yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 21:52:13

جىددى ياردەم كىرەك

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مۇنبەر ئەھلى،ھەممىلىرىگە كەمىنە ياۋۇزبەگدىن سېغىنىپ سالام!ھەممىلىرىگە مىھرىبان
ئاللاھدىن مۇستەھكەم ئىيمان ئېتىقاد،سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.


مەخسەتكە
كەلسەم،يېقىندا ناھىيە بازىرىدىن 100كۇۋادىرات مىتىرلىق دۇكاندىن بىرنى ئالغان. دۇكانغا
بالىلار ئايىغى،ئەرچە ئايالچە ئاياغ بۇلۇپ تۈرلۈك ئاياغلار سېلىنىپ ئاياغ مۇقىم باھا مەيدانى قىلىش پىلانلانغان
ئىدى.دۇكاننىڭ بىزەكچىلىك ۋە باشقا ئىشلىرى ئاللاھ خالىسا 2-ئاينىڭ 10-كۈنى پۈتمەكچى.دۇكانغا
سېلىنىدىغان ماللارمۇ كەلتۈرۈلۈپ
ئامبارلاشتۇرۇپ بۇلۇندى.


ئەمدى دۇكانغا ئىسىم
قۇيۇشتىن ئىبارەت بىر مەسىلىدە بېشىم بەك قاتتى.مەخسۇس سېتىش دۇكىنى بولمىغاندىكىن
ئىسىمنى ئۈزىمىز ياخشى تاللاپ قويمىساق بولمايتتى.ئۇنى ئويلاپ بۇنى ئويلاپ يەنىلا
ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى دوسلىرىمدىن مەسلىھەت سورىغىم كەلدى.مۇنبەرداشلارنىڭ سەمىمى
پۇزىتسىيە تۇتۇپ ياخشى ياخشى ئىسىملارنى تەۋسىيە قىلىشىنى سۇرايمەن.


ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 22:57:46

يۇغان دەپ قويىڭە تېمىنىڭ خېتى يۇغان بولغاندىن كىيىن \"\"



چاقچاق قىلىپ قويدۇم

ئەمما راستىنلا يۇغان دەپ قويۇپ قالسىڭىز دۇكىنىڭىزنىڭ ئېتبار باھا كارتىسىنى سوۋغا قىلىمەن دەپ تۇرۋالسىڭىز ياق دىمەيمەن  {:90:}

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 23:49:49

ئىسىمنى ئويلىشىپ بولغاندا ماركا قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماسسىز  {:90:}  

مۇنبەرداشلىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ بەك سەت ئەرزان بېجىرىپ بېرىمەن.

nawa717 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 23:58:00

شۇنى دەيمەن نىمانداق يوغان يازغانسىز؟ يېقىننى كۆرەلمەمسىز يا؟ تېمىنى ئېچىپ قويۇپ ئۈچ مېتىر كەينىگە يېنىپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم تېمىڭىزنى...

دۇككىنىڭىزنى ئىسمىنى « قىرىق ئاياغ » دەپلا قويىڭە بولدى.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 00:39:14

80 پۇت بولمىسۇنمۇ  {:92:}

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 00:59:55

چىنسۈپەت

داغدام

كۆۋرۈك

چېستەي

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 10:42:15

ئاق يول ياكى سەپەر دەپ قويۇڭ . ھالقىش دەپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ بولمىسا .

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 10:45:06

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!

چىدام

راھەت

كۆنچى

مۇزدوز

مۆتىۋەر

خەلقىم

دىيارىمىز

. . . . . .

چورۇق دەپ قويساڭلا تېخىمۇ ئۆزگىچە چىقىدۇ  {:92:}

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 10:54:21

ئىشقىلىپ ئاياق دۇكىنىغا ماس كېلىدىغان قويۇڭ .

مېزلىك كىيىم كىچەك دۇككىنى.

