umudluk يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 01:04:30

win8 نى 98¥ گە ئالامسىز

windows 8 نى ھەقىقىي ئالماقچى بولغانلارغا ئېلىشىپ بېرىۋاتقىلى بىر ھەپتىچە ۋاقىت بولدى، ھازىرغىچە 10 غا يېقىن قېرىندىشىمىزغا ياردەملىشىپ سېتىۋېلىشىپ بەردىم.تونۇمايدىغانلار «بىلمەيدىغانلا بىر ئادەمگە 248 يۈەننى سېلىپ بەرسەم قۇدۇققا چۈشۈپ كىتەرمۇ» دەپ ئەنسىرەپ ئالالماي يۈرۈۋاتقانلار كۆپكەن. ئۆزۈم شەربەت تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەسئۇلى بولغاچقا تورداشلار ماڭىغۇ ئىشىنەر دىدىم.

ھازىرقى ئىتىبار باھاسى ھەربىر نۇسخىسى 248 يۈەن،2012-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن كىيىن ھەقىقى نەشىردىكى win7 قاچىلانغان كومپىيۇتىر سېتىۋالغان بولسىڭىز ھەمدە شۇ ھەقىقى نەشىردىكى سېستىمىڭىزنىڭ ئاچقۇچ نومۇرى قولىڭىزدا بولسا 98 يۈەنگە سېتىۋالايسىز. 2013 يىلى 1-ئاينىڭ 31 -كۈندىن كېيىن 1258يۈەن( 199دوللار) غا ئۆسۈش ھەققىدە مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ تور بىكىتىدە ئۇچۇر بار. دۆلتىمىزدە سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىناۋەت كارتىسى ياكى پايپال ھېساۋاتى بولۇشى كېرەك.ئىناۋەت كارتىسى بولغاندىمۇ كارتا ئۈستىدە VISA ياكى Master دىگەن خېتى بار كاتىلاردا بولىدۇ .پايپالغا پۇل قاچىلاشنىڭ ئۆزىمۇ بىلمىگەنلەر ئۈچۈن خەتەرلىك ھەمدە مۇرەككەپ جەريانلار بولغاچقا نۇرغۇنلىغان تورداشلار سېتىۋالغۇسى بولسىمۇ سېتىۋالالماي قىينىلىۋاتىدۇ.

سېتىۋېلىشنى نىيەت قىلىپ سېتىۋالالماي قىينىلىۋاتقان تورداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ ئاخىرقى 4 كۈندە ئېلان چىقىرىش ئارقىلىق تورداشلارغا سېتىۋېلىشقا ياردەملىشىشنى مۇۋاپىق تاپتىم. ئىتىبار ۋاقتىنىڭ توشۇشىغا پەقەت ۋە پەقەت 4 كۈنلا قالدى! win8 يەنى Windows8 سېستىمىسى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى سېستىما، ئەگەردە ئۇيغۇرچە ئىشلەتمەيتىم، خەنزۇچە ئىشلىتەي دىگەن دىسىڭىز ئۇيغۇرتىلى يامىقىنى قاچىلىمىسىڭىزلا بولىدۇ. 1G ئىچكى ساقلىغۇچىسى بار كومپىيۇتىر بولسىلا نورمال قاچىلىغىلى ۋە شاش ئاتتەك شۇنداق سۈزۈك ،يىنىك ھالدا ھوزۇر ئىچىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ئىتىبار ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىلا قايتا كەلمەسلىكى مۈمكىن، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ بۇنچىلىك ئىتىبار ھالىتىدە مەھسۇلات ساتمىقى بەسى مۈشكۈل ئىشتۇر ،شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ سېتىۋېلىڭلار! ھازىرچە ئىشلەتمەي كومپىيۇتىر ئالغاندا، كومپىيۇتىرنى يېڭىلىغاندا قاچىلاپ ئىشلىتەتتىم دەيدىغانلار ھازىر win8 نى سېتىۋېلىپ مەھسۇلات ئاچقۇچ نومۇرىنى ساقلىۋېلىپلا سېستىمىنى قاچىلىماي نومۇرنى ساقلاپ قويۇپ شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە ئاندىن قايسى كومپىيۇتىر بولسا قاچىلىسىڭىزمۇ بولۇۋىرىدۇ.248 يۈەن دىگەن نۆۋىتى كەلسە 2-3 ئاغىنىلەرنىڭ يىغىلىپ ئولتۇرۇشىنىڭ يېرىم پۇلىنىمۇ كۆتۈرەلمەيدۇ ھازىر ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكىنىدە نۆۋىتى كەلسە ياخشىراق يىگەن بىر ۋاقلىق تاماقنىڭ پۇلى. ئوغرى نەشىردىكى سېستىما ئىشلىتىپ ئاندىن ھەقىقى نەشىردىكى سېستىمىنى ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ، ئىككىسىنىڭ ئات بىلەن ئىشەكتەك پەرقى بار.



