braveheart يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 10:22:19

ئاۋازلىق ماشىنا تەرجىمە سەۋىيىسى ئادەمنىڭكىگە يەتتى [تېخنىكا]

نەقمەيدان ئاۋازلىق ماشىنا تەرجىمە سەۋىيىسى ئادەملىك تەرجىمە سەۋىيىسىگە يەتتى



مىكروسوفت شىركىتى 2012- يىلى 9- نويابىر يوتۇب تورىدا، مىكروسوفت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى كۆرسىتىلگەن سىننى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ سىستېما ئاۋازنى پەرقلەندۈرۈپ، قوش تىللىق تەرجىمە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى شۇزامان تەلەپپۇز قىلالايدىغان بولۇپ، ئادەملىك نەقمەيدان تەرجىمە سەۋىيىسىگە يەتكەن.




تۆۋەندىكى سىندا مىكروسوفت تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى رىك راشىد(Rick Rashid) بۇ سىستېمىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ۋە ئاۋاز پەرقلەندۈرۈشتىكى نەتىجىسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، نەقمەيداندا مۇخبىرلارغا ئېنگىلىزچىنى خەنزۇچىغا ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىشنى كۆرسەتكەن. نەقمەيداندا سۆزلىگۈچىنىڭ ھەربىر سۆزى(ئېنگىلىزچە) ئاساسەن ھەممىسى تونۇلغان بولۇپ، شۇزامان ئېنگىلىزچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان ۋە ئاخىرىدا خەنزۇچە تەلەپپۇز قىلغان.




بۇ سىستېما سۆزلىگۈچىنىڭ تەلەپپۇزىنى تەقلىد قىلالايدىغان بولۇپ(خۇددى كىنولاردىكىدەك)، بىرەر سائەتتەك تەلەپپۇز مەشىقلەندۈرۈشىدىن كېيىن، سىستېما سۆزلىگۈچىنىڭ تەلەپپۇزىدا ئىككىنجى تىلدا سۆزلىيەلەيدىكەن. (مۇبادا لوندونلۇق ئىشلەتكەن بولسا، سىستېمىمۇ خەنزۇچىنى لوندون تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىكەن. )http://v.youku.com/v_show/id_XNDcyOTEwMzA0.html



كومپيۇتېر ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش تەتقىقاتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 1980- يىللىرىدا ئېنگىلىز-فرانسۇز تىلى ماشىنا تەرجىمە سىستېمىسى بارلىققا كەلگەن. شۇنداقلا ئېنگىلىزچە-ياپونچە 10 مىنۇتلۇق ئاۋازلىق ماشىنا تەرجىمە سىنىقى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان.




نۆۋەتتە ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە تېكىستنى ئاۋازنى تېكىستكە، تېكىستنى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇش تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلىرى خېلىلا مۇكەممەللەشتى.




ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى دوكتور يېتەكچىلىرىدىن تۈرگۈن ئىبراھىم ۋە ئەسقەر ھەمدۇللا قاتارلىقلارنىڭ خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىشتا دەسلەپكى نەزرىيىۋى ۋە سىناق سىستېما نەتىجىلىرى بار. ھەرقايسى تىللارنىڭ ئېلېكترونلۇق لۇغەتلىرى ئىشلەندى. ئۇندىن سىرت ئىلكان ماشىنا تەرجىمانىمۇ كۆپچىلىككە ئېچىۋېتىلدى(http://www.ilkan.biz).




ھازىرقى نەزىرىيىۋى ۋە قاتتىق دېتال نەتىجىلىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ماشىنا تەرجىمە تېخنىكىسى ئانچە يېڭىلىق ياكى تەس دېگۈدەك ئەمەس. ئەمما ئىقتىسادى مەبلەغ يىتىشسىزلىكى، شۇنداقلا بۇ ساھەنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى چەكمەسلىكى، تەتقىقاتتىكى ئىزچىلسىزلىق، بۈگۈنگىچە نىسبەتەن مۇكەممەل ستراتىگىيىلىك مەھسۇلات بازارغا سېلىنماسلىقتىكى ئاساسى سەۋەب بولۇپ قالدى.




نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە ئۆزىمىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە قاتتىق دېتال تېخنىكىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىشىنىمىزكى يېقىنقى كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ يېڭى خەلقئارا سەۋىيىدىكى نەتىجىلەر بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

alnoor024 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 14:30:58

perikiz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 22:14:05

ۋاھ ماۋۇ بولىدىغان تېخنىكىكەن مانا .