لېرىكا ئاشخانىسى

مۆمىن رېستۇرانى دەيدىغاندەك ئىسمى جىسمىغا لايق كەلمەيدىغان ئىسىملار جىقلاپ قالدى. \"\"

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 10:57:35

ئىزدىنىشتا خىيالمۇ قىلغىلى بولمايدىغان گەپ \"\" ئىسمىنى يوغان قويۇڭ دەپ يازاي دىسەم باشقىلار دەۋاپتۇ مېنىڭ گېپىمنى .  {:136:}  

ئىنكاس يازىدىغان دائىم تەييار تۇرىدىغان گەپمۇ نىمە بۇندىن كىيىن .  {:92:}  



@gulahmalik چورۇق دىگەن بۇ ئىسىم راستىنلا ئۆزگىچە تۇرغىدەك . مودا چورۇق دەپ قويسا مېنىڭچىمۇ بولىدۇ .  {:92:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 11:30:07

چورۇقشۇناسلار مەھكىمىسى  {:92:}

facebooks يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 11:53:26

شەخلا كۆز دەپ

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 11:55:11

چوڭ كىچىك پاچاق ئاياغ دوكىنى دەپ قۇياڭ !

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 12:13:36

كىپىش دۇكىنى

مودا كالاچ دۇكىنى

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 12:17:21

جىددى ياردەم كىرەك ؟؟؟ \"\"

0- ئاۋال ئۆز ئالىدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە ئىھتىرام بولسۇن .

دۇكانغا ئىسىم قويىدىغان ئىشكەنغۇ شۇ

ئەمما مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىش ، دۇكانغا ئىسىم قويۇش شۇنچىۋالا جىددىيما ؟؟ ئۇرۇش ۋاقتىدا بۇنداق دەيدىغان بولسىڭىز ، 谎报军情罪  بىلەن ئېتىلىپ كېتەتىڭىز .

تەكلىپ :يارىدەم سەھىپىسىگە يوللاڭ ، ماۋزۇسى : ئاياغ دۇكىنىمغا ئىسىم تاللىشىشپ بەرسەڭلار ....

تىما تەستىقلىغۇچى جانابىي باشقۇرغۇچىلارغا تەكلىپ : بۇنداق تېمىلارنىڭ قانات قۇيرۇقىنى خاپا بولماي تۈزەپ قويساڭلار .



مەن داۋاملىق ئاياغ ئالىدىغان بىر نەچچە دۇكان بار :ئالاھىدىلىكى مال باھاسى مۇقىم . ھەرقانچە تالاشساممۇ چۇشۇرۇپ بەرمەيدۇ . ئەمما ماللىرى سۇپەتلىك ، ئۆزى ئارقا كوچىدا بولغان بىلەن سۇپىتى ياخشى ، باھاسى مۇۋاپىق (性价比高).

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 12:44:41

ئۇچار گىلەم ئاياغلېرى

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 12:50:53

تۈزۈك ئىسىملار ئاساسەن ئەنگە ئېلىنىپ بولغان،مەسىلەن ئاق يول،سەپەر،راھەت،مۆتىۋەر،كۆنچى،دىيار،خەلقىم دېگەنلەر.

«تۈزۈك» دەپلا قويمايلىما بولمىسا.

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 13:15:52

دۇرۇس قەدەم ئاياقلىرى.

ئۇز قەدەم ئاياقلىرى.

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 14:55:52

ياۋۇز ئاياغلىرى؟؟؟  {:90:}  

بىر جۈپ

يالاڭ ئاياغ

راھەتبەخىش

قۇتلۇق

tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 15:56:24

‹‹ ياۋۇزبەگ ›› چورۇقلار جەمگاھى ، ‹‹ چورۇق ئېمپىريەسى ›› دەپ قويسىڭىز ئۆزگىچە چىققۇدەك  {:92:}
بەت: [1] 2
: جىددى ياردەم كىرەك