choice يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 13:43:32

بالىڭىز مۇھىممۇ؟نومۇرمۇ

.ئوغلۇمنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىنى ئارىلاپ كۆرىۋېتىپ ئۇنىڭ ‹ بالا بولماق تەس› ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ تۇرۇپ قالدىم، ئۇ مۇنداق يازغان ئىدى: ‹ بالا بولماق بەك تەس، چوڭلار ھەرقاچان قىلىدىغان ئىشلارنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ، خاتالىق سادىر قىلساقلا چوقۇم تەنقىد ئاڭلايمىز ، ئۇلار ئۆزلىرى خاتالىق ئۆتكۈزسە گەپنى خاتا قىلسا ھىچقىسى يوق، تېخى ئىمتىھان نومۇرىمىزغا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، خۇددى نومۇر ئۇلارنىڭ بالسىدەكلا....›

تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە چوڭلارغا تايىنىۋالىدىغان ئادەت يېتىلدۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن دائىم بالا ئۇخلاپ قالغاندا ئاندىن تاپشۇرۇق دەپتەرلىرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن ئىدىم. ئۇخلاۋاتقان ئوغلۇمغا قاراپ ئىچىم قانداقتۇر ئاچچىق تۇيغۇلارغا تولدى، ئوقۇتقۇچى  ماقالە ئاستىغا ‹ بالا بولماق تەس، بىراق ئاتا- ئانا بولماقمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس› دەپ ئىمزا قويۇپتۇ. ئىلگىرى بالىلىق بولۇشتىن بۇرۇن ئەگەر بالىلىق بولسام باشقىلارغا  ئوخشاش ئىمتىھان نەتىجىسىنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلمەيمەن، نەتىجىگە ئۇنچە قىلىپ كەتمەيمەن دەپ ئويلغان ئىدىم، بىراق تولىمۇ ئەپسۇس، بالىلىق بولۇپ بالام مەكتەپكە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەنقىدى، ئەيىپلەشلىرى، يامان كۆرۈشلىرى ئالدىدا بۇ كۆز قارىشىمنىڭ ھەرگىزمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، بىزدىكى مائارىپ تۈزۈلمە مۇھىتىدا نەتىجىنى‹چوڭ بىلمەسلىك›تەك بۇ خاھىشنىڭ خاتا قاراش دەپ قارىلاپ چەتكە قېقىلىپ سەپتىن چۈشۈپ قالىدىغانلىقىمنى تونۇپ يېتىپ ئەمدى ھەرگىزمۇ نەتىجە ئانچە مۇھىم ئەمەس دىيەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.

ئەمىلىيەتتە مەن ئۈچۈن بالىنىڭ ساغلاملىقى ھەممىدىن مۇھىم ئىدى، مۇشۇ مۇھىم نۇقتا ئاساسىدا بالا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى 80% ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭالىسا مەن بۇنىڭغا قانائەت قىلاتتىم، ئەمما بالامنڭ نەزىرىدە دىمەك مەن يەنىلا ئىمتىھان نومۇرلىرىنى بالامدىن مۇھىم دەپ بىلىدىكەنمەن، ئەگەر مەن بالامغا : بالام مەن ئۈچۈن سەن ھەممىدىن مۇھىم ، نەتىجە مۇھىم ئەمەس دىسەم بالام كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلار؟ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن ئۈچۈنمۇ نومۇر مۇھىم ئەمەس بولۇپ ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى ئۆگۈنۈش تەقدىرى ، كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولار؟

ئەتىسى بالامغا دىدىم: بوپتۇ مەن نومۇرنى چوڭ بىلمەي ئۇنداق بولسا سەن ماڭا دىگىن كۈندە ئالغان بىلىمىڭنى نىمە ئارقىلىق ئۆلچەيمىز؟ مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ سېنىڭ ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولغىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم، بىراق تۆۋەن نومۇر ئالساڭ سەن راسلا بىئاراملىق ھىس قىلمامسەن؟ راستىنلا نومۇر سەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەسمۇ؟ ئەگەر سەن ئانا بولۇپ مەن بالا بوپ قالسام ئىمتىھانلاردا 0 نومۇر ئېلىپ كەلسەم سەنمۇ ماڭا بالام سەن مۇھىم نومۇر لازىم ئەمەس دىيەلەمسەن؟

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 16:47:56

ھازىرقى دەرىسلەرنى بالىلارنىڭ قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىدىن قۇبۇل قىلىپ كېتەللەمدۇ ؟ بۇلۇپمۇ ***چە دەرىسلەردە بالىلارغا كەلتۈرىدىغان بېسىمى خېلى يۇقۇرى بۇلىۋاتىدىغۇق دەيمەن !