سېتىۋېلىشتا قىينالسىڭىز مىنى ئىزدەڭ ،248 يۈئەنگە ھىچقانداق مۇلازىمەت ھەققى ئالماي ھەقسىز ئېلىشىپ بېرىمەن.

سېتۋېلىش ئۇسۇلى :

1.ئالدى بىلەن مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىسىم-فامىلىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز، ئادىرسىڭىز ۋە Email نى يەنى ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇق ئادرىسىڭىزنى(مەخپىي نومۇر لازىم ئەمەس) ، تېلىفون نومۇرىڭىز، پوچتا نومۇرى قاتارلىقلارنى تەمىنلەپ بېرىسىز.باشقىسىنىغۇ بىلمەيدىغانلار يوق ،ئەمما ماۋۇ Email غا بىر ئىزاھات بېرەي، مۇنداقلا دەي ئاسانلىتىپ: سىزدە QQ نومۇرى بارمۇ؟ ئۇنداقتا سىزدە Email بار دىگەن گەپ.مەسىلەن مېنىڭ QQ نومۇرۇم 359903451، ئۇنداقتا Email ئادرىسم:359903451@qq.com بولىدۇ دىگەن گەپ.

يۇقارقى ئۇچۇرلارنى خەنزۇچە يېزىقتا كىملىكتىكى بىلەن ئوخشاش يىزىپ txt ھۈججىتى يەنى خاتىرە دەپتەر ھۈججىتىگە ساقلاپ يوللاپ بېرىسىز.



2.سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېتىدىغان 248 يۈەن خەلق پۇلىنى بانكا كارتامغا سالىسىز ياكى يۆتكەيسىز ۋە پۇل سېلىپ بولغاندىن كېينلا ماڭا تېلىفون قىلىپ ياكى قىسقا ئۇچۇر يوللاپ پۇل تاپشۇرغانلىقىڭىزنى ئۇقتۇرىسىز.



3. مەن سىزگە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش مەشخۇلاتىنى باشلايمەن ۋە كۆپ بولسا 5-10مىنۇت ئەتىراپىدا microsoft شىركىتىدىن تەمىنلىگەن win8 نىڭ ئاچقۇچ نومۇرى ۋە سېتىۋالغان چاغدىكى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىڭىز سىزنىڭ Email غا يەنى ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇق ئادرىسىڭىزغا بارىدۇ. پەقەت يۇقارقى تەمىنلەپ بەرگەن ئۇچۇرلىرىڭىزنى سىزگە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش جەدىۋىلىگە تولدۇرۇپ ،ۋاكالىتەن پۇل تاپشۇرۇپ سېتىۋېلىش مەشخۇلاتىنى ئورۇنداپلا بېرىمەن. سېستىما ئاچقۇچ نومۇرى خەت ساندۇقىڭىزغا بارىدۇ ۋە شۇ نومۇر بويىچە قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.ئەگەردە قاچىلاشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ۋاقىتنىڭ يار بېرىشىچە سىزگە ھەمدەمدە بولىمەن.



دىمەك مەن سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئاساسەن ۋاكالىتەن سېتىۋېلىپلا بېرىمەن، مەن مەھسۇلات ساتقۇچى ئەمەس.ئالغاندىمۇ مىكروسوفىتنىڭ ئورگان بېتىدىن ئېلىپ بېرىمەن، ھەرگىزمۇ تاۋباۋدىن ياكى باشقا بىكەتلەردىن ئەمەس!

