esiyan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 10:41:59

بىلىدىغانلارغا ئىلتىماس!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئايالىمنىڭ بويىدا قېلىپ،پېقىرنى چەكسىز خۇرسەنچىلىككە چۆمدۈردى،ئاللاھدىن نامازلىرىمدا سالىھ بىر پەرزەنت سوراپ تۇرۇپتىمەن.لېكىن ئايالىم ئۆزى تاماق ئەتكىلى قازان بېشىغا كەلسە ھۆ ......بولۇپ ھېچ ھالى قالمايۋاتىدۇ،تاماقنىغۇ ئاساسەن ئاپام ئېتىۋاتىدۇ،ئايالىم قارىشىپ بېرىدۇ.بىراق ئۇ  نېىمىگە سېزىك بولغېنىنى بىلەلمەي بەك جاپادا قالدى،ھېلى پېتر مانتا.ھېلى كاۋاپ دېگەندەك گۆش تۈرىدىكى نەرسىلەرگە ھېرىس بوپ يەيدۇ لېكىن يەپ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ياندۇرۇدۇ.بۇ ئەھۋالنى بىر دورا ساتىدىغان ئاغىنىگە دىسەم.ئۇ ۋىتامىن ۋە كالىتىسى يىتىشمىگەنلىكنىڭ ئىشى دەيدۇ،ۋە ماڭا ئۆزى سېتىۋاتقان كالتىسى ۋە ۋىتامىن ،كۆپ خىل بىرىكمە ۋىتامىن،ئاقىسىل دېگەندەك ئوقەتلەرنى ئېلىپ،مۇشۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يىگۈزسەم بالىنىڭ قوساقتىكى ئۆسۈپ -يىتىلىشگە بەك پايدىلىق دەپ چۈشەندۈردى.لېكىن ئايالىم قورقۇپ تۇرۇدۇ ئەپ بېرەي دىسەم.يەنە بىر تېۋىپ بۇرادىرىم بولسا مىڭ سۇمغا ئۇنداق دورا ئەپ بەرمەي،نوقۇت تالقىنى[ھەر خىل مېغىزلار ۋە نوقۇي قوشۇپ ئۆيدە ياساپ]بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلدى.بېشىم قېتىپ قالدى،زادى مۇشۇ ئاياللار ھامىلدار مەزگىلىدە شۇ خىل ۋىتامىن ،كالتسى دېگەندەك نەرسىلەرنى يىسە بولامدۇ يۇق؟ ئەگەر بولمىسا  قانداق ئوزۇقلىنىش كېرەك؟ئاڭلىسام بالا قوساقتىكى چاغدا كالتىسى تولۇقلاپ بەرمىسە،راخىت بوپ قالىمىش.شۇڭا ئىزدىنىشتىكى دوختۇر-تېۋىپ،ھەكىملەرنىڭ مۇشۇ ئىشتا تەپسلىرەك چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىت قىلاتتىم

tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 13:20:45

تېۋىپ دوستىڭىز ئېيىتقاندەك قىلسىڭىز ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ يەنە لېمون ۋە باشقا ھەر خىل ھۆل مىۋىلەردىن كۆپرەك يەپ بەرسە قورساقتىكى ھامىلىنىڭ يىتىلىشى ھەم ئايالىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە كۆپ پايدىلىق بەدەنگە كەملىگەن ئوزۇقلۇق ۋە ۋېتامىنلارمۇ تولۇقلىنىدۇ ، ئاللاھ ياخشى تىلىكىڭىزگە يەتكۈزسۇن ، ئايالىڭىزنىڭ تۇغۇتى ئاسان بولغاي \"\"

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 13:53:27

ئايالىڭىزنىڭ ھۆ بولىشىغا نارپىننە ئىچملىكى ئىلىپ بىرىڭ

ئاندىن قالسا ئاشۇنداق مىۋە -چىۋە دىگەندەك نەرسىلەردىن يەپ تۇرسا بولىدۇ

ئاندىن قالسا ئانىڭىزدىن سوراپ بىقىڭ ئانىڭىز مۇشۇنداق ئىشلارنى قانداق بۇرۇن قانداق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىپتىكەن مۇنداق ئىشقا ئەڭ ئۇستا تىۋىپ يەنىلا ئانىڭىز

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 14:17:43

كالا گۆشى ئۈگرىسى(نىيۇ رۇمىەن ) بىلەن بىر ئىككى قېتىم مېھمان قىلىپ بېقىڭە ئايالىڭىزنى. سېزىكتىن تېزرېك چىقىشىغا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئەينى چاغدا ئايالىم نىمىلا يىسە بولماي، شۇ نۇرۇمىيەننى ئىچىپ ھۆ قىلىشى بېسىلىپ قالغان ئىدى.

