tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 12:10:34

‹ياردەم› win8 بېشىمنى بەك قاتۇردى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،بۈگۈن چىسلاغا 29 بوپتۇ،10نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا توردىشىمىز ئەسىر تەمىنلىگن ئىتبار بۇمۇرى بىلەن تۈنۈگۈن win8 قاچىلايمەن دەپ بىر كۈن ھەپىلىشىپ ھەممە يېرى غەلبىلىك بولۇپ پۇل تۆلەيدىغان يەرگە كەلگەندە،پەقەت ئامال قىلالمىدىم ئۆزۈمنىڭ 3 ئىناۋەتلىك كارتامنىڭ ھېچقايسى بولمىدى،پۇلتۆلەش ئۇسۇلۇڭنى تەكشۈر دەپلا تۇرىدۇ،بەلكىم ۋىسا ئىقتىدارى بولمىغاچكىمىكىن،بۇرۇنقى پايپال ھىساباتىمغا پۇل قاچىلاشقا بولمايدۇ دەپ چىقىۋالدى،قارىسام مۇشۇ يېقىندا ئىتىۋەتكەن ئوخشايدۇ،يېڭىدىن بىر ھىساب ئاچسام پۇل قاچىلاش دىگەن يېرىمۇ چىقمىدى.بۇرۇنقى تېمالارنى كۆرۈش ئارقىلىق تاۋباۋ دىن ھىسابىمغا پۇل ئۇرغۇزاي دىسەم ئىشەنچىلىك بىرنىمۇ ئۇچراتمىدىم،ھەممىسى چۈشەندۈرۈشىگە چاتاق چىقسا ئۆزۈڭ ئىگە دەپتۇ،شۇڭا بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،98 يۇەنلىك ئېتبار نومۇرىمۇ غەلبىلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن(بۇ يەردە تورداش ئەسىرگە كۆپ رەخمەت)پۇل تۆلىيەلمەي بېشىم بەك قاتتى،بۇرۇن ئۇرۇق تۇققان دوس بۇرادەرلەرگە بۇنداق ئىشلارنى مەن ھەل قىلىپ بىرەتتىم ،ئەمدى ئۆزۈمگە كەلگەندە چاتاق چىقتى،ئىناۋەت كارتىسى ياكى پايپال ئارقىلىق پۇل تۆلەر باققان تورداشلارنىڭ مەسلىھەت كۆرسىتىشىنى ياكى بىراقلا ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!رەخمەت!!!!


بولسا ziltar baqka esir قاتارلىق تەجىربىلىك دوسلار ياردەم قىلسا،پۇلنى ئاۋۋال ئالىپاي ھىسابىڭلارغا ئۇرۇپ بەرسەم!!!

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 04:44:29

ماۋۇ گەپ بويىچە بولغاندا ئېتىبار نومۇرى بىلەن سېتىۋېلىشقا يەنە ۋاقىت بارمۇ قانداق؟



重要日期

必须在2012年6月2日至2013年1月31日期间购买符合条件的Windows 7 电脑才有资格享有此优惠。注册并订购Windows 8升级的截止日期是2013年2月28日。




ئەگەر راستلا قولىدا 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن دىگەنگە چۈشىدىغان تەرتىپ نومۇرى بارلار 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە سېتىۋالغىلى بولسا، پۇل تۆلىيەلمىگەنلەر مېنى ئىزدىسەڭلارمۇ بولىدۇ. VISA ئىناۋەتلىك كارتامدىلا تۆلەپ بىرەي، مەنمۇ 98 سومغا بىرنى، 248 سومغا بىرنى ئېلىپ باقتىم. پايپالدىكىدەك ئارتۇق رەسمىيەت پۇلىمۇ تاپشۇرمىدىم، بەك بولسا ئاي ئاخىرىدا ئايرىۋاشلاش نىسبىتىدىن بولغان بىر نەچچە سومنى ئارتۇن قايتۇرارمەن.


ھە راست، @esir سىزگە مەنمۇ رەھمەت ئېيتىۋالاي، 98 سومغا ئالغىنىنى سىز بەرگىنىگە ئالدىم.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 09:36:33

تور بانكىسى تەييار ئادەم پايپال بىجىرگەن چاغدىن باشلىسا، پالتاخۇن دىگەندەك يېرىم سائەتمۇ كەتمەيدىكەن. شۇ، بىرەر ھەپتە 10 كۈنگىچە بانكا كارتىسىغا كىچىك سوممىدىكى پۇل كەلمىسە، كارتىنى توڭلىتىپ، ئىشلار تەسلىشىپ كېتىدىكەن.



