tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 16:34:59

پەرھات تۇرسۇن لېكسىيەلىرى (1)


پەرھات
تۇرسۇن لېكسىيەلىرى
1



ئورنى:
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى



ۋاقتى: 2006-
يىل 9- ئاينىڭ 19- كۈنى



ئاۋازغا
ئاساسەن خاتىرىلىگۈچى: تۇماق





بۈگۈنكى
دەرسىمىزدە ئىنسان بىلەن ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بارىمىز
.



80- يىللاردا
ئەدەبىيات ساھەسىدە بولغان ئەڭ چوڭ تالاش تارتىشنىڭ بىرى ئادەمنى يېزىش بىلەن
ئىددىيىنى يېزىش ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىشتۇر. ھازىر ئويلاپ باقساق بۇ خىل تالاش
تارتىش ئىنتايىن بىمەنە تۇيىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئىنساننى مەركەز قىلىش ئاساسىي
ئېقىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ھالەت شەكىللەنگىنى ئۇزاق يىللار بولدى. ئۇنىڭ
ئۈستىگە، يازغۇچى شائىرلارنىڭ ئۆزى ئىنسان تۇرسا، كۆرىنىشتە ئىنساننى مەركەز قىلىش
قىلماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەستەك بىلىنىدۇ. ھەتتا سىنىپىي كۆرەش تېمىسىدا ئەسەر
يازغان بىراۋمۇ، مەنمۇ ئىنساننى مەركەز قىلدىمغۇ، مەن تەسۋىرلىگەن پرولېتارىيات
جەڭچىلىرىدىن تارتىپ پومىششىك باي دېھقانلارغىچە ھەممىسى ئىنسانغۇ دەپ تۇرىۋېلىشى
مۇمكىن. پەقەت، ئىددىيىنى مەركەز قىلىشنىڭ ئىنساننى مەركەز قىلىش بىلەن قارمۇ
قارشى پىكىر ئىكەنلىكى ئەسكە سېلىنغاندىلا ئاندىن ئىنساننى مەركەز قىلىش قارىشىنىڭ
نېرۋىلارنى غىدىقلايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكى بىلىنىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن
ئىنساننى مەركەز قىلىش ھازىر ئاساسىي ئېقىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى، گەرچە بۇ
ئىددىيىنى مەركەز قىلىشنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالىتى بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئۇنى
ئىنساننى مەركەز قىلىش دەپ چۈشەنگەچكە ئادەتتە بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان
ئىشتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمما، ئىددىيىنى مەركەز قىلىشنىڭ ئۇنىڭ مۇقابىلى ئىكەنلىكى
كۆرسىتىلگەن ھامان كىشىلەرنىڭ بىردىنلا سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن
ئىددىيىنى يېزىش بىلەن ئىددىيىنى تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت تامامەن ئوخشىمايدىغان
ئىككى خىل ئۇقۇم ئارىلاشتۇرىلىۋېتىش ئارقىلىق بۇ مۇنازىرە داۋاملىشىۋېرىدۇ
.



80- يىللارنىڭ
ئوتتۇرىسىدا جۇڭگۇنىڭ داڭلىق ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى ليۇ زەيفۇ، نيۇ زەيكۇ ئەمەس
ھە، ليۇ زەيفۇ دېگەن بىرەيلەن "ئەدەبىياتنىڭ سۇبيېكتلىقى توغرىسىدا" دەپ
بىر ماقالە يازغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ماقالە 80- يىللاردا جۇڭگو ئەدەبىياتىدا
ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغىغان. ئەينى چاغدا بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلار بىر قەدەر
يېڭى، بىر قەدەر ئەركىن تۇيۇلغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو ئەدەبىيات ساھەسىدە ھەممە ئادەم
بۇ توغرىلىق بەس – مۇنازىرە قىلىشقان. بەس – مۇنازىرە بىر نەچچە يىلغا سوزۇلغان.
ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ رادىكاللاشقان شەكلى بولغان كوممۇنىزم ئىدىئولوگىيىسى
ئەسلىدە ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي روھى بولغان ئىنساننى مەركەز قىلىش
ئىددىيىسىنى چەتكە قاقماستىن تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلدۇرسا توغرا
بولاتتى. لېكىن، ئەدەبىياتنى قورال قىلىش خاھىشى تۈپەيلىدىن، ئاقارتىش ھەرىكىتىدە
ئەڭ قارشى تۇرۇلغان ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىگە خاس بولغان ئاشۇ باشقىلارنىڭ
ئىددىيىسىنى كونترول قىلىش سەۋەبىدىن ئىنساننىڭ ئەدەبىياتتىكى ئورنى تامامەن نۆلگە
چۈشۈرۈپ قويۇلدى. پەقەت مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا ئاندىن بۇ
توغرىلىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىمكانىيىتى تۇغۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ
ئەدەبىياتتىكى ئورنى زادى قانداق بولۇشى كېرەك، ئىنسان ئەدەبىياتتا سۇبيېكتمۇ ياكى
ئوبيېكتمۇ، مۇشۇ توغرىلىق ئۇزاق تالاش – تارتىشلار بولغان. بەزىلىرى ئىنساننى
مەركەز قىلىش ئىددىيىسىنى ماركىسىزملىق ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە قارشى، ساغلام
ئەمەس دەپ تەنقىدلىگەن بولسا، بەزىلىرى ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ماركىسىزمنىڭ
ئاقارتىش ھەرىكىتىگە ۋارسلىق قىلغان تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى ماركىسىزمغا
ئۇيغۇن دەپ ئاقلىغان. ئەلبەتتە ئۇ دەۋرلەردە بىرەر ئىددىيىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ
تۇرىشىنىڭ ئەقىلغە مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكى ئۇنىڭ ماركىسىزمغا ئۇيغۇن ياكى
ئەمەسلىكى ئارقىلىق ئۆلچىنەتتى. ھەتتا ماركىستىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان
كىشىلەرنىڭ ئىددىيىسىمۇ شۇنداق ئۆلچىنەتتى. ئاخىرىدا ئىنساننى مەركەز قىلىش
تەرەپتە تۇرىدىغانلار جىق بولغان. ناھايىتى روشەنكى، كۆپسانلىق ئازسانلىققا بوي
سۇنۇش ئىددىيىسى بويىچە، ئۇلار غەلىبە قىلغان ھېسابلاندى. دېمەك بۇ غەلىبە
سەۋەبىدىن ئۇ توغرىلىق تالاش – تارتىشمۇ بولمايدىغان بوپ كەتتى. لېكىن تالاش
تارتىشنىڭ بولماسلىقى مەسىلىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىشى ناتايىن. 80-
يىللاردا بۇنداق تالاش تارتىشنىڭ بولىشىدىكى سەۋەب شۇكى، كىشىلەردە قىسقا مەزگىل
بولسىمۇ ئەدەبىياتنىڭ مەقسىدى، ئەدەبىياتنىڭ ماھىيىتى توغرىلىق قايتىدىن ئويلىنىش
بولغان
.



ئىنساننى
مەركەز قىلىش توغرىسىدىكى بۇ ئىدىيەنى سۆزلەشتىن ئاۋال، ئەدەبىياتنىڭكى ماھىيىتى
توغرىلىق ئازراق سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ
.



ئەدەبىيات
دېگەن زادى قانداق بىر نەرسە؟ نېمىنىڭ ئەدەبىيات ئەمەسلىكىگە جاۋاب بېرىش بۇنىڭدىن
ئاسانراق. مەسىلەن، پىچاق ئەدەبىيات ئەمەس، لېكىن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇ
ئەدەبىيات بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويىلىدۇ. شېئىرلىرىم مىسالى خەنجەر دېگەن مىسرا
بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى. نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئەدەبىياتنى بەك كۆپتۈرۈۋېتىدۇ. خۇددى
مۇشۇ جاھاندىكى ھەممە ئىشلارنى ئەدەبىيات ھەل قىلىدىغاندەك. بولۇپمۇ ھازىرقى
ئۇيغۇرلاردا ئاشۇنداق. نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ ھېچىش قىلغۇسى يوق، لېكىن ھېچىش
قىلماي تۇرۇپ ھەممىنى ھەل قىلغۇسى بار. ئەدەبىيات ئۇلارنىڭ ھېچىش قىلماي ھەممىدىن
قۇتۇلىشىغا ناھايىتى ياخشى باھانە. ھېچنىمىگە كۈچى يەتمىگەن چاغدا ھەممە ئىشنى
يازغۇچىلارغا ئارتىپ قويۇپ، شائىرلار قىلمامدۇ، يازغۇچىلار قىلمامدۇ دەپ، ئېغىر
ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن ئۆزىنى خاتىرىجەم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىكى
مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەپچىل بىر ئامالى بولۇپ قالغان. مېنىڭچە، بىر
مىللەتتە ئەدەبىياتتىن باشقا، يەنە پەن تېخنىكا، پەلسەپە، مائارىپ ۋە سىياسى
قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار بولۇشى لازىم. پەن تېخنىكا، پەلسەپە، مائارىپ ۋە
سىياسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئەدەبىياتقا ئارتىپ قويۇلسا، ئۇ
مىللەتتە پەن تېخنىكا، پەلسەپە، مائارىپ ۋە سىياسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يوق بولۇپلا
قالماستىن يەنە ئۆزىگە مۇناسىپ بولمىغان ھەم ئۆزى ئۈستىگە ئالالمايدىغان يۈك
ئاستىدا مىجىلىپ قالغان ئەدەبىياتمۇ راۋاج تاپمايدۇ
.



مەدەنىيەت
ئىنقىلابى مەزگىلىدە جۇڭگودىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ بايراقدارى دەپ قارالغان لۇ
شۈن داۋاملىق قەلەمنى قورال قىلغۇچى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنەتتى. بۇ خىل تەسۋىرلەش
بىزنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىمىزدە تا ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. بىز ئاۋال
ئەدەبىياتنى بىر خىل قورال دېگۈچىلەر بىلەن بۇ نۇقتىدا ئورتاقلىشىپ تۇرۇپ،
تارىخىمىزغا بىر نەزەر سېلىپ باقايلى. ئەدەبىيەت ئارقىلىق مىللەتنى قۇتقۇزۇش
ئۇرۇنۇشىنىڭ تارىخى يۈز يىلغا يېتەي دەپ قالدى. دېمەك يۈز يىل ئىچىدىمۇ بۇ قورال
ھېچنەرسىنى ھەل قىلالمىدى. بىر دېھقان ياغاچ ئورغاقتا ئومىنى ئورالمىسا ئۇنى
تاشلىۋېتىدۇ. لېكىن بىز نىمىشقا ئۇنىڭغا جان جەھلىمىز بىلەن ئېسىلىۋالىمىز.
نىمىشقا ياغاچ ئوغاقنى سەنئەت بۇيۇمى قىلىپ ئۆيىمىزنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويماستىن،
كۈندە ئۇنى ئېتىزلىققا ئېلىپ چىقىپ، يىغلاپ ئولتۇرىمىز. ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا
يەنە مىللەتنى ئويغتىش بىلەن ئەدىبىياتنىڭ مىللىيلىكىدىن ئىبارەت تامامەن
ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىش بىر نەرسە قىلىۋېلىندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت زور
ئىنقىلابىدا كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى چىرمىۋالغان «ئەدەبىياتنى قورال قىلىپ، سىنىپىي
دۈشمەنلەر بىلەن ئېلىشىش» دېگەن ئىدىيىنىڭ ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كېلىنىشى. مېنىڭچە،
ئاشۇ مىللەتنىڭ ئىدىيىسىنى ئازاد قىلغۇچىلارنى ئالدى بىلەن ئۆزىنى مەدەنىيەت زور
ئىنقىلابىدىكى رادىكال سولچىل ئىدىيىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا دەۋەت قىلىش لازىم. ئۆزلىرى
باشقىلارنىڭ ئىددىيىۋي قۇللۇق خاھىشىنى ئۆز مىللىتىگە تېڭىپ تۇرۇپ، يەنە مىللەتنىڭ
غېمىنى يىگۈچى بولۇۋالمىغىنى تۈزۈك. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقىلى ئوتتۇز
يىل بولاي دەپ قالدى، بىراق شۇ چاغدا ئومۇملىشىپ كەتكەن ئىدىيە مېڭىسى يۇيۇلغان
ساختا مىللەتچىلەر ئارقىلىق تا ھازىرغىچە پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىدىئولوگىيىسىنى
ئىگەللەپ كەلمەكتە
.



