GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 21:46:10

خەنسوچىنى دەسلەپ باشلىغان كۈنلەر

خەنسو تىلىغا خېلى دەردىم بار، مۇشۇ كاسەپەت تۈپەيلىدىن ئۆزۈم شۇ چاغدا ياخشى كۆرگەن قوللىنىشچان ماتېماتىكا كەسىپىگە كىرەلمەي، ھېسابلاش ماتېماتىكىسىغا كىرىپ قالغان، لېكىن ھازىر پۇشايمان قىلمايمەن.ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ خەنسوتىلى ئىمتىھان سۇئالىنى ئىشلەپ ماقالىسىگە كەلدىم، تەلىپىنى ئوقۇپ باقسام مەن يادلىغان بىر ماقالىگە نەق چۈشۈپتىكەنتۇق، تەلەپنىڭ ئاستىدا بىر نەچچە قۇر خەت باركەن، شۇ قۇرنىڭ بېشىغا 警告 دېگەن ئىككى خەتنى يېزىپ، بېرىلگەن پارچىنى ماقالىگە قىستۇرماڭ دەپتىكەن(كىيىن ئويلىسام)، ئۇ چاغدا مەن ئاۋۇ ئىككى خەتنى تونىمايتتىم، شۇنىڭ بىلەن پارچىنى ماقالىنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر چىرايلىق قىستۇرۇپ يېزىپ، خۇشھال ھالدا قەغەزنى تاپشۇرۇپ قايتىپ چىقتىم. نەتىجە چىققاندا قارىسام مەن پىلانلىغان نومۇردىن خېلىلا تۆۋەن، ماقالىگە نومۇر ئالالمىغاندەك قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ ئومومى نومۇر 400 گە توشماي، قوللىنىشچان ماتېماتىكا كەسىپىگە كىرەلمەي، ھېسابلاش ماتېماتىكىسىغا كىرىپ، كىيىن كومپيۇتېر پروگراممىسىغا قىزىقىپ يۈرۈپ، پروگراممىر بولۇپ قالدىم. ئەسلىدىكى كەسىپنى ئوقىغان بولسام ئوقۇتقۇچى بولىشىم مۇمكىنتى.



شۇنداق قىلىپ ئالى مەكتەپنىڭ تەييارلىق بۆلىمىگە كەلدۇق، ياتىقىمىزنىڭ يىنىدا بىر كىرخانا(قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى) باتتى، شۇ چاغلاردا بىر تاللا قىشلىق چاپىنىم باتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاققا مەيىلراق چاپانتى، قارىسام سەل كىرلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈندى، يۇدۇراي دەپ كىرخانىغا ئەكىردىم. ئاۋۇ تەتەي چاپانغا بىر قارىۋېتىپ 这是什么颜色(بۇ قانداق رەڭ) دەپ سورىدى، مەن بۇ گەپنى چاپاننىڭ رېڭىنى بىلەلمەپتۇ دەپ ئۇدۇللا چۈشىنىپ، 你不知道吗 دېگىنىم ئېسىمدە. دىيەلەيدىغىنىممۇ شۇنچىلىك، خەنسوچىدىكى تەنە گەپنى بىلگۈچىلىكىم يوق ۋاقىتلار ئىدى. ھازىر شۇ خەنسونىڭ مېنى زاڭلىق قىلغىنىنى ئويلىسام سەل قورسىقىم كۆپىدۇ.



خەنسوتىلى ئۆگىنىش داۋام قىلىۋاتقانىدى. ياتاقتىكىلەر ئالامەت كەپسىزتۇق، ziltar@ نىڭ كارۋىتى ئىشىكتىن كىرىشتە ياندىكى كارۋاتتى، دەرستىن كىرىپلا شۇ كارۋاتتا پومداقلىشىپ ئويناپ، كارۋاتنىڭ بىر يېقى قىيسىيىپ قاپتىكەنتۇق، بىر كۈنى بىنا باشلىقى خەنسو ياتاققا كىرگەندە، ئەھۋالنى دېسەك، رىمونت قىلىپ بېرىلى دەپ زىلتاردىن، 你什么时候有时间 دەپ سورىدى، زىلتار ئويلانمايلا 昨天 دېمەسما، ئاۋۇ خەنسو ھاڭۋىقىپلا تۇرىدۇ، بىز پاراققىدە كۈلىۋەتتۇق، بۇ يۇمۇر ھازىرغىچە ئاغىنىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرىدۇ.



