itarim يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 20:27:09

يەنە شۇ windows8

ئىككى  ئاينىڭياقى 50 نەچچىدىن كوپرەك ئادەمگە windows8 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى قاچىلاپتىمەن ، دەسلەپتە 100 يۇەندىن ، ئاندىن 50 يۇەندىن قاچىلاش ھەققى ئىلىپ قاچىلاپتىمەن ، بىر نەچچە دېھقان ئاكىنىڭ ھەقىقى نەشىرىدىكى windows8 نى قاچىلىنىشى مېنى تەسىرلەندۇدى ، شۇ كۇنىلا ئىزدىنىشتا windows8نىڭ ھەقىقى نەشىرى ھەقسىز قاچىلاپ بىرىلىدۇ دەپ تېما يازدىم ، مۇشۇ تېما سەۋەپلىلىك نۇرغۇن كىشىلىرىمىز مېنى ئىزدەپ كېلىپ ھەقىقى نەشىردىكى windows8 نى قاچىلاتتى ...ئىزىدىنىشتىكى تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن كەلگەنلىكىنى ئىيىتتى ، نۇرغۇنلىرى ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي پۇل تەڭلەپ تۇرۋالدى ، ۋەدە دېگەن مۇسۇلمانغا ھالالدۇر، ۋەدەمنى ۋەدە قىلغىلى قويسا دېسەم ممۇ ،بەزىلەر قەتئىي ئۇنىماي تۇرۋالدى ، بەزىلەر پۇلنى تاشلاپ قويۇپ تۇرۋالدى ، بەزىلەر بىلەن پۇلنى ئىتتىرىشىپ ئون مىنۇتتەك تارتىشىپ قالدۇق ..


ئارلىققا ماۋۇ گەپنى قىستۇرۇشقا توغرا كەپ قالدى ، ئۇدۇلۇمدا كومپىيۇتىر ساتىدىغان قوشنام بىلەن پاراڭلىشىپ قىلىپ windows8 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى باشقىلارغا ھەقسىز قاچىلاۋاتقانلىقىمنى دېسەم ، سىلە ساراڭكەنلا ، 248 كوي مەبلەغ سىلىڭ بىر ، 2 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىستىما قاچىلاپ بىرىڭ بىر  دەيدۇ ، گىپىگە كۇلۇپ قويدۇم


مانا بىر نەچچە كۇندىن كىيىن windows8 نىڭ باھاسى مىڭ نەچچە كويغا چىقىدۇ ...شۇ سەۋەپلىك windows8 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى  5 يۇرۇش سىتۋالدىم ....2 - ئاينىڭ 1 - كۇنىدىن بۇرۇن دۇكىنىمغا كىلىپ سىتۋالغۇچىلارغا يەنىلا ئوخشاش ھەقسىز قاچىلپ بىرىلىدۇ .... 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۇنىدىن كىيىن كىلىپ قاچىلاتقانلارغا يەنىلا 248 يۇەنگە قاچىلاپ بىرىلىدۇ ، ئەمما بىر شەرتىم بار ، بىر سوم پىلانىغا 50 سوم ئىئانە قىلغانلىق ئىسپاتىنى ئىلىش كىرەك ....


  مەنزىل : قەشقەر مىرەن كومپىيۇتىر شەھەرچىسى 2ـ قەۋەت    تارىم كومپىيۇتىر تېخنىكىسى


تېلفۇن : 13309981604    كوت كوت : 184295957

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 08:46:55

@baqka رەھمەت سىزگە، يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشىڭىز ۋە ئىلگىرى يازغان تېمىڭىزغا قاراپ ئوڭۇشلۇق قوش سېستىما قىلىۋالدىم. لېكىن نېمىشقىدۇر Win8 قوزغالغاندا BIOS قا نورمال كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 09:39:46

مەيلى 7 ياكى8 بولسۇن، سىستېما قوزغىلىپ بولغاندا BIOS قا كىرگىلى بولمايدىغۇ.

