zaboy يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 11:15:22

نۇر بەكرى: تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئالدىن پىلانلاش باسقۇچىدىلا يوقىتىش كېرەك




ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 26 – چىسلا ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇربەكرى مۇنداق دىدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى دائىمىيلىشىش، ئىلمىيلىشىش ۋە قانۇنلىشىش يولىغا قاراپ ماڭدى. شىنجاڭ «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق ساقلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئالدىن پىلانلاش باسقۇچىدا ۋە ھەرىكەت قوللىنىشتىن بۇرۇنلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش كېرەك.

نۇر بەكرى مۇنداق دىدى، 2012 – يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ۋە شەھەرلەردىكى مەھەللە ساقچىخانىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تور كاتەكچىلەشتۈرۈلگەن چارلاشنى غول كۈچ قىلغان سىترولۇق ئامانلىق ئىشلىرى بويىچە ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈردى،ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئاساسى يەنىمۇ پۇختا بولدى؛ كۆچمە نوپۇس، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، 590 مىڭ نوپۇسسىز ئادەمنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ زور تەدبىرلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ، خېلى كۆپ ئاممىۋى خاراكتىرلىك ئەرز قىلىش دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ، 180 مىڭ پارچە تۈرلۈك زىددىيەت، ماجرالارنى مۇۋەپپىقىيەتلىك مۇرەسسە قىلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازىلىق دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستى.

نۇر بەكرى مۇنداق دىدى، شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكلىكى ۋە مۇشەققەتلىكلىكىنى ياخشى تونۇپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇنچىلىقنى تەكىتلەش، تەرتىپنى تەكىتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈشى ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇنچىلىق ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە دۆلەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى سىلجىتىشتىكى پائال رولىنى جارىي قىلدۇرۇش كېرەك.



مەنبە: نۇر تورى خەۋىرى

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 12:03:57

نۇربەكرى ئۇغاۋالىنىڭ خۇۋەينىسى...شەرقىي شىمالدىكى ئۆلكىلەرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ نۇشۇجى ئۆگۈنۈپ ياپۇن تاجاۋۇزلىرىنى ئۇجۇقتۇرىۋىتىشىنى تەلەپ قىلايلى...

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 12:05:32

سىزنى قوللايمىز نۇر بەكرى ئاكا!!!!!!!!!!! دېگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق!!!

خېلى كېلىشكەن ئادەم جۇمۇ بۇ.

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 13:08:36

رەئىس نۇر بەكرى ئەپەندىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا سۆزلىگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق. نۇر بەكرى ئەپەندى گەرچە ناھايىتى سۈنئىي ئاۋازدا قورۇنۇپ تۇرۇپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تىلغا ئالغان بەزى خىزمەتلەرنىڭ ھەقىقەتەن مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلىيلەشكەنلىكىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. ئەمدى نۇر بەكرى ئەپەندىگە دەيدىغان يۈرەك سۆزىمىز شۇكى، سەل پەل دادىل بولسىڭىز! بىلىمىز، سىزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىزدا بەك دادىل بولغىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما ھۆكۈمەت دېگەن شۇ سىز ئاشۇ يىغىندا تىلغا ئالغان ئىشلارنى قىلىدىغان نەرسە. شۇ ئىشلارنى سەل دادىلراق تۇرۇپ، بۇرۇنقىلاردىن سەل ياخشىراق قىلىپ، يىغىنلاردا قورقماي، قورۇنماي سۆزلىسىڭىز بولىۋېرىدۇ. چاغانلىق دەم ئېلىشتا ياخشى ئارام ئېلىپ، ئۆزىڭىزنى ئاسراپ، چاغاندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى كېسىپ - كېسىپ ئىشلەپ كېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ: تۇماقتىن.  {:92:}
بەت: [1]
: نۇر بەكرى: تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئالدىن پىلانلاش باسقۇچىدىلا يوقىتىش كېرەك