شۇپۇر دۇسلاردىن ياردەم....؟
ئەسسلاممۇ،ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى تۇرداشلار ياخشىمۇ سىلەر،مەن يىقىندا بىر ماشىنا سىتۋالماقچى بۇلغان ئىككىنجى قۇل ماشىنا،تۇنۇگۇن بىر ماشىننى سىتۋالماقچى بۇلۇپ ئۇزەم بىر قارارغا كىلەلمەي تۇرداشلاردىن مەسلەھەت ئالماقچى بۇلۇپ ئۇشبۇ تېمامنى يىزىۋاتمەن...ماشىنا تىپى suzuki 羚羊 ئىككنجى قۇل ماشىنا 2008 نىڭ مەن غۇلجىدىن بىراق ماشىنا بۇرتالانىڭ بىر ئەيپى ماشىنا بۇرۇن ئۆرۇلگەن ئىكەن،ئىككى ئىشكى ئالماشتۇرۇلغان ماتۇرى خىلى يامان ئەمەستەك بۇلدۇم،ئەمدى پۇلىغا كەلسەك 17000مىڭ <ئون يەتتە مىڭ سۇم>غا بىرۋىتدۇ ماشىنا تۇنۇشۇمنىڭ ،ئەمدى سىلەردىن بىر مەسلەھەت ئالسام ئۆرۇلگەن ماشىنلار بىخەتەرمۇ ،بۇرتالا پەيجاۋلىق ماشىننى غۇلجىدا ھايداشقا بۇلامدۇ،،
گەپنىڭ پوسكاللىسى ، ئۆرۈلگەن ماشىنىنى ئالماڭ!بىزنىڭ تۇرپان تەرەپلەردە دەرەخ شاخلىرىنى شۇپۇر دەيتتۇق. ماشىنا ھەيدەيدىغان ئادەمنى شوپۇر دەيتتۇق. ماۋزۇدا ۋە تېما مەزمونىدا ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن. دىققەت قىلىڭ. ئۆرۈلگەن ماشىناتازا بوممايدۇ جۇما،ئۆرۈلۈش بىلەن مىلتىقلىقنىڭ ئانچەمۇناسىۋىتىمۇيوق ئۆرۈلۈپ كىتىش ماشىنىنىڭ دىبەن قىسمىغائانچەتەسىزقىلالمايدۇ سوقۇلغاندەك.ئۆرۈلگەن ماشىنىدىن بەكراق سوقۇلغان ماشىناخەتەرلىك. سوقۇلغان ماشىنىنىڭ ئاستى قىسىملىرى زادى ئاۋارە قىلىدۇئادەمنى.ئۆرۈلگىنى سوقۇلغىنىدەك ئاۋارە قىلمىسىمۇتىنىچ قويمايدۇئىشنى قىلىپ.بىرمەزگىل ئۆتسەئىشىكى ئىتىلمەيدۇ 1نجى كىلتان ئىتىلىپ2نجىسى ئىتىلمەيدۇ گوپ-گوپ ياپىدىغان گەپ،ئاندىن ماشىنىغابەك توپاكىرۋالىدۇ ئۆرۈلگەندىكىن دولىلىرى ئازار يەيدۇ رىزىنگىسىگە(ياتىيوغا)بەلەن چاپلاشمايدۇئىشىك بىريەقىستاپ بىريە شورا دىگەندەك.ئاندىن يەنەبىرمەزگىل ئۆتسەزاماسكىلايىرىلىپ ئاجرىغىلى تۇرىدۇ،ئۆرۈلگەن ماشىناخېلى ئەپچىل زاماسكايەپ قويىدۇ جىق بوغاندىكىن ئاسان ئاجرايدۇ سىرخانىغاچاپىدىغان گەپ.ئىش قىلىپ خېلى يامان ئەمەس تويغۇزۇپ قويىدۇ سىزنى،لىكىن مەيلى دەپ ئەپ قاسىڭىز رىمونىتچىلىق تېخنىكىڭىزخېلى يۇقىرلاپ قالىدۇشۇماشىنابىلەن. ئۆرۈلگەن ماشىنىنىڭ سۈرئىتى تېزلەشكەنسېرى بىر تەرەپكە تارتىپ كېتىدۇ.ئىشقىلىپ ئۆرۈلگەن ماشىنا بولمايدۇ. ئەرزان ماشىنىكەن ئالسىڭىز بولغىدەك 17 مىڭغا قىممەتكەن.
