جاۋبىنشەن ئەمدى ئىتوت ئوينىمايدۇ![كۆچۈرۈلمە]
2013-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، بېيجىڭ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھۆكۈمەت مىكروبىلوگىدا، سېنارىيە جاۋبېنشەننىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يىلان يىللىق چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدىن چېكىنىپ چىققانلىق خەۋىرى بېرىلدى.
تۈنۈگۈن ئاخشام، جاۋ بېنشەن جياڭسۇ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ چاغانلىق پىروگراممىسى بېيجىڭ داشىڭ شىڭگۇاڭ فىلىم-تېلېۋىزىيە ئىشلەش ئورنىدا فىلىمگە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، گو دېگاڭ رىياسەتچىلىكىدىكى «گو دېگاڭ سۆز ئويۇنى» پىروگراممىسىدا، ئۆزىنىڭ ھازىردىن باشلاپ ئەمدى سەھنىگە ئېتوت ئويناشقا چىقمايدىغانلىقىنى، ئۆز ئەسەرلىرى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىپ، باشقىلارغا پۇرسەت بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەنبە:http://uyghur.people.com.cn/156002/15290556.html
تەنقىت ئۆتۈپتۇ دە. مۇشۇ خەقنىڭ مۇشۇنداق ئەرزان ئاقماس ۋەدىلىرىدىن خويمۇ زېرىكتىم. ئۆزىچە قىممىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئويناپ چىققان ئويۇنلىرى ئۇ.بۇ يىل قاتناشمىسا كېلەر يىلى قاتنىشىدۇ.چاغاندا چىقمىسىمۇ باشقا چاغلاردا چىقىدۇ.ئېتوت ئوينىماسلىقى مۇمكىنمۇ؟PSYدېگەن تازمۇ ئۆتكەندە ئەمدى گامناستاينى ئوينىمايمەن داۋاتقانتى،بۇ يىل ما خەقنىڭ چاغىنىغا قاتناشقىدەكقۇ.شۇ بىرنىمىسىنىئوينىمىسا نېمىنى ئوينايدۇ.دېمەك بۇندا گەپلەر پەقەت 炒作ئۈچۈنلا.ھە دەپ قويساق بولدى. ھە بوپتۇ {:92:} ئەخلەت ! شۇنداق كىيىنكىلەرگە يول بىرىش كېرەك .باشقىلارمۇ ئۆزنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلسۇن. مۇشۇ خەنزۇلارنىڭ مەبۇتچىلىق قارىشىمۇ غەلىتە. جاۋ بىنشەن دېسە ئۆلۈپ بېرىشتىن يانمايدۇ، بۇ ئادەمنىڭ 30 يىلدىن بېرى ئوينىغان ئىتوتلىرى مەلۇملۇق. چېكىلىكى سۇنۇپ كەتكەندەك كۆك خادانى شەپكە، جۇڭسەنفۇنىڭ تۈگمىسىنى گېلىغىچە ئېتىپ سەل دۈمچەيگەن قىياپەتتە سەھنىگە چىقىپ يېرىم سائەتتەك كاسىلداپ ئىتوت ئوينايدۇ شۇ. خەنزۇلارنىڭ يۇمۇرلۇق تەلىۋى بەكمۇ تۆۋەنمۇ بىلمىدىم، ئۇنىڭ ئەشۇ گالۋاڭ تۇرقىغا، ئادەتتىكى گەپلىرىگىمۇ تېلىقىپ كۈلۈپ، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىۋېتىدۇ. بەك يېقىپ كەتكىنى ئۇنىڭ رولنى بەك «تەبىئىي» ئويناپ چىققىنى بولسا كېرەك. لېكىن، جاۋ بېنشەن مېنىڭ نەزىرىمدە تەبىئىيلىكنى ئىپادىلىگەندە قەستەن شۇ خىل قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويىدىغان ئۈلگە ،خالاس.
ئۇندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن مەبۇتلىرى بار بۇ خەقنىڭ، ئويناۋاتقىنى ئادەتتىكى رول، ئېيتىۋاتقىنى ئادەتتىكى ناخشا...لېكىن داڭقى ئاسمان-پەلەككە يەتكەن...مۇخبىرلارنىڭ ئالدىدا ھالىنى شۇنداق سۈنئىي تۇتىدۇكى، ئەركەكلىرى گويا نازۇك خېنىمنىڭ ئۆزىلا بولىدۇ. خېنىملىرى بولسا ياساپ گەپ قىلىپ ئەڭ يۇمران مۈشۈكتەك غىلجىڭشىپ ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا تاسسىدە ئۆچۈرىدىغان گەپ ئۇ قاناللارنى.
