turalp يوللانغان ۋاقتى 2013-1-22 22:45:54

شىنجاڭ نىمىشقا ئۇيغۇرلارنى رەت قىلىدۇ

كۈيتىندىن چىقىش

ئۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن بىز تۆتىمىز كۈيتۈنگە باردۇق.كۈيتۈن شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق پاختا،ئاشلىق ماي بازىلىرىدىن بىرى بولۇپ،يىللىق پاختا مەھسۇلاتىئىككى يېرىم مىللىيۇن دەنگە يېتىدۇ.


ئەنۋەر كۈيتۈنلۈك بولۇپ دىيىشكەن ۋاقىتتا ئالدىمىزغا چىقتى.ئۇ ئوغلۇمنىڭ ساۋاقدىشى بولۇپ،بېيجىڭدىكى جوڭگۇ نېفىت ئۇنۋېرىستىنى پۈتۈرگەن.2002-يىلى ئۇ  17 يېشىدا كۈيتۈندىن ئايرىلىپ خاڭجۇدىكى"شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى"دا تەربىيلەنگەن.شۇ يىلى رامىزاندا،ئوغلۇم ماڭا تىلىفۇندا بىر شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ساۋاقدىشىنى يازلىق تەتىلدىن كېيىن ئۆيىمىزگە چاقىرسا بولىدىغان بولمايدىغانلىغىنى سورىغان ئىدى.نەچچە كۈندىن كېيىن ئەنۋەر شىنجاڭدىن ئۆيىمىزگە كەلدى،ئۇ بىزگە،تۇرپان ۋوگزالىدا سېتىۋالغان

شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئالغاچ كەپتۇ.


ئۆيۈمدە تۇرغان 19كۈندە ئۇ بىز بىلەن بىرگە روزى تۇتۇپ ئېغىز ئاچتى.ئۇندىن باشقا ئۇئوغلۇمنىڭ ھوجرىسىغا سولىنىۋېلىپ خەنچە ئىسلامى كىتاپلارنى ئوقۇدى.ئۇنۋېرىستىتقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئىسلامى بىلىمى يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن.ئوغلۇپ بىر ھىساپتا ئۇنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولۇپ،بىكار ۋاقىتلىرىدا بىرلىكتە دىنى بىلىملەرنى ئىگىلەپتۇ.ئەنۋەر نۆلدىن باشلاپ ئۈچ ئايدىن كېيىن نامازنى باشلىدى،ھەپتە ئاخىرىدىن پايدىلىنىپ ئەرەپچە ئۈگۈنۈپ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنى ئۈگەندى."مىنىڭ ئۇيقۇم ئىغىر بامداتتا تۇرالمايىتتىم.ئۇدۇل ياتاقتىكى ئەنۋەر مېنى ئويغىتاتتى"دەپ ئەسلەيىتتى ئوغلۇم.


ئوقۇش باشلانغاندا ئۇ بېيجىڭغا قايىتماقچى بولدى.مېڭىشىدا رامىزاندا  بىزنى مالال قىلغانلىغىنى ئېيتىپ ئۆزرە قويدى،ھەمدە قولىنى كۆكرىگىگە قويۇپ بىزگە سالام قىلىپ،پۈتۈن بىر ئائىلىدىكىلەرنى ۋاقىت چىققاندا كۈيتۈنگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا،شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ ئەتتى.ئۇ كېتىدىغان كۈنى كەچقۇرۇندا ئوغلۇم تۇيۇقسىز ماڭا:ئەگەر ئۇ ئۆيىمىزگە كېلىۋالمىغىنىدا روزا تۇتمىقى تەس ئىدى،ئۇنىڭ ئاتا ئناسى ئۇنىڭدىن زور ئۈمىتلەرنى كۈتىدىكەن.ئۇ كۈيتۈندە روزا تۇتسا ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا تەسىر يېتىدىكەن ،دەيدۇ.ئۇندىن باشقا كۈيتۈننىڭ مئارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئىدارىلىرى پىنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن "دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق"كاپالەتنامىسى تۈزىدىكەن.بۇنداق "ئاساسى قانۇن"نىڭ36-ماددىسىغا ئاشكارە قارشى چىقىدىغان ئىشلار شىنجاڭدا كەڭرىچىلىككەن............