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 15:06:47

86 نىڭ مۇنبەرگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى مېنى تولىمۇ سۈيۈندۈردى. بىز داۋاملىق ئۆتكۈر پىكىرلىرىڭىزگە تەشنا. \"\"

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 15:48:58

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :ئاياللارنىڭ سىزىك مەسىلىسىنى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىدىن نارپىننە شەربىتى ،بېھى شەربىتى،ئاچچىق ۋەتاتلىق ئانارنى قۇشۇپ يەپ بىرىش ئارقىلىق ھەل قىلسىڭىز بۇلىدۇ!

mastura يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 15:59:02

ھامىلىدار ئاياللارغا ۋىتامىننىمۇ خالىغانچە تولۇقلىسىڭىز بولمايدۇ، تولۇقلايدىغىنى بار، تولۇقلىمايدىغىنى بار. مەخسۇس ھامىلىدارلار ۋىتامىنى ئېلىپ بېرىڭ، تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى تۆۋەن بولغىنىنى ئېلىڭ، چۈنكى سېزىك ۋاقتىدا ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ، تۆمۈر ئاشقازاننى غىدىقلاپ بىئارام قىلىدۇ.

سېزىك ۋاقتىدا ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلى نېمىنى تارتسا شۇنى يېگۈزۈڭ، بەزى ئاياللار ئاشۇنداق گۆشلۈك نەرسىلەرنى يېسە سېزىكى بېسىلغاندەك بولىدۇ، بەزىلىرى مېۋە-چېۋە، دۇنيادا قانچە خىل ئايال بولسا شۇنچە خىل سېزىك بار. بىرىنىڭ تەجرىبىسىنى يەنە بىرىگە ئاساسەن تەدبىقلىغىلى بولمايدۇ، بىر بالىنىڭكىنىمۇ يەنە بىرىگە تەدبىقلىغىلى بولمايدۇ.

www.eybalam.com نىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ. سېزىك ۋە ھامىلىدارلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار خېلى كۆپ.

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 16:16:49

مەسلىھەت بەرگەن بارلىق دوسلارغا ئاللاھنىڭ سالامى،رەھمىتى،بەركىتى يار بولسۇن!

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 17:39:57

www.eybalam.com ماۋۇ ياخشى توربەت \"\"

maguro يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 18:37:30

ئايالى ياكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرى ھامىلدار ۋە ياكى ھامىلدار بۇلۇش ئېھتىمالى بولغان دوستلارغا پايدىسى تىگىپ قالا!



مەنمۇ بېشمدىن ئۆتكەننى ، كۈزۈم كۆرگەننى جىجىلاپ باقاي .

ئايالىم ھامىلدار مەزگىلدە ، زىيالى ئويناپ يۈرگەن يەرگە يېقىن يەردە ئىدۇق بىزمۇ .

سىزىك سەت تۇتتى كاساپەتنى ، نىمە يىسە شۇ يانىدۇ ، سۇ ئىچسە سۇ .كوڭلۈمنى ئىلەشتۈرۈپ تۇكۇرۈپلا ساراڭ قىلۋەتتى .

دوختۇرغا باردۇق . پەن تېخنىكا دەھشەت تەرەققى قىلغان مۇشۇ دۆلەتنىڭ دوختۇرلىرى جېنىدا سىزىككە ئامال يوق دەپ كۈزىنى پارقىرتىپ تۇرسا مەن قانداق قىلىپ بىرەلەيتىم . قۇلۇمدىن كىلىشىچە ھالىدىن خەۋەر ئالدىم شۇ .  