ياپونىيىدىن
جۇڭگۇلۇقلارنىڭ تېنىنىنى ئەمەس روھىي دۇنياسىنى داۋالىشىم كېرەك ئىكەن دەپ قايتىپ
كەلگەن لۇ شۈن مىللىتىنىڭ روھىي دۇنياسىنى قانچىلىك داۋالىدى؟ ئىنسانىيەت تارىخىدا
ھېچقانداق ئەلدە يۈز بەرمىگەن قانلىق ئىچكىي قىرغىنچىلىق نەچچە ئون يىللاپ ئۇنىڭ
دۆلىتىدە يۈز بەردى، ئۇ روھىي جەھەتتە داۋالىغان خەلق بىر بىرىنى قىرغىن قىلدى،
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدەك مىسلىسىز كوللېكتىپ روھىي كېسەللىكنى باشتىن كەچۈردى.
بۇ كوللېكتىپ روھىي كېسەللىكتە دەل لۇ شۈننىڭ روھىي دۇنيانى داۋالاش چاقىرىقىنىڭمۇ
ئاز بولمىغان ھەسسىسى بار. دېمەك بىر مىللەتنى چىرماپ ئالغان كېسەللىكنى كىچىك
بالىنىڭ زۇكىمىنى داۋالىغاندەك داۋالىۋېتىمەن دېيىش بىر مىللەتكە كىچىك بالىغا
مۇئامىلە قىلغاندەك مۇامىلە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. كوللېكتىپ روھىي
كېسەللىكتە بىر مىللەتنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت تىندۇرمىسى، سانسىز ئەسىرلىك پىسخىك
تەجرىبىلىرى، تارىخىي قىسمەتلىرى ئاساسىي رول ئوينايدۇ. ئۇنى داۋالاپ ساقايتىش بىر
نەچچە ئەدىپنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. ئۆتكەن ئەسىردە شىۋىتسىيە خانلىق
جەمەت ئاكادىمىيىسى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنى جەم قىلىپ
باھالاش ئېلىپ بارغاندا، دۇنيادىكى ھايات ياشاۋاتقان يازغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ
يازغۇچى بولۇپ باھالانغان كولۇمبىيە يازغۇچىسى گارسىيە ماركۇزنىڭ دۆلىتى ئاشۇنداق
ئۇلۇق يازغۇچىنىڭ چىققىنى بىلەن ئۆزگىرىپ كەتكىنى يوق. ئۇنىڭ دۆلىتى يەنىلا
مۇستەبىتلىك ۋە ئىچكىي مالىمانچىلىق قوينىدا. ئۇلۇغ شائىر پابلو نېرودانىڭ چىلىسى،
بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋاسى بولغان بورخېسنىڭ ئارگىنتىناسىمۇ ئۇنىڭدىن
ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ
.



ئۇيغۇرلاردا
ئەدەبىياتنى بىر خىل تەربىيە دەپ قارايدىغان ئادەت پەقەت مەدەنىيەت زور
ئىنقىلابىغىلا تالىق ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن ئىدىئولوگىيىنىڭ بىرلا خىللىقى
سەۋەبىدىن ئاشۇ دەۋردە مۇتلەق ھەقىقەت سۈپىتىدە ھەممە ئادەم تەرىپىدىن قوبۇل
قىلىنغانىدى. شۇڭا تا ھازىرغىچە بۇ خىل قاراش ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسى ئەمەس
ئادەتتىكى پۇقرالار ئارىسىدىمۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىش سۈپىتىدە
ئومۇملىشىپ كەتكەن. بۇ خىل ئۇزاق مەزگىللىق ئومۇملىشىشنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يېرى شۇكى،
ئۇ ھەقتىكى ھەرقانداق گۇمان كىشىلەرنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىۋېتىدۇ. سوقراتنىڭ
گېپى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، بىلىم كىشىلەرنىڭ روھىنىڭ تەشكىل قىلغۇچى بىر
قىسمىغا ئايلىنىدۇ. ئاشۇ بىلىمگە مۇخالىپ ئىش روھنى زەخمىلەندۈرىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن
ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەدەبىياتنى تەربىيە دەپ قاراشتىن ئىبارەت بۇ خىل خاتا بىلىم
ئۇلارنىڭ روھىنىڭ بىر قىسمنىغا ئايلىنىپ كەتكەن. سىزنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشىڭىز
ئۇلارنىڭ روھىغا پىچاق ئۇرغانغا بارابەر
.



ئەدەبىياتنى
بىر خىل تەربىيە دەپ قاراشنىڭ كوللېكتىپلاشقىنىغا، شۇنداقلا بۇ خىل قاراشتىن
گۇمانلىنىشنىڭ كوللېكتىپ بىلەن قارشىلىشىش ھېسابلىنىدىغان بولۇپ قالغانلىقىغا ئۆز
بېشىمدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ۋەقەنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرسەم كۇپايە دەپ قارايمەن
:



بىر قېتىم
سەنشىخاڭزىدا يولدا كېتىۋىتىپ، پۇلۇمنى ئېلىۋېلىپ، قېچىپ يۈرگەن بىرسى بىلەن
ئۇچرۇشۇپ قالغانىدىم. تۇتىۋېلىپ، ياقىسىدىن تارتىپ ئېلىپ ماڭسام، يولدا ئۆتۈپ
كېتىۋاتقان بىر ئىككى ئادەم كېلىپ ماڭا ئېسىلىۋالدى دە، سەن دېگەن ئادەم
تەربىيىلەيدىغان كىشى تۇرۇپ خەقنى كوچىدا ئۇرۇپ سۆرەپ يۈرسەڭ قانداق بولىدۇ،
دەيدۇ. مەن بۇلار مېنى ئوقۇتقۇچى دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ، نېمە
چاتىقىڭلار، مېنى خاتا تونۇپ قاپسىلەر، دېدىم. مەن ئىشنى چۈشەندۈرۈپ بولغىچە ئۇلار
ھېلىقى قويمىچىنى قولۇمدىن بوشۇتۇپ قويۇۋەتتى. سىلەرگە نېمە بولدى، مەن كىمنى
تەربىيىلەپتىمە دېسەم، ئاخىرى ئۇلار، سەن دېگەن ئادەم تەربىيىلەيدىغان يازغۇچى
تۇرۇپ، مۇشۇنداق كوچىلاردا جىدەل قىلىپ تەربىيىلىسەڭ بولامدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن مەن،
يازغۇچى بولسام، خەقنى تەربىيىلەمدىم؟ يازغۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىگىنىگە كىشىلەر
ئۆزگىرىپ كېتىدىغان بولسا، نەچچە ئەسىردىن بېرى يازغۇچىلارنىڭ ئەدەپ ئەخلاقلىق
بولۇش ھەققىدىكى تەربىيىسى بىلەن ئەخلاقسىز ئادەم قالمىغان بولاتتى، مۇشۇنداق
قوي،ئىچىلارمۇ قالمىغان بولاتتى دېسەم، سەن ئالدى بىلەن ئۆزۈڭ ياخشى ئادەم
بولمامسەن، خەقنى تەربىيىلەيدىغان ئادەم تۇرۇپ مۇشۇنداق خەقلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ
يۈرسەڭ قانداق بولىدۇ، دەيدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ لوگىكىسىدا ئالدى بىلەن تەربىيە بىلەن ئەمەل
قىلىش ئايرىلىپ كەتكەن. يەنى، بىر يازغۇچىنىڭ باشقىلارنى تەربىيىلىشى، لېكىن ئۆزى
ئەمەل قىلماسلىقى رېئاللىق. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، بىر يازغۇچى ئۆزىمۇ ئەمەل
قىلمىغان ئاشۇ تەربىيەدىن ئىبارەت مىخانىزم ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلىشى
لازىم. ئۇنداقتا، سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزىنىمۇ قايىل قىلالمىغان گېپى باشقىلارنى قايىل
قىلالامدۇ؟ ناھايىتى روشەنكى ئۇلار مۇنداق بىر لوگىكىلىق خاتالىققا يول قويغان:
ئۇلار ئالدى بىلەن يازغۇچىنىڭ تەربىيىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئارقىلىق،
ئەدەبىياتنىڭ تەربىيىلەش رولىدىن گۇمانلانغان، لېكىن ئارقىدىنلا يەنە بۇ رولنى
داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.



ئەدەبىياتنىڭ
تەربىيىۋى رولى ھەققىدىكى قاراشلار داۋاملىق ماڭا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ توقسىنىنچى
يىللىرىدا تونۇلۇپلا كېيىن غايىپ بولغان بىر سېمىز ناخشىچىنى ئەسلىتىدۇ.
جەمئىيەتتىكى ئىلەتلەرنى پاش قىلىپ ناخشا ئېيتىشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلغان ئۇ
ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تەكرارلىنىدىغان تېما ئاق تاماكىنى
ئېيىپلايدىغان تېمىلار ئېدى. ئۇ تەربىيە ئارقىلىق باشقىلارنى ئاق تاماكا
چەكمەيدىغان قىلىشقا تىرىشقان بىلەن ئەمەلىيەتتە توقسىنىنچى يىللارنىڭ ئاخىرىغا بارمايلا
ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاق تاماكا چېكىپ ئۆلدى.



نېمە دېگەن
چاغدا، بۇ يەردە مۇنداق بىر يۇشۇرۇن سەھنە سۆزى بار: نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭكى
نەزەرىدە، پۈتۈن مەكتەپلەرنى توختىتىپ قويسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئەدەبىيات
تەربىيىلەيدۇ. شائىرلار ۋىجدانلىق بول، ۋىجدانلىق بول، دەپ تەكرار تەكرار تېمىدا
شېئىر يازسا، ھەممە ئادەم ۋىجدانلىق، تۈپتۈزلا ئادەم بولۇپ كېتىدۇ؛ تاماكا چەكمە،
دەپ شېئىر يازسا، ھەممە ئادەم تاماكىنى قەتئىيلا چەكمەيدىغان بوپ كېتىدۇ؛ خىروئىن
چېكىۋاتقانلارغا شۇنداق يېنىغا بېرىپلا، ھەي ئاق تاماكا، زەھەر تاماكا، دەپ شېئىردىن
بىرنى ئوقۇپ بەسە، ئاق چېكىدىغانلار، ھەي چەكمەي جۇما، دەپ ئۇردۇرۇۋاتقان ئۇكۇلىنى
تاشلىۋىتىپلا كېتىپ قالىدۇ. كىشىلەرنىڭ پەقەت ئەدەبىيات بىلەنلا نۇرغۇن
مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقچى بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ تازا ئىشەنچلىك
ئەمەس. ھەرقانداق ئەقلى بار ئادەم ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىدىن
تارتىپ، ئائىلە مەسىلىسىدىن تارتىپ، ئۇششاق – چۈششەك مەسىلىدىن تارتىپ ھەممىسىنى
مۇشۇ شائىرلار، يازغۇچىلار ھەل قىلىشى كېرەك دەپ ئەدەبىياتقا شۇنچىۋالا چوڭ، جىق
يۈكنى ئارتىۋالغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ
نەزەرىدە سىياسىي دېگەنمۇ بولمىسا، مائارىپ دېگەنمۇ بولمىسا، ھېچنەرسە بوممىسا
جەمئىيەتتە، پەقەت ئاشۇ شائىرلارلا ھەممە ئىشنى ھەل قىلسا دەيدىغان ئىنتايىن
كۈلكىلىك، ناھايىتى بىمەنە بىر خىل كۆز قاراش بار بولغان بىلەن بۇ خىل كۆز قاراشقا
ئۆزلىرى قايىل بولىشى ناتايىن. لېكىن، ئۇلار ئەدەبىياتنى ئاشۇنداق بىر خىل
فۇنكىتسىيىگە ئىگە دەپ قارىۋالغاچقا، پەقەت بۇ قاراشتىن ۋاز كېچىش ئېغىر
كېلىۋاتقان گەپ. باياتىن ئېيتقىنىمىزدەك، سوقراتنىڭ روھ تەلىماتى بويىچە بولغاندا،
ئۆزى ھەقىقەت دەپ بىلگەن نەرسىدىن گۇمانلىنىش ئۆزىگە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت
بولۇپ، بۇ نېمە دېگەن چاغدا، كىشىلەردىكى بىلىم ئىنتايىن تاق لىنىيىلىك بولسا،
روھىي دۇنياسىنى تەشكىل قىلغان نەرسە پەقەتلا ئاشۇنداق بىرلا خىل قاراش بولسا، بۇ
خىل قاراشتىن گۇمانلىنىش ئۇلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش بىلەن بارابەر. روھىي
جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتىرلىق ئۆزىگە زەربە بېرىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ
بىردىن بىر يولى شۇكى، ئالدى بىلەن كۆپ لىنىيىلىك بىلىم ئارقىلىق روھىي دۇنياسىنى
بېيىتىش لازىم. شۇ چاغدىلا روھىنى تەشكىل قىلغان نۇرغۇنلىغان بىلىملەر ئىچىدىكى كىچىككىنە
بىرى ئاغدۇرۇلۇپ كەتسە، ئۇنىڭ روھىدا يەنە باشقا تەشكىل قىلغۇچى بىلىملەر مەۋجۇت
بولۇۋېرىدۇ دە، روھىي دۇنياسى گۇمران بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بىلەن ئىسەنكىرەپ
كەتمەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى بىلىمنىڭ ئازلىقى، شۇنداقلا ئەدەبىياتنىڭكى ئەسلىدىكى
ماھىيىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ خىلمۇ خىل ۋە مول ئەمەسلىكىدىن بولغان ئىش
.