كىچىك بازاردا تۈنەش


بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 9دىن ئاشقاندا بىز قاراماينىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك بازار جەرەنبۇلاقتا تۈنىمەك بولدۇق.كەچتە ناھايىتى خوشال غىزالاندۇق.ئاشخانا سىپتا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان،ئىچىمۇ ئىسسىققىنە ئىكەن،ھەممىسىلا ئۇيغۇر بولۇپ مۇلازىمىتى جايىدا ئىكەن.بىز ئۆز ئىشتىھالىرىمىز بويىچە لەغمەن،----پولۇ ۋە بىرنەچچە تۈرلۈك قورۇمىلارنى بۇيرۇتتۇق.چاي ھەقسىز ئىكەن.مېھمانخانىغا يېنىپ كەلگەندىن كېيىن بەشىمىز گىلەمدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشكە باشلىدۇق.ئەنۋەردىن خىزمەتنىڭ كەسىپنىڭ ئىشىنى سوراشقا باشلىدۇق.ئۇ دوپپىسىنى قىرلاپ قويۇپ گېپىنى باشلىدى.ئۇنىڭ دىيىشىچە جوڭگۇ نېفىت ئۇنۋېرىستىدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنلىرىنىڭ ھەممىسىگىلا قاتنىشىپتۇ.ھەر قېتىم خەنچە توشقۇزغان ئۆزىنى تەۋسىيە قىلىش جەدۋىلىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئورۇنلىرىغا تەكەللۈپ بىلەن 11قېتىم سۇنۇپتۇ،بىراق قوبۇل قىلىنماپتۇ،شىنجاڭدىن كەلگەن نىفىت ئورۇنلىرىمۇ ئۇنى ئالماپتۇ،شۇنداقلا نىمىشقا قوبۇل قىلىنمايدىغانلىغى توغرۇلۇق ھىچقانداق بانانىمۇ ئاڭلىيالماپتۇ،ئىشقىلىپ ئۆز يۇرتىنىڭ نېفىت ئورۇنلىرى بۇ ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلمايدىكەن،مىنىڭ يەنە بىر ئۇيغۇر دوستۇمنىڭ قىزى مەلۇم ئۇنۋېرىستىتنىڭ تىلىگىراف كەسپىنى پۈتۈرگەن بولۇپ،خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان ئىدارىلەر ئۇنىڭ خىزمەت ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىگە قارا-قارىمايلا ئۇنى رەت قىلىۋىتىپتىكەن.ئۇ قىزنىڭ ماڭا دىيىشىچە ئوخشاش كەسىپتىكى خەن ساۋاقداشلىرى تىلىگىراف ئورۇنلىرىغا قوبۇل قىلىنىپتۇ.ئۇ كىيىن ئىمتىھان بېرىپ تەڭرىتاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر مەكتەپكە ئوقۇتقىچىلىققا ئۆتۈپتۇ،ئىشقىلىپ ئالى مەكتەپتە4يىل ئۈگەنگەن تېلىگىراف بىلىملىرىنى بىكارلا ئۈگەنگەن بولۇپتۇ.


داۋامى بار


ئەسلى مەنبەhttp://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102e7le.html

turalp يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 07:23:48

بىر كۈنى،ئامىرىكىنىڭ جوڭگۇدىكى بىر نېفىت شىركىتى ئادەم ئالغىلى كەپتۇ.ئەنۋەر سىناپ باقماقچى بولۇپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئىلتىماسىنى ئىنگىلىزچە يېزىپ سۇنۇپتۇ.ھەپتىدىن كېيىن،ئۇ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشىنى ئاپتۇ،شۇنداقلا قوبۇل قىلىنىپتۇ.بىراق ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ياشىنىپ قالغان ئۇنىڭ ئۈچ ئاچىسى ياتلىق بولۇپ چىقىپ كەتكەن بولغاچقا،ئاتا-ئانىسى بۇ يالغۇز ئوغلىنىڭ خىزمەتنى دەپ تىيەنجىنگە بېرىشىغا قوشۇلماپتۇ.ئاتا ئىرادىسى ئۇلۇق.ئەنۋەر بەش كۈنلۈك رۇخسەت بىلەن بېيجىڭدىن كۈيتۈنگە ئاندىن قارىماي نېفىتلىكىگە بېرىپ تەلىيىنى سىنىماق بوپتۇ.ئىلگىرى قارىماي نېفىتلىكىدىكىلەر بېيجىڭدا ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقىنى يەرلىك نوپۇستىكىلەر ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ دەپ رەت قىلىپتىكەن،لېكىن ئاخىرى يەنىلا قوبۇل قىلىنماپتۇ.مەن ئەشۇ ئامىرىكا شىركىتىگە بېرىپ بىر نەچچە يىل ئىشلەپ ئاندىن كۈيتۈنگە يىنىپ كىلىپ ئاتا-ئانامغا قارىشىم ئازراق سودىغا كىرىشىشىم كىرەك،دىگەنتى ئۇ ئوڭايسىزلىنىپ مۇشتۇمىنى چاڭگاللاپ.ھازىر ئۇ ئامىرىكا شىركىتىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ چەتئەلدىكى مەلۇم داڭلىق ئۇنۋېرىستىتتا ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ چەتئەلدە تەرەققى قىلىشنى ئويلىشىۋىتىپتۇ.چۈنكى ئۇنىڭغا شۇنىسى ئايدىڭكى نېفىت يۇرتىدا ئۇنىڭ يەنىلا خىزمەت قىلىش پۇرسىتى يوق.......

