YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 01:57:54

(ئاپتوموبىل) Euroncap ھەققىدە

ئىزدىنىشتا ئاپتوموبىلغا ئائىت تېمىلارمۇ خېلى كۆپ، قىزىقىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىل سانائىتى دۇنيادىكى ھەربى سانائەتتىن كىيىن قالسىلا، ئەڭ چوڭ سانائەتلەردىن بىرسى. تۇرۇپلا مېنىڭ ئاپتوموبىللار توغرىلىق پاراڭ سېلىپ بەرگۈم كېلىپ قالدى. ئاممىباپ چىقسۇن دەپ، ماشىنا دەپلا ئالاي. ئۆزۈممۇ ئاپتوموبىل ساھەسىدە خىزمەت قىلغاچقا، ھەم بۇ توغرىلىق خەۋەرلەرگىمۇ كۆپ دىققەت قىلغاچقا، بەزى ئۇچۇرلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇم كېلىپ قالدى.


خەۋىرىڭلار بولغىنىدەك، ھازىر جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل بازىرى ۋە ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت. 2011-يىلىلا، ئامېرىكا، ياپون ۋە گېرمانىيەنى بىراقلا بېسىپ چۈشۈپ، 18مىليون ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقاردى، ئامېرىكىنىڭ بولسا 8-9مىليون ئەتراپىدا.



ئەمدى بازاردا سېتىلىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى قانداقراق؟ ماشىنا بىر ھېساپتا، بىزنىڭ ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرغان بىلەن خەتىرىمۇ يوق ئەمەس. ھېچكىم ماشىنىنى سوقىۋەتمەيمەن دىيەلمەيدۇ. شۇڭا، ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا، بىخەتەرلىك ئېلېمىنتلىرىغىمۇ دىققەت قىلىپ قويۇشنىڭ زىيىنى يوق. يالغۇز باھاسىغىلا قارىۋالماي.




ئىنگىلىزچىسى Euro Ncap دېگەن بۇ ئورگاننىڭ ئىسمىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى European New Car Assessment Programme (Euro NCAP) ياۋروپادىكى ماشىنىلارنىڭ بىخەتەرلىك سىناقلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان بىر ئورگان.


تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرىۋالساڭلار بولىدۇ.


http://en.wikipedia.org/wiki/Euro_NCAP



ئادەتتە ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىللىرىنى بۇ ئورگاننىڭ سىناق قىلىشىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ، ۋە بۇلار مەلۇم مىقتاردا ھەق ئېلىپ تۇرۇپ، ماشىنىلارنى ئالدىدىن، ياندىن سوقۇپ، ئىچىدىكى مودېللارنىڭ يارىلىنىشى، ماشىنىنىڭ ۋەيران بولۇش دەرىجىسىگە قاراپ، 1دىن 5كىچە يۇلتۇز قويۇپ باھالايدۇ.






ئادەتتە بۇ سىناقنىڭ ھەققى خېلىلا يۇقىرى بولغاچقا، ھەممە شىركەت ماشىنىسىنى ئاپىرىپ بەرمەيدۇ، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىغانلار. لېكىن ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلەرنىڭ ئادەتتە ھەممە ماشىنىسى سىناققا قاتناشتۇرۇلغان.



يۇقىرىدىكى جەدۋەلدىن كۆرسەڭلار، 2011-يىلدىكى بەزى ماشىنا تىپلىرىنىڭ سىناق نەتىجىلىرى بار. كىم قانچە يۇلتۇز ئاپتۇ، شوپۇرنىڭ بىخەتەرىلىكى قانچىلىك، كىچىك بالىنىڭ، پىيادىنىڭچۇ دېگەندەك.


يەنە بىر مىسال:




سىناق ئۇسۇلى ۋە مېتودلىرى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.



يېزىقىنى چۈشىنەلمىسەڭلارمۇ، رەڭلاردىن ھېس قىلالايسىلەر.


بەلكىم بىر قىسمىڭلار بىلىشىڭلار مۇمكىن، ۋولۋونىڭ دۇنيادا ئەڭ بىخەتەر ماشىنا دېگەن نامى بار. ھەقىقەتەن ۋولۋونىڭ ماشىنىلىرىنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى بەك يۇقىرى، مەسىلەن تۆۋەندە ۋولۋو 40



يولۇچىلار ئاساسەن يېشىل، يەنى بىخەتەر 98%، پىيادىلەرمۇ تېخى 88% بىخەتەر.


سىزنىڭ ھەيدەۋاتقان ماشىنىڭىز، ياكى سېتىۋالماقچى بولغان ماشىنىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداق، بىلىپ باقماقچى بولسىڭىز، بۇنىڭ يولىمۇ بەك ئاسان.


http://www.euroncap.com


بۇ توربەتكە كىرىپ، سىناققا قاتناشتۇرۇلغان ماشىنىلارنىڭ تىپلىرىنى ئاختۇرۇپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بولمىسا، بۇنى شىركەتتىن سوراڭ


بۇ يەردە 2012-يىللىق ھەر خىل سىنىپتا ئەڭ ياخشى بولغان ئاپتوموبىللار (مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇكاپاتلانغان ئاپتوموبىللار)نىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ.


http://www.euroncap.com/bestinclasscars2012.aspx



يەنە باشقا پاراڭ بولسا، ئىنكاسلار بىلەن داۋاملاشتۇرامىز....

yagma يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 13:04:46

ئاۋۇ جىلىنىڭ ماشىنىسىمۇ 3- ئورۇندا تۇرامدۇ نىمە؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 13:20:02

يېقىندا چىقىۋاتقان ماشىنا ئېلانلىرىدىن ماي سەرپىياتى تۈۋەن ماشىنا بىلەن سوقۇلمايدىغان ماشىنىنىڭ ئېلانى دېققىتىمنى خېلى تارتىۋاتىدۇ.لىتىرىغا 50ك م دىن ئېشىپتۇ.

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 17:37:17

مەن بىر چاغدا ياۋروپا جۇڭگونىڭ ‹‹قىزىل بايراق›› مۇ ئىشقىلىپ قايسى بىر ماشىنىسىنى سىناق قىلغاندا نۆل ئالغان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.

umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 15:07:59

3- قەۋەتتىكى Buduxkakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن بىر چاغدا ياۋروپا جۇڭگونىڭ ‹‹قىزىل بايراق›› مۇ ئىشقىلىپ قايسى بىر ماشىنىسىنى سىناق قىلغاندا نۆل ئالغان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.



يوللاردا موتسىكىلىت بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن ماشىنىلارغا قاراپلاجۇڭگو پىكاپلىرىغا نومۇر قويۇپ باقساق بولىدۇ.

snake يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 11:25:43

volvo نىڭ يەنە بىر نامى تانكا .
بەت: [1]
: (ئاپتوموبىل) Euroncap ھەققىدە