win8نى ئىشلەتكەننىڭ پايدىسى:
win8نى ئىشلەتكەننىڭ پايدىسىنى كۆردۈم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى،. بۇ تىمىنى يازاي دەپ، يىزىپ بولۇپ، تىمامنىڭ تىمىسىنى نىمە دەپ قويسام بولا دەپ كۆپ ئويلىنىپ كەتتىم، شۇ كەسپى يازغۇچى بولمىغاندىكى ماندا بىر ئانچە-مۇنچە قولاشماي قالغان گەپ سۆزلەر بولسا، ئەيىپكە بۇيرىماي ئوقۇپ كىتەسىلەر.
يىقىندا توردىكى تەشۋىقاتنىڭ تۈرتكىسىدە ھەمدە ئۆزەمدىكى قىزغىنلىق بىلەن، win8سىستىمىسىنى سېتىۋالدىم. سېتىۋىلىشتا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولساممۇ، ھېلىقى پايپاق دىگەن نەرسىگە پۇل قاچىلىيالماي، ئۆزەمنىڭ ئىناۋەت كارتامنى ئىشلىتەلمەي، ئىسمىڭنىڭ كەينىدىكى چىكىت تاقىشىپ قالدى دەپ ئۆتكىلى ئۇنىماي، مىڭ تــــــــــــەسلىكتە ئاران سىتىۋالغانتىم. ئىشخانامدىكى كومپيۇتېرغا قاچىلاي دەپ لىكىن يەنىلا شەخسى پۇلغا ئالغان نەرسىنى شىركەتكە بىكارلىق بىكارسىزلا سوۋغا قىلغۇم كەلمەي، ئۆيدىكى شەخسى خاتىرە كومپيۇتېرىمغا قاچىلاپ ئىشلەتتىم، ئاكتىپلاپ، يىڭىلاپ، ياماقلىرىنى ياماپ، ئاخىرى ئانا تىلىمدىكى كومپيۇتېردىن سۆيۈنۈپ كەتتىم. بىر ئايدىن بىرى مەن بايقىغان ئالاھىدىلىكلەرنى سۆزلەپ ئۆتەي، سىلەرمۇ تىزدىن سېتىۋىلىڭلار، ئاران بىر نەچچە كۈن قالدى، قىنى ئەمىسە، باشلىدىم:
بىرىنچىدىن: ئانا تىلنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىسىز.
ئىككىنچىدىن: توك تىجەپ قالىسىز.
ئۈچىنچىدىن: كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزىرايدۇ.
تۆتىنچىدىن: تاماقنى ۋاختىدا يىيەلەيسىز.
ئەمدى بۇلارنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرەي، ئالا جوقا سۆزلەپ قويمىدىم.
بىرىنچىسىنى چۈشەندۈرمىسەممۇ بولا، ھەممىڭلار چۈشىنىسىلەر.
ئىككىنچىسى: ئىنىلىرىم ياكى جىيەنلىرىم ئۆيگە كەلسە، بىچارە خاتىرە كومپيۇتېرىم ئۆچرەت بوپ كىتەتتى، ئويۇن دىگەننى نۆۋەتلىشىپ، ھە ئۇتتۇرىۋەتكەننىڭ ياكى يىڭىلگەننىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ دىگەندەك، ئۇلار خۇددى ئۆيۈمگە مىنى يوقلاپ ئەمەس، كومپيۇتېر ئۈچۈن كەلگەندەكلا بىلىنىپ كىتەتتى، كىچە بىر چاغلادا تۇرسام، يەنىلا قىزغىن ئويۇن، ئۇيقۇ دىگەن كەلمەيدۇ ئۇلارنىڭ. بىچارە كومپيۇتېرىم ۋاقىتسىزلا قىرىپ كەتكەندەك بىلىنەتتى. ئەمدى ئۇيغۇرچە سىستىما قاچىلاپ قويىۋىدىم، كىلىپ كومپيۇتېرنى ئاچالماي، ئاچسىمۇ ئىشلىتىدىغان، ئوينايدىغان ئويۇنلىرىنى تاپالماي، تاپسىمۇ ئوينىيالماي زىرىكىپ، ئاز-تولا ھەپىلىشىپلا تاقاپ قويىدۇ. يىڭى سىستىمىغا كۆنەپ بولالمىدى بۇ شۇمتەكلەر. دىمەك توك تىجىلىپ قالىدىغان بولدى، بىنا ئۆيدە توكنىڭ قېممەتلىكىنى دىمەيلا قوياي. شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچىسىنىڭمۇ سەۋەبى چىقتى، كومپيۇتېرنىڭ خىزمەت ۋاقتى ئازايغاندىكىن ئەلۋەتتە ئۆمرى ئۇزىرايدۇ.