سەھەردە.چۆللۈكتىكى جەرەنبۇلاق ئاۋالقىدەكلا تىپ-تىنىچ ئىدى.بامداتتىن كىيىن تاڭ يورۇدى،مەن ئەنىۋەر بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشتىم،تۆت كىشىلىك قوشۇنىمىز بىلەن ئالتايغا قاراپ ئىلگىرلىدۇق،ماشىنا قوزغالغاندا مەن ئەينەكنىڭ كەينى ئەينىگىدىن سوغۇق شامالدا يول ياقىسىدا تۇرغان ئەنۋەرگە قارىدىم.ئۇ جايىدا تۇرۇپ بىزنى ئۇزىتىۋاتقاندەك قىلاتتى.ئۇ قولىنى پۇلاڭلاتمىدى.ناھايىتى تىزلا ئۇنىڭ قارىسى يۈتتى..........

پولۇ ۋە نان

ئۇ كۇنى پويىزغا چىقىشتىن ئاۋال دوستۇم ئابدۇللا ئۇنىماي دوستۇم ئىككىمىزنى پولۇ يېيىشكە باشلاپ باردى.ئۇ ئاشخانىنى بىر دوستۇم ئاچقان پولۇسى ئوبدان دىدى ئۇ.ئون نەچچە مىنۇتتىن كىيىن توغرا ئىككىنچى يولدىكى ئۇ تۇڭگەن تاماقخانىسىغا يېتىپ كەلدۇق،خوجايىن تۇڭگان بولۇپ ئاشپىزى ئۇيغۇر ئىكەن.ئاشخانا چوڭ بولمىسىمۇ ئوبدان بىزىلىپتۇ،پۈتۈنلەي قوڭۇر رەڭلىك ئۇستەل ئورۇندۇقلار تىزىلغان بولۇپ،تاملارغا شىنجاڭنىڭ ۋەكىللىك مەنزىرە رەسىملىرى ئېسىلىپتۇ.بۇ ئاشخانىنىڭ شىنجاڭ پولۇسىنى ئېتىشتىكى خاسلىقى ،كىچىك قازاندا ئۇدۇللۇق ئىتىش بولۇپ ئۇيغۇر ئۇستام تىنىم تاپمايدىكەن،ھەتتا بېشىنىمۇ كۆتىرىپ قويغىدەك چولىسى يوقكەن.بىز كىرگەندە دەل بىر شىرە بوش ئىكەن.تاماق يەۋاتقانلار ئاساسەن خەنلەر ئىكەن.