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 23:28:22

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم «ئىلكان ماشىنا تەرجىمانى»دىن ناھايىتى خوش بۇلۇپ سىناپ باقاي دەپ خەنزۇچە بەتتىن بىر ئابزاسنى چاپلاپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇزسام تۆۋەندىكىدەك تەرجىمە قىلدى. باشقا-باشقا تېكىستلەرنىمۇ سىناپ باقتىم ئوخشاش. مەن ئىشلىتىشىنى بىلمىدىممۇ يا چۈشەنمىدىممۇ ؟ نىمىشقا ھەممىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلمايدۇ؟ ياكى تەرجىمە قىلالمىغاننى ئۆز پېتى قالدۇرمايدىكەن قازاقچىمۇ يا تۈركچىمۇ ئىشقىلىپ بىلگىلى بولمايدىغان سۆزلەر قېتىلىپ قالىدىكەن. قالغىنىنى كۆرۈپ بېقىڭلا .

ماۋۇ تەرجىمە قىلماقچى بولغان خەنزۇچە تېكىسىت :

影片改编自杰妮·唐纳姆(Jenny Downham)的小说《我死之前》(Before I Die)。杰妮·唐纳姆(1964~),英国小说家,曾经当过演员。《我死之前》是她的处女作,全书采用第一人称讲述了一个身患白血病的十六岁小女孩,在生命最后几个月里的经历和感受。该书出版后受到了热烈的好评,并获得2007年度英国卫报图书奖,2008年兰开夏年度最佳儿童读物奖, 2008年度卡内基文学奖提名,英国图书信托基金青少年作品奖提名,还获得了布兰福博斯奖的杰出新人奖

ماۋۇ تەرجىمە قىلغاندىن كىيىنكى نەتىجە :

ژەنني · داڭ غامۇ (ژەنني دوۋنھام)، \"مەن ئۆلەيتىن ئىلگىرى\" رومانېنېن پىلم ئۇيارلاماسې (ئې دىئە ئىلگىرى). ژەنني داڭ غامۇ (1964 -)، بىر ئاقتۆر بولغاچقا ئۇرۇنۇپتۇ ئىڭىلىز رومانچى،. \"مەن ئۆلەيتىن ئىلگىرى\" تۇنجى كىتابې بىر فىرست-پەرسون تۇرمۇش مۇنەيىملەرى ۋە تۇيغۇلىرى ئاخىر بىر قانچە ئاي ئىچىدە، لۆسەمى ئاغرىپى 16 يېشىدىكى بىر قىزنىڭ ھېكايىسىنى بىردەملاتېيور بولساتۇر. كىتاب بىلەنشتىرىلەر تەرىپىدىن غايېملانان ۋە غادىلدى 2007 گۇاردىان كىتاب ئۆدۈلۈ، يىلېن 2008 لانجاشىرە ياخشى بالا كىتابلارې، غادەبىيات، ئىڭىلىز كۈتۈپھانەسى فونۇ ياشلىق ئۆدۈلۈ ئاراليلېغې ئۈچۈن 2008 جارنەگىئە ئۆدۈلۈ ئاراليلېغې ئۆدۈل 布兰福博斯 ئۈستۈن ئىشتىن سىرت ئۆدۈلۈ.

بىلىدىغانلارنىڭ چۈشەندۈرۈپ قۇيىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 00:03:46

بىزنىڭمۇ مۇشۇ سۈرئەتتە ماڭسا نەچچە يىلغا قالماي تۇلۇق پۈتىشى مۇمكىن

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 00:15:19

باش بەتتە مائۇسنى تىما ئۈستىگە ئەكىلىۋىدىم، ئاپتۇرىbraveheart دېگەن جاينى كۆرۈپ، سىز ئىشلەۋاتقان تەرجىمان پروگراممىنىڭ گېپى ئوخشايدۇ، دەپ مۇۋەپپىقىيەت تەنتەنىسى ئىچىدە خوشال بولۇپ كىرىپتىمەن، ئىچىنى كۆرۈپ، باشقىلارنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىزنىڭمۇ سىزدەك ئوغلانلىرىمىزنىڭ تىرىشىشى بىلەن شۇنداق كۈنلىرىمىزنىڭ بولىشىنى تىلىدىم.

