xamxad302 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 10:17:55

ئاندىروئىد تىن ياردەمگە جاۋاپ[تېخنىكا]

بىر دوستىمىز يوللىغان ئاندروئىد تىكلىفۇن مەسلىسىدىكى تىمىغا ئىنكاس يازسام  ماڭمىدى،شۇڭا شۇ دوستىمىز ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللىدىم.


1.ئىلىكزار ئەپ بازىرىنى ئالىپ مۇنبىرىدىن ئىزدەپ بىقىڭ.

2.multiling دا خەنزۇچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن خەنزۇچە تىل بولىقىنى چۈشىرىشىڭىز كىرەك،لىكىن چۈشىرىدىغان تور بەت ئىچىلمايدىكەن.

3.ئۇيغۇرچە خەنزۇچە،ئنگىلىزچىنى بىرلا كىرگۈزگۈچتە ئىلىپ بارىمەن دىسىڭىز بەيدۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ئۇيغۇرچە تىرىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئەمەلگە ئاشىدۇ.باشقا كىرگۈزگۈچلە ئالىپ تورىدا بار.

4.google play ئەپ بازىرى تۆۋەندىكى ئەھۋالدا نورمال ئىشلىمەيدۇ:تىلىفۇنىڭىز (行货)يەنە جوڭگۇدا ياسىلغان بولسا،google play ئەپ بازىرىنىڭ نەشرى بىلەن تىلىفۇنىڭىزنىڭ سىسىتىما نەشرى ماس كەلمىسە(تىلىفۇننىڭ سىستىما نەشرى يۇقىرى ئەپ بازىرىنىڭ تۆۋەن بوپ قالسا) دىگەندەك.

5.يانفۇننىڭ باتارىيىسىنى چىقىرىپ كەينىگە قاراڭ

6.ئىككى يانفۇننى تىگىشتۈرۈپ قويسا ھۆججەت ئالماشتۇردىغان نەرسە NFC،بۇ ئىقتىدار ھازىر چىقىۋاتقان تىلىفۇنلاردا يەنى HTC ONEX,SAMSUNG 9300,NOTE 2 دىگەندەك يانفۇنلاردا بار،ئايرىم چۈشۈرۈپ قاچىلىغىلى بولماسمىكى.

7.ئالىپ تىخنىكا مۇنبىرىدىن ئىزدەپ كۆرۈڭ

8.باشقا رەسىمگە تارتىش قوشۇمچە ئەپلەرنى چۈشۈرۈپ سىناپ بىقىڭ،مەنمۇ HTC دىن باشقا تىلىفۇندا كۆرمىدىم ئۇنداق ئىقتىدارنى

9.ئالىپ تورىدىن ئىزدەڭ

10.360 يانفۇن بىخەتەرلىك قۇرالى،جىنشەن يانفۇن بىخەتەرلىك قۇرالى دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىدە بار ئۇنداق ئىقتىدارلار،قارا تىزىملىك ئىقتىدارىغا كىرىپ ھالىتىنى ئۆزىڭىز تەڭشەيسىز   مىنىڭ تىلىفۇنۇمنىڭ قارا تىزىملىك ھالىتى تىلىفۇن توختۇتۇلغان دىگەن ھالەتتە.

11.سىز ئىزدىگەن ئەپلەر ئالىپ تورىدىن چىقىدۇ


           ھەممە نەرسىنى تەل قىلىپ ئەكىىلپ بەرسەك  ئەكەلگەن نەرسىنىڭ قەدرى بولمايدۇ،شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئازراق ئىزدىنىپ بىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،بىلمىگەن يەرلەر بولسا يول كۆرسىتىشكە تەييارمەن

gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 12:59:40

مەن بۇنداق بازاردىن ئىككىنى دەپ بېرەي! ئەسقېتىپ قالار.

جۇلا

http://xjjula.cn/category/1.html

ئامبىرىم

http://www.ambirim.com/

perikiz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 22:25:35

مەن بىلمەيدىكەنمەن

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 00:18:28

1- قەۋەتتىكى gewalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن بۇنداق بازاردىن ئىككىنى دەپ بېرەي! ئەسقېتىپ قالار.

جۇلا

http://xjjula.cn/category/1.html

ئامبىرىم

http://www.ambirim.com/

ماۋۇ بازارلار ياخشى بازاركەن، يەنە بولسا باشقىلارمۇ دەيلى. بىلمىگەنلەر بىلىپ قالسۇن، بولسا ماۋۇ جايدا بىر توپلام تۈزۈلۈپ قالسۇن.

maQak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 02:35:06

شۇنداق ياخشى بازارلار بولسا يوللاپ قويۇڭلا ئادرىسىنى \"\"
بەت: [1]
: ئاندىروئىد تىن ياردەمگە جاۋاپ[تېخنىكا]