ئاشۇ كۈنىكى
جىدەلدە ئەتراپقا ئولىشىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بىر يازغۇچى ئىكەنلىكىمنى
ئۇققاندىن كېيىن غۇلغۇلا قىلىپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەدەبىيات كەسپىگە
مۇناسىۋەتلىك بىرمۇ ئادەم يوق. شۇڭا ئۇلارنىڭ پىكرى كەڭ خەلق ئاممىسىغا ۋەكىللىق
قىلىدۇ. دېمەك ئەدەبىياتنى تەربىيە ۋاستىسى ئەمەس دەپ قاراش بىرلا شەخسنىڭ غايەت
زور بىر كوللېكتىپ بىلەن قارشىلىشىشقا دۇچ كەلگەنلىكىدەك تراگىدىيىلىك ھالەتتىن
بىشارەت بېرىدۇ. ئەلبەتتا ھازىرقى دەۋردە بىر تراگىدىيىلىك قەھرىمان بولۇش گەرچە
ئەرزىيدىغان ئىش بولسىمۇ لېكىن خېيىم خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇ خەتەرنىڭ ئىچىدە
ئەڭ ھالقىلىقى كوللېكتىپتىن ئىبارەت بۇ غايەت زور ماشىنىنىڭ سىزنى مىجىپ تاشلىشى
ئەمەس بەلكى ئۇنتۇلۇشتۇر
.



كوللېكتىپتىن
ئىبارەت غايەت زور ماشىنىنىڭ غەلىتە بىر تەرىپى شۇكى، ئۇنىڭ ئېڭىدىكى ئۆزى ئەڭ
بىزار بولغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى ئىددىيىنى ئاڭسىزلىقىدىكى ئۆزىنىڭ تۈپكى
ئىددىيىسى قىلىۋېلىشتۇر. ئاجىز بىر شەخسنىڭ ئاشۇ كوللېكتىپنىڭ ئاڭسىزلىقىدىكى
كېسەللىكنى ئېڭىغا ئېلىپ چىقىش ئۇنچىۋالا ئاددىي مەسىلە ئەمەس. پىسخولوگىيە ئالىمى
كارل گۇستاف ياڭنىڭ قارىشىچە، مەھكۇملۇقتا 50 يىلنى ئۆتكۈزگەن خەلقنىڭ ئازادلىققا
ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ روھىي جەھەتتىكى مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلىشىغا بەش يۈز يىل كېتىدۇ.
بولۇپمۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدەك ئىنتايىن تار دائىرىلىك ئىددىيە بىلەن كاللىسى
مۇستەبىتلەر تەرىپىدىن ئۇزاق مەزگىل يۇيۇلغان خەلقنىڭ توغرا يولنى تاللىشىغا ياكى
قوبۇل قىلىشىغا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاقراق ۋاقت كېتىدۇ
.



ئەدەبىيات
بىر مىللەتنىڭكى ھەممە نەرسىسى ئەمەس. ئەدەبىيات بىر مىللەت ئۈچۈن نېمە قىپ
بېرەلەيدۇ دېگەن بۇ مەسىلە توغرىلىق ياخشىراق ئويلىنىش كېرەك. ئەدەبىيات بىر
مىللەتنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ھەل قىلالايدىغان نەرسە ئەمەس بولۇپ چىقسىلا ئۇنىڭ
قىممىتى چۈشۈپ كەتمەيدۇ. بۇ خۇددى موزدوزنىڭ روباشكا تىكەلمەسلىكى ئۇنىڭ قىممىتىنى
چۈشۈرىۋەتمىگەندەكلا ئىش. روباشكا تىكەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھېچكىممۇ موزدۇز كېرەك
ئەمەس، دېيەلمەيدۇ. چۈنكى ئىنسانلارغا يەنىلا ئاياق كېرەك. روباشكا تىكەلمىگەن
بىلەن ئۇ ياخشى ئاياقلارنى تىكىۋەرسە بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا
ئەدەبىيات بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن بۇرمىلانغان. ئەدەبىيات سىياسىي
ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دەيدىغان كۆز قاراش ھازىرغىچە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ
كەلمەكتە. خۇددى ئەدەبىيات سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، بىر مىللەتنىڭكى سىياسىي
ھاياتىنى ئەدەبىيات ئۆزگەرتەلىسىلا، ئاندىن ئەدەبىياتنىڭ قىممىتى بار بولۇپ،
ئۆزگەرتەممىسە ئۇنىڭ قىممىتى بولمايدىغاندەك. سىياسىي بىلەن ئەدەبىياتنىڭكى
ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى قاراش كىشىلەرنى بىر تەرەپتىن ئۇلارنى بىر
بىرىگە باغلاشتىن ۋاز كەچتۈرەلمىسە يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل ئۈنۈمسىز تەلەپ
ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە. بۇ خىل ئۈمىدسىزلىك دائىم كىشىلەردىكى ئەدەبىياتقا
بولغان نەپرەتكە ھامىلدار بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر پەرياد كۆتۈرۈپ،
ئەدەبىياتنىڭ زادى نېمە كېرىكى دەپ نىدا قىلسا، بىر ئۆمۈر ئەدەبىياتقا ئاشىق بولۇپ
ۋىسالىغا يېتەلمىگەنلەر، بالىلىرىنى ئەدەبىياتتىن بار كۈچى بىلەن نېرى تۇرۇشقا
ۋەسىيەت قىلماقتا. بۇ خىل ئۆزى ئېرىشەلمىگەننى ۋەيران قىلىپ دەردىنى چىقىرىش
خاھىشىنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان نورمالسىز مۇھەببەتتىن بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە
بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەدەبىياتقا بۇ قەدەر قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق
.



ئۇيغۇرلاردا
ئەخلاق قاراشلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئومۇملىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇق ۋە
ئابىستىراكىت نەسىھەت بىلەنلا چەكلىنىپ، ناچار ئىشلار كونكىرت تىلغا ئېلىنمىغاچقا،
رېئالىق بىلەن كۆز قاراشلار ئاساسەن بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. كىشىلەر ناچار
ئىشنى تىلغا ئېلىش باشقىلارنىڭ ئېسىگە شۇ ئىشنى سېلىپ ئۇنى سادىر قىلدۇرىدۇ دەپ
قاراپ بەزى مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىغاچقا، ئەخلاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك
نۇرغۇنلىغان ھەرىكەتلەر، ھەتتا ئەخلاقنى دەپسەندە قىلىدىغان قىلىقلارمۇ تىلغا
ئېلىشتىن قېچىش تۈپەيلىدىن ئەيىپلىنىشتىن چەتتە قېلىۋېرىدۇ
.



سىياسەت
دېگەن بىر پەن، شۇنداققۇ؟ ئەدەبىيات دېگەن بۇمۇ ئايرىم بىر نەرسە. مەدەنىيەت زور
ئىنقىلابى ۋاقتىدىكى ئەدەبىيات سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دەيدىغان ئىدىيىگە بار
كۈچى بىلەن يېپىشىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلارنىڭ
بۇنچە قىلىپ كېتىشىدىكى ئاسىي سەۋەب شۇكى، ئەستايىدىل قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلاردا
ئاشۇ دەۋرلەردىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ دەترسلىكلىرىدىن ئىگە بولغان
بىلىمدىن باشقا نەرسە يوق. ئۇلار ئۆزىدىكى بىردىن بىر ئاشۇ ساۋادتىن ئايرىلىپ
قالسا، ئۇلارنىڭ قورسىقىدا ھېچقانداق ئوماچ قالمايدۇ. بۇ خىل قاراش ئەينى دەۋردە
پۈتۈن ئادەملەرگە قاتتىق تېڭىلغان. ئەدەبىيات ئەمەس، ھەتتا ماتېماتىكا
ئوقۇتقۇچىلىرىغىمۇ سەن سۆزلەۋاتقان دەرسىڭگە سىياسىي ئىدىيەنى سىڭدۈرمىسەڭ
بوممايدۇ دەپ تۇرۇۋېلىنغاچقا، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئاشۇنداق سۆزلەشكە مەجبۇر بولغان.
بىز باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا، بىزنىڭ دەرسلىكلەردە ئاشۇنداق نەرسىلەر
بارىدى. ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشى مانداق، مانداق، مانداق دەپ تەلىم بېرىدۇ دەپ ئا
بىر بەتنىڭ يېرىمىغىچە داھىنىڭ ئۈزۈندىسىنى بېرىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلۇغ داھىمىز
ماۋجۇشىنىڭ مۇشۇ تەلىمىگە ئاساسەن، پالانى دىخان ناھايىتى ياخشى ئىشلەپ، بۇلتۇر
ئېتىزىنىڭ بىر موسىدىن مانچىلىك مول ھوسۇل ئالدى دەپ بايان قىلىۋېتىپ؛ ئەڭ
ئاخىرىدا، بۇ يىل ئۇنىڭدىن مانچىلىك ئاشۇرغان بوسا، بۇ يىل قانچىلىك مول ھوسۇل
ئاغان بولىدۇ؟ دەپ ئاندىن مەسىلىنىڭ ئۆزىنى بېرەتتى. ئەدەبىيات ۋە باشقا
ئىجتىمائىي پەنلەرگىلا ئەمەس، سىياسى قاراشنى ماتېماتىكىغىمۇ سىڭدۈرۈش تەلەپ
قىلىناتتى. مەلۇم بىر يېزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە بىر ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكىنى
سۆزلەپ، ئىككى قوشىمىز ئىككى تەڭ تۆت دەپ ئوقۇغۇچىلاغا ئۈگىتىۋاتسا، مەكتەپنىڭ
مۇدىرى كىرىپ قاپتۇ دە، كىرىپلا ئۇنى، سەن سىياسىي ئىدىيەنى دەرسىڭگە
سىڭدۈمەيدىكەنسەن دەپ تەنقىد قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دەرس ئۆتكەندە: ئىككىگە
ئىككىنى قوشساق، پارتىيەنىڭ ۋاقتىدا تۆت بولىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى
بوممىغان بوسا تۆت بولمايتتى، ياكى ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ رەھبەرلىكىدە تۆتكە
تۆتنى قوشساق سەككىز بولىدۇ دەپ سۆزلەيدىغان بوپتۇ
.