پەقەت سىزدىن win8 نىڭ ئەسلى پۇلى 248 يۈەننىلا ھىچقانداق مۇلازىمەت ھەققى ئالماي ھەقسىز ئېلىشىپ بېرىمەن. موشۇنداق دەپ تۇرساممۇ «ھەي ،موشۇنداق ھىچقانداق ھەق ئالمايمۇ جاپا تارتامدۇ، ئىشقىلىپ بىر ئىش بار» دەپ ساراڭدەك سۆزلەپ ماڭا قارا چاپلاپ يۈرمەڭ! نۇرقۇت، ئىنتىل، قۇتيار ،روھلان قاتارلىق كومپىيۇتىر بىلىملىرى سۆزلىنىدىغان مۇنبەرلەردە بەك تولا كۆرۈپ كەتتىم موشۇ «ئالاي دىگەن ئەمما پۇل تۆلەش باسقۇچىدىن ئۆتەلمىدىم، پۇل تۆلىيەلمىدىم ياردەم قىلىپ ئېلىشىپ بەرسەڭلار»دىگەن ياردەم سۆزلىرىنى، يەنە كىلىپ دەسلەپتە ئۆزۈممۇ ئۇچرىغان بۇنداق ئىشقا. شۇڭا پەقەت ئۇيغۇر كومپىيۇتىرچىلىق ئىشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ تىز راۋاجلىنىشى، تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقىقى نۇسخىدىكى سېستىما ئىشلىتىپ ھوزۇرىنى سۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇشىنىلا كۆزلەپ ئېلىشىپ بېرەي دەۋاتىمەن. ئىشەنمەيدىغانلار، قۇرۇق گەپ ساتىدىغانلار، زىرىكىپ قىلىدىغان ئىش تاپالماي قالغانلار ئىزدەپ يۈرمەڭ، ئىككى جۈملە سۆزلىشىپلا سىزنىڭ ھەقىقى ئېلىش خىيالىڭىزنىڭ بار يوقلۇقىنى بىلىۋالىمەن ۋە ئېلىش خىيالىڭىز يوق تۇرۇپ ئاۋارە قىلسىڭىز قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋىتىمەن.


قانچە كۆپ قېرىندىشىمىز سېتىۋالسا كېيىنكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆپلەپ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا پايدىلىق ، ھەم ھالال نەرسە ئىشلىتىسىز .windows8 نىڭ ئوغۇرلانغان نەشىرىنى ئىشلىتىش خەقنىڭ ھەققىنى يىيىش دىگەنلىك . باشقىلارنىڭ ھەققىدىن تاكى شۇ كىشى ئۆتمۈگىچە ياراتقۇچىمۇ ئۆتمەيدۇ .



ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:

QQ:359903451

تېلىفون:13899269786(ئالاقە ۋە مەشخۇلات ئاساسى جەھەتتىن QQ ئارقىلىق بولىدۇ).



ئەگەر ئۆزۈم ئالالايمەن دىسىڭىز مىكروسوفىتنىڭ ئورگان بېتىدىن ئالسىڭىز بولىدۇ:




يۇقىردىكى مەزمۇندىكى 98 يۈەنلىك ئىتبار نۇمۇر لازىم بولسا دەرھال مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلا ،ئەلۋەتتە ھەقسىز ئەۋەتىپ بىرىمەن قىرىنداشلىرىم ،357909033 چچ ،سىتىۋالدىغان ئىشنى يۇقىردىكى قىرىندىشىمىز پۈتتۈرىدۇ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 09:25:31

يېقىن بىر دوستۇم سورىغانتى، بۇ بۇرادىرىمىز ئارقىلىق بىر نومۇر ئېلىپ بەردىم، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭلار قېرىنداشلار، تۈگەپ كەتسە تىلىڭلىنى چاكىلدىتىپ قالىسىلەر \"\"

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 09:36:53

ئەرەپچە نۇسخىسنى قانداق چۈشۈرىمىز!مۇشۇنىڭغا بىر ياردەم قىلڭلار باللار

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 10:06:24

ئالدىنقى ھەپتە 248يۈەنگە بىر تۇنۇشىمىز ئارقىلىق بىرنى سېتىۋالغان . لىيەنشىياڭنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى 1 گىەابايىتلىق خاتىرەكومپىيوتىرى سۆرىيەلەمدۇ؟ ئەگەر باشقا كومپىيوتىر سېتىۋالسام ،يىڭى كومپىيوتىرغا يۆتكىگىلى بۇلامدۇ؟ رەخمەت.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 13:22:23

مۇشۇنداق قىزغىنلىق بىلەن خەققە بىر پۇڭ ئالماي تېخى ئۆزى تەلەپ قىلىپ ياردەم قىلىپ win8ئېلىشىپ بېرىۋاتقان كىشىلەر پەقەت بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدىلا بارمىكىن دەپ ئويلايمەن.ئۇيۇشىشچانلىق گېندا تەبىئي بولمىسا بىكار ئوخشايدۇ.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 13:22:23

بۇ دوستۇمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتمەن. مەن ئۇنىڭ بەرگەن ئېتىبار نۇمۇرى بىلەن شۇ تاپ win8نى سېتىۋىلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 14:05:55

مەن سىتىۋالاي دىسەم، گۇمىدا بىرمۇ كىشى ياردەم قىلىدىغاندەك ئەمەس.

jimjit يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 15:12:35

بۇرادىرىمىزنىڭ خالىس ياردىمى ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 15:49:03

ماڭا 98 سوملۇق ئېتىبار نومۇرىدىن ئىككىسى لازىم ئىدى، يەنە بولسا يوللاپ بېرەمسىز؟ ئېلخەت ئادرېسىم muzdala#outlook.com ، ئۆيدىكى كومپىيۇتېرلارنىڭ ھەممسىگە قاچىلىۋېتەي. پۇلىنى ئۆزەم تۆلىۋالىمەن.