ئارىلىقتا مەن ئۇيغۇر پولۇسى بىلەن تۇڭگان پولۇسىنىڭ پەرقىنى سورىدىم.خوجايىن تۈزلام\"يەنىلا ئۇيغۇرنىڭ پولۇسىغا يەتمەيدۇ،بىراق......\"دەپ گېپىنى توختىتىۋىتىپ ئۇيان-بۇيان قارىۋەتكەندىن كىيىن بوش قىلىپ\"ھازىر نۇرغۇن خەنلەر ئۇ يەرلەرگە بارمايدۇ\"دىدى.ئۇ يەنە مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى:بىر خەن ئۇيغۇرنىڭ نېنىدىن بىر نەچچىنى ئاپتىكەن،بىر قېرى خەن كۆرۈپ قىلىپ\"ئۇلارنىڭ نىنىنى يىمىسەڭ ئۆلۈپ قالامتىڭ؟\"دەپتىمىش .بۇنى ئاڭلاپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم،تاماقلىنىپ بولۇپ ۋوگزالغا قاراپ ماڭدىم،ۋوگزالغا بارغۇچە كاللامغا شىنجاڭ كىرىۋالدى.يولدا كىشىلەر ئالدىراش مېڭىشاتتى،ھەممەيلەن بىلىمىز شىنجاڭ ئىلىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ جاي،بولۇپ تەخمىنەن دۆلىتىمىزنىڭ6|1نى ئىگىلەيدۇ.كۆلىمى166مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىر .شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىنىرگىيە گۆھەر ماكانى.شەكسىزكى تەرەققىيات چىن قائىدە.مىنىڭچە شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىم پەرقى ئادەملەرنىڭ ئۆزىدىن باشقا شەخسىيەتچىلىكنىڭ نەتىجىسىكەن.تىنىچلىققا ئىنتىلىش قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئى نەزەرئىنساننىڭ تۇغما گۈزەل شەخسىيەتىدۇر .شىنجاڭ ھازىر ھىچقايسى مىللەتنىڭ شىنجاڭى ئەمەس بەلكى كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭى.شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئامانلىغى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاپتونومىيىدىن ،\"ئاپتونومىيە قانۇنى\"رامكىسى ئىچىدىن، يۇقىرى تۆۋەننىڭ يۈرىگىدىن چۈشىنىشىشىدىن،ئۆز-ئارا كەچۈرىشىشىدىن،ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشىشىدىن،يۈرەك قېتىدىكى سەمىمىيىتىدىن،باراۋەر ئولتۇرۇپ قىسىنىپ يوشۇرماي ئەستايىدىل پىكىرلىشىشتىن،ئالدىرىماي يارىلارنى ساقايتىپ،ئۇقۇشماسلىقنى تىزراق تۈگۈتۈشتىن كىلىدۇ.كونا شىنجاڭلىقلار كۆڭلىدىكى تۈگۈننى كىچىكلىتىشى،يېڭى شىنجاڭلىقلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىشى زۆرۈر.پولۇ ۋە نان كونا شىنجاڭلىقلارنىڭ ئامراق يىمىگى،شۇنداقلا يىڭى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىشتەي تەڭشىكى.

مەندىكى ئەندىشە

قەلەمدار مەن ئىلگىرى جاڭچۈنشەن سىكىرتارغا ئىككى قىتىم خەت يازغانمەن.ئۇنىڭدا مەن ئەنۋەرنىڭ خىزمەت ئىزدەشتىكى سورۇقچىلىغى بىلەن دىننىڭ رايىشلاشتۇرلۇشىنى تىلغا ئالغانمەن.كىچىگىدىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىچكىرىدە تەربىيلەنگەن ئۇيغۇر ياش ئاخىرى كىلىپ شىنجاڭغا سىغماي ياقا يۇرىتقا كەتتى،بۇ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىغا قانداق تەسىر بىرەر؟ئەلۋەتتە ئەشۇ شىنجاڭنىڭنى ۋە ئۇنىڭ بايلىغىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئوتۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ\"يەرلىك\"ىنى ئويلىنىشقا ھەپسىلىسى يوقتۇ؛قانداقلا بولمىسۇن مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىدىن شىنجاڭغا كىلىپ بايلىق قىزىۋاتقانلار شۇنچىلا كۆپ تۇرۇپ ئاجىز ئورۇندىكى ھەتتاكى نىمجان ئۇيغۇرلارنى ئويلىۋىلىشنىڭ ھاجىتى بارمىدۇ؟؟ساياھەت داۋامىدا مەن ھەق ئىلىش پونكىتىدىكىلەرنىڭ ساپلام خەنلەر ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.غۇلجىدىكى تازىلىق ئىشچىلىرى ساپلا ئۇيغۇر ئىكەنئۇيغۇرلار پاكىزلىقنى سۆيىدىغان مىللەت،ئۇنداقتا ئۇلارنى كوچا سۈپۈرۈشكە سېلىش \"ساھەلەر بويىچە \"ئىشقا سىلىشما؟