كېيىن ئاشۇ
ئەدەبىيات بىلەن سىياسىنى ئادەتتىن تاشقىرى بىر بىرىگە باغلىۋىلىشتىن ئىبارەت
رادىكال ئىددىيە، يەنە ئۇنىڭ تامامەن ئەكسى بولغان يەنە بىر رادىكال ئىددىيىنى
كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەنى، ئەدەبىيات ساھەسىدە سىياسىيغا تۈپتىن قارشى بىر خىل
خاھىش پەيدا بولغان. 80- يىللاردىىكى ئېچىۋىتىش، ئىسلاھات يولغا قويۇلغاندىن
كېيىن، سىياسىي بىلەن ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋىتى توغۇرلۇق ناھايىتى ئۇزۇن تالاش –
تارتىش بولدى. ئەينى چاغدا، ئەدەبىيات سىياسىيغا بويسۇنمايدۇ، ئەدەبىيات سىياسىنىڭ
بېقىندىسى ئەمەس دېگەن گەپنى ھېچكىم ئاشكارا ئىنكار قىلىشقا ھېچكىم پېتىنالمايدۇ،
چۈنكى 3- ئومۇمىي يىغىن ۋاقتىدا دېڭ شياۋپىڭ دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولاش سالاھىيىتى
بىلەن: ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بار، بۇنى ھۆرمەت قىلىش، يازغۇچىلارغا
تېما بەلگۈلەپ بەرمەسلىك، قانداق يېزىش ۋە نىمىلەرنى يېزىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرمەسلىك
لازىم، يازغۇچىلاردا يېزىقچىلىق ئەركىنلىكى بولۇشى، نېمىنى ئويلىسا، شۇنى يېزىشى
كېرەك، ئۇنى سىياسىيغا بويسۇن دېيىشكە بولمايدۇ، دېگەن. دېڭ شياۋپىڭ ئۇ گەپلەرنى
79 ئېيتىپ ئۆتكەن بولسا، نەچچە يىل بولدى ھازىر؟ 80- يىلى دېدىمۇ يا؟ مېنىڭمۇ
ئېنىق ئېسىمدە يوق، كېيىن كىتابقا قاراپ باقاي. ئىشقىلىپ ئاز دېگەندىمۇ 25 يىل
بولدى، 27 يىل بولىدىكەن راست. دېمەك رادىكال سولچىلارنىڭ سىياسىي ھۆججەت
سۈپىتىدىكى بۇ قاراشقا ئاشكارە قارشى چىقالمىدى، ئەمما شەكلى ئۆزگەرگەن ئۇسۇللار
بىلەن 80- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بۇ توغرىلىق تالاش – تارتىشنى توختاتمىدى. بۇ
شەكلى ئۆزگەرگەن ئۇسۇل يېڭى تېما ۋە يېڭى ئۇسلۇبلارنى يەكلەش، كونىنى
تەكرارلىماسلىقنى بىر خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك دېۋىلىش قاتارلىق شەكىللەردە
داۋاملاشتى. 85- يىللارغىچە بەزى شائىرلار يېڭىراق تېمىلاردا ئەسەر يازسا، بەزىلەر
ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇلارغا بەزى سىياسىي قالپاقلىنى كەيدۈرۈشكە
تىرىشتى. مەسىلەن بېي داۋلارنىڭ شىئېرلىرىنى، مو يەن، ۋاڭ مېڭ قاتارلىق
يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، ناھايىتى چۈشكۈن، يىغلاڭغۇ، بۇ ئۇلۇغ جۇڭگو
كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى كۆمىگەنلىك، ئۇلار پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە
جۇڭگولۇقلارنىڭ ناھايىتى جۇشقۇن، ناھايىتى جەڭگىۋار ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى
كۆرەلمىدى دەپ ئېيىپلاشتى. لېكىن بۇ تالاش تارتىش ئەدەبىياتنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى
مەسىلە دەپ قارالغاچقا، چۈشكۈنلۈككە قارشى ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇش
ئۇرۇنۇشى ئەمەلگە ئاشماي قالدى. لېكىن بۇ ئۇرۇنۇش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تا ھازىرغىچە
داۋاملاشماقتا ۋە ئالاھىدە شارائىتلار سەۋەبىدىن مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشماقتا.
ئەينى چاغدا، رادىكال پۇرولېتارىيات سولچىلىرى ھەتتا بىر قىز بالىغا بىرەسى كۆيەپ
قېلىپ، ئۇنىڭكى مۇرادىغا يېتەلمەي، يىغلاپ يۈرۈپ شىئېر يازسىمۇ، چۈشكۈن، پارتىيەگە
قارشى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تۇرسا، نېمىشقا بۇندا چۈشكۈن نەرسىلەرنى
يازىدۇ دەپ، قالپاق كەيدۈرۈشكە تىرىشقان بولسا، ئەمدى ھازىر بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردا بۇ
باشقا بىر خىل ھالەتتە مودا بولدى. ئۇلارنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىشىنى مەدەنىيەت زور
ئىنقىلابىدىكى شۇئارلارنى تەكرارلاشتىن نومۇس قىلغانلىقى ياكى قوساقتا ئاشۇ
چاغدىكىدىن باشقا ئوماچ بولمىغانلىقى سەۋەبتىن بولغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.
لېكىن ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇلار مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى شۇئارلارنى
تەكرارلاۋاتقانلىقىنى ئانچە يوشۇرۇپمۇ كەتمىدى. سەللا كاللىسىنى ئىشلىتىدىغان
ئادەم بۇنى بىلەلمەي قالمايدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ئىنقىلابىي جەنگىۋارلىقنى سېغىنىش،
قاتتىق نەرسىلەرگە بېرىلىش، ھۆكۈم خاراكتېرلىك نەرسىلەرگە مەپتۇنلۇق، چۈشكۈنلۈككە
قارشى بىر خىل كەيپىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى بىلەن سۆزمۇ سۆز ئوخشاش
ھالەتتە تەكرارلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مۇئارىپىدىكى قالاقلىق ۋە
بېكىنمىچىلىك، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى تەتقىقاتىدىكى نامراتلىق، كونىنى
تەكرارلاۋېرىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئالاھىدە يەرلىك سىياسەتكە قوشۇلۇپ
كىشىلەرنىڭ مىللىي ھېسياتىنى سۈيىستىمال قىلىپ ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندۇرۇلدى.
بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە نەسىھەتۋازلىق، شو
ئارۋازلىق،
چوڭ گەپ قىلىش ۋە مەدھىيىچىلىك ئۇيغۇر ئەنئەنىسى ئىكەن. بۇنداق ئىشلار ھەممىلا
مىللەتتە دېگۈدەك بار بولغان، قەدىمقى دەۋردىكى جۇڭگۇدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى
ياۋروپادا، يېقىنقى دەۋردىكى ئوتتۇرا شەرقتە نەسىھەتۋازلىق، شۇارۋازلىق، چوڭ گەپ
قىلىش تازا ئەۋج ئالغان. ئۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى بىلەن ئەمەس پەقەت سىياسى بىلەنلا
مۇناسىۋەتلىك. ئۇ مەلۇم مىللەتنىڭ خاسلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، ئىددىيىۋىي زوراۋانلىق
ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان ھەرقانداق جەمىيەتتە يۈز بېرىۋېرىدۇ
.



بىزدە
ئەدەبىياتنىڭ ئورنىغا بولغان قاراش توغرا ئەمەس. مەن يازغۇچىلارنى يازغۇچى
بولغانلىقى ئۈچۈن ھاقارەتلىگەن بىرەركىمنى ھازىرغىچە ئۇچرىتىپ باقمىدىم، لېكىن
يازغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ھاقارەتكە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى داتلاشلىرىنى خېلى
كۆپ ئاڭلىدىم. ئەكسىچە بىزنىڭ خەلقىمىز يازغۇچىلارنى مۇناسىپ بولمىغان دەرىجىدە
چوڭ بىلىدۇ. يازغۇچىلارنى كىشىلەر يامان كۆرىدۇ دېگەن قاراش پەقەت يازغۇچىلارنىڭ
تاپقان گېپى. بۇ گەپنىڭ يۇشۇرۇن سەھنە سۆزى شۇكى، "يازغۇچىلار كۆپىيىپ كەتتى،
پەقەت بىر نەچچىمىزلا بار بولساق، خەلق بىزنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرسە، ئاشخانىغا
كىرسەك بىكارغا تاماق بەرسە، رېستۇرانغا كىرسەك بىكارغا مېھمان قىلسا! بىز نىمە
دېسەك خەلق ئاڭلىسا، بىزنى ئەۋلىيا ۋە داھىدەك كۆرسە". يازغۇچىلار خەلىقتىكى
بۇ خىل مۇئامىلىنى كۈتۈپ ھېرىپ قېلىپ، ئاخىرى ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئاھ ئۇرغىنىچە،
خەلق بىزنى يامان كۆرىدۇ دەپ قاخشايدىغان بولۇۋالدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەنىلا
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى سىياسىيلاشقان سالاھىيەتنى سېغىنىشنىڭ داۋامى.
ئىلگىرى پۈتۈن جۇڭگۇ مىقياسىدا سىياسىي ئەسەبىيلىك سەۋەبىدىن، يازغۇچىلار ئىنتايىن
ئاز قالغان. يازغۇچىلار ئالاھىدە ئىمتىيازدىكى سىياسىي كىشىلەر ئىدى. بىر روماننىڭ
نەشىر قىلىنىشى چوڭ سىياسىي ۋەقە دەپ قارىلاتتى. ھازىر بولسا بۇ خىل ئەھۋال
ئۆزگەردى. كىشىلەر يازغۇچىنى ھەممىنى ھەل قىلغۇچى ئەۋلىيا دەپ قارىماستىن، مەلۇم
بىر كەسىپنىڭ ئىگىسى دەپ قارايدىغان بولدى. بىزنىڭ ئەدىپلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى ئاشۇ
دەۋرلەردىكى ئىمتىيازلارنى چۈشەپ تېخى ئويغانغىنى يوق. خەلقتىن قاخشاش دەل ئاشۇ
خام خىيالنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئازابىدۇر
.