خەنسوچىنى يېڭى ئۆگىنىپ يۈرگەن شۇ ۋاقىتلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىزىقارلىق ۋەقەلەر خېلى يۈز بەرگىنى ئېسىمدە، كاللامغا كەلسە يەنە يازىمەن. بەلكىم ھەممىمىزدە بار بۇنداق قىزىق ئىشلار، ئانچە-مۇنچە كۆڭۈل ئاچمامدۇق.



Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 21:51:06

ئاشۇنجان كىرە ما تېمىغا . سېنىڭ يۇمۇرلىرىڭمۇ خېلى بارغۇ ...

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 21:54:55

يېقىندا ئىشلىگەن كارتونغا 断了绳子的风筝 دەپ ئىسىم قۇيۇپتىمىز ... باشقا مىللەتلەر كۆرۈپ ھەر كۈلىدۇ ...

نېمە بولغاندۇ دەپ سورىساق ... سىلەر لەگلەكنى ئارغامچىدا ئۇچۇرامسىلەر دەيدۇ ...

باشتا دىققەت قىلماپتۇق ... ئەسلى 断了线的风筝 دېسەك توغرا بولىدىكەن ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 21:56:17

تۆنۆگۈنمۇ{:92:}



رەڭ تۇغۇرلۇق يۇمۇرنى چۈشىنەلمىدىمغۇ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 21:58:53

3- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۆنۆگۈنمۇ \"\"



رەڭ تۇغۇرلۇق يۇمۇرنى چۈشىنەلمىدىمغۇ

2005-يىلدىكى گەپ، چاپىنىم بەكلا مەينەت بولۇپ كېتىپ، رەڭگى ئۆزگىرىپ كىتەي دەپتىكەن.\"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 22:02:43

4- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۆنۆگۈنمۇ \"\"



رەڭ تۇغۇرلۇق يۇمۇرنى چۈشىنەلمىدىمغۇ

2005-يىلدىكى گەپ، چاپىنىم بەكلا مەينەت بولۇپ كېتىپ، رەڭگى ئۆزگىرىپ كىتەي دەپتىكەن.\"\"

\"\"


چۈشەندىم


ھاھاھا

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 22:11:30

سىلەر ئۇقماي شۇنداق بوپتۇ

مەن تۇلۇقسىزدىن باشلاپ تەجرىبە سىنىپتا ئوقىغان.

ئالىي مەكتەپتە ئىچكىرىدە 5 يىل تۇرۇپ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قايتىپ كىلىپ،تۇرپاندا جىياڭسۇلۇق لوخەننىڭ گىپىنى بىلىپ بولالماي،شۇنچە يىلدىن بېرى ئۆگەنگىنىم خەڭسوچىمۇ دەپ ئىككىلەنگەن ئىدىم \"\"

Otunchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 22:21:39

تولۇقسزئوتتۇردىكى ۋاقتىمىزدا ئۈچەيلەن كۆزەينەك ئالماقچى بولدۇق بىر ئاغىنەم كۆزەينەكنى تاقاپ ,ھىلقى خەنسۇغا ئۆزۈمنى كۆردىغان ئەينەكنى بىرە دەيمەن دەپ 玻璃给一下دىگەنتى ھېلقى خەنسۇ ئۇقمايدۇ ئۇ چۈشەندۈرەلمەيدۇ , شۇنداق قىلىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئەينەكنى 镜子دەيدىغىننى ئۇقۇۋالغان شۇ ۋاقىتتا ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالمىدىم

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 22:30:12

تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىدىغان ۋاقىتتا، خەنسوچە ئىمتىھاندا ئىمتىھان يېرىم بولىشىغا بىر تال ئۈنئالغۇنى ئەكىرىپ قويۇپ قويدى، بىر نەرسىلەر چىقىۋاتىدۇ، سۇئالغا قارايمەن، بىر تالاي تاللاش سۇئالىكەن، ئۈنئالغۇ بىلەن كارىم بولماي خىيالىمغا كەلگەننى تاللاپ قويۇپ سۇئالنى تاپشۇرىۋەتكەن. \"\"