مۇشۇ مۇزدالا ئېنىق ئېيتتىغۇ! VISA كارتام بار دەپ، مۇشۇ بالىغا ئەڭ ئاسانكەن، رەسىمىيەت ھەققىمۇ كۆپ چىقمايدۇ، يەنە ئالدۇرىدىغانلار مۇشۇ بالىنى چىڭ تۇتۇڭلار.



ھازىر بولسىمۇ بانكىدىن Master, VISA كارتىنى بىجىرىپ قويساق بولىدىكەن جۇمۇ، 15 كۈندە چىقار ئۇ نەرسە.. Win8 گە ئۈلگۈرمىگەن بىلەن، ئالىمادىس Office2013 نىمۇ ئېتىبار قىلىپ قالسا، قولايلىقىنى شۇ چاغدا كۆرەتتۇق.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 13:37:47

QQ:83598663   تېز بولۇڭ ، مەن بۇگۇن چۈشتىن بۇرۇنلا 8 نۇسخا سېتىۋالدىم ۋاقىتنىڭ چىڭ تۇتۇڭلار ، ئېتىبار نومۇرى بارلار 115 يۈەن تەييارلاپ مېنىڭ كارتا نومىرىمنى سوراڭلار ، ۋاقتىنى ئالماڭلار ،ئېتىبار نومۇرى يوقلار 265 يۈەن تەييارلاپ مېنىڭ كارتا نومىرىمنى سوراڭلار، ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن بۇ ياردەم ئەتە كەچتە توختايدۇ

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 13:46:40

مەن توردا بولمىسام بىۋاستە تېلېفون قىلىڭلار ، تىللاپ كەتمەيمەن   18963888544

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 13:53:21

بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى؟

مەن زىلتاردىن 98 يۈنلىك ئېتىبار نومۇرىنى سېتىۋالغان ئىدىم، ئۆزەم ئىشلەتمەي جىيەنىمگە بېرىۋەتتىم، چۈنكى مېنىڭ مەقسىتىم دىيارىمىزدا مىكروسوفتنى ۋە ئۆز ئاناتىلىمىزنى قوللاشتىن ئىبارەت ئىدى، مەقسەتكە يەتتىم. جىيەنىم ئۈلۈشكۈن قاچىلاپتۇ. ئەمدى بۇ يەردە يەنە 115 كوي تۆلەيدىغاننىڭ پارىڭىزنى قىلىۋاتىسىلەر، بۇ قانداق گەپ زادى!؟

مۇشۇ مىكروسوفت دېگىنى ھەتتا سېستىما دېتالىنى چۈشۈرۈش ئادرىسىنىمۇ تەمىنلىمگەچكە، باشقا يەرلەردىن يېرىم كۈن ئىزدەپ چۈشەردۇق، ئېتىبار نومۇر بىلەن سېستىمىنى ئورناتساق، ئەمدى يەنە 115 كوي تۆلە دېگىنى نېمىسى؟

115 كوينى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە 500 كوي تۆلە دەپ يۈرمەس ھە!

ھېچ بىلىپ بولالمىدىم.  {:107:}

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 14:07:32

سىزنىڭ 98 يۈەنگە ئالغىنىڭىز ئېتىبار نومۇر ئەمەس بەلكى نەق ھەقىقي سېستىمنىڭ رەت نومۇرى ، سىزگە ئېتىبار نومۇرىنى مەن ھەقسىز تەمىنلىگەن، قايتا پۇل تۆلەش ھاجەتسىز . بۇ يەردە ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ ، ئاستىدىكى مەزمۇننى تولۇق ئوقۇغايسىز







ئېتىبار نومۇرى بارلار 115 يۈەن تەييارلاڭ ، ئېتىبار نومۇرڭ يوقلار 265 يۈەن تەييارلاڭ ، بۇ سېستىمىنى بىۋاستە سېتىۋالغىنىمىز ئۈچۈن رەسمىيەت ھەققى كېتىدۇ ، تورداشلارنىڭ كاللىسىدا مۇنداقمۇ يۇقىرى رەسمىيەت ھەققى بارمۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن



