Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 13:31:48

بامبۇكنى قانداق باقىدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

لوڭقىنى سۇغا توشقۇزۇپ ئىچىگە 10 نەچچە تال بامبۇك سىلىپ قويغان ئىدىم. ئۇنى ساتقانلار سۈيىنى ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرسەن دەيدۇ، دۇكانغا كىرگەن يەنە بەزىلەر سۈيىنى ئالماشتۇرسا ئاسان ئۆلۈپ قالىدۇ دەيدۇ. بەزىلەر مىنىرال سۇ قۇيىسەن دېسە بەزىلەر تۇربا سۈيىنى تىندۇرۇپ ئاندىن قۇيساڭ بولىدۇ دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھازىرچە سۈيىنى ئالماشتۇرمىدىم، ئۆسۈملۈك ئوزۇقى دەيدىغان تېمىتىپ قويىدىغان سارغۇچ كەلگەن بىر سۇيۇقلۇقنى 8-10 كۈنلەردە بىر قېتىم تېمىتىپ بىرىمەن. ئىش بىجىرگىلى خەخنىڭ ئىشخانىلىرىغا كىرسەم شۇنداق ئايىنىپ ، غازاڭلىرى باراقسانلىشىپ كەتكىننى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، بىزنىڭ دۇكاندىكىسى بىر خىللا تۇرغاندەك. مۇشۇ ئۆسۈملۈكنى بېقىپ باققانلار تەجىربەڭلەرنى بايان قىلغان بولساڭلار، زادى بۇ بامبۇكنى قانداق باقسا ئوبدان ئاينىتقىلى بولىدۇ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 13:38:27

بامبۇكنى باقمايدۇ

بىرلا ئۈنۈپ قالسا ئۇرۇقىنى تۈگىتەلمەيدىغان ئىش

شۇڭا توختىماي پۇتاپ،چېپىپ،يىلتىزىنى قۇمۇرۇپ تۇرىدىغان ئىش \"\"

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 13:44:05

بامبۇك دەمدۇ يا باشقا ئىسمى بارمىدۇ؟ قومۇش دېگىنىغۇ ئەمەس.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 13:50:13

ئېيىق مۈشىكى يەيدىغىنى شۇغۇ ھە


arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 13:53:59

بامبۇكقا ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا ئايالىممۇ بامبۇك گۈل دەيدىكەن ھازىر سوراپ باقسام ، بىز سوغا سېلىپ قويساق ئۆزىلا شۇنداق ئاينىپ كەتكەن ، سۈينى ئالماشتۇرمىغان ، بىرەر ئايلاردا سۈيى ئازلاپ كەتسە ئازراق سۇ قۇيۇپ قويىدىغان . ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرىدىغان ، تېمپىراتۇرىسى سەل يۇقۇرىراق مۇھىتتا ياخشى ئۆسىدۇ دەيدۇ خوتۇنۇم . دۇكانغا قويۇپ قويغان بولسىڭىز تېمپۇراتۇرا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشمىكىن .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 14:04:58

يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇكتەك دەيدىغان گەپ بارغۇ

سۇلا بولسا ئۈسىۋېرىدۇ دىگىنىمىكىن دەيمەنغۇ \"\"

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 14:18:28

3- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېيىق مۈشىكى يەيدىغىنى شۇغۇ ھە






ئېيىق مۈشىكى ئەمەس مۈشۈك ئېيىق ، ھازىر دىققەت قىپتىمەن ماۋۇ ئىنكاسقا \"\"

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 14:26:06

مەنمۇ باقىمەن بامبۇكنى .ماڭا ساتقانلار يىلتىز چىقىرىپ بولغىچە 3-5كۇندە سۇيىنى ئالماشتۇرىسەن ،سۇيىگە مىنرال سۇ قۇيىسەن .بىر-ئىككى تال ۋىتامىن س تاشلاپ قوي .يەنە بىر نەچچە تال تۇمۇر مىخ تاشلاپ قۇيىسەن تۇمۇر ماددىسىنى تۇلۇقلايدۇ دىگەن . 15كۇنلەردە يىلتىز چىقاردى .ئەمدى تۇرۇبا سۇيى قۇيىمەن . ياخشى ئاينىپ كىتىۋاتىدۇ .