سىستېما قوزغىلىشتىن بۇرۇنلا Delete نى بېسىپ كىرگىلى بولىدىغان يەرنى دىدىڭىزمۇ ياكى باشقا ئۇقۇم دىمەكچىمىدىڭىز؟

gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 12:52:12

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى 10،000قېتىم چۈشۈرۈلگەندىمۇ ؟ئىگە تەرەپنىڭ سىتاستىكا ئەھۋالىنى بىلگىلى بولسىمۇ كاشكى.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 17:04:28

ئىچكىرىدىكى ھەرقانداق بىر ئۆلكىگە سېلىشتۇرغاندا رايۇنىمىزدىكى سېتىۋالغان شەخسلەرنىڭ سانى كۆپ چىقارمىكىن دەيمەن. مەنمۇ 3 يۈرۈش سېتىۋالدىم، پايپالغا پۇل يۆتكەش ئېتىلىپ قالمىغان بولسا، بۇ سان تېخىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ئىدى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 21:03:12

پايپالنىڭ مۇلازىمەت تېلېفۇنى بىلەن 3 كۈن ئالاقە قىلدىم، دەسلەپ تىزىملاتقاندا بولغان بانكا بىرلەشمىسى بەلگىلىك كارتا ھازىر نىمىشقا بولمايدۇ، دەپ، «بۇ تۈردىكى مۇلازىمەتنى توختاتتۇق» دەپ قۇتۇلدى.

ئېلېكترون ئۇرۇشىنىڭ نىمىلىكىنى بىلىپ قويساق بولاتتى بىزمۇ. مەسىلەن، كىيۇ- كىيۇ بىزنىڭ يېزىقىمىز بىلەن ئەرەب يېزىقى دىگەنلەرنى يوللىغىلى ئۇنىمايدۇ، قانداق چۈشىنىسىلەر بۇ ئىشنى..

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 21:10:38

3- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پايپالنىڭ مۇلازىمەت تېلېفۇنى بىلەن 3 كۈن ئالاقە قىلدىم، دەسلەپ تىزىملاتقاندا بولغان بانكا بىرلەشمىسى بەلگىلىك كارتا ھازىر نىمىشقا بولمايدۇ، دەپ، «بۇ تۈردىكى مۇلازىمەتنى توختاتتۇق» دەپ قۇتۇلدى.

ئېلېكترون ئۇرۇشىنىڭ نىمىلىكىنى بىلىپ قويساق بولاتتى بىزمۇ. مەسىلەن، كىيۇ- كىيۇ بىزنىڭ يېزىقىمىز بىلەن ئەرەب يېزىقى دىگەنلەرنى يوللىغىلى ئۇنىمايدۇ، قانداق چۈشىنىسىلەر بۇ ئىشنى..



مەن تىخى يىقىندا بانكا بىرلەشمىسىنىڭكىنى قىلىۋالدىم.تىل قىلىپ خەت يىزىپ دىگەندەك.ئازىراقمۇ ئۇششۇقلۇق بار.


بولمىسا ئۇلارنىڭ ئىنگىلىسچە ئادىرىسىغا خەت يىزىڭ. ئۇلار 2008 بانكا بىرلەشمىسىنى قوللايمىز دەپ ئىلان چىقارغان.


halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 04:26:37

كومپيۇتېرىمنى قايتىدىن رايونغا بۆلۈپ، C قىسمىغا كومپيۇتېر بىلەن كەلگەن Win7 نى، D رايونغا يېڭى سېتىۋالغان Win8 نى قاچىلىماقچى ئىدىم. سېستىمام خەنچە Win7 بولغاچقىمىكىىن، سېتىۋالغان Win8 مۇ خەنچە چىقىپ قالدى (ئىنگىلىزچە بولۇشىنى خالايتتىم). بوپتىلا دەپ قاچىلاپ باقسام، Win8 قېرىشقاندەك C رايونغا ئاپتوماتىك قاچىلاندى. ئەمدى سىزدىن تۆۋەندىكىلەرنى سورىۋالسام:

1. مەن سېتىۋالغان Win8 نىڭ ئاچقۇچى بىلەن ئىنگىلىزچە نەشىرىنى ئاكتىپلەشتۈرۈشكە بولامدۇ؟ ئىنگىلىزچە نەشىرىنى قەيەردىن چۈشۈرەلەيمەن؟ (بىر ئايدىن كىيىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىمەن، لېكىن بىر ئاي ئىچىدە ئىنگىلىزچە بولۇشى كېرەكتى)

2. قوش سېستىما قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟



ئەتە كەچتە سەپەرگە چىقىدىغان بولغاچقا، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن كومپيۇتېرىمنى ئوڭشىۋالاي دەپ يۇقىرىقى سوئالنى مۇنبەردىكى بىر قانچە كومپيۇتېر ئۇستىلىرىغىمۇ ئۇچۇر قىلىپ يوللىۋېدىم، تاپشۇرىۋالدىمۇ يوق بىلەلمىدىم. ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 12:13:58

مەنمۇ شۇ ئەتراپىمدىكىلەرنى skype نى ئىشىلتىشكە كۆندۈرۈپ بولالماي شۇنداق ئىچىم سىقىلدى ! نىمە قىلىمىز QQغا كانىدەك چاپلىشىپ يېزىقىمىزنى قوللىسىكەن كاشكى ئاندىن مېھرىمىزنى ئۈزەلمەي ئىشلەتسەك.نىمىگە قىيالمايدىكەنمىزكىن تاڭ، ئاران ئۆستۈرگەن قۇياش بىلەن ئاينىڭ مېھرى ئۈستۈن كەلدىمۇيا؟ئۆتكەندە ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئۆچرەت ساقلاپQQنىڭ مۇلازىمەتچىسى بىلەن مۇشۇ ئىش توغىرىسىدا سۆزلەشكەن !win8 ۋە office نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىپ بولدى ،كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇيغۇرچىنى قوللايدۇ ،ئەمما سىلەرنىڭ بۇ ئوقەت 2013-يىلىغا قەدەم قويۇپمۇ نىمىشقا ئۇيغۇرچىنى قوللىيالمايدۇ؟دەپ سورىسام ! جۇەنجىياسى شۇنداق ئېيىتتىلەركى: QQنىڭ خەت نۇسقىسى كومپىيوتېرنىڭ فونت ئامبىرىدىكى فونت بويىچە بولىدۇ، سىز كومپىيوتېرىڭىزنىڭ فونت تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىپ كۆرۈپ بېقىڭ دىگەندەك ئاقماس جاۋاپنى بەردى. ئۇ كومپىيوتېرىمنىڭ فونت  ئامبىرىدا 100خىلغا يېقىن ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىنىڭ بارلىقىنى ھەم شۇنداقلا پاراڭ رامكىسىغىمۇ ئۇيغۇرچە خەتنى بىمالال يازالايدىغانلىقىمنى لىكىن ئەۋەتكەندە بولسا ھېچقانداق بىر ئىنكاسنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . بىلسىمۇ ئۇنىڭدىن بىر پايدىلىق جاۋاپ چىقىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتمەي ،سىنى ئاۋارە قىلدىم،مۇلازىمىتىڭگە رەھمەت دەپ خوشلىشىپ ئاخىرىدىكى مەسلەمنى ھەل قىلالمىدى دىگەن تۈرنى تاللاپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-29 19:44:56

@ halik_puli غا:

1- سۇئالىڭىزغا مۇتلەق ئېنىق جاۋاپ، بولىدۇ. «ئىنگىلىزچە نەشىرىنى قەيەردىن چۈشۈرەلەيمەن؟» دىگەن سۇئالىڭىزغا مۇتلەق ئېنىق جاۋاپ: سىز چۈشۈرۈپ بولدىڭىز. مەن win8 نى قاچىلاش جەريانىمنى خاتىرلەپ يېزىپ ماڭغان 24 باسقۇچنىڭ ئىچىدىن ئوقۇپ كۆرۈشۈمچە، تىل، ۋاقىت، كۇنۇپكا- كىرگۈزگۈچ تاللاش باسقۇچى ئېچىلغاندا سۈكۈتتىكى قىممىتى بولۇپ كۆرۈنىدىغىنى «جۇڭگو ئاددىي يېزىقى»، لېكىن مەن بۇ يەردە ئامېرىكا ئېنگىلىزچىسى ۋە ئۇيغۇرچىنى تاللاپ كۆرگەن ئىكەنمەن. سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ.

2- سۇئالىڭىزغا جاۋاپ، قاچىلاش تۈرىنى سورىغاندا، 1، ئۆستۈرۈش؛ 2، ئىختىيارى. سىز چوقۇم 2- سىنى تاللاپ، قاچىلاش ئورنىنى باشقا رايون قىلىپ كۆرسىتىپ قاچىلاپ كۆرۈڭ. قاچىلاش پروگراممىسى بەك ئەقىللىق.

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 19:35:30

@baqka قوزغىلىشتىن بۇرۇن دېمەكچى ئىدىم \"\"

كومپيۇتېرنى ئېچىش كۇنۇپكىسىنى باسقاندا سېستىما قوزغىلىشتىن بۇرۇن F12 نى بېسىپ كىرەتتىم. لېكىن ھازىر كىرگىلى بولمىدى. Delete ۋە باشقا كۇنۇپكىلارنىمۇ سىناپ باقتىم، ئوخشاشلا. بۇغۇ بەكمۇ چوڭ چاتاق ئەمەس. شۇ ۋاقتى كەلگەندە تەمتىرەپ قالماي دەپچۇ \"\"
بەت: [1]
: يەنە شۇ windows8