رەھمەت سىزگە !

arek يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 17:42:58

6- قەۋەتتىكى udun007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن سىتىۋالاي دىسەم، گۇمىدا بىرمۇ كىشى ياردەم قىلىدىغاندەك ئەمەس.

248 يۇەنلىك نۇسىخسىننىڭ تىزملاش نومۇېىنى سىتۋلىشقا ياردەملىشەي. لىكىن ئۆزىڭىز قاچىلىۋىلىڭ.

ozgur_dunya يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 20:15:17

بولسا ماڭغىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار. ئۆزەم ئىلىۋالاتتىم. soft315@qq.com

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 21:16:04

2- قەۋەتتىكى abdullaevنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەرەپچە نۇسخىسنى قانداق چۈشۈرىمىز!مۇشۇنىڭغا بىر ياردەم قىلڭلار باللار



ئاۋال قاچىلاڭ، تىل تەڭشەش ئورنىدىن ئەرەب تىلىنى قوشۇپ ئەڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ.


ياكى ئشلەتكۈچىدىن بىرنى قوشۇپ شۇ ئىشلەتكۈچى ھرساۋىدا كىرىپ ئەرەب تىل رايۇنىنى يۇقارقى ئۇسۇلدا تاللاپ قايتا كىرسىڭىز ئىككى تىللىق كۆزنەك 8ئىشلىتەلەيسىز.


10 ئىشلەتكۈچى قۇرۇپ 10 تىل بەلگىلىسىڭىز 11 تىللىقنى ئىشلىتىسىز دېگەن گەپ.

kuresh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 23:37:46

مەندە ھازىر زاپاس ئەپ قويغاندىن 5 يۈرۈش نەخ بار. لازىم بولغانلار ئۆزەڭلەرنى مەلۇم قىلىڭلار!

ئەتە ئۆگۈن باھا ئۆسسە ھەممىمىزگە ئېغىر كىلىدۇ .

قالدى گەپنى ئۇچۇر قىلساڭلار تەپسىلىي مۇڭدىشارمىز!

iori933 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 23:46:19

مەنمۇ ھازىر win8 ئىشلىتىۋاتىمەن ، لىكىن تەرتىپ نومۇرىنى 淘宝 توردىن 3يۆەنگە ئالغان ، بىلمىدىم قاچانغىچە نورمال ئىشلىتەلەيمىنكىن ؟

kaldi~katti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 00:00:49

98يۈەنلىك ئىتىبار نۇمۇر ماڭا لازىم ئىدى!



uygurogli@163.com

kuresh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 00:01:08

13- قەۋەتتىكى iori933نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ ھازىر win8 ئىشلىتىۋاتىمەن ، لىكىن تەرتىپ نومۇرىنى 淘宝 توردىن 3يۆەنگە ئالغان ، بىلمىدىم قاچانغىچە نورمال ئىشلىتەلەيمىنكىن ؟

ھاھاھامائشن كۆرۈڭ. ماۋۇ يولداشلاردىغۇ ھۈنەر جىق ....


بەزى ئىشلارغا ئامال يوق جۇمۇ!

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 06:16:16

98 كويلۇق نۇمۇردىن بىرنى بىرەلەمسىلەركىن ماڭا .palwanjan@126.com

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 08:13:43

بۇرادەر كەچكىچە يەنە بىرنى ئېلىۋەتمەمدۇق، مەندە ئىككىسى بار، يەنە بىرنى زاپاس ئېلىپ قوياي، بىرەر ئاغىنەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە سوغا قىلارمەن كېيىنچە


kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 08:15:42

مۇمكىن بولسا ئېتىبار نومۇرىنى مۇنۇ ئېلخەتكە kosan22@yahoo.com.cn

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 11:53:33

ئۇيغۇرچە ۋىن چىققىنى تەبرىكلەپ ئۆيگە يېڭىدىن كومپېتېر ئالغان .ساتقانلار قارىغاندا ھەقسىز xp قاچىلاپ قويغاندەك تۇرىدۇ (باللىرىم ئويناۋاتىدۇ ،مەن ئېچىپ باقمىدىم).مەنمۇ ئۇيغۇرچەنى سېتىۋالاي دىگەن قانداق قىلسام ئۇيغۇرچە سېستىمىنى مەنمۇ 98 كويغا ئالالايمە ؟بىر يول كۆرسىتىڭلا .مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇر بولاپ قاسا مانىڭغا ماڭدۇرۇپ بەرسەڭلا.qutghur@163.com
بەت: [1]
: win8 نى 98¥ گە ئالامسىز