ھازىر پايپالغا دوللار تولۇقلاشقا ئامالسىز بولغاچ ، باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن دوللار تولۇقلاپ بېرىشىگە ئېھتىيجلىقمىز ، قاچىلاپ بەرگەنلەر رەسمىيەت ھەققىنى بىر ئالىدۇ ، يەنە شۇ قاچىلغان دوللار بىزنىڭ ھېساباتىمىزغا بېرىپ بولغىچە پايپال يەنە رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ ، شۇڭىلاشقا قوشلاپ رەسمىيەت ھەققى تۆلىگىنىمىز ئۈچۈن رەسمىيەت ھەققى بىر قەدەر يۇقىرى ، لېكىن 1200 يۈەنگە قارىغاندا يەنە كۆپ ئەرزان .


paltahun يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 14:23:35

tilsimatنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،بۈگۈن چىسلاغا 29 بوپتۇ،10نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا توردىشىمىز ئەسىر تەمىنلىگن ئىتبار بۇمۇرى بىلەن تۈنۈگۈن win8 قاچىلايمەن دەپ بىر كۈن ھەپىلىشىپ ھەممە يېرى غەلبىلىك بولۇپ پۇل تۆلەيدىغان يەرگە كەلگەندە،پەقەت ئامال قىلالمىدىم ئۆزۈمنىڭ 3 ئىناۋەتلىك كارتامنىڭ ھېچقايسى بولمىدى،پۇلتۆلەش ئۇسۇلۇڭنى تەكشۈر دەپلا تۇرىدۇ،بەلكىم ۋىسا ئىقتىدارى بولمىغاچكىمىكىن،بۇرۇنقى پايپال ھىساباتىمغا پۇل قاچىلاشقا بولمايدۇ دەپ چىقىۋالدى،قارىسام مۇشۇ يېقىندا ئىتىۋەتكەن ئوخشايدۇ،يېڭىدىن بىر ھىساب ئاچسام پۇل قاچىلاش دىگەن يېرىمۇ چىقمىدى.بۇرۇنقى تېمالارنى كۆرۈش ئارقىلىق تاۋباۋ دىن ھىسابىمغا پۇل ئۇرغۇزاي دىسەم ئىشەنچىلىك بىرنىمۇ ئۇچراتمىدىم،ھەممىسى چۈشەندۈرۈشىگە چاتاق چىقسا ئۆزۈڭ ئىگە دەپتۇ،شۇڭا بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،98 يۇەنلىك ئېتبار نومۇرىمۇ غەلبىلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن(بۇ يەردە تورداش ئەسىرگە كۆپ رەخمەت)پۇل تۆلىيەلمەي بېشىم بەك قاتتى،بۇرۇن ئۇرۇق تۇققان دوس بۇرادەرلەرگە بۇنداق ئىشلارنى مەن ھەل قىلىپ بىرەتتىم ،ئەمدى ئۆزۈمگە كەلگەندە چاتاق چىقتى،ئىناۋەت كارتىسى ياكى پايپال ئارقىلىق پۇل تۆلەر باققان تورداشلارنىڭ مەسلىھەت كۆرسىتىشىنى ياكى بىراقلا ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!رەخمەت!!!!


بولسا ziltar baqka esir قاتارلىق تەجىربىلىك دوسلار ياردەم قىلسا،پۇلنى ئاۋۋال ئالىپاي ھىسابىڭلارغا ئۇرۇپ بەرسەم!!!





ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ paypal ھېساۋى بولسا تۆۋەندىكى ئادرىستىن تاۋباۋغا كىرسىڭىز paypal مۇلازىمىتى قىلىدىكەن.


http://item.taobao.com/item.htm?id=15153198163


27-چىسىلا    paypal ھېساۋاتىمغا 107.10 يۈەنگە 115 دوللار  قاچىلاتتىم . ئېتىۋار نومۇرلۇق windows8 نى 98 يۈەنگە سېتىۋېلىپ يەنە 0.17 دوللار ئېشىپ قاپتۇ.


پۇل قاچىلىتىشتىن بۇرۇن مۇلازىمەت قىلغۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىڭ ، جەزىم قىلالىسىڭىز پۇل قاچىلىتىڭ.



