charwichi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 10:13:31

كۆپ تىللىق تور بېكەت قۇرۇشقا ياردەملىشىمەن[تېخنىكا]

كۆپ تىللىق تور بېكەت قۇرماقچى بولغانلار كىرىڭلار.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

كۆپ تىللىق تور بېكەت قۇرۇش ئۇسۇلى(1)

http://www.nurqut.com/ud/thread-10277-1-1.html

كۆپ تىللىق تور بېكەت قۇرۇش ئۇسۇلى(2)

http://www.nurqut.com/ud/thread-10439-1-1.html

Drupal بىلەن كۆپ تىللىق تور بېكەت قۇرۇش ئۇسۇلى

http://www.nurqut.com/ud/thread-12504-1-1.html



Drupal دىن پايدىلىنىپ كۆپ تىللىق تور بېكەت قۇرۇش ناھايىتى قولايلىق بولۇپ،ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 90 دىن ئارتۇق تىلدا  كۆپ تىللىق تور بېكەت قۇرۇش ئۇسۇلىنى سىناش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ  كۆپ تىللىق تور بېكەت قۇرۇشنى ئويلاپ يۈرگەن، قۇرىۋاتقان ئاتامانلارنىڭ كۆپ تىللىق تور بېكەت قۇرۇش ئىشلىرىغا ھەقسىز ياردەملىشىمەن.



ئاتامانلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ:

1. ‹‹جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى›› نىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان بولىشى كېرەك.

2. تور بېكەتنىڭ مەزمۇنى ساغلام بولىشى كېرەك. ئىجتىمائى ئۈنۈم يارىتىدىغان تور بېكەتلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

3. تور بېكەتنىڭ تىزىملىتىلغان مۇقىم تور نامى ، بوشلۇقى ۋە ICP نومۇرى بولىشى كېرەك.

4. تور بېكەت بوشلۇقى php كودىنى ئىجرا قىلالايدىغان بولىشى، ساختا تىنچ بەت ھاسىل قىلالىشى كېرەك(مۇلازىمېتېرنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسى Linux سېستىمىلىرى بولسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ).

5. تور بېكەت بوشلۇقى ‹‹جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى›› تەۋەسىدە بولىشى كېرەك.

6. تور بېكەت سۇپىسى  Drupal CMS  بولىشى كېرەك.

باشقا سېستىمىلاردا قۇرۇلغان تور بېكەتلەر بولسا، ياكى يېڭىدىن يېزىلغان تور بېكەتلەر بولسا، ياردەم قىلالمايمەن(سەۋەبى ئاددى، يەنى مەن ياخشى بىلمەيمەن).





مەن ياردەملىدىغان ئىشلار:

1. تور بېكەتكە سېستىما قاچىلاش، تەڭشەش.

2. ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججەتلىرىنى قوشۇش. باشقا تىللارنىڭ تەرجىمە ھۆججەتلىرىنى قوشۇش.



مەن قىلمايدىغان ئىشلار:

1. تور بېكەتنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش،بېزەش....قاتارلىق باشقا تېخنىكىلىق ئىشلار.

2. تور بېكەتكە تېما- مەزمۇن يوللاش، مەزمۇن قوشۇش ۋە مەزمۇن ئۆزگەرتىش....قاتارلىق ئىشلار.



ئەسكەرتىش:

1. ياردەم قۇبۇل قىلماقچى بولغان ئاتامانلار مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يازساڭلار بولىدۇ.

ئەگەر ئىنكاس يوللاشنى مۇۋاپىق كۆرمىسەڭلار ياكى ۋاقتىنچە قولايسىز بىلىنسە،قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىدىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ.

2. ئۇيغۇرچە Drupal تورى يىللىق ICP تەكشۈرۈش ئىشلىرى بىلەن، بوشلۇق تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە ۋاقىتلىق تاقالدى. بارلىق رەسمىيەتلەر ئاياقلاشقاندا، قايتا ئېچىلىدۇ، ئاللاھ خالىسا!

3. مەنمۇ تىرىكچىلىك غېمىدە يۈرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى، بوش ۋاقتىم كۆپ ئەمەس، يەنە شۇ دەم ئېلىش ۋە ئۇخلاش ۋاقىتلىرىنى قۇربان قىلىدىغان ئىشكەن، شۇڭا ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولغان ياكى ياردەم قۇبۇل قىلىۋاتقان ئاتامانلارنىڭ بۇ خالىس ياردەمنى توغرا چۈشىنىشىنى ھەم ھەرقانداق باھانە-سەۋەپ بىلەن مېنى ئالدىراتماسلىقىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.








sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 13:27:28

Drupal دا ياسالغان بىرەر ئۇيغۇرچە بېكەتنىڭ كۆرۈش ئادىرىسى بارمۇ ؟

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 17:49:06

1- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

Drupal دا ياسالغان بىرەر ئۇيغۇرچە بېكەتنىڭ كۆرۈش ئادىرىسى بارمۇ ؟

قايسى تىلدا قۇرۇلغان تور بېكەتلەرنى دەيسىز؟


ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر يوقنىڭ ئورنىدا.


خەنزۇچە بېكەتلەر بار.


ئېنگلىزچە بېكەتلەر نۇ يەردە:


http://drupal.org/case-studies

بەت: [1]
: كۆپ تىللىق تور بېكەت قۇرۇشقا ياردەملىشىمەن[تېخنىكا]