نۇرلان ئابىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
نۇرلان ئابىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
30-يانۋار چۈشتىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنى غەلبىلىك يېپىلدى. يىغىندا، نۇرلان ئابىلمەجىن (قازاق) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى. ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي (ئايال، ئۇيغۇر)، لى شياڭلىن، ماۋكىن سېيىتقامزا، جۈرئەت ئىمىن (ئۇيغۇر)، ليۇ جيۇڭ(خۇيزۇ)، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، بادەي (مۇڭغۇل)، گۈلشات ئابدۇقادىر (ئايال، ئۇيغۇر)، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېشىت (ئۇيغۇر) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى.
----------------------------
مەنبە:تەڭىرىتاغ تورىhttp://uy.ts.cn/homepage/content/2013-01/30/content_259801.htm
سىياسى كېڭەش نېمە ئىش قىلدىغان يەر؟ مەن پەقەت چۈشەنمەيمەن مۇشۇ يەرنى
تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن بېرى سايلامغا قاتنىشىپ باقمىغاچقا خەلق قۇرۇلتىيىنىمۇ چۈشەنمەيتىم، بىرسى چەتئەلدىكى پارلامېنىتقا ئوخشايدۇ دەپتى ئاندىن چۈشەنگەن. بۇرۇنقىسى كىم ئىدى؟ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىسىچۇ؟ قانداق پايدىسى تېگىدىغان يەر ؟
2- قەۋەتتىكى yulhunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇرۇنقىسى كىم ئىدى؟ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىسىچۇ؟
بۇرۇنقىسى:ئەسقەت كەرىمباي
ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىسى:جانابىل
http://www.xjzx.gov.cn/index.htm
چوقۇم قازاق بولىدىغان يەرما ئۇ ؟ ئىسمدە قىلشىچە ھەممە بۇيرۇق مۇشۇ يەردىن چىقىدىغۇ دەيمەن . ئاندىن قورچاقلار ئىمزا قويىدۇ . ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ . ئىشقىلىپ رولى چوڭ . كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بىزنىڭ ناھىيىدىكى سىياسى كېڭەش بىناسىنىڭ ئۈستىدە تۆمۈر جازىدىن ياسالغان چوڭ ۋىۋىسكا بار بولۇپ كېيىن شامال تەسىرىدىنمۇ ۋە ياكى ئاجراپ كەتكەنلىكتىنمۇ ئىشقىلىپ سىياسى كېڭەش دىگەن سۆزدىكى ‹‹ڭ›› نىڭ ئۈچ تال چىكىتى يوق بولۇپ قالغان بولۇپ خېلى ئۇزۇنغىچە مۇشۇنداق تۇرغانىكەن، چوڭلار ھەجەپ بەلەن كەپتۇ دەپ كۈلۈشمەك قىلاتتى ، چوڭ بولغاندىن كېيىن بىز كۈلۈشىدىغان بولغانىدۇق {:90:} نۇر بەكرى چۈشەر ؟
1- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سىياسى كېڭەش نېمە ئىش قىلدىغان يەر؟
ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىغا يەپ ئىچىپ،قىلغان ئەمەلى ئىش ھەرىكىتىنىڭ تايىنى يوق بىر دۆلەت ئورگىنى خالاس
نۇر بەكرىگە تېخى 2قارار بولمىدىغۇ دەيمەن، كۆرەش مەخسۇت خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى بۇلارمىكىن. قازاقلارغا ھۆددە بېرىۋەتكەن يەركەن ئۇ ؟؟
7- قەۋەتتىكى estamiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نۇر بەكرى چۈشەر ؟
نۇر بەكرى چۈشمەي، ئۆسۈپ، مەركەزگە كېلىپ ھوقۇق تۇتۇشى مۇمكىن. مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغۇدەك دېگەن گەپ بار.
سىياسى كېڭەش بىلەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ زادى نېمە پەرقى بار ؟
ھىلارى پىنسىيىگە چىقىپتۇ دەيدىغۇ؟
11- قەۋەتتىكى huqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قازاقلارغا ھۆددە بېرىۋەتكەن يەركەن ئۇ ؟؟
سىياسى كېڭەش بىلەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ زادى نېمە پەرقى بار ؟
ھىلارى پىنسىيىگە چىقىپتۇ دەيدىغۇ؟
سىياسى كېڭەش دېگەن باشقا پارتىيەدىن ياكى پارتىيەسىز زاتلارنى تولاپ ئەكىلىپ دۆلەتنى قاندا باشقۇرىمىز دەيدىغان ئورگان،
خەلق قورۇلتىيى دېگەن ج ك پ نىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى دەپ چۈشۈندىكەنمەن .
سىلەر ياشاۋاتقان بۆ دۆلەتنىڭ توغرىسى ئۆزەڭلارنىڭ قانداق ئىدارە قىلىنىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر...

شۇنداقراق ئېھتىياج بىلەن قۇرۇلغان، خەلق قۇرۇلتىيىمۇ شۇ... راست دەيسىز، دۆلەتنىڭ خەلقنى قانداق ئىدارە قىلدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغانلار نۇرغۇن، مۇشۇنىڭغا قارىتا بىر تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، تېما يازساڭلار بولاتتى. ھەممەيلەن بىرلىكتە نۇر بەكرى ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يەنە بىر نۆۋەت رەئىس بولۇپ سايلانغانلىقىنى قىزغىن ئالقىشلايلى!
13- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سىلەر ياشاۋاتقان بۆ دۆلەتنىڭ توغرىسى ئۆزەڭلارنىڭ قانداق ئىدارە قىلىنىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر...![]()
92- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان چاغدا ، مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىدىن بەرگەن مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم : موسكىۋادا ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ، كىشىلەر قىيمىلىق بولكا ئېلىۋاتىدۇ . جۇڭگولۇق مۇخبىر سەپنىڭ ئوتترىداراق تۇرغان بىر مومايدىن سورايدۇ < سىزچە ھازىر دۆلەتنى يىلىتسېن باشقۇرسا ياخشىمىكەن ياكى گورباچىف سورىسا ياىشىمىكەن ؟ > ھېلىقى موماي ئاچچىقىدىن تىترەپ كېتىدۇ ۋە مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ < دۆلەتنى ھازىر كىملا سورىۋالسا سورىۋالسۇن ، ماڭا ھازىر بىر دانە قىيمىلىق بولكا بولسىلا بولدى > . مۇخبىر كامىرانى يۆتكەپ مۇنداق دەيدۇ . < سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇزاق مەزگىل خەلقنى مۇستەبىتلىك ئاستىدا سورىغاچقا ، كىشىلەر سىياسىغا قىززىقمايدىغان بولۇپ قالغان >
16- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەممەيلەن بىرلىكتە نۇر بەكرى ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يەنە بىر نۆۋەت رەئىس بولۇپ سايلانغانلىقىنى قىزغىن ئالقىشلايلى!
نۇر بەكرى يەنە رەئىس بۇلدىما ؟ئۆسەپ كەتمەمدىكەن ئۇ ؟