سىز تەرجىمە قىلغۇچىڭىز ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ، كېيىن ئۆزىڭىز بىر قوللۇق تەھرىرلەپ چىققانگوۋۇيۈەننىڭ 590-نومۇرلۇق ھۆججىتى رايۇنىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ياخشى پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولغان ئىدى.

ھازىر نۇرغۇن ئادەم ئىش ئۈستىدە يارىلىنىپمۇ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغدىيالمايۋاتىدۇ، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشقا دائىر نىزامنامەنىڭ تەرجىمىسى يېرىم يولدا توختاپ قالمىغان بولسا، كۆپ كىشىلەرگە پايدىسى بار ئىدى، ماڭا بۇ نىزامنىڭ 30-، 32- 33- ماددىلىرىنىڭ تەرجىمىسى بەكلا لازىم بولغان ئىدى، تىمىلاردا بۇ ھەقتە يازغان ئىنكاسلىرىم جاۋاپسىز قالدى، سىزنىڭ ئاشۇ تەرجىمە سېستىمىڭىز بالدۇراق پۈتسە، مۇشۇنداق ئاچقان يەرلەرگە ياخشى قۇۋۋەت بولاتتى. ئاۋازلىق تەرجىمە بىزگە خېلى يىراق ئوخشايدۇ.

braveheart يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 09:49:28

ئىلكان تورىنىڭ تەرجىمە، تەھرىر دەپ ئىككى سەھىپىسى بار.

باش بەتتە «تەرجىمانلارغا» دەپ بېرىلگەن بىر بەتمۇ بار ئىدى. تەرجىمە سەھىپىسىدە باشتىكى تۈركچە، ئۆزبېكچىلەرنى ئۇيغۇرچىغا ئايلاندۇرۇش، ئىلكان تەرجىمانىنىڭ ۋەزىپىسى. قالغان تىللارنى گۇگېلدىن تۈركچىگە ۋە تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تەرجىمە سۈپىتى گۇگېلنىڭ تۈركچە تەرجىمە سۈپىتىگە، شۇنداقلا ئىلكاننىڭ تۈركچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە سۈپىتىگە باغلىق. گۇگېلنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە سۈپىتى ناچار بولسا، ئىلكانمۇ ئۇيغۇرچىغا تازا راۋان تەرجىمە قىلالمايدۇ.

كەسپى تەرجىمانلار خەنزۇچىنى تەھرىر سەھىپىسىدە تەرجىمە قىلسا بولىدۇ.

ئەسلىدە تۈركچە بىلىدىغانلار كىتاب، فىلىم تەرجىمە قىلغاندا تەھرىر سەھىپىسىدىن پايدىلانغان بولسا بۇ ۋاقىتقا خېلى بىريەرگە بېرىپ قالاتتى. ئەپسۇس، تۈركچە-ئۇيغۇرچە ئارىسىدا ئىشلەتكۈچىلەر توغرا ئامبارلىغان بىرمۇ سۆز يوق. خەنزۇچىدىن 50 گە بارمايدۇ. مىنىڭمۇ باشقا شەخسى ئىشلىرىم بولغاچقا ئەڭ ھالقىلىق تېخنىكىلىق ئىشلارغىلا زېھىن ئاجرىتىۋاتىمەن، تەرجىمە قىلىش دېگەنلەرنى ئېھتىياجى بار، ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ پايدىسى تەگسۇن دېسە تەھرىر سەھىپىسىدە بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلغاچ، بىر تەرەپتىن سۆز، سۆز بىرىكمىلىرىنى ئامبارلاپ قويسا بولىدۇ.

تەرجىمانلارغا دېگەن سەھىپە بار، تەھرىر سەھىپىسىدە قوللانما بار. شۇنداق بولسىمۇ، ئۆزىگىمۇ(يەنى تەرجىمە ئەمگىكىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئازىيىدۇ)، باشقىلارغىمۇ(باشقا ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەمگىكىمۇ خېلىلا ئازىيىدۇ) پايدىلىق ئىش قىلىشنى ئۆگىتىپ بولالمايۋاتىمەن.

ئەھۋالدىن قارىغاندا تەرجىمە سەھىپىسىدىكى توغرىلىقى %70 پىرسەنتكە بارمىغان تىللارنى ئېلىۋەتسەم بولغۇدەك.

braveheart يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 10:08:16

ئەينى ۋاقىتتا گۇگېل تەرجىمانى يېڭى ئېچىۋېتىلگەندە جۇڭگودا گۇگېل تەرجىمانىنى بايقۇت قىلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. سەۋەبى بەزى جۈملىلەرنى تاققا-تۇققۇراق تەرجىمە قىلغاچقا.