تۆتىنچىدىن: ئايالىم كومپيۇتېرنى قوزغىتىپلا، مىترودىن چۈشەلمەي، ئۇنى بۇنى قىلىپ، كۆنەلمىدىمۇ، ئىشقىلىپ، "مىنىڭ كومپيۇتېرىم"نى يوقىتىۋىتىپسىلە، ئىشلىتەلمىدىم دەپ، ئۇمۇ يىقىن كەلمەس بولدى، "ئۈستەل يۈزى" دىگەن سىنبەلگىنى ئىكران يۈزى دەپ چۈشەنمەي، ئۆيدىكى تاماق يەيدىغان ئۈستەلنىڭ يۈزىمىكى دەپ قالدىمىكى، ئىشقىلىپ ئىشلەتمەسلا بولدى. بۇرۇنلادا ئۆيگە كەلسەم تاماق تىخى پىشماي، قورساق ئېچىپ كەتكەن، ئاچچىقلاپ، نىمىش قىلدىڭلا تاماق ئەتمەي دىسەم، " شۇ ئىزدىنىشقا كىرىپ، شەھلاقىزنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇيمەن دەپ كەچ قاپتىمە، خاپا بولمىڭە دەپ، قورساق ئېچىپ ئۆتەپ كەتكەندە ئاندىن تاماق كىلەتتى ئالدىمغا، ھازىر ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە بىرىپ بولغىچە ئۈچ-تۆت قېتىم تېلىفۇن سايراپ،" ۋاي تاماق پىشتى، كەلمەمسىز، ھېلى سوۋۇپ قالىدۇ" دەپ. ئۆيگە كەپلا تاماقنى ۋاختىدا يەپ، خىلى ئوبدانلاپ قالدىم دىسە.
ئەمدىكى مەخسەت، سىلەرمۇ تىزدىن win8نى سىتىۋىلىڭلا، ئىتىبار بىرىش پائالىيتى پەقەت بىر نەچچە كۈنلا قالدى، باھاسى ئۆسەپ كىتىمىش دەيدىغان گەپ بار، راستۇ-يالغاندۇ ئىشقىلىپ، ھازىرقى ھەممە نەرسە ئۆسۈۋاتقان مەزگىلدە، ئۆسسە ئۆسىدۇ ھەرگىز چۈشمەسلىكى مۇمكىن. دەسلەپ كۆنەلمەي، داۋاملىق سىتىرىلكا ئوڭ تەرەپ قىچىپ بىرىۋىلىپ دىگەندەك، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالىدىكەنسىز. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ.
شۇنداق قىلىپ پايپال غا قانداق پۇل قاچىلدىڭىز ،يىقىندا بىر ئاغىنەمگە ئىلىپ بىرمەن دەپ پايپال غا زادى پۇل قاچىلياممىدىم ،تاۋباۋ دىكى ۋاكالەتەن قاچىلاپ بىرىدىغان ھېلىقى دۇكانمۇ قاچىلماس بوپتۇ؟ بىز پايپالدىن ئېلىپ بولالماي ئاخىرى مەكتەپ ئاۋانگارىتلار تورىدىن 15يۇئەن ئىتىبار باھا بىلەن سېتىۋالدۇق. ئىككى ھەپتە بولدى كۆنۈپمۇ قالدۇق. مۇشۇ پايپال دېگەن نەرسىگە پۇل قاچىلىيالماي، ھازىرغىچە سېتىۋالمايۋاتىمەن. پايپالنى بانكا كارتىسى بىلەن باغلاپ ئىناۋەتلىك قىلغانلار بولسا، ماڭا ياردەملىشىپ پايپالىمغا دوللار ئالماشتۇرۇپ بەرسەڭلار بوپتىكەن
3- قەۋەتتىكى Kamdidarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ پايپال دېگەن نەرسىگە پۇل قاچىلىيالماي، ھازىرغىچە سېتىۋالمايۋاتىمەن. پايپالنى بانكا كارتىسى بىلەن باغلاپ ئىناۋەتلىك قىلغانلار بولسا، ماڭا ياردەملىشىپ پايپالىمغا دوللار ئالماشتۇرۇپ بەرسەڭلار بوپتىكەن![]()
زىلتارغا دېسەڭلار بوممامدا. نەچچە تېما يېزىپ بولدىغۇ ياردەم قىلىمەن دەپ.
