نۇر بەكرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
31-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 12-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 1-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 3-سانلىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى.يېغىندا نۇر بەكرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئەركىن ئىمىرباقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇدىرلىقغا سايلاندى .


مەنبە:http://news.sina.com.cn/c/2013-01-31/134626168765.shtml
ئوبدان بوپتۇ
قىزغىن تەبرىكلەيمىز
@tumaq ئەپەندىم ئالدىن كۆرەرمۇ نېمە؟
مەنبەدە 省(市)长 دەپ تۇرۇدۇ.
قېنى ھېلىقى سالام ماۋجۇشى دېگەن ئاداش.
كېلىشكەن ئادەمكەن
‹‹ئىتتىپاقلىق›› ئوبدان ئەمەلگە ئاشتى ئەمەسمۇ {:92:}
7- قەۋەتتىكى begir3نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىنخۇا تورى ئۈرۈمچى 31-يانۋار تېلېگراممىسى: ئارىخىئولوگىيە خادىملىرى ئېلىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى پامىر ئىگىزلىكىدە قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك كولاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئوتتۇرا ئىگىزلىكى رايونى خەنزۇلار مەدەنىيىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قەبرە شەكىلىنى بايقىغان. كولاپ چىقىلغان يۈزدىن ئارتۇق ئورۇندىكى تاڭ سولالىسى قەبرىلىرى ئىچىدە بالىلار قەبرىلىرى تۆت ئۈلۈشنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ كىشلەرگە بۇ يەرگە كۆمۈلگەن سىرلارنى ھەيرانلىق ئىچىدە ھېس قىلدۇرىدۇ.
2012-يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىك ماسلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخىئولۇگىيەلىك تەتقىقات يۇرتى پامىر ئىگىزلىكىدە ئارتاش سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى يالماپ كەتكەن رايوندا قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك ئارخىئولوگىيەلىك كولاش ئېلىپ بېرىپ تاساددىبىي ھالدا بىر ئورۇندىكى يېرىم تاغ قاپتىلىدا قەدىمىي قەبرىلەر توپىنى بايقىغان.
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخىئولوگىيە تەتقىقات يۇرتى سىرىتقا 2012-يىللىق شىنجاڭ ئارىخىئولوگىيە نەتىجىلىرىنى ئىلان قىلىپ، كىشلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان.
يېڭىدىن بايقالغان قەدىمقى قەبرىلەر توپىغا قىزىل جاي قەبرىسى دەپ نام بېرىلگەن، ئورنى دەريا قىنىنىڭ يۇقىرىسىدىكى 20 مېتىرلىق قىرغاققا جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن 1500 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان يەر يۈزىدە ئارخىئولوگىيە خادىملىرى جەمئىي 102 ئورۇندىكى قەدىمقى قەبرىلەرنى كولاپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇ دۇنيا تارىخىدا كولاپ چىقىلغان قەبرىلەر سانى ئەڭ كۆپ قەبرىلەر شۇنداقلا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان قەبرىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ.
راست ھەيران قالارلىق خەۋەركەن، سىن، رەسىملىرى بارمىدۇ توردا؟
مۇشۇ سايلام، خەلىق، قانۇن دىگەندەك گەپلەرنىڭ ئەجەپ كۇرسى يوق دىسە خۇددى قۇناخۇننىڭ لەڭپۇرىدەك {:92:} .
ئىشقىلىپ مەن سايلمىدىم بۇ رەئىسنى. كىملەرنىڭ رەئىس نامزاتى بولغىنىنى، كىملەرنىڭ ئۇلارنى قانداق سايلاپ چىققىنىنى، سايلام نەتىجىسى دىگەندەكلەرنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىمەن. ھەتتا ماڭا ۋەكىل بولۇپ بارغان ۋەكىلنىمۇ سايلاپ باقمىدىم، ئىسمىنىمۇ ئۇقمايمەن ھەم سايلام بولۇپ ۋەكىل سايلىغىندىنمۇ خەۋىرىم يوق. ھىچكىم سايلىمغان ۋەكىللەر قانداقسىگە خەلىق ۋەكىلى، ئۇلار قاتناشقان قۇرۇلتاي قانداقسىگە خەلىق قۇرۇلتىيى بولۇپ قالدىغىنىنى ئىنىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزىريىسىنى خىلى چۈشىنەلەيدىغان كاللام ھازىرغىچە چۈشىنەلمەيدۇ دىسە.
قىززىق ئىش ھە ، بىرەرسى دۆلىتىمىزگە ياكى ئاپتۇنۇم رايونغا پالانچى رەئىس بوپتۇ دىسە ئانچە قىزىقمايمىز . ئەمما پالانچى ئامېرىكىغا زۇڭتۇڭ بوپتۇ دىسە ھەممىمىز توشمۇ توشتىن مۇنازىرە قىلىشىپ كېتىمىز دىسە . 21 يىلنىڭ ئالدىدا بىر قىتىم سايلامغا قاتناشقىنىم ئىسىمدە، {:107:}
سۈكۈت تولۇقتىكى چاغدا مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئوقۇشۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسىنىمۇ ئاۋاز قويۇپ سايلىغان ئىدى، مەن ئۆزەمنى سايلىغان ئىدىم، راستمۇ يالغانمۇ دەپ. سايلام نەتىجىسى نەق-مەيداندا سىتاتىستىكا قىلىنىپ نەتىجىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى، پالانىچىغا مانچە بېلەت، پوكىنىچغا مانچە بېلەت دەپ، ئوتتۇرىدا مېنىڭ ئىسممۇ چىقتى، لېكىن مېنى ئۆزەمدىن باشقا ھېچكىم سايلىماپتىكەن، ھا ھاھ ھا ھا {:92:} ، سايلام ئاياقلاشقاندا بىرنەچچە ئاداش بالدۇرراق دېگەن بولساڭ بىزمۇ سېنى سايلار ئىكەنمىز دېگەن ئىدى. شۇندىن كىيىن 10 يىللار ئۆتتى، ھېچ سايلامغا قاتنىشىپمۇ باقمىدىم. بىز باشلانغۇچتىكى ۋاقىتلاردا سىنىپ ھەيئىتىنى ئاۋاز قويۇپ سايلايتتۇق، بىر قانچەيلەن ھوقوقىدىن ۋاز كېچىشنى سىناپ بېقىپ، بەك قىزىق تۇيۇلۇپ كەتكەن. شۇندىن بېرى سايلامغا قاتنىشىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن، توردا ئانچە-مۇنچە قاتنىشىپتىمەن راس

مەنمۇ سۈكۈت
داۋاملىق سۈكۈت
بەت:
[1]
2