ئىلكاننىڭ تەھرىر سەھىپىسى ھەرھالدا تاققا-تۇققۇ تەرجىمە قىلمايدۇ. «تەرجىمانلارغا» دېگەن بويىچە قىلساڭلار بولىدۇ.

يەنە كېلىپ، ھەقىقى تەرجىمە قىلىش نىيتى بارلارغا، ئالاقە ئادرېسىمنى توردا تەمىنلەپ بەردىم. مەن بىلەن ئالاقىلىشىش تەس بولمىغانكىن، ئېھتىياجىنى دېسە، شۇ ۋاقىتتا ئېھتىياجغا ئاساسەن سىستېما ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇپ بېرىمەن. بەزىلەرگە مەخسۇس تۈزگەن پروگراممىنى بەرگەنىدىم. ئەپسۇس بىكارلىق بولغانكىن، يەنە كىلىپ ئازراق ئۆگىنىدىغان يەر بولغانكىن، يەنىلا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تەرجىمە قىلىۋېرىدىكەن. تەرجىمانلار مەن بىلەن ئالاقىلاشمىسا مەنمۇ ئۆزۈم بىلگەن ئىشنى قىلىۋېرىمەن. ئىلكان تەرجىمانى ئېچىۋېتىلگەن بىر يېرىم يىل ئىچىدە ھازىرغىچە مەن بىلەن ئالاقىلاشقان تەرجىمانلار بەشتىن ئاشمايدۇ. سېلىشتۇرما كىتاب بولسا، ياكى نادىر كىتابلارنىڭ ئىسمى بولسا ئىبەرتىپ بىرىڭلار دېسەممۇ، مەن ئىزدەپ تەلەپ قىلىپ يۈرۈپ بىر-ئىككىيلەندىن ئۇچۇر ئالدىم.

بۇلار ئىلكان تەرجىمانىدىن پايدىلىنىپ بىر-ئىككى كىتاب ۋە نۇرغۇن ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىپ نەشرىيات، مەتبۇئاتلارغا، تورلارغا سۇندى.

braveheart يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 10:16:03

影片改编自杰妮·唐纳姆(Jenny Downham)的小说《我死之前》(Before I Die)。杰妮·唐纳姆(1964~),英国小说家,曾经当过演员。《我死之前》是她的处女作,全书采用第一人称讲述了一个身患白血病的十六岁小女孩,在生命最后几个月里的经历和感受。该书出版后受到了热烈的好评,并获得2007年度英国卫报图书奖,2008年兰开夏年度最佳儿童读物奖, 2008年度卡内基文学奖提名,英国图书信托基金青少年作品奖提名,还获得了布兰福博斯奖的杰出新人奖



بۇ تېكىستنى ئىلكان تەرجىمانىنىڭ تەھرىر سەھىپىسىدىكى ماشىنا تەرجىمىسى مۇنداق بولىدۇ:



فىلىم·(جەنني دوۋنھام)《 مەن ئىلگىرى》(بەفورە ئى دىئە )。·(1964~), ئەنگىلىيە ، ئارتىس . 《 مەن ئىلگىرى》 ئۇ ، كىتاب بىرىنچى بىر ئاق ئون ئالتە ، جان ئەڭ قانچە ئاي . كىتاب قىزغىن، 2007 ئەنگىلىيە كىتاب، 2008 يىل ئەڭ بالىلار ، 2008 ئەدەبىيات ، ئەنگىلىيە كىتاب فوند ياش ئۆسمۈرلەر، كۆزگە كۆرۈنگەن

braveheart يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 10:21:23

تەھرىر سەھىپىسىدىكى تەرجىمە نەتىجىسىنى تەرجىمانلار قولدا تولۇقلاپ، راۋانلاشتۇرسا بولىدۇ.

بولمىسا ئىلكان بېتىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئەسلى تېكىست ۋە لۇغەتنى ئېلىۋېلىپ ھەممە سۆز ۋە جۈملىنى بىرمۇ-بىر قولدا كىرگۈزۈپ، تەرجىمە قىلسا بولىدۇ.