دىققەت : مەلۇم تور ئادرىسىنى بىرىپ مۇشۇ  تور بەتكە كىرىپ بانكا كارتاڭنى جەزىملەشتۈرۈش مۇلازىمىتى قىل دېگەنلەر بىلەن ھەرگىز سودا قىلماڭ. 银行卡认证服务 قىل دەپ مەلۇم تور بەت ئادرىسىنى ئەۋەتىدىكەن.


bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 16:12:37

مەنمۇ ئاۋۇ كۈنى تاۋباۋدىن ۋاكالەتەن پۇل تولۇقلايدىغان ئىشەنچلىك يەرنى پەقەت تاپالماي بىشىم قاتقان ،ماۋۇ دۇكانغا تەۋەككۈلچىلىك بىلەن خەت يىزىپ باقسام ‹پايپال مەخپى نۇمۇرۇڭنى ئەۋەتىپ بىرىسەن ›دەيدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا ۋىن8 سىتىۋالدىغنىمنى .ئاندىن ئىلگىرى قاچىلاتقۇزۇپ سېتىۋىلىپ باققانلىقىمنى ئېيقاندىن كىيىن ماڭا قاچىلاپ بەردى ،دۇكان ئىگىسى بەك ئەستايدىل ئىكەن ،ئىچىدىكى قالدۇق سوممسى بولسا دۇكان ئىگىسى بىلەن ياخشى پاراڭلاشسىڭىز ،مۇۋاپىق قاچىلاپ بىرىدۇ..

ھە راس ۋىن8نىڭ باھاسى 15.57دوللارغۇ دەيمەن ،

http://item.taobao.com/item.htm?id=15066394852

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 18:44:26

بۈگۈن چۈشتە ئۈچ Win8 نومۇرىنى ئېلىپ بولدۇم.

پايپالنى يېڭى ئىلتىماس قىلغان چاغنىڭ ئۆزىدە نورمال ئىشلىگەن تور بانكا كارتام، دەلىل پۇل ئۇچۇرى كەلمىگەنلىكتىن ئاللىقاچان پۇل قاچىلاشقا ئەسقاتماس بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا، تاۋباۋدىن ھەل قىلدىم. ئاخشام كەچ تۈۋەندىكى ئۇلانمىدىن بىر دوللارنى 6.3 يۈەن باھا بويىچە قاچىلاتتىم. 6.25 دەپ يېزىپ قويغان ئادەم يوقكەن. مەن نورمال ئىشلەتكەن ئىشەنچىلىك ئۇلانما:

http://item.taobao.com/item.htm?id=16454959467

بىر دوللارنى 7 يۈەنگە قاچىلايدىغان قويمىچىلارمۇ باركەن، ئۇلارنى ئىزدىمەڭلار.



پايپالغا دوللار كىرگەندىن كېيىن، win8 سېتىۋېلىش پروگراممىسىدا تۆلەش باسقۇچىغا كەلگەندە ئۆتمەي قالسا بولىدۇ، كېچىچە پايپالغا خەنزۇچە- ئېنگىلىزچە قاخشاپ يېزىپ قويۇپ، سەھەردە 021-28913888 گە تېل قىلىپ، «نىمىشقا ھېساپتا پۇل بار، خەجلىيەلمەيمەن» دەپ يۈرۈپ، پۇل قاچىلاتقان تاۋباۋچىدىن تېز دەلىللەپ بېرىشكە يارددەم سوراپ يۈرۈپ.. (ئارىدىكى كۆپ جەريانلار قىسقارتىلدى..) ئاخىرى 21 كۈن توڭلىتىلىدۇ دىگەن پۇلنى چۈشتىن بۇرۇن نورماللاشتۇرۇپ، چۈشتە ئۈچ نومۇرنى مۇۋەپپىقىيەتلىك سېتىۋالدىم، قوي سويغاندىنمۇ تەس بولدى بۇ ئىش.

يەنە بىرىگە، زىلتار يازغان باھانى پۈتۈنلەي توغرا چۈشىنىڭلار، زىلتارغا ھېچنىمە قالمايدۇ تېخى. تۈنۆگۈن مەن قاچىلىغان 130 دوللارغا يېقىن پۇلدىن پايپال شۈلۈۋالغىنى 5 دوللارغا يېقىن.



قىسقىسى، پايپالغا تاۋباۋ ئارقىلىق پۇل قاچىلىتىپ تۇرۇڭلار، Visa ياكى Master كارتىسى بىلەن پايپالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك نورماللاشتۇرغانلار بولسا ئىش ئەڭ ئاسان بولاتتى، لېكىن بۇ جەھەتتە تەجرىبەم يوق. پايپالغا پۇل قاچىلىتىپ بولغاندىن كېيىن، تېخى 21 كۈن «ئىشلەتكىلى بولمايدۇ» ھالىتىنى پۇل سالغان تاۋباۋچى ۋە يوقىرىدىكى تېلېفۇنغا تېل قىلىپ ئېرىتسەڭلار بولىدۇ، مەنچە، بۈگۈن كەچتىن باشلاپ ھەركەت قىلساڭلار، ئەتە چوقۇم ھەل قىلىپ بولىسىلەر، ماڭا كەتكەن ۋاقىت: ئاخشام كېچىدىن ھېساپلىغاندا 12 سائەتتىن ئاشمايدۇ، سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن.