ھەممىدىن
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ھادىسە شۇكى، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا قاتتىق
زەربە يىگەنلەردە ئاشۇ دەۋرنىڭ پىكىر ئەندىزىسىدىن كېچەلمەسلىك ئەڭ ئېغىر. ئۇلار
كۆرىنىشتە ئاشۇ خىل ئەندىزىگە ئۆچتەك قىلغاچقا، ئۇنى ياقلاۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ
قىلىشنى خالىمايدۇ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى باشقىچە شەكىلدە
خىيالىي ھالدا داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپلا
قالماي ھەتتا ئۆزىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىنمۇ ئىنتايىن قورقىدۇ. شۇڭا ئۇلار
ستراتىگىيىسىنى ئاڭسىز ھالدا ئۆزگەرتىپ، دەسلەپتە يېڭىچە ئىستېتىك پىرىنسىپ بىلەن
ئەسەر يازغانلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنىكسىز دەپ رەنجىگەنلىكىنى ئىپادىلەشتى. بۇ
ئارقىلىق بىر تەرەپتىن كوللېكتىپنى قولغا كەلتۈرۈپ، يوق قىلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر
تەرەپتىن ئىلگىرى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن سىياسى ۋەزىپە سۈپىتىدە بەلگۈلەپ بېرىلگەن
تار دائىرىدىكى تېمىلارنى داۋاملىق تەكرارلاشتىن ئىبارەت تەقلىدچىلىكنى قوغدىدى.
بۇ خىل باشقىلارنى كاللا ئىشلىتىشتىن توسۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىمۇ ئارتۇق كاللا
ئىشلەتمەيلا باشقىلارنى ئىددىيىۋىي جەھەتتىن كونترول قىلىش ستراتىگىيىسى دەل
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ كىشىلەرنى نادام ۋە بىكىنمە ھالەتتە قالدۇرۇش
ستراتىگىيىسىنىڭ داۋامىدۇر. باشقىلار تەرىپىدىن بەلگۈ؛ئەپ بېرىلگەن بىر نەچچە
تېمىغا كۆنۈپ قېلىش سەۋەبىدىن بىزنىڭ ئارىمىزدا بۇنداق تېمىلارنى تەكرارلىمىغان
ئەسەرلەرنى چۈشەنمەيدىغانلار ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنى چۈشىنىش تەرەپكە يېتەكلىمەستىن
بەلكى چۈشەنمەسلىك ۋە رەت قىلىش تەرەپكە يېتەكلەش، كوللېكتىپنى كاللا
ئىشلەتمەيدىغان نادانلىقنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ جىنايەت
ھېسابلانماستىن بەلكى خەلقپەرۋەرلىك دەپ قارىلىشى بىزنى ئويلاندۇرىدۇ. بۇنداق
شارائىتتا دائىم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قالايمىقان ئۇلاپ قۇيۇلغان بىر توپ سۆز
دۆۋىسىمۇ ئاۋانگارتلىق سىياقىغا كىرىۋېلىشى مۇمكىن، لېكىن كىشىلەرنى كاللا
ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلالىسا ھەتتا ئۇمۇ بىر نەچچە تېمىنى تەكرارلاۋېرىشكە
قارىغاندا پايدىلىق بولسا كېرەك
.



ج.
بىرنوۋىسكى «ئىنسانىيەت ۋە سالاھىيەت» ناملىق كىتابىدا «بىز ئىنساننىڭ نىمىلىكىنى
چۈشەنمىسەك، شېئىر چۈشىنەلمەيدۇ» دېگەنىدى. نۇرغۇن يىللاردىن بېرى بىزنىڭ شېئىر
ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز رادىكال سولچىل ئىدىيە تۈپەيلىدىن بۇرمىلىنىپ كەلدى.
بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى شېئىر بىر خىل سىياسى شوار، پەندى- نەسىھەت ياكى يۈزەكى شۇنداقلا
ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئىجتىماىي تەنقىدتىن ئىبارەت. بىز شېئىرنى تىلغا ئالغاندا
ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئىنسان ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇدلىقى ھەمدە ھېس- تۇيغۇلىرى بىلەن
مۇناسىۋىتىنى ئۇنتۇپ قالدۇق. بىز ئىنساننىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىغا زادىلا قىزىقمىدۇق،
ئىنساننى چۈشىنىشنى زادىلا خالىمىدۇق. ئىنساننى چۈشەنمىگەن كىشىلەرنىڭ ئىنساننىڭ
ھېس- تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن شېئىرلارنى چۈشىنىش مۇمكىنچىلىكى زادى قانچىلىك؟
ئىنساننى چۈشەنمىگەن كىشىلەرنىڭ ئىنساننىڭ ھېس- تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن شېئىرلارنى
چۈشىنىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن. سىياسىي ئېھتىياج ۋەجىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن
تېمىلارنى تەكرارلىمىغان ئەسەرلەرنى پەقەت ئىنسانغا نەزەر تاشلىغان، ئۆزىنى ئىنسان
دەپ قارىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئادەملەرلا چۈشىنەلەيدۇ
.



نېمە دېگەن
چاغدا، ئەينى ۋاقىتتا خەنسۇلار ئىنساننىڭ ھەرقانداق تۈزۈمدە بار بولۇشى مۇمكىن
بولغان، تۈزۈم ۋە سىياسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئۇنىۋېرسال ئازابى يېزىلغان
ئەسەرلەرنى بىر تەرەپتىن چۈشىنىكسىز دېسە يەنە بىر تەرەپتىن چۈشكۈنلۈكنى تەرغىپ
قىلىش، شۇنداقلا كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە ئىشەنمەسلىك دېگەن بولسا، ھازىر
ئۇيغۇرلاردا ئۇنىڭغا ئايرىم بىر چاپان يېپىلىپلا، بولمىسا شۇ گەپنىڭ ئۆزىنى
قايتىدىن تەكرارلاۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئىسلامغا قارشى، ئىسلام دىنىدا ئۈمىدسىزلىك
شەيتاننىڭ ئىشى دېيىلگەن، بىز ئۈمىدسىزلەنسەك بولمايدۇ، ئۇيغۇرلار ئۈمىدسىزلەنسە
تۈگەپ كېتىدۇ، يوقاپ كېتىدۇ، ھەممە ئۇيغۇرلار ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆلۈۋاتسا قانداق
قىلىمىز دەپ. بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئۆلەپ كېتىپ،
ئۈمىدسىزلىنىپ، ئەتىسى كوچىغا چىقساق بىرمۇ ئۇيغۇرنى كۆگىلى بوممىسا، قانداق
قىلامىز دەيدىغان بىر خىل ئىددىيە بىلەن، مىللەتپەرۋەر ئوبزورچىلىرىمىز قاتتىق
ئەنسىرەپ، نۇرغۇن ماقالىلىنى يېزىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ 80- يىللادىكى ئاشۇ ئۇلۇغ
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى تۇسا، نېمىشقا بۇنداق چۈشكۈن
نەرسىلەرنى يازىدۇ دېگەن سۆزلەنىڭكى قايتا تەكرارلىنىشىدۇر. ھەممىدىن قىزىقارلىقى
شۇكى، بىر تەرەپتىن چۈشىنىكسىزلىكتە ئەيىپلەنگەن ئەسەرلەر ئوخشاشلا بىر ۋاقتتا
يەنە چۈشكۈنلۈكتە ئەيىبلىنىدۇ. بۇ خىل پىكىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھازىرغىچە
تەكرارلىنىپ كەلمەكتە. بىز بۇنىڭغا قارىتا ئىختىيارسىز ھالدا ئۇلار جاۋاب بېرىشتىن
ئۆزىنى قاچۇرۇشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايدىغان مۇنداق سوئالنى سوراشقا مەجبۇر
بولىمىز: ئۇ ئەسەرلەر چۈشىنىكسىز بولسا سىز ئۇنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ چۈشكۈنلىكنى
تەرغىپ قىلغانلىقىنى قانداق بىلدىڭىز؟



80- يىللانىڭ
باشلىرىدا نوقۇل ئىشقى مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن، نوقۇل شەخسىي تۇرمۇشتىكى بىر
نەرسىلەر يېزىلغان ئەسەرلەرنى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكىدەك سىياسى خاھىشى
يوق ياكى سىياسى خاھىشى ئېنىق ئەمەس دەپ تەنقىدلەش ئوچۇق ئاشكارە بولمىسىمۇ، لېكىن
ئۇنى سىياسىي جەھەتتىن ئەمەس بەلكى ئەخلاقىي جەھەتتىن ئېيىپلاش ۋە شۇنى چۆرىدىگەن
تالاش – تارتىشلار بولغانىدى. ئەخلاقىي جەھەتتىكى ئېيىپلاشلار كۆرۈنۈشتە سىياسى بىلەن
بىۋاستە باغلىنىشى يوقتەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە سىياسىي ئېيىپلاشنىڭ داۋامى
ئېدى. چۈنكى شەخسنىڭ تۇيغۇلىرىنى تەسۋىرلەشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ قاراش ئەمەلىيەتتە
رادىكال كوللېكتىۋىزىملىق ئاڭغا ئاساسەن كوللېكتىپنىڭ ئىدىئولوگىيىسىنى ئەكس
ئەتتۈرۈشنى بىردىن بىر ئەخلاق دەپ قاراشنى مەنبە قىلغاندۇر. دېمەك مەسىلە يەنە
ئايلىنىپ كېلىپ، ئىنساننى يېزىشنى ئەخلاقسىزلىق ئىددىيىنى يېزىشنى ئەخلاق دەپ
قاراش، يەنى ئىنساننى مەركەز قىلىش بىلەن ئىددىيىنى مەركەز قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى
تالاش تارتىشقا كەلدى. كېيىن 80- يىللانىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە بۇلار بارا – بارا
پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. چۈنكى گىنى ئۆزگەرگەن رادىكال سولچىلارنىڭ نۇرغۇنلىرى
ئۆلدى، نۇرغۇنلىرى پىنسىيەگە چىكەتتى، نۇرغۇنلىرى تەقدىرگە تەن بەردى دېگەندەك
قىلىپ، 90- يىللارغا كەلگەن چاغدا ئۇلانىڭكى بازىرى قالمىدى. 90- يىللارنىڭ ئاخىرىغا
كەلگەن چاغدا ئەمدى چورتلام ئۇنداق گەپلەنى دەپ يۈرۈيدىغانلارمۇ قالمىدى. بولۇپمۇ
89- يىلىدىكى ئېغىر ۋەقە نۇرغۇن كىشىلەرنى رادىكال سولچىل پىكىرلەردىن نومۇس
قىلىدىغان قىلىپ قويدى. يۇقىرىدا ئېيتقانلىقىم ھەممىسى جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدىكى
ئەھۋاللار. لېكىن بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولدى. 80-
يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە نورمال يۆنىلىشتە ئىزدىنىش ئىچىدە كېتىۋاتقان ئەدەبىياتىمىز
بىردىنلا تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كەينىگە ياندى. شەخس سۈپىتىدىكى
ئاۋانگارتلىرىمىز يەنىلا ئاۋاڭارتلىق يولىدا مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كوللېكتىپ
سۈپىتىدىكى ئەدەبىيات ساھەسىدە رادىكال سولچىللىق ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى. ئەينى
چاغدا دېڭ شياۋپىڭنىڭ سىياسىي سالاھىيەت بىلەن ئېيتقان ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىنىڭ
قانۇنىيىتى بار، ئۇ سىياسىيغا بويسۇنمايدۇ، دېگەن پىكىرلىرىنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا
كۆتۈرۈپ چىقىشمۇ خەتەرلىك ئىشقا ئايلاندى. دېڭ شياۋپىڭ سىياسىي ھۆججەت خاراكتىرىدە
سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، خەنسۇلارنىڭ سولچىلىرى ئەدەبىيات سىياسىيغا بويسۇنىدۇ دىگەن
گەپنى ئاشكارە دىيەلمىگەن بىلەن بىزنىڭ نەزىرىيىچىلىرىمىز ئالاھىدە سىياسىي
مۇھىتتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ ئاپ ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويدى
.



