Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 20:34:43

خۇشخەۋەر، 2- ئايدىن كېيىن Win8 نى ئوقۇغۇچىلار ئېتىبار باھادا ئالالايدۇ.

تېما 1:  خۇشخەۋەر، ئوقۇغۇچىلار 2- ئايدىن كېيىنمۇ Win8 نى ئېتىبار باھادا ئالالايدۇ.


    مىكروسوفت 2- ئايدا ئامېرىكىدىن باشلاپ، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا 69.99 دوللار باھا بىلەن ئېتىبار باھادا Win8 سېتىش پائالىيتى قىلىدۇ. دۆلىتىمىز بەلكىم 2- ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا پائالىيەت قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى مۇمكىن.


تېما 2: كېيىنكى ئېھتىماللىقلارغا تەييارلىنىش ئۈچۈن، ۋىزا ماستېر بەلگىلىك ئىناۋەت كارتىسى بىجىرىشكە ھەركەتلىنىڭ


    شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، VISA ياكى MASTER بەلگىلىك ئىناۋەت كارتىسى بىجىرىپ تەييار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. (بانكا بىرلەشمىسى بەلگىسى كۇپايە ئەمەس).


    بۇ خىل بەلگىلىك ئىناۋەت كارتىسى بىجىرىشنىڭ يەنە بىر ئەۋزەل تەرىپى شۇكى، Win8 نى سېتىۋېلىپ قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقان سۈيۈملۈك قېرىنداشلار مىكروسوفت ئەپ بازىرىدىن كۆڭلىگە ياققان ئۇيۇن، ئەپ، قوراللارنى سېتىۋالماقچى بولسا، ئىناۋەت كارتىسى ئارقىلىق ھېساۋات قىلىشى لازىمكەن. ھېچبولمىسا، مەن بىر ئۇيۇننى سېتىۋالماقچى بولۇپ زاكاس چەككەن ۋاقتىمدا، ئۇنىڭ پۇل تۆلەش شەكلىدە پەقەت ئىناۋەتلىك كارتا تۈرىنىلا كۆردۈم، پايپال يوقكەن.


    كۆپچىلىكنىڭ ۋىزا ياكى ماستېر بەلگىلىك ئىناۋەت كارتىسى بىلەن قۇرالىنىپ، ھەر ۋاقىت سودىغا تەييار تۇرالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


بۇ قېتىم، كومپيۇتېر سەۋىيىسىنىڭ تۈۋەنلىكى ۋە خەنچە يېزىقتا قىينالغانلىقى، ھەم ۋاقتىدا ياردەم تاپالماي پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن قېرىنداشلار قاتارلىق دوستلارنىڭ، ئۆكۈنۈشنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاخىرقى جەڭگە ۋىزا- ماستېر بەلگىلىك ئىناۋەت كارتىسىنى تەييارلاپ قويۇشىنى سورايمەن.



    نىيەتنى بۇزۇپ ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيەتنى تەمىنلەپ سېتىۋالغان كىشىنىڭ كومپيۇتېرنى ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان- ۋاتمىغانلىقىنى مىكروسوفت ئۆيۈڭگە كېلىپ تەكشۈرۈپ يۈرەمتى؟ ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇنچە مەقسىتىمۇ ھەر خىل يوللارنى بىزگە داۋاملىق قالدۇرۇپ، مىكروسوفت كۆزنەك سىستېمىسىنىڭ يەرشارى ئىمپىرىيىسىنى تارايتماي كېڭەيتىپ ساقلاش.


    ھەمدە، گۈرجەك ئىشلەتكەن ئادەم بىلەن گۈرجەك ماشىنا ئىشلەتكەن ئادەم تەڭ بولمايدۇ. يۇمشاق دېتال ئىشلەتكەن ئادەم بىلەن ئىشلەتمىگەن ئادەم تەڭ بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن دىمەكچى بولغىنىمىز، سىز مەلۇم بىر يۇمشاق دېتالغا، ئۇيغۇچە ئاممىباب دېتالغا ئېھتىياجلىق بولغىنىڭىزدا، ئاخشىمى ئىللىق يوتقاننىڭ ئىچىدە تۇرۇپلا، دەرھال پۇل تۆلەپ دەرھال ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، سىزگە بۇ يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ بېرىدىغان ئۇيغۇر كارخانىلىرى بار، سىز ئۇلارنىڭ مىكروسوفت ئەپ بازىرىدا سىز ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەتكە تەييارلىنىپ تۇرۇشىنى خالىسىڭىز، ئۇنداقتا، مىكروسوفت ئەپ بازىرىدا ھەق تۆلەش ئۈچۈن قولاي بىر توردا ھەق تۆلەش قۇرالىغا تېزدىن ئېرىشىۋېلىڭ.