مەن ئۆزۈممۇ بەك ئەنسىرىدىم، ھاۋالىدىن چىقالمىغىلى تاس قالدىم. ھازىر بەك چارچاپ كەتتىم، بولمىسا چوقۇم ياردەم قىلاتتىم، قېنىپ بىر ئۇخلىمىسام خىزمەت ۋەزىپىسىنى چاغاندىن بۇرۇن تاپشۇرالمىغۇدەكمەن.



ئاخشام تېخى مەن ئۇچرىغان ھېكايە: تاۋباۋچى ***غا ئەمدى قاچىلاتقۇزۇپ بولسام، مەندىن سورايدۇ «سەن ئۇيغۇرچە بىلەمسەن» دەپ، بىر ئۇيغۇر ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ئەۋەتكىلى تۇرۇپتىكەن، مەن تەرجىمانلىق قىلىپ ئارىدا، ئۇ قېرىندىشىمىز «98 يۈەنلىك win8 ئالماقچىدىم» دەپتۇ، «ئېتىبار نومۇرىڭىز، پايپال ھېسابىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىسام، «شۇنداقمۇ ئىش بارمۇ؟ ... ئېنگىلىزچە خەتلەرنى بىلمەي پايپال ئالالمىدىم» دەيدۇ. ئۇنىڭغا 98 يۈەنگە ئالالمايدىغانلىقىنى 250 تىن كۆپ خەجلەپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ..

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 20:09:58

مېنىڭ paypal ھېساۋى ئېچىش ،پۇل قاچىلىتىش ، windows8 ئاچقۇچ نومۇرىنى سېتىۋېلىىش قاتارلىق ئىشلىرىمغا تەخمىنەن يېرىم سائەت ۋاقىت كەتتى.

nuris يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 16:45:16

9- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ گەپ بويىچە بولغاندا ئېتىبار نومۇرى بىلەن سېتىۋېلىشقا يەنە ۋاقىت بارمۇ قانداق؟



重要日期

必须在2012年6月2日至2013年1月31日期间购买符合条件的Windows 7 电脑才有资格享有此优惠。注册并订购Windows 8升级的截止日期是2013年2月28日。




ئەگەر راستلا قولىدا 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن دىگەنگە چۈشىدىغان تەرتىپ نومۇرى بارلار 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە سېتىۋالغىلى بولسا، پۇل تۆلىيەلمىگەنلەر مېنى ئىزدىسەڭلارمۇ بولىدۇ. VISA ئىناۋەتلىك كارتامدىلا تۆلەپ بىرەي، مەنمۇ 98 سومغا بىرنى، 248 سومغا بىرنى ئېلىپ باقتىم. پايپالدىكىدەك ئارتۇق رەسمىيەت پۇلىمۇ تاپشۇرمىدىم، بەك بولسا ئاي ئاخىرىدا ئايرىۋاشلاش نىسبىتىدىن بولغان بىر نەچچە سومنى ئارتۇن قايتۇرارمەن.


ھە راست، @esir سىزگە مەنمۇ رەھمەت ئېيتىۋالاي، 98 سومغا ئالغىنىنى سىز بەرگىنىگە ئالدىم.






ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .



بىر بۇرادىرىمىز بىلەن 8 win دىن ئىككىنى  ئېلىشنى ئويلاشقان ،   مۇمكىن بولسا ، سىزنىڭ VISA كارتىڭىز بىلەن   win8 نى سېتىۋىلىشقا ياردەمدە بولسىڭىز . مەندە ئېتىبار نومۇرىدىن بىرىسى بار.



بانكا ھسىىاۋات نومۇرىڭىزنىى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ، كىتەرلىك پۇلنى يۆتكەپ بەرسەم .



muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 19:49:21

@nuris ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

تېلفۇن نومۇرۇمنىلا قالدۇرۇپ قويسام بوپتىكەن. ماڭا بىۋاستە تېلفۇن قىلىڭ، مۇنبەر ئۇچۇرىدا ئەۋەتتىم. ھېچبولمىسا ئاۋۇ ئېتىبار نومۇرىغا بولسىمۇ ئېلىشىپ بىرەي.