ئەگەردە بىرەر پارچە خەنزۇچە كىتاب تەرجىمە قىلماقچى بولۇپ قالسا، مەن بىلەن ئالاقىلاشسا، مەن ستاتىسكىلاپ ئىچىدىكى كەسپى ئاتالغۇ، ئىسىم، سۈپەت، رەۋىشلەرنى ئاپتوماتىك توپلاپ، تەرجىمە قىلىپ، ساندانغا قېتىپ قويسام، بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش ئەمگىكى تېخىمۇ ئازىيىدۇ.

braveheart يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 10:37:50

ئۇيغۇرلارنىڭ ماشىنا تەرجىمە ساھەسىدىكى تەتقىقاتى بەكلا كېيىن باشلاندى. 2005- يىللىرىدىن كېيىن باشلاندى دېسەكمۇ خاتا بولمايمىز. مەن بۇ ساھەگە 2010- يىلى كىرگەن. مەن بۇ ساھەگە كىرىشتىن بۇرۇن بىرەر ئادەمنىڭ بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋەياكى دەسلەپكى نەتىجە قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىمىغان، بىلمىگەنىدىم. كېيىن بۇ ساھەگە چوڭقۇرلاپ كىرگەندىن كېيىن ئاندىن مەندىن باشقا مۇتەخەسىسلىرىمىزنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدىم.

ئەنگىلىيە، ئامېرىكىلار 1947- يىلىلا بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلارغا مەبلەغ بېرىپ، تەتقىقاتنى باشلىغان ۋە بۈگۈنكىدەك مۇھىم نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.

مۇكەممەل ئاۋازلىق ماشىنا تەرجىمە، نۇرغۇن جەريانلارنى تەلەپ قىلىدۇ.

جۈملىدىن تاۋۇشنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش، يېزىقنى يەنە بىر يېزىققا تەرجىمە قىلىش، يېزىقنى تاۋۇشقا ئايلاندۇرۇش ۋەھاكازالار.

بۇ ئۈچ تۈرنىڭ ھەربىرسىمۇ ئىنتايىن چوڭ تۈر. دوكتۇر يېتەكچىسى ئەسقەر ھەمدۇللا يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ دوكتور، ماگىستىر تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئاسپىرانتلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرچە تېكىستنى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىپ بېرىدىغان سىستېمىنىڭ دەسلەپكى نۇسخسى ئېنگىلىزچە بىلەن تەڭ سۈپەتتە بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا مۇھىم نەتىجە. مۇشۇنى يەنە 10 يىل ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرساق، ئاۋازلىق تەرجىمە چوقۇم روياپقا چىقىدۇ.

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 13:18:16

braveheart@ ئەپەندىم. ئالدىڭىزدا ئاتىكاچىلىق قىلىدىغان بولدۇم. كەچۈرگەيسىز.

مۇمكىن بولسا مۇكەممەل ئاۋازلىق ماشىنا تەرجىمە ۋۇجۇتقا چىقسا، بۇ بەكمۇ بەلەن ئىشكەن، ئامما بۇنىڭغا نۇرغۇن جەريان ۋە ۋاقىت كېتىدىكەن. شۇڭا ئاۋۋال بۇ ئۈچ تۈرنىڭ ئىچىدىكى تاۋۇشنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش، ئايلانغان يېزىقتىن ۋورد ھۆججىتى قۇرۇپ چىقىش ئىشىغا دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلسە، ئاندىن كېيىنكى جەرياننى بىر-بىرلەپ ئىلىسە ياخشى بولارمىكىن دەيمەن. باشقىسىنى قويۇپ يالغۇز مۇشۇ تاۋۇشنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش، ئايلانغان يېزىقتىن ۋورد ھۆججىتى قۇرۇپ چىقىش ئەپلىرىنى مىسالغا ئالساقمۇ، بۇ خىل ئەپلەر يېزىقچىلىق ئىشلىرىمىزغا نۇرغۇن ئاسانچىلىقلارنى كەلتۈرگەن بولاتتى.

باشقىلاردىن بۇنداق ئەپنى بار دەپ ئاڭلىدىم، لېكىن ئۇچرىتىپ باقمىدىم.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 16:37:30

مۇشۇنداق تېخنىكېلارغا ئائىت خەۋەرلەرنى كۆرسەملا ،يەرشارىنىڭ ئاشلىقىنى ئىسراپ قىلىپ ئۆتۈۋاتقان ئادەمدەكلا ھېس قىلىمەن ئۆزۈمنى....
بەت: [1]
: ئاۋازلىق ماشىنا تەرجىمە سەۋىيىسى ئادەمنىڭكىگە يەتتى [تېخنىكا]