80- يىللاردا
كۆرۈنۈشتە ئەدەبىيات تەشۋىقات ۋاستىسى ئەمەس دېگەن قاراش ئومۇملاشقاندەك قىلسىمۇ،
لېكىن ئۇ چاغدا سولچىلارنىڭ، سىياسى ئەدەبىياتقا بويسۇنمىسىمۇ، لېكىن دەۋر روھىنى
ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك؛ بۇ دەۋىر سوتسىيالىستىك دەۋر، سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە
ئادەملەرنىڭ قاانداق ياشاۋاتقانلىقى ئىپادىلەش ۋە قانداق ياشىشىنى كۆرسىتىپ بېرىش
لازىم دەپ غىڭشىشلىرىغا قارشى ئەينى چاغدا بىر توپ شائىر يازغۇچىلار، ئەدەبىيات
بىلەن سىياسىينىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، سىياسىيدىن قانچە يىراق تۇسا، سىياسىي
قانچىلىك ئىپادىلەنمىسە شۇنچىلىك ياخشى دەپ يەنە بىر قۇتۇپقا ئۆتۈپ كەتكەن.
ئەمەلىيەتتە ئەدەبىيات بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ يوقمۇ دىگەن مەسىلە
ھەققىدە چوڭقۇرراق ئويلانساق، ئۇنداق كېسىپلا ھۆكۈم قىلىۋەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى
ھېس قىلىمىز. ئالدى بىلەن بۇ يەردىكى مۇناسىۋەت ئۇقۇمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش
مۇھىم. يەنى بىر بىرىگە بويسۇنۇشنى نەزەردە تۇتقاندا بۇنداق مۇناسىۋەت ناھايىتى
ناچار مۇناسىۋەت بولىدۇ، بىر بىرىنى تەسۋىرلەش مۇناسىۋىتىنى نەزەرگە تۇتقاندا بۇ
مۇناسىۋەتنى رەت قىلىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. سىياسى بىر خىل ئىدىئولوگىيە دەپ
قارالغاندا ئىككىسىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دېسىمۇ بولىدۇ. سىياسى بىر خىل
رېئاللىق دەپ قارالغان چاغدا، ئۇلار ئاىرىسىدا ئەلبەتتە مۇناسىۋەت بولىدۇ. خۇددى
رېاللىقتا مەۋجۇت بولغان بىر بىنانى تەسۋىرلىگەڭە ئوخشاشلا سىياسىنى رېئاللىقتىكى
بىر مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە تەسۋىرلەش مۇمكىن. بىر ئەسەردە مەلۇم بىر خىل ئىددىيىنى
ئوتترىغا قويۇش ئۈچۈن پېرسۇناج بولغان ئىنساننى ۋاستىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن
ئىنساننى مەركەز قىلىپ، يەنى ئىنساننىڭ قىسمىتى، مەۋجۇدىيىتى ۋە سۆيگۈسى
نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىددىيىسىنى تەسۋىرلەش تامامەن ئوخشىمايدۇ. بىر
ئەسەردە خىلمۇ خىل ئىددىيىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىددىيىلىرىنى خۇددى ئۇلارنىڭ
ھەرىكەتلىرىنى ياكى چىراي تۇرقىنى تەسۋىرلىگەنگە ئوخشاشلا بىرلا ۋاقتتا تەسۋىرلەش
مۇمكىن. ئەلبەتتە بۇ ئىددىيىلەر سىياسى ئىددىيىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن
جامېس جويسنىڭ بىر ياش يىگىت بولمىش سەنئەتكارنىڭ پورتىرىتى ناملىق ئەسىرىدە،
ستېفېن دېدالۇسنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي سالاھىيەتلەردىن ھالقىشنى ئىستەيدىغان
ئىسيانكارلىق ۋە ئەركىنلىك ئىددىيىسى تەسۋىرلەنگەن بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا
يەنە ئۇنىڭ دادىسى سىمون دېدالۇسنىڭ كونىنى سېغىنىدىغان ھەم بارچە قىممەتنى
ئىجتىمائىيلىق تەرىپىدىن تېڭىلغان سالاھىيەت ئارقىلىق ئۆلچەشتىن ئىبارەت دەل
ستېفېن دېدالۇسقا ئوخشىمايدىغان ئىددىيىسىمۇ تەسۋىرلەنگەن. ئەسەردە يەنە ئۇلارغا
ئوخشىمايدىغان ئېمما كلېرينىڭ ئىددىيىۋىي گاڭگىرىشى، چارلېز ستيۇارت پارنېلنىڭ
مىللەتچىلىك ئىددىيىسى، كرەنلينىڭ ئەركىنلىكنى چۈشەنمەيدىغانلىقىمۇ تەسۋىرلەنگەن.
بۇ يەردە يازغۇچى ستېفېن دېدالۇس تەرەپتارىمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ دادىسى سىمون دېدالۇس
تەرەپتارىمۇ ئەمەس، شۇنداقلا باشقا ئېمما كلېري، چارلېز ستيۇارت پارنېل ياكى
كرەنلي تەرەپدارىمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت مەلۇم بىر دەۋر ۋە مەلۇم بىر جايدىكى
ئىنسانلارنىڭ خىلمۇ خىل ئىددىيىلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىنساننىڭ مەۋجۇت
ھالىتىنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى
.



بىز كىچىك
چاغلاردا، ئوتتۇرا مەكتەپ ھەتتا ئالىي مەكتەپلەردە ئەدەبىيات پارتىيىنىڭ تەشۋىقات
قورالى دەيدىغان. ئەدەبىياتنىڭ پارتىيىۋىلىكى توغرىسىدا ھازىرمۇ بالىلارغا
سۆزلەمدۇ ئۇقمايمەن. مېنىڭچە خەنزۇلار سۆزلىمەس بولدى. لېكىن بىزنىڭ ئۇيغۇر
ئەدەبىياتى ئۆزى ئېتىراپ قىلمىغان بىلەن يەنىلا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەگلىك.
كىشىلەرنىڭ ماۋ جۇشىغا قانچىلىك سادىق بولىشى، سادىق بولغاندا ئۇنىڭ دېڭ شياۋپىڭ
ئېيتقان يەتتە ئۆلۈش توغرىلىقىغا سادىق بولۇشى ياكى ئۈچ ئۆلۈش خاتالىقىغا سادىق
بولۇشى ئۆزىنىڭ ئىشى. مېنىڭچە بەزى رادىكال ئىددىيىگە ئىگە كىشىلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ
ئۈچ ئۆلۈش خاتالىقىنىڭ مەپتۇن قىلىش كۈچى ئۇنىڭ يەتتە ئۆلۈش توغرىلىقىدىن زورراق.
لېكىن ئۆزى ئەدەبىياتنى تەشۋىقات قورالى دەپ قاراپلا قالماي ئۇنى باشقىلارغا
تېڭىش، ھەتتا ماۋ زېدوڭ يەنئەن ئەدەبىيات سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا ئېتىراپ قىلغان
ئەدەبىيات ئوبرازلىق تەپەككۈر قىلىدۇ دېگەن قاراشتىنمۇ بەكرەك سولچىللىشىپ،
ئىددىيىنى ئوبراز ئارقىلىق ئەمەس ھەتتا بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىش،
شۇنداقلا بۇ خىل يولسىز تەلەپنى كوللېكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق زوراۋان ئورۇنغا
چىقىرىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
.



ئەدەبىيات
ئىنسان ئۈچۈن تاماق بىلەن ئوخشاش نەرسە. ئەدەبىيات سىياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ
بەلكى سىياسى ئىنساننىڭ ئەڭ تۈپكى ئېھتىياجى بولغان ياشاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى
كېرەك. ئەدەبىيات سەنئەت ئىنسانلارنىڭ بىر خىل ياشاش ئۇسۇلى. شۇڭا ئەدەبىيات
سىياسى ئۇچۈن ئەمەس بېلكى سىياسى ئەدەبىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلسا ئاندىن توغرا
بولىدۇ. مەسىلەن، دۇنيادا تارىختا نۇرغۇنلىغان سىياسى قەھرىمانلار سۆزلەش
ئەركىنلىكى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان. ئۇلارنىڭ سىياسىي نىشانى ئىنسانلارنى ئەركىن
تەپەككۈر قىلىش ۋە ئويلىغانلىرىنى ئەركىن بايان قىلالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە
قىلىشتۇر. ئەدەبىيات دىمەك سۆزلەش دىمەكتۇر، بۇمۇ ئىنساندىكى تاماققا بولغان
ئېھتىياجغا ئوخشاشلا تۈپكى ئېھتىياجنىڭ بىرى. سىياسىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئاشۇ
سۆزلەش ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل
سۆزلەش ئۇسۇلى بولغان ئەدەبىياتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەلۇم بىر پارچە ئەدەبىي
ئەسەردە پەقەت ئادەملەر قانداق ياشاۋاتىدۇ، شۇنى يېزىش مۇمكىن. ئەدەبىي ئەسەر
ماقالە ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭدىن ماقالىدا بولىدىغان ئىددىيىنى بىۋاستە ئوتتۇرىغا
قويۇشنى تەلەپ قىلىش شۇنداقلا بۇ ئىددىيىنىڭ روشەن ۋە قاتتىق بولىشىنى تەلەپ قىلىش
ئەدەبىيات بىلەن سىياسىنىڭ نورمال مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشتىن ئىبارەتتۇر. سىياسى
بىزنىڭ رېئاللىقىمىزدا مەۋجۇت، ئۇنى يېزىشقا تامامەن بولىدۇ، لېكىن يازغۇچى
تەشۋىقاتچى ئورنىدا ئەمەس بەلكى ئىنسان نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئەسەردىن چېكىنىپ تۇرۇپ،
يەنى ھېسياتىنى ئارىلاشتۇرماي يازسا ئەسەرنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ياخشىراق بولىدۇ.
مەسىلەن، مەن سىزنى بىراۋغا ئەسكى دەپ تىللاپ بەرسەم، ئاڭلىغان كىشى، ئۇنىڭغا ئۆچ
بولغاچقا تىللاۋاتىدۇ دەيدۇ، مەن سىزنى تىللىماي بولغان ئىشنىڭ ئۆزىنىلا دەپ
بەرسەم، كىشىلەر سىزنىڭ ئەسكىلىكىڭىزگە غەزەبلىنىدۇ
.