ھە راست، 2011-يىلى سېتىۋالغان كومپىيۇتېرنىڭ ۋىندوۋس 7 تەرتىپ نومۇرىنى ئىشلىتىپمۇ ئېتىبار نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولدى، بەزىلەر نەچچە يىل بۇرۇنقىلىرىغىمۇ ئالدۇق، دەيدۇ. كونا نومۇرلارنىمۇ سىناپ باقسا بولغۇدەك.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-1 14:48:37

ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قانداق چۈشۈرىمىز،قانداق قاچىلايمىز؟كىم جاۋاب بېرىدۇ؟

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-4 22:19:36

12- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@nuris ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

تېلفۇن نومۇرۇمنىلا قالدۇرۇپ قويسام بوپتىكەن. ماڭا بىۋاستە تېلفۇن قىلىڭ، مۇنبەر ئۇچۇرىدا ئەۋەتتىم. ھېچبولمىسا ئاۋۇ ئېتىبار نومۇرىغا بولسىمۇ ئېلىشىپ بىرەي.

ھە راست، 2011-يىلى سېتىۋالغان كومپىيۇتېرنىڭ ۋىندوۋس 7 تەرتىپ نومۇرىنى ئىشلىتىپمۇ ئېتىبار نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولدى، بەزىلەر نەچچە يىل بۇرۇنقىلىرىغىمۇ ئالدۇق، دەيدۇ. كونا نومۇرلارنىمۇ سىناپ باقسا بولغۇدەك.

كومپىيوتىر تىپىنى قانداق يازىدىغان ئىشكى بولسا بىر مۇشۇ مەسىلنىمۇ قالدۇرۇپ قۇيۇڭلار باللا ، ساۋاپ بۇلا

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 20:58:07

ھۆرمەتلىك تورداشلار، بۈگۈن كۆزنەك 8 نى توردىن چۈشۈرۈپ، بارماق دېسكا بىلەن قاچىلىغان ئىدىم، لېكىن ھېچقانداق ئاچقۇچ نۇمىرىنى سورىماي قاچىلاپ كەتتى، قاچىلاپ بولغاندىن كىيىنمۇ، شۇنچە قىلىپ ئاكىتىپلايدىغان ئورۇننى تاپالمىدىم. ئاكىتىپلاشنى باسساممۇ خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى،

زىلتار ئەپەندى دېگەن تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلمۇ ئاقمىدى.

زىلتار ئەپەندىنىڭ كۆرسەتمىسى:

ndows8نىڭ مەھسۇلات ئاچقۇچنى سېتىۋالغان بولسىڭىزمۇ،Windows8نى قاچىلاپ ئاكتىپلاش جەريانىدا

Invalid Product Key Windows 8 provided by Microsoft- Windows 8 installer not functioning code: Oxc004f061

خاتالىق كۆرۈلسە، يەنى ئىناۋەتسىز مەھسۇلات ئاچقۇچى دېگەن خاتالىق.

بۇ خىل خاتالىق بىر قانچە خىل ئەھۋالدا كۆرۈلىشى مۇمكىن ئىكەن.

I. باشقا كومپىيۇتېردا مەھسۇلات سېتىۋىلىپ يەنە باشقا كومپىيۇتېردا قاچىلىغاندا

II. سىستېمىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۋېتىپ دېسكىدىن قاچىلىغاندا

III. ماك كومپىيۇتېرلارغا دېسكىدىن قاچىلىغاندا

ۋە باشقىلار

ھەل قىلىش ئۇسۇلى:

1-باسقۇچ: سىستېما دېسكىسى ئاستىدىكى يەنى س پەن ئاستىدىكى Windows ئاستىدىكى Registry Editor نى قوزغىتىمىز.

2-باسقۇچ: MediaBootInstall نى ئىزدەپ، قىممىتىنى 0 قىلىمىز.

3-باسقۇچ:

(command prompt (run as administrator

نى قوزغىتىمىز. يەنى C:WindowsSystem32 ئاستىدىكى CMD نى قوزغۇتۇپ slmgr /rearm بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز.

4-باسقۇچ: كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغۇتىمىز.

5-باسقۇچ: سېتىۋالغان مەسھۇلات ئاچقۇچنى سىلىپ ئاكتىپلايمىز.





  شۇڭا ئورگان تەرەپكە تېلفۇن قىلماي تۇرۇپ، سېستمىنى قايتا قاچىلىماستىن ھەل قىلىدىغان ئۇسۇل بارمىدۇ ؟


بەت: [1]
: ‹ياردەم› win8 بېشىمنى بەك قاتۇردى