    پېقىرنىڭ تېخى ۋىزا ماستېرلىق ئىناۋەت كارتىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پەقەت پەرق ئېتىش ئىقتىدارىمغا تاينىپلا تونۇشتۇرۇشۇمنى ئۆزۈڭلار ئېنىق دەلىللەپ ئىش قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، خاتالىقنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۆرۈشنى خالاپ كەتمەيمەن، لېكىن خاتالىقمۇ ياخشى نەرسە. تۈۋەندىكىسى بولسا، سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ توردا ئىناۋەت كارتىسى ئىلتىماس قىلىش بېتىكەن، مەن بۇ قەدەملەرنى باسقاندا دوكىلاتىنى ئايرىم يوللايمەن.



ۋىزا كارتىسى بار ۋە ئۇنىڭغا تاينىپ توردا Win8 سېتىۋالغانلاردىن سورايدىغىنىم، مېنىڭ دەۋاتقىنىم  رەسىمدىكىدەك نەرسە شۇمۇ؟





ئىلتىماس قىلىش:


http://www.icbc.com.cn/ICBC/%e5%b9%bf%e5%91%8a%e9%a1%b5%e9%9d%a2/%e7%bd%91%e7%ab%99%e5%ae%a3%e4%bc%a0%e5%b9%bf%e5%91%8a%e9%a1%b5%e9%9d%a2/%e6%80%bb%e8%a1%8c%e5%b9%bf%e5%91%8a%e9%a1%b5%e9%9d%a2/2010/0122%e4%bf%a1%e7%94%a8%e5%8d%a1%e7%bd%91%e4%b8%8a%e5%8a%9e%e5%8d%a1/0122%e4%bf%a1%e7%94%a8%e5%8d%a1%e7%bd%91%e4%b8%8a%e5%8a%9e%e5%8d%a1.htm


كارتا دۇنياسى:


http://www.icbc.com.cn/icbc/%e7%89%a1%e4%b8%b9%e5%8d%a1/default.htm


yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 22:00:56

ئۇلانما ، تېمىنى بەك كەڭرى قىلىۋېتىپتۇ، ئوقۇشقا تەسىر يەتكۈزدى.

ئاشۇ كارتا شۇغۇ دەيمەن، مەندە بىرسى بار ، دوللارنى ئىشلىتىپ باقمىدىم.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-2-1 04:43:46

سىز چىقارغان كارتا شۇ، مەن شۇندىقىدا ئالغان. ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرمەكچى بولغانلار ئىمكان بار سودىگەر چاقىرىش بانكىسى(招商银行) نىڭكىنى بېجىرىڭلار، جۇڭگودا بۇلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىن ئەڭ ياخشى.


http://creditcard.cmbchina.com/


كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەملىك ئىناۋەتلىك كارتىلىرى (标准信用卡):


http://creditcard.cmbchina.com/products/list/19.htm


مۇشۇلاردىن تۆۋەندىكى ئىككىسىنى بېجىرسە بولىدۇ:


1.  招商银行VISA信用卡


http://creditcard.cmbchina.com/products/info/visa.htm


\"\"



2. 招商银行MasterCard信用卡


http://creditcard.cmbchina.com/products/info/mc.htm


\"\"



muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-2-1 04:56:56

يەنە بىر گەپ، ماۋۇ «خاتالاشمىسام، win8نى يەنە 98يۈەنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇ » تېمىدا دېيىلگىنىدەك، قولىدا شەرتكە چۈشىدىغان ۋىندوۋس 7 تەرتىپ نومۇرى بارلار 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە يەنىلا 98 يۈئەنگە ئالالايدىكەن. ئورگان بېتىنىڭ «مۇھىم ۋاقىتلار» ئەسكەرتمىسىدە ئېنىق يېزىلىپتۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، قولىدا ئۇلار دىگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن ئالغان ۋىندوۋس 7 سېستىمىسى بارلارمۇ ئېتىبار نومۇرى ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭلار، مەن 2011-يىلى ئالغان كومپىيۇتېرنىڭكىگىمۇ 98 يۇئەنلىك ئېتىبار نومۇرى ئالالىدىم. ئىلگىركى يىللارنىڭ بولسىمۇ ئېرىنمەي سىناپ بېقىڭلار. «سېتىۋالغان شىركەت» دىگەن يەرگە 苏宁电器, 国美电器,京东商城 دەپ يېزىۋېرىڭلار.

\"\"

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2013-2-1 11:31:00

3- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەنە بىر گەپ، ماۋۇ «خاتالاشمىسام، win8نى يەنە 98يۈەنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇ » تېمىدا دېيىلگىنىدەك، قولىدا شەرتكە چۈشىدىغان ۋىندوۋس 7 تەرتىپ نومۇرى بارلار 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە يەنىلا 98 يۈئەنگە ئالالايدىكەن. ئورگان بېتىنىڭ «مۇھىم ۋاقىتلار» ئەسكەرتمىسىدە ئېنىق يېزىلىپتۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، قولىدا ئۇلار دىگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن ئالغان ۋىندوۋس 7 سېستىمىسى بارلارمۇ ئېتىبار نومۇرى ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭلار، مەن 2011-يىلى ئالغان كومپىيۇتېرنىڭكىگىمۇ 98 يۇئەنلىك ئېتىبار نومۇرى ئالالىدىم. ئىلگىركى يىللارنىڭ بولسىمۇ ئېرىنمەي سىناپ بېقىڭلار. «سېتىۋالغان شىركەت» دىگەن يەرگە 苏宁电器, 国美电器,京东商城 دەپ يېزىۋېرىڭلار.