6- قەۋەتتىكى enwerjulaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ خەنزۇلارنىڭ مەبۇتچىلىق قارىشىمۇ غەلىتە. جاۋ بىنشەن دېسە ئۆلۈپ بېرىشتىن يانمايدۇ، بۇ ئادەمنىڭ 30 يىلدىن بېرى ئوينىغان ئىتوتلىرى مەلۇملۇق. چېكىلىكى سۇنۇپ كەتكەندەك كۆك خادانى شەپكە، جۇڭسەنفۇنىڭ تۈگمىسىنى گېلىغىچە ئېتىپ سەل دۈمچەيگەن قىياپەتتە سەھنىگە چىقىپ يېرىم سائەتتەك كاسىلداپ ئىتوت ئوينايدۇ شۇ. خەنزۇلارنىڭ يۇمۇرلۇق تەلىۋى بەكمۇ تۆۋەنمۇ بىلمىدىم، ئۇنىڭ ئەشۇ گالۋاڭ تۇرقىغا، ئادەتتىكى گەپلىرىگىمۇ تېلىقىپ كۈلۈپ، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىۋېتىدۇ. بەك يېقىپ كەتكىنى ئۇنىڭ رولنى بەك «تەبىئىي» ئويناپ چىققىنى بولسا كېرەك. لېكىن، جاۋ بېنشەن مېنىڭ نەزىرىمدە تەبىئىيلىكنى ئىپادىلىگەندە قەستەن شۇ خىل قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويىدىغان ئۈلگە ،خالاس.
ئۇندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن مەبۇتلىرى بار بۇ خەقنىڭ، ئويناۋاتقىنى ئادەتتىكى رول، ئېيتىۋاتقىنى ئادەتتىكى ناخشا...لېكىن داڭقى ئاسمان-پەلەككە يەتكەن...مۇخبىرلارنىڭ ئالدىدا ھالىنى شۇنداق سۈنئىي تۇتىدۇكى، ئەركەكلىرى گويا نازۇك خېنىمنىڭ ئۆزىلا بولىدۇ. خېنىملىرى بولسا ياساپ گەپ قىلىپ ئەڭ يۇمران مۈشۈكتەك غىلجىڭشىپ ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا تاسسىدە ئۆچۈرىدىغان گەپ ئۇ قاناللارنى.
توغرا . بىر مىليون خەلقنىڭ سىزچىلىك كاللىسى يوق ئەمەسمۇ ... بىر ئىنكاس يېزىشقا ئاران بىر خوش يېقىپتى... {:92:}
8- قەۋەتتىكى enwerjulaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىر ئىنكاس يېزىشقا ئاران بىر خوش يېقىپتى...
{:181:} بۇ كىشىنىڭ ئېتوتلىرىنى تولۇق كۆرگەن، بىزنىڭ ئابدۇكېرىماخۇنغا سېلىشتۇرۇپ باققان، ئابدۇكېرىماخۇن ياراتقان كەيپىياتنىڭ يېرىمىنى يارىتالمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئوبرازلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاجىزلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلكە پەيدا قىلىشنى كوزۇر قىلغان... قايسى بىر يىلى بۇياق ,ئامىرىكىغا چىقىپ ئۇيۇن قۇيۇپ ,ئوينىغان نومۇرى ئامىرىكىلىقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ. سەتلىشىپ قايتىپ كەلمىدىمۇ,ئۇنىڭ مېيىپلارنى ,قېرىلارنى ھەزىللەشتۇرۇپ مەسخىرە قىلىپ ئوينىغان, نومۇرلىرىنى كۆرگەن ئامىرىكىلىقلار قاتتىق ھەيران قالغان ۋە غەزەپلەنگەنمىش
11- قەۋەتتىكى bibarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قايسى بىر يىلى بۇياق ,ئامىرىكىغا چىقىپ ئۇيۇن قۇيۇپ ,ئوينىغان نومۇرى ئامىرىكىلىقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ. سەتلىشىپ قايتىپ كەلمىدىمۇ,ئۇنىڭ مېيىپلارنى ,قېرىلارنى ھەزىللەشتۇرۇپ مەسخىرە قىلىپ ئوينىغان, نومۇرلىرىنى كۆرگەن ئامىرىكىلىقلار قاتتىق ھەيران قالغان ۋە غەزەپلەنگەنمىش
جاۋ بېنشەن ئوينىغان ئىتوتنى ئىنگىلىزچە ئويناپتۇما؟
12- قەۋەتتىكى MVXVKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
11- قەۋەتتىكى bibarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قايسى بىر يىلى بۇياق ,ئامىرىكىغا چىقىپ ئۇيۇن قۇيۇپ ,ئوينىغان نومۇرى ئامىرىكىلىقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ. سەتلىشىپ قايتىپ كەلمىدىمۇ,ئۇنىڭ مېيىپلارنى ,قېرىلارنى ھەزىللەشتۇرۇپ مەسخىرە قىلىپ ئوينىغان, نومۇرلىرىنى كۆرگەن ئامىرىكىلىقلار قاتتىق ھەيران قالغان ۋە غەزەپلەنگەنمىش
جاۋ بېنشەن ئوينىغان ئىتوتنى ئىنگىلىزچە ئويناپتۇما
خەنزۇچە ئوينىغان بولسا كىرەك ,ئاساسلىق تاماشىبىنلىرى ئامىرىكىدىكى خەنلەر بولغاندىكىن
قايسى كۈنى بىرسى مىكروبلوگىدا مۇنداق دەپتىكەن «ئامېرىكىدا بىر كىشى ئەقلى توسالغۇغا ئۇچرىغان بىر كىچىك قىزنىڭ مېڭىشىنى دورىغانلىق سەۋەبىدىن، نەچچە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، جۇڭگودا بولسا بۇنداق كىشى بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، مەبۇدىسىگە ئايلاندى»، ئاستىغا جاۋبېنشەننىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ.
