خەيرى- خوش RMVB، سالام MP4[كۆچۈرۈلمە]

YYeTs人人影视 نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا RMVB پىچىمنىڭ كونىرىشى MP4 پىچىمىنىڭ
ئومۇملىشىشى ھەمدە ئۈسكۈنە ۋە يۇمشاق دىتاللارنىڭ قوللىشىنىڭ ئومۇملىشىشى
سەۋەپلىك چاغاندىن كېيىن قويۇلىدىغان ئامېرىكا تېلىۋىزە فىلىملىرىنىڭ RMVB
پىچىمدىكىسىنى تەمىنلىمەي بىردەك ھالدا MP4 پىچىمدىكىسى
تەمىنلىنىدىكەن. دېيىلىشىچە RMVB تېخنىكىسى يېڭىلانمىغىنى 10 يىل بولغاچقا
تۈرلۈك ئېھتىياجلارغا ماسلىشالمايدىكەن. RMVB غا قارىغاندا MP4 كۆپ
ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەن.
RMVB سىغىمى كىچىك، سۈزۈك كىلەتتى لېكىن. YYeTs人人影视 نىڭ يېڭى تارقاتقان فىلىمرىدە RMVB پىچىمدىكىسى يوقكەن. راستلا باشلاپتۇ. دىمىسىمۇ كۆچمە ئۈسكىنىلەرنى قوللاش ئۈچۈن mp4 ئەڭ ياخشى تاللاش. مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقسام، «يېڭىلانمىغىنى» دېگەننىڭ توغرىسى «يېڭىلانمىغىلى»دۇ؟ بايا كومپيۇتېرنى ئېچىپ، ھەركۈنى كۆرىدىغان مۇنبەر، بلوگلارنى بىرەر قۇر زىيارەت قىلغان ئىدىم، ئون مىنۇت ئىچىدە تۆت-بەش تېما، ئىنكاسلاردا مۇشۇنداق سۆزلەر ئۇچراپ قالدى، خۇددى دېيىشىۋېلىپ يازغاندەكلا. مەسىلەن: «كىرگۈزگىنى بولدى»، «قىلغىنى بولمىدى» دېگەندەك. شۇڭا ما ئىنكاس يېزىلىپ قالدى.

بەت:
[1]