choice يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 14:42:02

بۇ خىل بامبۇكنى مەنمۇ بېقىپ باققان، ئوخشاش بىر دۇكاندىن ئالغان 20تۈپ بامبۇكنى 2 لوڭقىغا چىلاپ قويىۋىدىم بىرى ئاينىپ بۈك-باراقسان بولدى، يەنە بىر لوڭقىدىكىسى بارا-بارا ساغىرىپ قۇرۇپ تۈگىدى، مېنىڭچە سۇنى ئون كۈندە بىر قېتىم لىقلاپ تۇرسىلا، ئاندىن ئەگەر لوڭقا تېگىدە لاتقىلار ياكى بامبۇك تۈۋىدە سېرىقسىمان يېپىشقاق نەرسىلەر پەيدا بولغاندا يۇيۇپ تازىلاپ سۇنى ئالماشتۇرۇپ ئىسسىقراق جايدا قويسا ياخشى ئاينىيدۇ، ئاڭلىسام گۈل بېقىشمۇ ئادەمگە باقارمىش، بەزىلەر گۈل باقسا قۇرۇپ تۈگەي دىگەن گۈللەرمۇ ئاينىپ باراقسانلىشىپ كېتىدىكەن، بەزىلەرگە باراقسان گۈللەرنى بەرسىمۇ نەچچە كۈندىلا ساغىرىپ قۇرۇپ كېتىدىكەن، ئىلمىي ئاساسىي بارمۇ يوق بىلمىدىم، يان ئىشخانىدىكى خىزمەتدىشىم(50ياشلاردا بار ئەر يولداش) ئۆزلىرىنىڭ پۇئېر چېيى دەيدىغان چېيى باركەن دەملەشتىن بۇرۇن چايقىۋېتىكەن شۇ چايقاپ چىققان سۇ بىلەن گۈللەرنى سۇغۇرىدۇ، باشقىلار ئۆلۈپ قالاي دىگەن گۈللىرىنى ئەكىرىپ بېرىپ كۆكلىتىپ ياشارتىپ ئەچىقىپ كېتىدۇ، ئۆزى بەك مۇزىكىخۇمار كىشى، كۈندە يەڭگىل مۇزىكىلارنى قويۇپ ئاڭلايدۇ، گۈللارگىمۇ شۇ مۇزىكا ياقتىمۇ ئۇققىلى بولمايدۇ. \"\"

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 15:52:52

مېنىڭ ئاكامنىڭ ئۆيىدە بار، سۈيىنى ئالماشتۇرۇش توغۇرلۇق سورىماپتىمەن، ئەمما ئۇ نەرسە تۆمۈر دېتىنى ئوزۇقلۇق قىلىدىكەن، قەشقەردىكى ئەسكى تۈسكىچىلەردىن داتلاپ كەتكەن بىر تال ۋىنتىنى ئەكىلىپ ئىچىگە تاشلاپ قويۇڭ

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 17:02:30

بامبۇك قاچىسىدا بېلىق باقسا بولىدۇ. قىزىم بېلىق ئېلىپ بەر دەپ غەلۋە قىلىپ 5 تال بېلىق ئېلىپ بېرىپ، بېلىقچىدىن بۇنى قانداق باقىمەن ئەمدى دېسەم، مەخسۇس بېلىق قاچىسى ئالساڭمۇ بولىدۇ، ياكى بۇ بەش تال بېلىققا مەخسۇس قاچا ئېلىپ يۈرمەي، ئۆيۈڭدە چوڭراق قاچا بولسا ئاۋۇ بامبۇكتىن 5-6 تال ئېلىپ تاشلاپ قويساڭ بامبۇك ھاۋادىكى ئوكسېگىننى سۇغا يەتكۈزۈپ بېرىپ بېلىقنىڭ ئوكسېگىنغا بولغان ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ دەپتى، ماقۇل دەپ بىر قاچىدا ھەم بېلىق، ھەم بامبۇك باققان، بېلىق بىرەر يىل ئۆلۈپ قالمىدى، بامبۇكمۇ ياخشى ئاينىغان. بېلىقنىڭ چىقىرىندىلىرى بامبۇكقا ئوغۇت بولىدىكەن.

ئەمدى قىزىمنىڭ تاشپاقا باققۇسى كېلىپ كېتىپتۇ، قانداق قىلىشارمىزكىن.
بەت: [1]
: بامبۇكنى قانداق باقىدۇ؟