ئىمتىھاندىن چىقىپ كىيىن بىلسەم، ئاڭلاش ئىقدارىنى سىناش سۇئالىكەنتۇق{:92:}



تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمىزدا قوشنا ياتاقتىكى بىر نەچچىسى باتتى، خەنسوتىلى دەرسىدە تېكىست ئوقۇتسا 我 دىگەن خەتنى ئوقۇپلا قاراپ تۇرىدىغان{:92:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 22:33:10

تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا كېلىپ بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەن ۋاقىتتا دوسكىغا چىقىپ سۆزلۈك يېزىش سىنىقى ماڭا كەپ قالسا بولىدۇ، ھېچنىمە يازالمىسام، ئوقۇتقۇچىنىڭ: ئۇكام بۇنداق ئوقىغىچە قايتىپ ئاتا-؟؟؟؟؟؟؟ڭ دۇئاسىنى ئالامسەنكىن، دېگەن گېپى ھازىرغىچە يادىمدا{:136:}

بىرىنچى مەۋسۇملۇق ئىمتىھانىدىكى 55 نومۇردىن، تىرىشىپ-تىرمىشىم يۈرۈپ ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇمىدا 93 ئاپتىكەنمە \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 22:43:19

7- قەۋەتتىكى Otunchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تولۇقسزئوتتۇردىكى ۋاقتىمىزدا ئۈچەيلەن كۆزەينەك ئالماقچى بولدۇق بىر ئاغىنەم كۆزەينەكنى تاقاپ ,ھىلقى خەنسۇغا ئۆزۈمنى كۆردىغان ئەينەكنى بىرە دەيمەن دەپ 玻璃给一下دىگەنتى ھېلقى خەنسۇ ئۇقمايدۇ ئۇ چۈشەندۈرەلمەيدۇ , شۇنداق قىلىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئەينەكنى 镜子دەيدىغىننى ئۇقۇۋالغان شۇ ۋاقىتتا ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالمىدىم

گوگەي\"\"


ئۇتۇنچىمۇ كۆزەينەك تاقامدۇ


ئۇتۇنچىمۇ خەنزۇچە ئۇقامدۇ؟


خەڭسۇ تەتەيلەرگە قىممەت ساتامسىلەر يا ئۇتۇننى

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 22:46:29

خەنچە مەكتەپكە يېڭى بارغان ۋاقىتلىرىمىز. مەكتەپتە ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى. خەنچە سەۋىيىسىگە ئىشەنچ قىلىدىغان بىر ئاغىنىمىز زالدا كېتىۋاتقاچ، بىر توپ يولداشنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋېتىپ: «今天的拉绳子比赛我们赢定了» دېگەنتى، بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپ تازا كۈلۈپتۇقكەن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 23:50:27

مەنمۇ خەنچىگە تازا ياخشى ئەمەستىم...

بىرىنچى يىلى تەييارلىق باسقۇچىدا ئېغىز تىلى دەرسىدە بىر بىرىمىز بىلەن خەنچە دىيالوگقا سالاتتى. مېنى بىر قىز ساۋاقدېشىم بىلەن دىيالوگقا سالدى، قايسىمىز سۇئال سوراپ، قايسىمىز جاۋاپ بېرىشنى بىلمەي ‹‹ ھو ۋېن نى... نى ۋېن ھو...›› دىيىشىپ كەتكەنتۇق، ئوقۇتقۇچىمىز تازا كۈلگەن.{:92:}

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 00:01:04

راستىنى دېسەم مەنمۇ ئىچكىرىگە ئوقۇشقا بارغان تۇنجى مەۋسۈمىلا ئاندىن ئارغامچا تارتىشىشنىڭ 拔河دېيىلىدىغانلىقىنى بىلگەن.چاڭجياڭغا كېتىۋېتىپ بالىلار 拔河مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز دېسە،

دەريانى بىژنىمە قىتقان ئوخشايمىز دەپتىكەنمەن.{:92:}خۇلاسە ئىمتىھان،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرىدىغۇ تولۇق نومۇر ئالغان بولمىسا خامسويچىدىن.