ئوغلۇم  يېڭى 2 _ يىللىقا چىققان كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەندىن بىر تاپشۇرۇقنى ئىشلىيەلمىدىم دەپ ئەپكەپتۇ ، قارىسام سۆزلەرنىڭ ئورنى ئالماشتۇرۋېتىلگەن ئۇزۇن بىر جۈملە سۆز ئىكەن توغۇرلاشنى تاپشۇرۇق بېرىپتۇكەن ئوغلۇم بۇ جۈملىدىكى سوزلەرنىڭ 60% نى بىلمەيدىكەن ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇنى ئىشلەلىشى مۇمكىنمۇ ! ئىلگىرى ھەدەپ ئوغلۇمغا بېسىم قىلاتتىم ، ئويلاب باقسام بەزى دەرىسلەر ئۇنىڭ قۇبۇل قىلىش چېكىدىن ھەقىقەتەن ھالقىپ كېتىپتۇ !

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 18:45:43

ھازىر بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقى بەك كۆپ.

باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى سىنىپىدا ئوقۇيدىغان قىزىم ھەر كۈنى كېچە سائەت 11 گىچە ئىشلەپ ئاران ئىشلەپ بولىدۇ. بولدى ئىشلىمەڭ ئۇخلاڭ دېسەكمۇ ئۇنمايدۇ، خانىم تىللايدۇ دەپ. ئېلىپبەدىن باشقا دەرسلىكنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە. شۇڭىمۇ ئوقۇتقۇچلىرى كاتەكسىمان خەتنى قانچە كۆپ يازسا شۇنچە تېز ئەستە قالىدۇ دەمدىكىن تاپشۇرۇقنى بەك كۆپ بېرىدىكەن. ئاتا-ئانىسى خەنزۇچىنى ئۇقمايدىغان بالىلار تاپشۇرۇقنى قانداق ئىشلەيدىغاندۇ دەپ ھەيران قالىمەن. تاپشۇرۇقنىڭ پۈتۈن تەلىپى خەنزچە.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 21:29:54

بىر دوستۇمنىڭ بالام بىلەن تەڭتۇش بالىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئاللاھتىن بالامنىڭ  سالامەت چوڭ بۇلۇشىنى تىلەيدىغان بولدۇم. سالامەت بولمىسا قالغىنى بىكار. ئەمما دەۋرىمىزدە نۇمۇر بولمىسا بولمىغان.  بالامغا ئىچىم ئاغىرىيدۇ، ئوينادېسەم سىرتتا بالىلار يوق.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 21:57:13

مېنىڭ تەۋسىيەم، بالىڭىزغا نۇمۇرنى ئاساس قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ھەرگىز دېمەڭ، ئۇنى كۆڭلىڭىزدە بىلىڭ.

بالام تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغانغا ئازقالغاندا، مەن بالامغا، ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆزەڭنى دەڭسەپ كۆرۈپ باقساڭ بولىدۇ، ئەمما ئىمتىھان نەتىجەڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر تولۇق ئوتتۇرىنى مېنىڭ قىشىمدا، ئۆيدە - يېتىپ قوپۇپ، مۇشۇ يۇرتىمىزدا ئوقۇيسەن، دېگەن ئىدىم، شۇندىن كېيىن بالىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىدا رۇشەن تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، تىرىشچانلىقى بىرئاز ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، بەسلىشىپ ئۆگىنىدىغان، ئەڭ ياخشى ھەمرالىرى تەكلىماكاننىڭ جاڭگاللىرىدىمۇ ياخشى ئوقۇيالايدىغان ئەقىللىقلەرنىلا ئوقۇتالايدىغان ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەرگە كەتكەچكىمىكىن، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرانىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكىدەك قىزغىن بولالمىدى، مېنىڭ ئۇ گېپىم گويا تورموزى تۇتالماي چېپىپ كېتىۋاتقان موتوسىكىلىتقا تاش ئېسىپ قويغاندەك رول ئوينىغان ئىدى. خىزمىتىمگە بەك بېرىلىپ كېتىپ، كىچىكىدە ئۆگىنىشكە بەك باسماپتىكەنمەن، ئۆگىنىش ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ كارىم بولماپتىكەن، ھازىر بىرنەرسىلەرنى ناھايىتى تىزلا ئۆگىنىۋالىدۇ، ئۆگىنىشنى قىسقىلا قىلىپ، بولدى قىلىدۇ، كۆپرەك بىرنەرسە ئۆگىنىۋالاي دېمەيدۇ، كىچىك ۋاقتىدا ئۆگىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنراق بولىشىغا ئادەتلەندۈرمىگىنىمگە ھازىر بىرئاز پۇشايمان قىلىۋاتىمەن.