http://meal.taobao.com/item.htm?spm=0.0.0.93.no44ti&id=18660643638
ئۆزى تورغا چىقىپ ئالالمايدىغانلارغا تەييار قاچىلىسىلا بولىدىغان نۇمۇرى 180يۈەنگە ئىلىپ بىرىدۇ.
تەپسىلاتىنى دۇكاندىن كۆرۈڭ
http://tohsun.taobao.com/
tohsunjan : ID旺旺
تىلفۇن نۇمۇرى: 15209088146 ۋىندوۋس8 كەسپى نۇسخىسىنىڭ باھاسى بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 199.99 دوللار بولىدىكەن. بۇ خەلق پۇلىدا 1300 يۈەنگە يېقىن دىگەن گەپ. ۋىن 8 نى ئالماسلىققا يەنە قانداق باھانىڭىز بار ! پايدىسى شۇ بولسا ئالماي بولدى. تاۋباۋ دىسە پايپالغا دوللار قاچىلىتىش دەپ قىلىڭلار، ئۇلارغا ئالدۇرماڭلار، مىكروسوفتنىڭ ئېخېتىدىن سىلەرنىڭ ئېخېتىڭلارغا بىۋاستە كەلگىنى مەنپەئەتىڭلارغا ئەڭ ئۇيغۇن.
5- قەۋەتتىكى paul912نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىتىبار نۇمۇرى ئىنىمدە بار باھاسى 33.33 يۈەن. قالغىنىنى تور دۇكىنىدىن كۆرۈڭ تاۋ باۋ بويىچە ئەڭ ئەرزان ئىكەن.
http://meal.taobao.com/item.htm?spm=0.0.0.93.no44ti&id=18660643638
ئۆزى تورغا چىقىپ ئالالمايدىغانلارغا تەييار قاچىلىسىلا بولىدىغان نۇمۇرى 180يۈەنگە ئىلىپ بىرىدۇ.
تەپسىلاتىنى دۇكاندىن كۆرۈڭ
http://tohsun.taobao.com/
tohsunjan : ID旺旺
تىلفۇن نۇمۇرى: 15209088146
تاۋباۋدا سېتىۋالغان نومۇرنى ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن دېيىشكە بولمايدۇ .ئۇكىڭىزنىڭ سېتىۋاتقىنى قانداقمۇ ئەڭ ئەرزىنى بولسۇن ، تاۋباۋ تورىدا خەنلەر 10 يۈەندىن توكمە قىلىپ سېتىۋاتىدىغۇ. مەن مەكتەپ ئاۋانگارتلار تورىدىن ئالغانتىم،ساتقۇچى تور بېكىتى ئېتىراپ قىلار ھە.... پايدىسى مۇشۇمىكەن؟!!دېمەك شۇ ھەممىگە ‹ئۇيغۇرچە›كاشىلا بوپتۇ ھە؟!!
12- قەۋەتتىكى tanhatikinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پايدىسى مۇشۇمىكەن؟!!دېمەك شۇ ھەممىگە ‹ئۇيغۇرچە›كاشىلا بوپتۇ ھە؟!!
كاشىلا بولىۋاتقان گەپ ئەمەس، تىخى كۆنەپ بولامىدى ئۇ بايقۇشلار..