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 00:07:54

تۇلۇقسىز غا چىققۇچە ۋو نى دىگەندىن باشقىنى بىلمەيتىم \"\" \"\"

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 00:11:14

ھەي خامسۇچە ھەي خامسۇچە ، شۇ ۋاقىتلاردا ماڭا بىردىن بىر پۇت كاشىلىتىڭ \"\"

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 00:27:09

تولۇقسىزدا خامسويچە كۆرۈپ چۈشىنىش،جۈملە تۈزۈشتە ياخشىتىم،بىراق ئوقۇپ باق دېسە بېكىتىۋالغان بىر ئاھاڭىم بار،قانداقلا خەت بولسا شۇ ئاھاڭغا سېلىپ ئوقىۋېرەتتىم،تون پون دېگەنلەر بىلەن

ھېچقانداق باردى كەلدى قىلمىغان،پاراڭلىشىدىغانغا *** يوق،شۇ ئاھاڭنى كۆتۈرۈپ شىنداغا چىقىپتىمىز.كاللىدا پۈتۈن جاھان خامسويچىنى مۇشۇنداق ئاھاڭدا ئوقۇيدۇ دەمدىمكىن.« گاۋكاۋدا تولۇق نومۇرنى قىرلاقويدۇق،چېستەي جۇمۇ چېستەي»دەپ يۈرۈپ،شىندادا بىرىنچى سائەتلىك دەرستە ئۆزۈڭلارنى تونۇشتۇرۇڭلار دېسە، بوغالتىرلىق دېگەننى «خۇيجى»دەپ سۆزلەپتىمەن.ماۋېيخەن

(شىندانىڭ خەنجياۋبۇ سىدا ئوقۇغانلار بۇ تۇڭگاننى تونۇيدۇ) 5-6 قېتىم قايتا قايتا سوراپ نېمە دېگىنىمنى ئۇقالماي،«دۇنيادا خۇيجى دەپمۇ كەسپ بارلىقىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن،قايسى خەتلەر ئۇ،دوسكىغا

چىقىپ يازە»دەۋدى،چىقىپ يېزىپ بەرسەم«孩子,这可要读KUAI啊»سەن كەسپىڭنىڭ توغرا ئاتىلىشىنىمۇ بىلمەمسەن؟سەن زادى خەت تونامسەن يوق،مۇنۇ تېكىستنى ئوقۇپ باقە»دەپ بىر تېكىستنى

ئوقۇشقا بۇيرۇدى،مەن يەنە ھېلىقى «بۈيۈك»ئاھاڭ بىلەن تىنماستىن غارىلداپ ئوقۇپ تۈگىتىۋېتىپىمەن،ئۈرۈمچىلىك قىزلار پىخىلداپ كۈلگىلى تۇردى.قازاقلارمۇ كۈلدى،نېمە مالامەت بوپكەتتى دەپ تۇرسام،

ماۋېيخەن «دۇنيادا تون دەيدىغان بىر نەرسە بار،يىگىت،ھەممە خەنزۇچە خەتنى تونۇپ كەتسەڭمۇ،ناۋادا توننى بىلمىسەڭ،جېنىڭنى باقالمايسەن»دېدى...

كېيىنچە ئاستا ئاستا ھېس قىلسام،شىماللىق بالىلار ،ئۈرۈمچىلىك قىزلار خامسويچىنى خامسويلاردىن ئۆتە ئۆلچەملىك سۆزلەيدىكەن،يەنە باشقا مېنىڭ ئاھاڭىدىنمۇ ئۆتە گۈزەل ئاھاڭلارنىمۇ ئاڭلاپ تۇردۇق.ئۈرۈمچىدە تەلەپپۇزنى مالىملار توغرىلاپ تۇردى،ئىچكىرىگە بارغاندا نەدە بىزگە ئىملا توغرىلايدىغان مالىم،خاتا تەلەپپۇزدا قىلغان گەپلىرىمىزنى بۇ خەق چورتلا چۈشەنمىدى،تون قېيىپ،مەنا ئۆزگىرىپ

كېتىپ،كۈلكىگە قالغانمۇ بولدۇق بىر نەچچە قېتىم.ھازىر مانا ئىنشائاللا مۇشۇ تىلنى بىلىپ قويغاننىڭ خوۋلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز...ئۇف!