ئەنۋەرنىڭ ئۆز يۇرتىدا روزا تۇتۇش،ناماز ئوقۇشقا پىتىنالماسلىغى، ياكى روزا تۇتالماي،ناماز ئوقۇيالماسلىغى كىشىگە ئىختىيارسىز دىننى يوقاتماقچى بولغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ئەسلىتىپ سالىدىكەن.شىنجاڭدا مەكتەپلەر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇشىنى چەكلەيدىكەن،مەخسۇس ئوقۇتقۇچى قويۇپ نازارەت قىلىپ،ھەقسىز قەنت كەمپىت تارقىتىپ، مەجبۇرى يىگۈزىپ روزىسىنى بۇزدۇرىدىكەن.تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەمپىت يىمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېغىزىنى ئوقۇتقۇچىلار مەجبۇرى يىرىپ تۇرۇپ كەمپىت تىقىدىكەن .مەسچىتلەرنىڭ ئىشىكىدە مەخسۇس پوسىتلار بولۇپ قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى توسىدىكەن،ئەگەر بىرەر ئوقۇغىچى تۇتۇۋىلىنىپ قالسا مەسچىتنىڭ ئىمامى قاتارلىق ئالاقىدار خادىملىرىغا جەرىمانە قويىلىدىكەن.ئەگەر كوللىكتىپ سىرىتتىكى مەسچىتلەرگە بىرىپ قالسا ياكى باشقا مۇسۇلمان قىرىنداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا ،سوت مەھكىمىسى\"دىندىن پايدىلىنىپ قانۇننى بۇزۇش\"جىنايىتى بىلەن 3يىلدىن7يىللىققىچە كېسىۋىتىدىكەن









ئەسلى مەنبەhttp://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102e7le.html





يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قانۇن ۋە ئاساسى قانۇن سادالىرى ياڭراۋاتقان جوڭگۇدا،شىنجاڭدىكى بەزى رايۇنلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى چۈشەنگىلى بولمايلا قاپتۇ،ھەم ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.شىنجاڭ،كۆپچىلىك يەنە يۈرۈگىدىن \"بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي\"دىگەن ناخشىنى توۋلىيالامدىكىن؟

turalp يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 07:32:35

سۈيۈملۈك ئىزدىنىش مۇنبىرى،مەن سەندىكى سەرخىل پىكىردىكىلەرنىڭ ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدىغان تەرەپنى كۆزدە تۇتۇپ ساڭا ئەزا بولغان ۋە مەجبۇرىيتىم قاتارىدا بەزى تىمىلارنى تەرجىمە قىلىپ يوللاۋارىمەن،لىكىن نىمىشقا تىمىلىرىم سەۋەپسىزلا ئۆچۈرۋىتىلىپ بارىدۇ؟ياكى ئىزدىنىشتا ئىلان قىلىنسا باشقا مۇنبەرلەردە ئىلان قىلسا بولمايدىغان يىرى بارمۇ؟




















kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 08:47:53

ئىزدىنىش باشقارمىسى

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 09:06:41

گەپ قىلسا گەپنىڭ جىقلىغىدا ..................... بولدىلا .

tuumar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 09:27:35

2- قەۋەتتىكى turalpنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سۈيۈملۈك ئىزدىنىش مۇنبىرى،مەن سەندىكى سەرخىل پىكىردىكىلەرنىڭ ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدىغان تەرەپنى كۆزدە تۇتۇپ ساڭا ئەزا بولغان ۋە مەجبۇرىيتىم قاتارىدا بەزى تىمىلارنى تەرجىمە قىلىپ يوللاۋارىمەن،لىكىن نىمىشقا تىمىلىرىم سەۋەپسىزلا ئۆچۈرۋىتىلىپ بارىدۇ؟ياكى ئىزدىنىشتا ئىلان قىلىنسا باشقا مۇنبەرلەردە ئىلان قىلسا بولمايدىغان يىرى بارمۇ؟



ئېغىر ئالماڭ دۇستۇم ..ھاي بېرىڭ ئۆزىڭىزگە ،،سىز يازغان تېمىلار ،سىز ئېيتقان سۆزلەر قايتا-قايتا نەچچە رەت ئېيتىلىدۇ،ئېيتىلغان ھەم ئېيتىلماقتا ،،،بىراق ،،،،ھەممە ئىشلار ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ ،،



















tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 10:22:40

شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ كىلىدۇ قىلغان ھەم قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشلىرىنىڭ ھىساۋىنى بىرىدىغان !

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 10:52:13

ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 10:58:16

نېفىت يۇرتىدا دېگەننى ئۆز يۇرتىدىكى ... دەپ ئالسىڭىز،

ساھەلەر بويىچە دېگەننى كەسپىگە ئاساسەن ..دەپ ئالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن.