مېنىڭچە سۇغا كىرمەي تۇرۇپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلىقىنى بىلگىلى بولماس، 17000 غا 2008 - يىلنىڭ بولسا يامان ئەمەس. دەماللىققا ئۆرۈلگەن بولسىمۇ، كىيىنچە قانداق بولدىغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ. سىز بۇرۇن شەخسي ماشىنا ئېلىپ رول تۇتۇپ باقمىغان بولسىڭىز مۇشۇ ماشىنا بىلەن قول كۆندۈرۋالسىڭىز بولىدۇ، ئوغۇل بالىچىلقتا ئېلىپ بىر سىناپ كۆرۈڭ.
بۆرتالانىڭ نۇمۇر تاختىسى بولسىمۇ، رەسمىيەت تولۇق بولسا دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدە ھەيدىگىلى بولىدۇ، ئەمما يىلدا بىر قېتىم بۆرتالاغا ئاپىرىپ سىناپ تەكشۈرتىسىزغۇ دەيمەن. (شىڭيەن )
7- قەۋەتتىكى bahwan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مېنىڭچە سۇغا كىرمەي تۇرۇپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلىقىنى بىلگىلى بولماس، 17000 غا 2008 - يىلنىڭ بولسا يامان ئەمەس. دەماللىققا ئۆرۈلگەن بولسىمۇ، كىيىنچە قانداق بولدىغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ. سىز بۇرۇن شەخسي ماشىنا ئېلىپ رول تۇتۇپ باقمىغان بولسىڭىز مۇشۇ ماشىنا بىلەن قول كۆندۈرۋالسىڭىز بولىدۇ، ئوغۇل بالىچىلقتا ئېلىپ بىر سىناپ كۆرۈڭ.
بۆرتالانىڭ نۇمۇر تاختىسى بولسىمۇ، رەسمىيەت تولۇق بولسا دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدە ھەيدىگىلى بولىدۇ، ئەمما يىلدا بىر قېتىم بۆرتالاغا ئاپىرىپ سىناپ تەكشۈرتىسىزغۇ دەيمەن. (شىڭيەن )
باھۋان نۆل توققۇز توققۇز سەككىزنىڭ سۆزى ئورۇنلۇق:
لىڭياڭ سۇزۇكى جۇڭگودا ياسالغان جىلى، شيالى، خافېي دېگەندەك ماشىنىلارغا قارىغاندا ياخشى، ئەمما ياپونىيەنىڭ سۇزۇكى ماشىنىلىرىغا قارىغاندا بەكلا ناچار ھەم شاكال.
لىڭياڭ سۇزۇكى بىلەن ياپونىيە سۇزۇكى شىركىتىنىڭ پەقەت مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتىلا بار. لىڭياڭ سۇزۇكى ماركىلىق ماشىنىلار چوڭچىڭدا ياسىلىدۇ، ھېچقانداق نەرسىسى ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىنمايدۇ.
زاپچاسلىرى ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان suzuki ماركىلىق ماشىنىلارنى سۇزۇكى (جۇڭگو) شىركىتى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ ھەقىقىي ئىمپورت زاپچاسلىق ماشىنىلاردۇر. ئۇلارنىڭ زاۋۇتى شاڭخەيدە.
شىركەت ئىسمى:
سۇزۇكى (جۇڭگو) شىركىتى
تور بېتى: http://www.suzuki-china.com
-----
لىڭياڭ سۇزۇكى ماركىلىق ماشىنىلارنى چاڭئەن سۇزۇكى شىركىتى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ زاۋۇتى چوڭ چىڭدا.
توربېتى: http://www.changansuzuki.com
-----------
بىلىپ قېلىش كېرەككى، يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
دېمەكچىمەنكى، سىزنىڭ سېتىۋالماقچى بولغىنىڭىز يەنىلا جۇڭگونىڭ ماشىنىسى. ئۇنىڭ چىدامچانلىقى دوڭفېڭ ماركىلىق ماشىنىلارنىڭكىگە يېتىدۇ.
ئەمما ئاۋۇ باھاغا نىسبەتەن ھەقىقەتن مۇۋاپىق ئىكەن.
ماشىنىڭ ئۆرۈلۈش مەسىلىسىگە كەلسەك: بۇ ئىنتايىن نورمال ئەھۋال، ماشىنا دېگەن ئۆرۈلىدۇ، ئەجەللىك كاشىلا كۆرۈلمىگەن ۋە جايىدا رېمونت قىلىنغان بولسا، ئۆرۈلگەن - ئۆرۈلمىگەنلىكى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.
2004-يىلنىڭ لىڭياڭ (ئارقار دەمدۇق) سۇزۇكى ماشىنىسىنى 24 مىڭغا ئېلىۋاتسا خەق. ئۆرۈلگەن ماشىنا بولمايدۇ دەيسىلەر، ئۆرۈلمىگەن ماشىنا بولسا شۇ باھاغا بېرەمدۇ؟