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 00:36:08


15- قەۋەتتىكى kangasmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر پۇت كاشىلىتىڭ \"\"




قارىسام قارىسام بىر يېرى بۇدۈيجىر....\"پۇتلىكاشاڭ\"دەپ ئالساق سىزنىڭچە قانداق بولار؟\"\"


oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 01:05:50

ئۈرۈمچىدە تەييارلىق ئوقۇۋاتقاندا قانچە قىززىق خاتالىقلارنى تىرىدۇق خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ. ياخشى سۆزلىيەلمىگەن بىلەن خەتنى بەك ياخشى توناتتىم، شۇنىڭ كۈچى بىلەنلا بىرىنچى سىنىپقا تاللىنىپ قالغانتىم. شۇ مودا سۆزلەردىن ئەسلا خەۋرىمىز يوقتە يېزىدىن كەلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تون بەلگە دىگەن ئۇقۇم يوقتى. ئايال خاڭسۇ مالىمىمىز دەرىس ئۆتكەندە داۋاملىق ئۇنى بۇنى سوراپ دەرىس ئۆتەتتى. ھەر سۇئال سورالغاندا ھىچكىم جاۋاب بەرمىسە بەك ئىچىم سىقىلاتتى، خەپ ماۋۇ خاڭسۇ بىزنى دۆت دەيدىغان بولدى دەپ، دىمىسىمۇ ھاكاۋۇر خوتۇنتى، شۇڭا نىمە سورىسا جاۋاب چىقماي قالسا خىيالىمغا كەلگەن سۆزنى دەپ باققىتىم خاتا-توغىرلىقىنى بىلمىسەممۇ. بىر كۈنى 变 خېتى كىلىدىغان بىر سۆزگە مەنىداش سۆز سورىغانتى، مەن قوپوپ ھەممىگە ئاڭلىتىپ 变态 دەپ تاشلاپتىمەن. تېخى ھىچ ئىش ئۇقمىغاندەك چىرايىم ئۇ سۆزنى دەپ بولۇپ، ئاقسا مالىمنىڭ چىرايىغا قاراپ. مالىمنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى، نىمىشقا ئۇنداق چىرايى ئۆزگىرىدىغاندۇ دىگەن كاللامدىن غىل-پال ئۆتتى-يۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرىۋەردىم. دەرىستىن چۈشكەندە شەلىك قىزلار چۈشەندۈرۈپ{:92:}   {:92:}



ئىنىم 6 گىچىلا ئوقۇپ چىقىپ كەتكەن، ھازىر تاكسىچىلىق قىلۋاتىدۇ. نەچچە يىلنىڭ ياقى ھەر ھالدا ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىپ بىلىپ قاپتۇ. ئالدىنقى كۈنى تېلىفوندا، \"ھە خاڭسۇچىغا سۇ بولۇپ كەتكەنسەن؟\" دىسەم، ھە ئۈگىنىپ قالدىم، بەزى ماڭقىلارنىڭكىنى بىلەلمەيمەن دەيدۇ. ھە، بۇدا ئۇقاممىساڭ ««说普通话» دەپلا تۇرۋال» دەپ قويدۇم{:92:}   {:92:}

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 01:26:55

武林外传 نىڭ كىنو نۇسخىسىدا داڭلىق شىياڭگاڭ ئارتىسى 午马قېرى سوتچى بوپ چىقىدۇ.ئۆھۈ دەپ بولغىچە ئۆتۈپ كەتكەن بىلەن،普通话ھەققىدە ھەممەيلەننى ئويلاندۇرۇپ قويىدىغان گەپتىن نەچچە ئېغىز قىلىدۇ.普通话سۆزلىيەلمەيدىغان بىچارە خامسويلار....بۇ خەق تىلىنى ئانداغەي مانداغەي دېگەن بىلەن بىرسىنىڭ گېپىنى بىرسى ئۇقمىغىلى ئارانلا تۇرىدۇ،بىچارە بىر تىل جۇمۇ.
بەت: [1] 2 3 4 5
: خەنسوچىنى دەسلەپ باشلىغان كۈنلەر