باشقىلىرىدىن كۆرە مۇشۇ ئىككى گەپتە ئاپتورنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئىپادىلەنمەي قاپتۇ.

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 11:05:30

ھەي مىنىڭ ئويلىساملا ئىچىم ئاچچىق بۇلىدۇ ....

تۇپان قۇمۇل نىفىتلىكى شۇنچە چوڭ باي تۇرۇپمۇ يەرلىكتىن بىرەرسىنىڭ خىزمەتچى بولغىنىنى بىلمەيمەن ،شۇ يەردە ئىشلەۋاتقان بەسەيلەر قىلالغان ئىشنى بىز قىلالماسمىزما

ماۋۇ قىتىمقى يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىدىن بەسەي ئەكىلىپ بازىردا تازا سىتىۋاتساق بازار باشقۇرشنىڭ ساتقىلى قويمىدى ،ئادەم تۈزۈك كىرمەيدىغان بىر جاينى كۆرسىتىپ شۇ يەرگە ئاپا دەيدۇ

يەنە ئۈچ مەۋسۈمدىن كىيىن مەكتەپ پۈتتۈرمەن...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 12:07:21

مۇشۇنداق يازمىلار بولسا خەنزوچە تور بەتلەردىكى ئادرىسىنى ئەسكەرتىپ كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ بەرسەڭلار. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمى 166 مىڭ ئەمەس بىر مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر.

uyghurbez يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 12:19:21

جۇڭگۇ شىنجاڭغا يۇز كېلەلەمسەن دىگەن تېمدا بۇئىشلار توغۇرلۇق مەزمۇنلار تىپىلدۇ،،،

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 13:36:12

ئەسلى ئاپتورنىڭ بلوگى ماۋۇكەن : http://home.blshe.com/blog.php?uid=19286&id=79242

ئىسمىنى ماجىفاڭ دەپتۇ.

人民 دىمەي 忍民 دەيدىغان گەپمۇ بارما  022.gif

lawrence يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 14:05:10

ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز ، ئىگىمىز ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي .

سىناق ، يارىلىش قىممىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىپلىرىدىن بىرى ، ئىنسانى قەدىر - قىممەت ، شەخسنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى  مۇقەددەس ھەقىقەتنى تونۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . تېمىدىكى شەخس ئەنۋەرگە ئىگىمىز يار-يۆلەك بوپتۇ ، قىيىينچىلىقنى يېڭىپ ئىرادە بىلەن يېڭى پۇرسەت يارىتىش ، قۇرۇتلاپ كەتكەن جىمجىت كۆلدە جاھاندىن نارازى ۋايساپ ئۆتكەندىن مىڭ ئەلا .


alim012 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 15:38:10

مەزكۇر تېمىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلەيمەن!!!!

freebird يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 15:52:36

بولۇۋاتقان بەزى ئىشلار خۈيزۇ يوللاشلارنىڭمۇ دىنى ئەركىنلىكىگە تەسىرى بولغاچقا چىقىۋاتقان خەنزۇچە سادالار بۇ .

بولمىسا ئۇيغۇرنىڭ ئىشى بىلەن خەقنىڭ نىمە كارى.

shirmat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 16:46:33

شىنجاڭ سىزنى رەت قىلىدۇ،ئىخساد ئىگىللىرىنى جەلىپ قىلىدۇ

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 17:27:08

ماۋۇ تېمىغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن...

Jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 17:51:54

تىمىڭىزغا تەشەككۈر ! مۇقۇملۇق ،مۇقۇملۇق ،يەنە مۇقۇملۇق .....مىللى باراۋەرلىك ھەرمىللەت خەلقىنىڭ

ئىتپاقلىقىنىڭ ،جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنىڭ كاپالتى ،،،،جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتىنى پەقەت بىرلا مىللەت

قۇرغان ئەمەس.......مىنىڭچە بەزىلەرنىڭ قوڭى سەل قىمشىپ قاپتۇ

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 18:35:10

بىر چاغلاردا ئىچكىرىدىن ئىقتىساد ئىگىلېرى كەلسە 24 سائەت ئىچىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىمىز دەپمۇ باققانتى. بەزى ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار شىزاڭغا بېرىشقا رازىمىزكى شىنجاڭغا بارمايمىز دەپتىكەن خۇددى بىز قارشى ئالىدىغاندەك ئۇلارنى.
بەت: [1] 2
: شىنجاڭ نىمىشقا ئۇيغۇرلارنى رەت قىلىدۇ