ئەدەبىيات
سىياسىيغا بويسۇنىدىغان نەرسە ئەمەس. ئەدەبىيات دېگەن ئىنسانلىنىڭكى بىر خىل ياشاش
ئۇسۇلى، بىر خىل تۇرمۇش شەكلى. خۇددى بىر ئادەم ئىچى پۇشۇپ كەتكەن چاغدا، يەنە بىر
دوستىنى ئىزدەپ بېرىپ، شۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كەلگەندەكلام ئىش. ئەسلى
ئەدەبىياتنىڭ ماھىيىتى ئاشۇ. ئىنساندا بىر خىل تۈپكى بىر خىل ئېنىرگىيە بولىدۇ،
ياكى بىر خىل تۈپكى تەلەپ بولىدۇ. ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا، ئىنسان تۇغۇلغان چاغدىلام
ئىنسان بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولغان بىر خىل ئىنستىنكت بار. بۇ ئىنستىڭكت نېمە دېگەن
چاغدا، ئۆزىنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل خاھىشى، ياكى ئۆزىنىڭكى كۆڭلىدە
ئويلىغانلىرىنى، ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىن كەچكەن نەرسىلەرنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش خاھىشى.
ئىنساندىكى بۇ خىل خاھىش قاندۇرۇلمىغان چاغدا قانداق بولىدۇ دېسە، ئىنسان روھىي
جەھەتتىن تۈگىشىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئادەملەر روھىي كېسەل بوپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل
ئېھتىياج ئادەمنىڭ تاماققا بوغان ئېھتىياجى بىلەن ئوخشاش بىر خىل ئېھتىياج. بۇ
پەقەت بىر خىل روھىي ئېھتىياج بوغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈن ئادەملەردە بار بولغان بىر خىل ئېھتىياج. مەسىلەن، بىر
ئادەمنى بىر ئۆيگە سولاپ قويۇپ، ئۇيەردىن ھېچيەرگە چىقارماي، نېمە يەيمە دېسە شۇنى
ئەكىرىپ بەرسە، ئاشۇ ئادەم ئاشۇ يەدە خۇشال ئۆتەمدۇ؟ (ئوقۇغۇچىلار: ياق). ئۇنداقتا
ئۇنىڭ قوسىقى تويغان تۇرسا يەنە نېمىگە ئېھتىياجلىق؟ ئەگەر ئادەمنىڭكى مۇشۇ
دۇنيادا ياشىشىنى تاماق يېيىش ئۈچۈن دەيدىغانلارغا شۇنداق بىر تەجرىبە ئېلىپ
بارساق، يەنى، ئۇنى يەيدىغان نەرسە بىلەن تولۇق تەمىنلەيدىغان لېكىن سىرتقا
چىقارمايدىغان ۋە باشقىلار بىلەن ئۇچراشمايدىغان بىر ئۆيگە سولاپ قويساق، ئۇ ئادەم
رازى بولامدۇ؟ ئەلبەتتە رازى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ئاشۇندا بىر خىل تەبىئىي
ئېھتىياج مەۋجۇت. ئۇنىڭ ئۇياق بۇياقلارغا باغۇسى كېلىدۇ، ئۇياق بۇياقلارنى كۆرگۈسى
كېلىدۇ. بۇ نېمە دېگەن چاغدا، سىرتتىكى ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى. ئۇنىڭدىن
كېيىنچۇ دېگەندە، ئۆزىنىڭكى ۋۇجۇدىدا، ئۆزىنىڭكى روھىدا پەيدا بوغان ئۇچۇرنى
سىرتقا چىقىرىش ئېھتىياجى. بۇ خىل ئېھتىياج ئادەمدىكى ئەڭ تۈپكى بىر خىل ئېھتىياج.
دېمەك ئادەم تاماققا بولغان ئېھتىياجنىمۇ شۇنداقلا بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ
ئۆتكەن ئېھتىياجنىمۇ قانداق قاندۇرىدۇ دېگەن چاغدا، سىياسىي ئارقىلىق قاندۇرىدۇ.
مەسىلەن، سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشى تۈرمىدە يېتىشى مۇمكىن، ئەركىنلىكتىن
مەھرۇم بولۇشى ياكى ئۆزىڭىزنىڭكى ئويلىغانلىرىنى باشقىلاغا دىيەممەسلىكى مۇمكىن.
سىرتتىكى ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزىنىڭكى روھىدا پەيدا بوغان ئۇچۇرنى سىرتقا
چىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق بولۇشى كېرەك دېگەن چاغدا، ئادەمنىڭ
ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سىياسىي تۈزۈم بولۇشى كېرەك، شۇنداققۇ؟ بۇ
سىياسىي تۈزۈم نېمە دېگەن چاغدا، دەل ئاشۇ بىز ئېيتىۋاتقان سىياسىي، ئۇ
كاپالەتلىككە ئىگە قىلغان سۆزلەش دېگەن نېمە دېگەندە، دەل ئاشۇ ئەدەبىيات. دېمەك
سىياسىي ئەدەبىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلامدۇ ياكى ئەدەبىيات سىياسىي ئۈچۈنمۇ؟
ئەمەلىيەتتە سىياسىي ئەدەبىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. مەن ھازىر دېدىمغۇ،
مەسىلەن سىياسىي ئادەملەگە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ئۆزىنىڭ
پىكرىنى باشقىلاغا دېيەلەيدىغان مۇھىت يارىتىدۇ. ئەدەبىيات ئادەملەنىڭ بىر خىل
ياشاش ئۇسۇلى. بىز مۇشۇ دۇنيادا خۇشال – خۇرام ياشايمىز دەيدىكەنمىز، مۇشۇ
دۇنيادىن ھۇزۇرلىنىمىز دەيدىكەنمىز ياكى ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزىمىز
دەيدىكەنمىز، چوقۇم بىزدە، كاللىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئويلىنىشلار بولىدۇ. بىز نۇرغۇن
مەسىلىلە توغۇرلۇق ئويلايمىز. نۇرغۇن نەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز. ئۇنىڭ كەينىدىن
ئۆزىمىزنىڭ پىكرىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ خىياللىرىمىزنى
باشقىلاغا دەپ بېرىمىز. باشقىلامۇ ئۆزىنىڭ خىياللىرىنى بىزگە دەپ بېرىدۇ. ھاياتنى
مەلۇم مەناغا ئىگە دەپ قاراشقا توغرا كەلسە، ھايات دېگەن شۇنىڭ بىلەن مەنىلىك.
دېمەك ئادەملەنىڭكى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى خالىغانچە ئىپادىلىيەلەيدىغان
ئەركىنلىككە ئىگە قىلىدىغان نەرسە نېمە دېگەن چاغدا سىياسىي، شۇنداققۇ؟ شۇنىڭ
ئۈچۈن ئەدەبىيات سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دېگەن گەپ بۇ ئىنساننىڭكى
تەبىئىتىگە، ئىنساننىڭكى تۈپكى ئېھتىياجىنى ئېتىراپ قىلماسلىقتىن ئىبارەت
ئىنساننىڭ ماھىيىتىگە خىلاپ كۆز قاراش. ئىنسانىيەت تارىخىدا نۇرغۇن قېتىم
ئىنساننىڭكى ماھىيىتىگە خىلاپ، ناھايىتى ئەكسىيەتچى، چېكىدىن ئاشقان ئىدىيەلەر،
ئىنساننىڭ تەپەككۈر قىلىش ۋە سۆزلەشتىن ئىبارەت مەنىۋىي ئېھتىياجىنى ئېتىراپ قىلىش
بىر ياقتا تۇرسۇن ھەتتا ئىنساننىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنىمۇ رەت قىلىدىغان
ئىددىيىلەر بارلىققا كەلگەن. بۇ خىل ئىدىيەلەرنىڭكى ھەممىسى تارىختا مەغلۇبىيەتكە
ئۇچرىغان. چېكىدىن ئاشقان مىستىك ئەسەبىيلىك، چېكىدىن ئاشقان سولچىل پۇرولېتارىياتچىلىق
دېگەنلەنىڭكى ھەممىسى ئاشۇنداققۇ؟ بۇ شەخسنىڭكى، ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە قارشى.
مەسىلەن ئەينى چاغدا، يەنى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋاقتىدا قۇرۇلغان كوممۇنادا،
بىر يېزىدا ھەممە ئادەم تەڭ ئىشلەپ، ھەممە ئادەم ئاشلىقنى تەڭ ئېلىش ۋە ھەممە
ئادەم تەڭ يېيىش تۈزىمى قوللىنىلغان. بۇ ئىنساننىڭكى شەخسىيەتچىلىكىلا ئەمەس بەلكى
يارىتىلىشتىن ئايرىم ئايرىم ئادەم بولۇپ ئوخشىمىغان بەدەنلەردە يارىتىلغانلىقىدىن
ئىبارەت ماھىيىتىنى چەتكە قاققانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرىدا قانداق بولدى دېسە، ئاخىرىدا
مەغلۇپ بولدى. دېمەك ئىنساننىڭكى تەبىئىتىگە قارشى تۇرىدىغان سىياسەت ھامان مەغلۇپ
بولىدۇ. چۈنكى تەبىئەت دېگەننى ئۆزگەرتكىلى بوممايدۇ. ئىنسان تەبىئەت دۇنياسىنىڭ
بىر قىسمى بولۇپلا قالماي يەنە ئىنساننىڭ تەبىئىتىمۇ كائىناتنىڭ تەبىئىتىگە
ئوخشاشلا بىر خىل تەبىئەت بولۇپ، ئۇنىڭمۇ تەبىەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئوخشاشلا
قانۇنىيىتى بار. قەدىمكى ئىنسانلار ئادەمنى كائىناتنىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى دېگەن.
دۇنيادا ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق دېگەن نەرسە بارغۇ؟ بۇنىڭدىن ھەممىڭلارنىڭ
خەۋىرىڭلار بار، چۈنكى ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەبىئەت دەرسلىكىدىمۇ، ئوتتۇرا
مەكتەپنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيە دەرسلىكىدىمۇ سۆزلىنىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە بۇ ھەقتىكى
ئورتاق تونۇش شۇكى، تەبىئەت دۇنياسىنى ئۆزگەرتىمەن دەپ قوپسا، ھەر قانداق ئادەم
مەغلۇپ بولىدۇ. مەسىلەن تەبىئەتنى ئۆزگەرتىپ، مەلۇم بىر يەدىكى بىر تاغنى
يۆتكىۋەتسە ياكى بىر چۆللۈكنى پۈتۈنلەي بوستانلىق قىلىۋەتسە، ياكى بولمىسا بىر خىل
ھايۋاننىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋەتسە، تەبىئەتتە ئاپەت بولىدۇ، شۇنداققۇ؟ چۈنكى
تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتكىلى بوممايدۇ. ھېلى ئۆزگەرتىلگەندەك تۇيۇلغان
بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنە بىر نەرسە بىلەن ئۆزىنى تولۇقلايدۇ، چۈنكى ئۇ بىر
مۇكەممەل سىستېما. خۇدا ئۇنى ياراتقان چاغدا ئاشۇنداق ھېچكىم ئۆزگەرتەممەيدىغان،
ئىنتايىن مۇكەممەل قىلىپ ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ھەر قانداق ئادەم
ئۆزگەرتەممەيدۇ. دەسلىۋىدە ئۆزگەرگەندەك كۆرەنگەن بىلەن لېكىن ئۇ ئۆزىنى تولۇقلاپ
ئەسلىگە كەلتۈرگەن چاغدا، ئۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئىنسانىيەتتىن ئىنتايىن
ئېچىنىشلىق پاجىئەگە دۇچار قىلىپ ئۆچ ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇنيادا تەبىئىي ئاپەت،
ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنساننىڭكى تەبىئىتىنى
ئۆزگەرتمەكچى بوسىمۇ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى يوشۇرۇن قانۇنىيەت چوقۇم ئىنسانىيەتتىن
ئۆچ ئالىدۇ. مەسىلەن، ئەينى چاغدا، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋاقتلىرىدا، ماۋ
زېدوڭ، كومپارتىيە جۇڭگونى يېڭىدىن ئازاد قىلغان چاغدا، ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى
ئۆزگەرتىش چاقىرىقى ئوچۇق – ئاشكارا پۈتۈن گېزىت ژۇرنال ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا
ئۇزاق يىللار كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنغان. ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتكىلى
بولمايدىغانلىقى، ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ساختا كۆرۈنۈش ئىكەنلىكى ۋە
مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كىشىلەر ئىنتايىن كېچىكىپ ھېس قىلغان. ئەينى چاغدا يەيدىغان
نەرسىدىن تارتىپ ئۆي – تۇرالغۇلارغىچە كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق مۈلكى قىلىنغان. لېكىن
ھەممە نەرسىنى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق مۈلكى ئايلاندۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ مەسىلەن، بىر قىز
بالا بىر ئوغۇل بالا بىلەن مۇھەببەتلەشسە، ئۇ قىز بالىنىمۇ كۆپچىلىكنىڭكى ئورتاق
مۈلكىگە ئايلاندۇغىلى بولمايدۇ دە، ئۇلارنىڭ كوللېكتىۋىزملىق روھى ھەرقانچە كۈچلۈك
بولسىمۇ، سىنىپىي قېرىنداشلىق ھېسياتى ھەرقانچە چوڭقۇر بولسىمۇ خوتۇن دېگەن چوقۇم
شەخسنىڭكى بولىدۇ
.



دەم ئېلىش
ۋاقتى بولدىما؟ نەچچە بىلەن دەرستىن چۈشىسىلەر؟ دەم ئېلىڭلار بىردەم
.


tupraqmen يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 19:13:39

ئاۋازلىقى!!!!!!!!!!!!! \"\" \"\" \"\"

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 20:03:09

ساقلىۋېلىپ ئالدىرماي ھەزىم قىلىپ ئوقاي . ياخشى پىكرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك قىلىدۇ .