erturk يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 22:44:44

مېنىڭ قىزىم بېيجىڭ خۇيزۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ، تاپشۇرۇقنى بەزىدە سىنىپدا، بەزىدە ئۆيدە ئىشلەيدۇ، بىز بۇ نېمانچە كۆپ تاپشۇرۇق دەپ قاقشاپ بېقىپ، ئاخىر كۆندۇق، باشقا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بالىلىرىمىز بىكار قالسا تېلىۋىزور كۆرۈپ، ئايفون، ئايپود، ئايپەد ئويناپ كاردىن چىقىدۇ دەپ ئەنسىرەمدۇ قانداق، مەكتەپنىڭ تاپشۇرۇقنى جىق بېرىپ، بالىلارنى زادى بىكار قويماسلىقىنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇرۇن مەنمۇ نومۇرنى تەكىتلىمەيتتىم، تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ ئىمزا قويۇپ بېرىڭ دەپ كەلسە، قارىمايلا ئىمزا قويۇپ بېرەتتىم. قىزىم بوشاڭلىق قىلىپ سەل كەينىدە قالغاندىن كېيىن تەلەپنى چىڭراق قويىدىغان بولدۇم. قارىسام ئۈچ يىلدىن بېرى ئۆگەنگەن خەتلىرى، ھېسابلىرى ئاز ئەمەستەك، ئىمتىھاننىمۇ 90 دىن چۈشمەي بېرىۋاتىدۇ، تاپشۇرۇقنى كۆپ ئىشلىگەننىڭ پايدىسىمۇ بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم، ئەمما تەنتەربىيەدە لاياقەتسىز چىقتى، دېدىمكى، سەن پەندە يۇقىرى نومۇر ئالغان بىلەن، يېسىمۇقتەك بوي تارتىپ سەمرىپ، ئەتە ئۆگۈن كۆزەينەككە چۈشۈپ قالساڭ، ئىشىڭ چاتاق. ئۆزەڭنىڭمۇ ئىچىڭ پۇشىدۇ، مەنمۇ بىئارام بولىمەن، شۇڭا ھەر تەرەپتىن تىرىشقىن. بىراق بۇ گەپ ئۇنىڭغا قانچىلىك تەسىر قىلىدۇ، بىلگىلى بولمايدۇ. چوڭ ئادەملەرمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويالماي، مەيلىخۇشلارچە ياشاۋاتقاندا، بالىلارنىڭ مۇنتىزىم تىرىشىپ كېتىشى ناتايىن. بەك كىرىشىۋالسا بالىلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنىدىغان گەپ. مەن بۇ مائارىپنىڭ قاتماللىقىدىن قاقشاۋەرگەندىن كۆرە، بالىلارنى كىچىك كۆرمەي، بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، دوستانە پاراڭلىشىپ، بىر نەرسىگە قىزىقتۇرۇپ، ئۇلارنى ئەقلىنى، ھېسسىياتىنى، مىجەزىنى گۈلدەك پەرۋىش قىلىش، دىن، ئەخلاق، ئىلىم ، ساغلاملىق، ياخشى ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىش مۇھىممكىن دەيمەن.ھەر بىر بالا ئۆزىگە خاس دۇنيا، بۇ دۇنيانى رەڭدارلىققا، گۈزەللىككە ئىگە قىلىش، خۇشاللىقنىڭ ئويۇندىلا ئەمەس، دەرستە، كىتابتا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئىكەنلكىنى بىلدۈرۈش كېرەك، نومۇرغا قىزىقتۇرۇشمۇ بىر ئۇسسۇل، بىر نەرسىنى قول سېلىپ ئىشلىتىش، كىچىك-كىچىك سىناق، ئويۇنلارنى كۆرسىتىشمۇ ياخشى چارە. ئاتا-ئانا بولغۇچى نېمىنىڭ مۇھىم، نېمىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى بىلەلىگەندە، ئاندىن بالىلىرىمۇ ئۇنى ھېس قىلالايدۇ. ئاتا-ئانىسى كىتاب ئوقۇسا، بالىلىرى گەرچە ئوقۇيالمىسىمۇ، ئىچىدە نېمە باردۇر دەپ ۋاراقلاپ باقىدۇ، بۇمۇ ياخشى باشلىنىش. ھەر ئىش ئاددىيلىقتىن، ئاددىي تەپسىلاتلاردىن، گۆدەك تۇيغۇ ۋە تەسىراتلاردىن باشلىنىدۇ.

kumuray يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 10:34:24

مەنمۇ ئەرتۈرك ئەپەندىنىڭ سۆزىگە قوشۇلىمەن.ھەقىقەتەن ھازىرقى دۋرىمىزدە ياشاۋاتقان پەرزەنتلىرىمىز گە ئوخشاش بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغىمۇ بىسىم كۆپ!لىكىن شۇ بىسىملار بىزنىڭ ئالغا بىسىشىمىزدە تۈرتكىلىك رول ئوينىيالىسا،پەرزەنتلىرىمىز ياراملىق بولۇپ يىتىشىپ چىقسا مەيلى ئەمەسمۇ؟؟

tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 11:37:32

بالىمىز ساغلام بولغاندا كۆڭۈلدېكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ ، بالا بولسا ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن مەكتەپ مۇدېرىدىنمۇ مۇھىم \"\"
بەت: [1]
: بالىڭىز مۇھىممۇ؟نومۇرمۇ