tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-24 23:24:33

رادىل ئابلا ئاكىنىڭ بىر سۆزىدىن ئالغان تەسىراتىم

ئارمان گوروھىنىڭ ئاتامانى رادىل ئابلا ئاكىنىڭ تەڭرىتاغ تورىدىكى زىيارەت فىلىمنى نۇرغۇن تورداشلار كۆرگەن بولۇشى مۆمكىن مەنمۇ ئۇزۇن بوپتۇ كۆرگىلى زىيارەت بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس بەك تەپسىلىمۇ ئەمەس ، ئەمما رادىل ئابلا ئاكىمىز بىر مەسىلىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى ئۇبولسىمۇ <<قىيىنچىلىقىم مىنىڭ بايلىقىم >> دىگەن بىر ئىغىز سۆزنى بىر نەچچە رەت دەپئۆتتى ، دەسلەپتە تازا ئاڭقىرالماي قاپتىمەن ، تولا شۇ مەسىلە يادىمدىن كىچىدۇ ، ئاستا ئاساتا تەپەككور قىلىپ باقتىم ، بۇ بەكمۇ موھىم سۆز ئىكەن ، بىز نۇرغۇن مەسىللەرنى ھەل قىلماي كەينىمىزگە تاشلاپ قويۇپ ئايلىنىپ ئۆتۈپ كىتىدىكەنمىز ،ئارقىغا سۆرەيدىكەنمىز ،ھەتتا قايتا قايتا ئايلىنىپ ئۆتۈپ نۇرغۇن ۋاقتىمىز ئەكسىنچە ئىسراپ بولۇپ ئالغا بىسىش يولىمىز ئىچىلالمايدىكەن ، مەن دوستلارنىڭ ئۆز بايلىقىنى قەدرلىشىنى ئۆمىت قىلىمەن ، شۇ فىلىمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ كۆرۈپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .


تىمامنى تەستىقلىمساڭلارمۇ مەيلى ،


بەزىلەرنىڭ بىر جۈملە تىمىسى تەستىقلىنىدىكەن .

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 08:55:09

‏‏مەنمۇ مۇشۇ گەپكە قايىل،كەمىنە مەلۇم شىركەتتە ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىدىم.نەتىجىنىڭ ياخشى بولۇش سەۋەپلىك قۇرداشلارنىڭ ھەسىتى،ئاۋارچىلىكى تۈپەيلى شىركەت رەھبەرلىرى بىلەن ئارىمىزدا ئىغىر سۈركىلىش كۆرۈلۈپ ئىستىپا سۇنسام ئۇلارنىڭ ماڭا قارىتا قىلمىغان تۆھمەتلىرى،ھەرخىل تەھدىتلىرى قالمىدى.شىركەتتىن چىكىنىپ ئەسلىدىكى كەسىپ بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىمەن دىسەم قوغلاپ يۈرۈپ نەچچە ئادەم بىرلىشىپ ئۇرۇش قۇلاقچىلار ئارقىلىق ھارماي تەھدىد سۆزلىرىنى ئەۋەتىش،ھەتتا زوراۋانلارچە پالتا-پىچاق تەڭلەپ ئۆلتۈرۋىتىمىز،پىيىڭنى كىسىمىز دەپ قىلمىغانلىرى قالمىدى.لىكىن مەن يەنىلا ئەسلىدە شۇ شىركەتتە قىلغان ئىشلىرىمنى قىلىۋەردىم.ھەم ھىچكىمنىڭ تەھدىتلىرىدىن قورقۇپمۇ قالمىدىم،چۈنكى ئويلىغىنىم ، ئاللاھ ماڭا نىمىنى تەقدىر قىلغان بولسا شۇنىڭغا ئىشەندىم ھەم بۇ ئىشلارنى ھاياتىمدىكى قېيىنچىلىق دەپلا قارىدىم....بۇ ئىشلارنى سۆزلىسەم رومان پۈتۈپ كىتەمدىكىن تاڭ.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 10:05:07

ئەمىسە شۇ فىلىمنى يوللاپ قويۇڭا!!!!!!!!

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 11:09:18

2- قەۋەتتىكى alim012نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەمىسە شۇ فىلىمنى يوللاپ قويۇڭا!!!!!!!!



http://user.qzone.qq.com/353825081



ماۋۇ بوشلۇقنىڭ 日记 تۈرىدە رادىل ئابلانىڭ ، ئەركىن ھاشىمنىڭ ،لىياڭشىيەنپىڭ ، مايۇن ........... ئىشقىلىپ ھەممە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ نۇتۇقلىرى بار ...

alnoor024 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 13:06:15

بەت: [1]
: رادىل ئابلا ئاكىنىڭ بىر سۆزىدىن ئالغان تەسىراتىم