\"\"



ئامال بولمىدى، 2011-يىلىنىڭ توشىبا ئىدى

ablajan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-1 16:43:23

مەن تېخى بۈگۈنلا مەكتەپ ئاۋانگىراتى تورىدىن كۆزنەك 8 نى 248 گە سېتۋالدىم،مەن ئۇلاردىن 2 -ئايدىن باشلاپ بۇ مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرمىز دەۋاتقان سىلەر باھانى ئۆستۈرمىدىڭلەرمۇ دەپ سورسام ،ئۇلار بىز تېخى مىكرو سوفىت شىركىتىدىن باھانى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۋالمىدۇق دەيدۇ.شۇڭا سېتۋېلىشنى خالايدىغانلا مۇشۇ توردىن سېتۋالساڭلار بولغۇدەك.ئادرېسى http://shop.edu.cn/ ئەگەر سېتۋالامىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار مەن ۋاكالىتەن ئېلىپ بەرسەممۇ بولىدۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-2-1 17:08:54

@MVXVK مەن 2011 نىڭ يەنە بىرىنى سىناپ باقسام بولمىدى، بولغىنىمۇ بولمىغىنىمۇ سامسۇڭنىڭ ئىدى. سەۋەبىنى بىلمىدىم.

@ablajan ئورگان بېتىدىكى باھا 1988 سومغا ئۆزگىرىپ بوپتۇ بولمىسا http://www.microsoftstore.com/store/mscn/zh_CN/pdp/productID.258358300

ablajan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 09:53:01

6- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@MVXVK مەن 2011 نىڭ يەنە بىرىنى سىناپ باقسام بولمىدى، بولغىنىمۇ بولمىغىنىمۇ سامسۇڭنىڭ ئىدى. سەۋەبىنى بىلمىدىم.

@ablajan ئورگان بېتىدىكى باھا 1988 سومغا ئۆزگىرىپ بوپتۇ بولمىسا http://www.microsoftstore.com/store/mscn/zh_CN/pdp/productID.258358300



مەكتەپ ئاۋانگىراتىدىكى باھاسى بۇگۈن 488 گە ئۆسۈپتۇ

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-2-23 18:42:30

سودا سانائەت بانكىسىغا بېرىپ ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىمەن ، تىز چىقسا بولاتتى دىسەم، تىز دىسەڭ توردا ئىلتىماس قىل 15 كۈندە كىلىدۇ دىسە ھە دەپتىمەن، مانا توردا ئىلتىماس قىلىپ قويغىلى 2 ئايدىن ئاشتى، ھېچبىر سادا يوق:

申办新卡 20121226 乌鲁木齐 多币种卡 这张申请表我行正在做相应处理,请等候。 20121226

لاتا گۇيلار، چىداپ بولالماي كىچىكراق بانكىلارنىڭكىنى بېجىرەي دەپ قاتناش بانكىسىغا بارسام سودا سانائەت، يېزا ئىگىلىك ياكى قۇرلۇش بانكىسنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى بارمۇ دەيدۇ، يوق دىسەم ئەمسە بىجىرەلمەيسەن دەپ يولغا سالدى.

ساراڭ گۇيلار، باشقا چوڭراق بانكىدا ئىناۋەت كارتىسى بولسا مەن كىلىپ نىمە قىلىپ، بىرنەچچىنى بىجىرىپ يىگىلى بولمىسا يا............

مۇشۇ كۆزنەك 8 نى ئالىدىغان چاغدا ئەجەپ دورا بولدا بۇ كارتا دىگەن. ئۇنىڭ بۇنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتىپ يۈردۈم. بۈگۈن زىلتار بەرگەن نۇمۇر بىلەن 98 يۈەنلىك ۋىندۇس ئالىمەن دەپ بىر پايپالدىن بىر پايپالغا پۇل قاچىلايمەن تازىمۇ ئاۋەرە بولدۇم، ھەم پايپالغا ئازراق پۇل سېپمۇ بەردىم. ئىناۋەتلىك كارتىدا دەل 98 گە ئالغىلى بولغان بىلەن، پايپالدا ئالسا ئازراق رەسمىيەت ھەققى قوشۇلۇپ قالىدىكەن.
بەت: [1]
: خۇشخەۋەر، 2- ئايدىن كېيىن Win8 نى ئوقۇغۇچىلار ئېتىبار باھادا ئالالايدۇ.