دوختۇر دىدىلەركى :

ھامىلە قۇساقتا پەيدا بولغاندىن باشلاپ ، بالياتقۇ بالىنى بېقىش ئۈچۈن نۇرمال ۋاقىتتا يوق بولغان ھورمۇن ئاجىرتىپ چىقىردۇ. بەدەن شۇ ھورمۇنغا قارىشى ھەرخىل ئىنكاس قايتۇردۇ . كۆڭلى ئېلىشىش ، ياندۇرۇش .......دىگەنلەر شۇنىڭ سەۋەبى . بەدەن ئوخشىمىغاندىن كىيىن ، قايتۇردىغان ئىنكاسمۇ ئادەمگە بېقىپ ئوخشىمايدۇ ، شۇڭا ئامال يوق.

بىرەر ئايلىق بولغاندا پەقەت بۇلالمىدى ، يەنە دوختۇرغا ئاپاردىم . يەنە شۇ كونا گەپ ، ئامال يوق. لىكىن بىرنەرسە يىيەلمەي ، ھەتتا سۇمۇ ئىچەلمىگەندىكىن ، بەدەن بەك سۇسىزلىنىپ كىتىدۇ دەپ ، تۇمۇردىن بىر قۇتا سۇيۇقلۇق ئېسىپ قويدى . تەركىبى نىمىدۇ دەپ قارىسام سۇكەن شۇ .

14 ھەپتىدىن كىيىن ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ، چىداڭلار دىدى ، ماقۇل دىمەي ئامال قانچە ؟ 14ھەپتىدىن كىيىن راست قۇيۇپ بەردى سىزىك .

ھامىلە 4 ئايلىق بولغىچە ئانىنىڭ بەدىندىن ئۇزۇقلۇق قۇبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا بۇمەزگىلدە ئۇ، بۇ نەرسىلەرنى تۇلۇقلاپ ئاۋارە بولماڭلار دىدى.

4ئايدىن كىيىن تەكشۇرۇپ ، ھامىلە نۇرمال ئىكەن ، بىر نەرسە تۇلۇقلايمىز دەپ ئاۋارە بولماڭلار،ئانىسى نۇرمال ئۇزۇقلىنپ يۈرۈۋەرسۇن دىدى ، ماقۇل دەپ شۇ بۇيچە قىلدۇق . ئاخىردا بالا قەرەلىدە ، تەبىئى تۇغۇلغان بولدى . ئاللاغا مىڭ شۈكرى ، ھازىرمۇ ساغلام چوڭ بۇلۋاتىدۇ .

يەنە ، مىكىرو دولقۇنلۇق ئۇچاق ، قول تېلفۇن .....دىگەندەك ئەتىراپىمىزدىكى نەرسىلەردىن قورقۇپ يۇرۇپتىمىز ، ئۇمۇ ئىلىم-پەن ئىسپاتلىمىغان ئىش ئىكەن ، بۇرۇن قانداق ياشغان بولساڭ شۇنداق ياشاۋەرگىن دەپ يولغا سالدى .



بىزنىڭ ئانىلىرىمىزمۇ ھىچنىمە تۇلۇقلىماي ، ئشلەپ يۇرۇپ تۇغۇپتۇكەن بىزلەرنى . لىكىن بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە ، خاتا ئۇچۇر بەك جىقلاپ كەتتىغۇ تاڭ !!

mastura يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 19:03:34

بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ياشىغان دەۋرگە بۇ دەۋر ئوخشىمايدۇ، ئۇلار يېگەن نەرسىلەر بىز يېگەن نەرسىلەرگە ئوخشىمايدۇ.

perikiz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 22:25:05

مېنىڭچە بەدەن ئەھۋالىنى ئۆزى مۆلچەرلەپ مۇۋاپىق يىسە بولىۋىرىدۇ

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 23:59:17

ئايالىم ئېغىر ئاياق چاغدا يېسۇەن پىيەن دەياىغان بىر دۇرىنى يىسە ھۆ قىلمايدىكەن دەپ يۈرۈيتى . دۇرا شىركەتلىرىدە بارمىشكەن

adil731 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-3 08:51:55

{:90:}   {:90:}   {:90:}   {:90:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}
بەت: [1]
: بىلىدىغانلارغا ئىلتىماس!