ھازىر بۇنىڭ شاگىرتلىرى بولسا ئايال كىشىنىڭ ئىشتىنىنى كەيمەي تۇرۇپ، سەھنىگە چىقالماس بولۇپ قاپتۇ. ئوينىمىسا مەيلى
مەن بەرىبىر كۆرمەيمەن
12- قەۋەتتىكى MVXVKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
11- قەۋەتتىكى bibarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قايسى بىر يىلى بۇياق ,ئامىرىكىغا چىقىپ ئۇيۇن قۇيۇپ ,ئوينىغان نومۇرى ئامىرىكىلىقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ. سەتلىشىپ قايتىپ كەلمىدىمۇ,ئۇنىڭ مېيىپلارنى ,قېرىلارنى ھەزىللەشتۇرۇپ مەسخىرە قىلىپ ئوينىغان, نومۇرلىرىنى كۆرگەن ئامىرىكىلىقلار قاتتىق ھەيران قالغان ۋە غەزەپلەنگەنمىش
جاۋ بېنشەن ئوينىغان ئىتوتنى ئىنگىلىزچە ئويناپتۇما؟
ئامېرىكىدا خەنزۇلار بەك جىق، ئاشۇلار تەكىپ قىلغان. بۇ ئادەمگە مەن قايىل ، مىنىڭچە خەنزۇلاردا ئىككى ئادەمنىڭ گىپى خىلى مەزگىلىگىچە مودا بۇلۇدۇ، بىرسى كومىدىيە شاھى جۇشىڭىچىنىڭ بىرسى مۇشۇ جاۋبىنشەننىڭ، پىكىرى ئۇچۇق، يۇمۇرستكىلىككە باي، ئىتوتلىرىنى ۋە كىنۇلىرىنى چۇشۇنۇپ كۆرسەڭلەر مۇشۇ جۇڭگۇدىكى بەزى ناچىر خاھىش ، ناچار تۈزۈملەرنى ھەجىۋى قىلىپ بەك قامىچىلايدۇ،
بۇنىڭ ئىتوتلىرىنى ئادىل مىجىتىلار ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۇرۇپ خىلى ئالقىشقا ئىرىشكەن، ھازىرغىچە شۇ ئىتوتلارنى خەلقىمىزمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۇدۇ، سىلەرچە جۇڭگودىن تېنىپ سىنگاپورلۇق بولۇۋالغان كىشى دۆلەتلىك چاغاندا نومۇر قويسا بولامدۇ؟
17- قەۋەتتىكى elxat421نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ ئادەمگە مەن قايىل ، مىنىڭچە خەنزۇلاردا ئىككى ئادەمنىڭ گىپى خىلى مەزگىلىگىچە مودا بۇلۇدۇ، بىرسى كومىدىيە شاھى جۇشىڭىچىنىڭ بىرسى مۇشۇ جاۋبىنشەننىڭ، پىكىرى ئۇچۇق، يۇمۇرستكىلىككە باي، ئىتوتلىرىنى ۋە كىنۇلىرىنى چۇشۇنۇپ كۆرسەڭلەر مۇشۇ جۇڭگۇدىكى بەزى ناچىر خاھىش ، ناچار تۈزۈملەرنى ھەجىۋى قىلىپ بەك قامىچىلايدۇ،
بۇنىڭ ئىتوتلىرىنى ئادىل مىجىتىلار ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۇرۇپ خىلى ئالقىشقا ئىرىشكەن، ھازىرغىچە شۇ ئىتوتلارنى خەلقىمىزمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۇدۇ،
ئادىل مىجىتلار ئۆزلەشتۈرۈپ ئوينىغان يۇقارقى بەخىتلىك بۇلۇڭ دىگەن ئىتوتنى ئەڭ مۇۋاپپقىيەتلىك ئۆزلەشتۈرۈلگەن بىر ئىتوتمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم،تورداشلارنىڭ بۇ ئىككى ئىتوتنى سېلىشتۇرۇپ كۈرۈپ چىقىشى ئۈچۈن مەزكۇر ئىتوتنىڭ ئىككى تىلدىكى نوسخىسى تورداشلارغا ھەمبەھىرلەندى.