئاڭلىماي شۇنىلا ئاڭلىشىم مۇمكىن ئىدى.ئەركىن ئابدۇللا ئەمەس جۇمۇ،مۇنۇ ئەركىن.

مەن قارىغاندا قاتمال كاللا ئوخشايمەن، ئېدىت پىياف(فرانسۇزچىدا ئېدىت دەيدىغۇ دەيمەن ئېسىمچە قېلىشىچە)نىڭ كونىچە كلاسسىك ئېيتقىنىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىكەنمەن... جىم ئولتۇرۇپ ناخشا ئاڭلاشتىن باشقا يولمۇ قالماپتۇ، شۇنداق قىلاي ئەمىسە

‹快乐男声›دا ئۈمىد پەرھاتمۇ ئېيتقانغۇ دەيمەن!
مۇشۇ ناخشىنى ئىزلەپ يۈرەتتىم،رەھمەت سىزگە! رەھمەت، ئېسىل مۇزىكىلارنى سەمىمىزگە سىلىپ تۇرغىنىڭىزغا، خىلى بوپتىكەن مۇزىكىدىن مۇڭلانمىغىلى. رەھمەت! ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي.