elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 15:22:08

ئاندروئىد يانفونىدا ھەممە ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر [تېخنىكا]

ئەسسالام دوستلار!

يانفونۇم motorola me 865 ، سېستىمىسى 4.0.4،  روتلىنىپ ئۇيغۇرچە تونۇتۇلغان !

مۇنۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يول كۆرسەتسەڭلار

1.ئىلىكزار ئەپ بازىرى كىمدە بار؟

2.multiling ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتە ئېنگىلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلىدىم،لېكىن قەتئىلا خەنزۇچە كىرمەيۋاتىدۇ،بۇنى قانداق تەڭشەيمەن؟

3. كىمدە بىلكان ۋە يۇقىرىقىدىن باشقا GO ۋە لىنۇكس دەيدىغان ياخشىراق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر بار؟كىرگۈزگۈچ ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ ھېرىپ كەتتىم.بىرلا كىرگۈزگۈچ قاچىلىسام شۇ بىلەنلا 3 خىل تىلنى كىرگۈزەلىسەم بەك ياخشى بولاتتى...

4.google play ئەپ بازىرى ۋە مۇلازىمىتىنى تولۇق قاچىلاپ ئاچسام ئېچىلىپلا ئاپتوماتىك ئېتىلىپ قېلىۋاتىدۇ ياكى ئىنكاس يوق، بۇنى قانداق قاچىلاپ قانداق قىلىپ نورمال ئىشلىتەلەيمەن؟

5. يانفوننىڭ ID نومۇرىنى نەدىن ياكى قانداق قىلىپ كۆرىمەن؟ *#*#8255#*#* دا چىقمايدىكەن ما يانفونۇمدا،ئىنكاس يوق.

6. ئىككى يانفوننى تېگىشتۈرۈپ قويسا ھۆججەت كۆچۈرۈلىدىغان ئەپنىڭ ئىسمى نىمە؟ ياكى نەدىن چۈشۈرىمەن؟

7. 快呀 دەمدۇ بىرنىمە دىگەن ۋايفاي شارائىتىدا ئىككى يانفون ئارىسىدا دەھشەت تېز ھۆججەت يوللايدىغان دېتالنى،ئىسمى ئېسىمدە يوق،ئىسمىنى ياكى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى يوللاپ بەرسەڭلار...

8. يانفوندا رەسىم تارتقاندا يىل ئاي كۈن، GPS كوردىناتىنى رەسىم يۈزىگە چۈشۈرۈپ رەسىم تارتىدىغان ئەپ بارمۇ؟ئىلگىرىكى HTC يانفونۇمدا بار ئىدى بۇ ئىقتىدار ،ماۋۇ موتورولادا يوق چىراي ....

9. پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە ياخشى ئىشلەيدىغان تور تېلېفونى ئەپلىرىدىن قايسىلار بار(ۋايفاي،3g,2g قاتارلىق تور شارائىتلىرىدا ئىشلەيدىغىنىنىدىن)؟

10. ئاندروئىدتىكى ئەڭ ياخشى كەلگەن تېلېفوننى چەكلەش دېتالى ( سىزگە تېلېفون ئېلىش قولايسىز ياكى تېلېفون ئېلىشنى خالىمايدىغان ۋاقىتتا توسىدىغان) قايسى؟ مەن بىر قىسىم دېتاللارنى سىناپ باققان بولساممۇ ئىقتىدارى ئىنتايىن ناچار، قارشى تەرەپكە «سۆزلىشىۋاتىدۇ» دەيدىكەن، مۇشۇمۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ دەيدىغان گېپىما؟ بۇنداق ئىقتىدار 150 لىك زاپەردىمۇ تۇرسا ! قارشى تەرەپ سىزگە تېلېفون ئېلىۋېرىپ شۇنداق دەۋەرسە باشقا تېلېفوندا ئېلىپ سالسا ئۇلىنىپ قالسا ھەم سىزنىڭ ئۆزىنى قارا تىزىملىككە تىقىپ قويغانلىقىڭىزنى بىلسە  تاماشا شۇ ۋاقىتتا چىقىدۇ...بەزى ئادەملەرنى بەزى ۋاقىتلاردا چوقۇم قارا تىزىملىككە تىقىپ قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ ، لېكىن بۇ ئادەملەر سىزنىڭ باشلىقىڭىز ياكى دوستىڭىز،ياكى بىر نىمىڭىزدۇ ...ئىشقىلىپ سىزنىڭ قارا تىزىملىككە تىقىپ قويغانلىقىڭىزنى بىلىپ قالسا ھەرگىز ۋە قەتئى بولمايدۇ !

ئىلگىرى wm6.5  يانفون ئىشلىتىۋاتقان ۋاقتىمدا 信安易卫士 دەپ بىر دېتال ئىشلەتكەن ئىدىم، شۇنداق كىچىك، ئىقتىدارى شۇنداق كۈچلۈك،ئىشلىتىشكە شۇنداق قولاي ئىدى،شۇنى ھازىر يىغلاپ تۇرۇپ ئەسلەيمەن، قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئادەملەرگە خالىساق ئېتىك،خالىساق تور يولى ئالدىراش،بوش نومۇر ، توختىتىۋېتىلگەن دەپ بېرەتتى، يەنە بىر ئاجايىپ ئىقتىدارى قارا تىزىملىكتىكىلەر سىزگە تېل ئۇرسا تېلېفونى ھېچنىمە دىمەيلا مىتتىدە ئۈزۈلۈپ كېتەتتى،ۋوي،تېلېفونۇم ئىشلىمىدى، سىگنال تارتمىغان ئوخشايدۇ دەپ قالاتتى ، ماۋۇ ئۆلگۈر ئاندروئىدتا مۇشۇنىڭ پوقىنى دورايدىغاندىن بىرنىمۇ تاپالمىدىم!

10.ماشىنا ، تېلۋىزور، كومپىيۇتېرنى باشقۇرىدغان تىزگىنەك ئەپلىرىدىن بولسا ئەھھە دەپ قويساڭلار،ئىسمىنى دەپ بەرسەڭلەرمۇ بولىۋېرىدۇ.

بىلىدىغانلار بىر مالال كۆرمەي خەت بېسىشقا ئېرىنمەي نەچچىنى بىلسەڭلار شۇنچىنى دەپ بەرسەڭلار ،ئەلدىن ئەلگە نەپ دەپتىكەن، مەنمۇ سىلەرنىڭ بېشىڭلارنى قاتۇرۇۋاتقان نۇرغۇن ئىشلارغا ياردەم قىلىشىم مۇمكىن....مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار ياردەم ۋە قوللىرىم كۆكسۈمدە !!!!

elbilge@139.com

مىكرو خەت ئىسمىم  : elbilge

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 09:30:38

مەندە بۇ توغرۇلۇق ئىلىم يوق. باشقىلارنىڭكىنى جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ تۇراي.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 09:50:18

2. مۇلتڭنىڭ خەنچە خەت ئامبىرىنى قاچىلىماپسىز ، بىرھون تورىدا بار ....

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 09:58:39

تېلفۇن توسىدىغانغا lbe安全大师 نى ئىشلىتىڭ تەڭشەيدىغان يىرىدە سىزگە لازىملىق ئىقتىدارلار بار.

快呀 دىگىنىڭىز توغرا بوپتۇ شۇ بويىچە ئىزدەپ تېپىڭ.

multiling كىرگۈزگۈچىنىڭ خەنزۇچە پىنيىن لوغەت قوشۇمچىسىنى قاچىلاڭ.

رەسىم تارتقۇچنىڭ تەڭشىكىنىڭ ئىچىدە بار،لېكىن كوردىنات ۋاقىت قاتارلىقلارنى رەسىمنىڭ يۈزىدە ئەمەس خاسلىقىدا ساقلايدۇ.

google play نى بىۋاستە قاچىلىسىڭىز ئىشلىمەيدۇ، توردىن يانفۇنىڭىزغا ماس كىلىدىغان 谷歌套件 ياكى gapps دەپ ئىزدەپ بېقىڭ.

ھازىر ئېلىكزار مودىدىن قالدى، قۇتيار ئەپ بازىرىنى ئىشلىتىڭ، ياكى بىلكان تورىدىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

يانفۇننىڭ id نۇمۇرىنى مەخسۇس كۈرىدىغان يۇمشاق دىتاللار بار شۇلاردىن پايدىلىنىڭ، 工具箱 دىگەندەك نەرسىلەردىن كۆرگىلى بولىدۇ.

تور تېلفۇنى ئىچىدە Skype دىن ياخشىسى يوقكەن لېكىن سەل قىممەت، ھازىر 微微 نى ئىشلىتىۋاتىمەن.

ئىككى يانفۇننى تىگىشتۈرسە ھۆججەت يوللايدىغان ئەپنىڭ ئىسمى bump , يانفۇنىڭىزنىڭ nfc ئىقتىدارى شۇڭا تىگىشتۈرۈپلا بىمالال يوللىيالىشىڭىز ناتايىن.

لېكىن bump مۇ ھەر ھالدا بۇلىشى مۇمكىن، لېكىن ھازىر مودىدىن قالدى \"\"

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 10:17:45

تىزگىنەك ئىشلىتىپ باقماپتىمەن لېكىن كومپىيوتىرنى كونتىرول قىلىشقا ۋە يىراقتىن كۈزۈتۈشكە xt800 نى ئىشلىتىپ باققانتىم

لېكىن سەل قولايسىزكەن.

ettarbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 11:11:29

4دانەمۇنبەردە ئېلان قىپسىزبۇتېمىنى قانچەسۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى چىقتى...؟

gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 12:33:20

5- قەۋەتتىكى ettarbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4دانەمۇنبەردە ئېلان قىپسىزبۇتېمىنى قانچەسۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى چىقتى...؟

بۇ نىمە گەپ ئۆزى ؟تەنىمۇ يا؟ قانچە مۇنبەردە ئېلان قىلىش ئۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى!سورا سورا بىلىم ئاپتۇ دەيمىز بىلمىگەندىكىن سورايدىغان گەپ ! قانچە كۆپ ئادەمدىن سورىسا جاۋاپمۇ جىق چىقىدۇ!  بانادا سىز بىزمۇ بىلىۋالىمىز مۇشۇنداق ئىشقا ئۇچىرغاندا ئەسقاتىدۇ.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 12:42:02

快呀ئەمەس快牙 ! بۇرۇنقىسى 蓝牙تى بولغاچ  ھەم 蓝牙دىن تېز بولغاچقا 快牙دەپ ئىسىم قويىشىۋالغان ئوخشايدۇ! 360تېلفون ياردەمچىسىدە بار !


خالىمىغان نومۇرلارنى چەكلەشكە 360تېلفون قاراۋۇلى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ! قۇرۇق نومۇر ، تېلفون توختاپ كەتكەن، تېلفون ئىتىك ،سۆزلىشىۋاتىدۇ دىگەندەكلەرگە تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ!

forever يوللانغان ۋاقتى 2013-1-28 12:57:20

جاۋابىنى ئاڭلاپ قوياي!

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-12 11:13:22

تېلېفۇندا قاچىلىنىپ بولغان ئەپلەرنىڭ ئىسمىنى تەھرىرلەيدىغان بىر دىتالغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىم.تېلېفۇنۇمنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى بولسىمۇ ئۇيغۇرچە قىلۋالاي دىگەنتىم. روتسىز ھالەتتىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان دىتال بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار!!!
بەت: [1]
: ئاندروئىد يانفونىدا ھەممە ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر [تېخنىكا]