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 00:10:51

ئاۋازىنمۇ بىللە چىقرىپ قويسلا تۇماق...ئاكا...

otunchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 12:56:50

ئېسل لىكسىيە \"\"

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 13:15:58

توۋا ...نۇربەكرى لېكسىيەلىرى دەپ ئوقىۋاپتىمەن تېمىسىنى.  {:92:}

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 13:22:49

5- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توۋا ...نۇربەكرى لېكسىيەلىرى دەپ ئوقىۋاپتىمەن تېمىسىنى. \"\"



پەرھات تۇرسۇننىڭ تۈگىگەندىن كېيىن، نۇر بەكرىنىڭكىنى يوللىماقچى.\"\"

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 13:46:17

مۇشۇلارنى بىر ئېلكىتاپ قىلىپ قويسىڭىز بەك خۇرسەن بولاتتىم .توردا ئولتۇرۇپ ئوقۇپ بولالمەيدىكەنمە......تېلفۇندا ئوقۇغان بولسام

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 13:53:46

چېكىنمە بايان شەكلىدە بايان قىغىنى تۇغان گەپما بۇ لېكسىيەلەنى؟

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 15:33:04

7- قەۋەتتىكى ghemkvzنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇلارنى بىر ئېلكىتاپ قىلىپ قويسىڭىز بەك خۇرسەن بولاتتىم .توردا ئولتۇرۇپ ئوقۇپ بولالمەيدىكەنمە......تېلفۇندا ئوقۇغان بولسام



يېنىڭىزغا بېرىپلا ئوقۇپ بېرەي بولمىسا.\"\"

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 15:35:22

8- قەۋەتتىكى UyghurBalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چېكىنمە بايان شەكلىدە بايان قىغىنى تۇغان گەپما بۇ لېكسىيەلەنى؟



ھە، سىلىنى بىردىن ئونغىچە ساناشنى ئۆگىنىۋالمىسۇن دەپ قەستەن شۇنداق قىلدۇق.\"\"

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 17:30:03

پەرھات تۇرسۇنغا ئىھتىرام . ساختا ئىلىم شۆھرىتى ئىچىدە باشقا ئىشى ئىلمى ئەمگەكلىرى يوق تۇرۇپ يەنە ھەممە ئادەمدىن ھۈرمەت تەلەپ قىلىپ يۈرگەن ئادەملەرگە سىلىشتۇرغاندا پەرھات تۇرسۇننىڭ كەڭ دائىرىلىك بىلىم قۇرۇلمىسى بىلەن پىكىر چۇڭقۇرلىغى ئۇنىڭ ئاددى بايان قىلىش ئۇسۇلىدىنلا بالقىپ تۇرىدۇ . لىكسىيەنىڭ 3- كۈتىمىز تۇماقجان .

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 17:58:37

ئاۋۇ تېمىدا رەئىسىمىزگە ئىھتىرامىمنى بىلدۈرەي دىسەم ئارىمىزدىكى رىشتىمىزنى ئۈزۈپ قويۇپتىغۇ ، ئۇ تېمىدا ھىچنىمە يازغىلى بولمىدىيا ... \"\"

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 18:27:18

9- قەۋەتتىكى tumaqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى ghemkvzنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇلارنى بىر ئېلكىتاپ قىلىپ قويسىڭىز بەك خۇرسەن بولاتتىم .توردا ئولتۇرۇپ ئوقۇپ بولالمەيدىكەنمە......تېلفۇندا ئوقۇغان بولسام



يېنىڭىزغا بېرىپلا ئوقۇپ بېرەي بولمىسا.\"\"

قەشقەلىك..........نىم بوپتۇ  بىردەمدە  قىلىپ بولىسىز ..

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 18:38:16

ساقلانمىلىرىم ئىچىدە تۇماقنىڭ تېمىلىرى ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ.ساقلاندى.ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

barchuq يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 21:20:56

نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ ھېچىش قىلغۇسى يوق، لېكىن ھېچىش قىلماي تۇرۇپ ھەممىنى ھەل قىلغۇسى بار. ئەدەبىيات ئۇلارنىڭ ھېچىش قىلماي ھەممىدىن قۇتۇلىشىغا ناھايىتى ياخشى باھانە. ھېچنىمىگە كۈچى يەتمىگەن چاغدا ھەممە ئىشنى يازغۇچىلارغا ئارتىپ قويۇپ، شائىرلار قىلمامدۇ، يازغۇچىلار قىلمامدۇ دەپ، ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن ئۆزىنى خاتىرىجەم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەپچىل بىر ئامالى بولۇپ قالغان

-------------------------------------------------------------------------------



   ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ھەل قىلالايدىغان نەرسە ئەمەس بولۇپ چىقسىلا ئۇنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتمەيدۇ. بۇ خۇددى موزدوزنىڭ روباشكا تىكەلمەسلىكى ئۇنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىۋەتمىگەندەكلا ئىش. روباشكا تىكەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھېچكىممۇ موزدۇز كېرەك ئەمەس، دېيەلمەيدۇ. چۈنكى ئىنسانلارغا يەنىلا ئاياق كېرەك. روباشكا تىكەلمىگەن بىلەن ئۇ ياخشى ئاياقلارنى تىكىۋەرسە بولىدۇ.

---------------------------------------------------------------------------------



  سوقراتنىڭ روھ تەلىماتى بويىچە بولغاندا، ئۆزى ھەقىقەت دەپ بىلگەن نەرسىدىن گۇمانلىنىش ئۆزىگە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ نېمە دېگەن چاغدا، كىشىلەردىكى بىلىم ئىنتايىن تاق لىنىيىلىك بولسا، روھىي دۇنياسىنى تەشكىل قىلغان نەرسە پەقەتلا ئاشۇنداق بىرلا خىل قاراش بولسا، بۇ خىل قاراشتىن گۇمانلىنىش ئۇلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش بىلەن بارابەر. روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتىرلىق ئۆزىگە زەربە بېرىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر يولى شۇكى، ئالدى بىلەن كۆپ لىنىيىلىك بىلىم ئارقىلىق روھىي دۇنياسىنى بېيىتىش لازىم. شۇ چاغدىلا روھىنى تەشكىل قىلغان نۇرغۇنلىغان بىلىملەر ئىچىدىكى كىچىككىنە بىرى ئاغدۇرۇلۇپ كەتسە، ئۇنىڭ روھىدا يەنە باشقا تەشكىل قىلغۇچى بىلىملەر مەۋجۇت بولۇۋېرىدۇ دە، روھىي دۇنياسى گۇمران بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بىلەن ئىسەنكىرەپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى بىلىمنىڭ ئازلىقى، شۇنداقلا ئەدەبىياتنىڭكى ئەسلىدىكى ماھىيىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ خىلمۇ خىل ۋە مول ئەمەسلىكىدىن بولغان ئىش.

--------------------------------------------------------------------

   ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق قاراشلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئومۇملىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇق ۋە ئابىستىراكىت نەسىھەت بىلەنلا چەكلىنىپ، ناچار ئىشلار كونكىرت تىلغا ئېلىنمىغاچقا، رېئالىق بىلەن كۆز قاراشلار ئاساسەن بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. كىشىلەر ناچار ئىشنى تىلغا ئېلىش باشقىلارنىڭ ئېسىگە شۇ ئىشنى سېلىپ ئۇنى سادىر قىلدۇرىدۇ دەپ قاراپ بەزى مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىغاچقا، ئەخلاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ھەرىكەتلەر، ھەتتا ئەخلاقنى دەپسەندە قىلىدىغان قىلىقلارمۇ تىلغا ئېلىشتىن قېچىش تۈپەيلىدىن ئەيىپلىنىشتىن چەتتە قېلىۋېرىدۇ.

-------------------------------------------------------------------

   ج. بىرنوۋىسكى «ئىنسانىيەت ۋە سالاھىيەت» ناملىق كىتابىدا «بىز ئىنساننىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمىسەك، شېئىر چۈشىنەلمەيدۇ» دېگەنىدى.

بىز شېئىرنى تىلغا ئالغاندا ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئىنسان ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇدلىقى ھەمدە ھېس- تۇيغۇلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۇنتۇپ قالدۇق. بىز ئىنساننىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىغا زادىلا قىزىقمىدۇق، ئىنساننى چۈشىنىشنى زادىلا خالىمىدۇق. ئىنساننى چۈشەنمىگەن كىشىلەرنىڭ ئىنساننىڭ ھېس- تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن شېئىرلارنى چۈشىنىش مۇمكىنچىلىكى زادى قانچىلىك؟ ئىنساننى چۈشەنمىگەن كىشىلەرنىڭ ئىنساننىڭ ھېس- تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن شېئىرلارنى چۈشىنىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن.

------------------------------------------------------------------

   ئەدەبىي ئەسەر ماقالە ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭدىن ماقالىدا بولىدىغان ئىددىيىنى بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىش شۇنداقلا بۇ ئىددىيىنىڭ روشەن ۋە قاتتىق بولىشىنى تەلەپ قىلىش ئەدەبىيات بىلەن سىياسىنىڭ نورمال مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشتىن ئىبارەتتۇر. سىياسى بىزنىڭ رېئاللىقىمىزدا مەۋجۇت، ئۇنى يېزىشقا تامامەن بولىدۇ، لېكىن يازغۇچى تەشۋىقاتچى ئورنىدا ئەمەس بەلكى ئىنسان نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئەسەردىن چېكىنىپ تۇرۇپ، يەنى ھېسياتىنى ئارىلاشتۇرماي يازسا ئەسەرنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ياخشىراق بولىدۇ. مەسىلەن، مەن سىزنى بىراۋغا ئەسكى دەپ تىللاپ بەرسەم، ئاڭلىغان كىشى، ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاچقا تىللاۋاتىدۇ دەيدۇ، مەن سىزنى تىللىماي بولغان ئىشنىڭ ئۆزىنىلا دەپ بەرسەم، كىشىلەر سىزنىڭ ئەسكىلىكىڭىزگە غەزەبلىنىدۇ.

-----------------------------------------------------------------

  ئەدەبىيات ئىنسان ئۈچۈن تاماق بىلەن ئوخشاش نەرسە. ئەدەبىيات سىياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ بەلكى سىياسى ئىنساننىڭ ئەڭ تۈپكى ئېھتىياجى بولغان ياشاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. ئەدەبىيات سەنئەت ئىنسانلارنىڭ بىر خىل ياشاش ئۇسۇلى. شۇڭا ئەدەبىيات سىياسى ئۇچۈن ئەمەس بېلكى سىياسى ئەدەبىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلسا ئاندىن توغرا بولىدۇ.

--------------------------------------------------------





   يۇقارقىلار پەرھات تۇرسۇننىڭ نۇتۇقىنىڭ مېغىزلىق مەزمۇنلىرىكەن.

مەن مەزكۇر ماقالىنى تەكرار ئىككى رەت ئوقۇدۇم، ئويلۇغىنىم شۇ بولدىكى ئەدەبىياتىمىزنى پەرھاتتەك چۈشۈنىدىغان يازغۇچىلىرىمىز كۆپ بولغاندا ئەدەبىياتىمىزنىڭ سەۋىيەسىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن بولاتتىكەن.

  پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرىنىڭ شۇنچىلىك چوڭقۇر مەنىلىكلىكىدىن ھەيران قالغان ئىدىم، ئەسلى بۇ ياقنىڭ بۇنچە چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشۈنەلمەي ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەنقىتلىگەنلەرنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئەمدىلەتىن قايتىدىن بىلىۋاتىمەن.

پەرھاتنىڭ ئەدەبىياتنىڭ رولى توغرىسىدىكى قارىشى ھەقىقەتەن ئۆزگۈچە ئىكەن.

   ھازىرغىچە مەنمۇ ئەدەبىياتنىڭ رولىنى بەكلا كاتتا مۆلچەرلەپ كەپتىكەنمەن، ھەتتا بەزىدە ياۋروپانىڭ بۈگۈنى ئۇنىڭ ئىتالىيەدىن باشلانغان ئەدەبىيات ئويغۇنىش دەۋرىنىڭ بولغانلىقى، بىزنىڭ شۇنچە ھاياجانلىق تەپەككۇرغا غەرىق بولىشىمىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللەنمەسلىكىدىن دىگەن تونۇشلارغا كەپ قالغان ئىكەنمەن.

  ئەدەبىيات توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلانمىساق بولماپتۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-27 21:30:20

ئەدەبىياتنىڭ جازا مۇددىتى توشىدىغان ۋاقىت قاچانمۇ كېلەر؟  {:92:}
بەت: [1]
: پەرھات تۇرسۇن لېكسىيەلىرى (1)