يالغۇزلۇق
يالغۇزلۇق
شۇ قەدەر يالغۇزلۇق ، سوغۇق ياتسىراش ،
رىئاللىق بولماقتا چۈشۈمدەك گۇمران .
مەن كەبى يالغۇزدۇر ، تۇلۇن ئاي ھەر دەم ،
تىلەيدۇ بىزلەردىن، تىلەيدۇ بىر جان .
مەن گويا پىچىرلاش جىمجىت كىچىدە ،
يۇلتۇزلار تىڭشىماس ھىجران ناخشامنى .
مەن شۇ دەم ئۆزۈمنىڭ سايىسى گويا ،
ئۇنتۇپلا كېتىمەن بۈگۈن ئۆزۈمنى .
يالغۇزمەن شۇ غىرىب كوچىلار ئارا،
يۈرمەكتە ئادەملەر ئۆزىنى ئىزدەپ .
قار بېسىپ قالغاندەك چۈشىدە ھەممە،
قالىدۇ ھاياتقا ھامان تەمتىرەپ .
كۆرۈپ قالسام سېنى ناۋادا
كۆرۈپ قالسام سېنى ناۋادا،
روھىم ئىزدەپ بارار تېنىنى.
ئۇل قۇياشتەك كۆيدۈرگەن ھىجران ،
يوقۇتىدۇ ئاستا ئۆزىنى .
كەشتىلىدىڭ ھاياتنى ماڭا ،
تۆشۈكىدىن ئۆتتۈم يىڭنىنىڭ .
سېنى چۈشەپ كەلدىم ھەر قاچان ،
بۆشۈكىدە ئۇخلاپ ئازابنىڭ .
شۇ زۇلمەتلىك كىچىدىكى ئاي،
يۇلتۇزلاردىن تىلەر ئىھسانلىق .
مەن ئۆزۈمنىڭ ئىلان تاختىسى ،
يوقالماقتا بۇندا ئىنسانلىق .
مەنمۇ شۇ.! شىئېرغا ئىنكاس چۈشمەيدىغىنىنى دەيمەندە مۇشۇ ئىزدىنىشتا
