بىل گايتىس: Windows 8 كەلگۈسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئاساسى
گەرچە پۈتكۈل يەر شارى تەھلىلچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر مىكروسوفتنىڭ Windows 8
ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزىگە زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش كىرگۈزگەنلىكىگە تېخىچە زەربە
بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىس Windows 8
ئەمەلىيەتتە كەلگۈسىدىكى مىكروسوفت مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى
بىلدۈردى.
بىل گايتىس يېقىندا بىر
زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، Windows 8 نىڭ بىر قەلىپلەرنى روھلاندۇرىدىغان يېڭى
دەۋرنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ چەكمە سېزىمچان
ئېكراننى قوللايدىغانلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەپلەرنىڭ داۋاملىق كۆپىيىۋاتقانلىقىنى
بىلدۈردى.
Windows 8 نىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ 60 مىليونغا بارغانلىقىدىن رازى
بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى سورالغاندا، بىل گايتىس Win8 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ
چەكمە سېزىمچان ئېكراننى قوللايدىغانلىقى ۋە ئەپ بازىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەپلەرنىڭ
داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ناھايىتى ياخشى باشلىنىش ئىكەنلىكىنى، Windows 8
مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى
بىلدۈردى.
گەرچە مىكروسوفت Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنىڭ
ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا مىكروسوفت يەنىلا
بازارنى ياخشىلاشنىڭ نۇرغۇن بوشلۇقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. مىكروسوفت
ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشنىڭ 2013-يىلى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى
بىر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ يىل Windows 8 غا قارىتا مىكروسوفتنىڭ تېخىمۇ كۆپ
كۈچەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.
-------------------------------
تورداشلار بەلكىم مۇنۇ يازمىلارغىمۇ قىزىقىشى مۇمكىن:
مىكروسوفت Win7 نى قۇربان قىلىپ، Win8 غا دو تىكىۋاتىدۇ
http://www.ilqut.com/market_economy/international_market/20130126/262.html
Office 2013 نىڭ سېتىلىش ۋاقتى بېكىتىلدى
http://blog.ilqut.com/index.php/archives/4279.html
كارخانا خىزمەتچىلىرى 9.95 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن Office 2013 دىن
بەھرلىنەلەيدۇ
http://blog.ilqut.com/index.php/archives/4265.html
مىكروسوفتنىڭ بۇ خىل كارخانا
بەلگىسىنى ياقتۇرامسىز؟
http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=258
بۇنىڭدىن كېيىن تىڭشىغۇچ ئىشلىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمىغاندەك
تۇرىدۇ
http://blog.ilqut.com/index.php/archives/4273.html
سىتېۋ جوبسنىڭ تەرجىمىھال فىلىمى «جوبس (Jobs)» ئاشكارىلاندى
http://blog.ilqut.com/index.php/archives/4268.html
Office 2013 نىڭ يېڭىلىقى زادى قەيەردە؟
http://blog.ilqut.com/index.php/archives/4233.html
نوكىيا: 270 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ساپ پايدا ئالدى
http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=259
ئالما شىركىتى «ئىدراكلىق ئاياغ» پاتنېتىنى ئىلتىماس قىلدى
http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=257
چەكمە سېزىمچان ئىكران دەپ تۇرماي سەزمە ئېكران دېسىلا بولاتتىغۇ..... چەكمە سېزىمچان ئىكران دەپ تۇرماي سەزمە ئېكران دېسىلا بولاتتىغۇ..... بىل گايتىسنىڭ Windows 8 كەلگۈسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئاساسى دېگىنى خاتا بولماسلىقى مۇمكىن.بۇ سىستېمىنى تور يوق جايدا قاچىلاپ ئىشلىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، بۇنىڭ بازىرىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.
Windows 8 گە قارىغاندا uyghurix نى قاچىلاش كۆپ ئاسانكەن.
4- قەۋەتتىكى alwastiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىل گايتىسنىڭ Windows 8 كەلگۈسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئاساسى دېگىنى خاتا بولماسلىقى مۇمكىن.
بۇ سىستېمىنى تور يوق جايدا قاچىلاپ ئىشلىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، بۇنىڭ بازىرىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.
Windows 8 گە قارىغاندا uyghurix نى قاچىلاش كۆپ ئاسانكەن.
تورسىز مۇھىتتا ئەلۋەتتە قاچىلىغىلى بولىدۇ، لېكىن Microsoft ھىساۋاتى ئالالمايسىز شۇنىڭ ئۈچۈن metro ئەپلىرىنى ئىشلىتەلمەيسىز.
باشقا ئىقتىدارلىرى تورسىز مۇھىتتىمۇ نورمال ئىشلەيدىكەن.
5- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇندىقىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى بارمۇ؟
7- قەۋەتتىكى alwastiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئاشۇ 248 كويدىن سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن نۇسخىسىنى قاچىلىغان. قارىسام ئوخشاشكەن توردىن چۈشۈرۈپ باقساممۇ مىنىڭكىگە.