خاڭجۇ لىڭيىن ئىبادەتخانىسى ھەقسىز ئوماچ تارقاتقانلىقتىن ئاممىنىڭ قىستىلىش ئەھۋا
-ئاينىڭ 19-كۈنى قىسمەن ئامما رەتكە تىزىلىشنىڭ قائىدىسىگە رىئايە قىلماي لىڭيىن ئىبادەتخانىسىنىڭ12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىچىلىدىغان ئوماچ تارقىتىش ئورنىغا بېسىپ كىرگەن،خاڭجۇ لىڭيىن ئىبادەتخانىسى تۇنجى قېتىم ھەقسىز بۇتخانا ئىچىدە ئوماچ تارقاتقان ،قىسمەن ئامما رەتكە تىزىلىش قائىدىسىگە رىئايە قىلمىغانلىقتىن بىر مەھەل قالايمىقانچىلىق چىققان ،بەخىتكە يارىشا ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ تارقاقلاشتۇرغانلىقتىن ئاممىنىڭ يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن
مەنبە:http://www.hawar.cn/1/news/8180.html
،بۇ خەقتە بىكارلىق بەرسە يەپ ئۆلىۋال دىگەن پىخسىكا بار ،شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئۇماچنى ئىچسە زەم-زەم سۇيى ئىچكەندەك ساۋابى بار دىگەن تەشۋىقات بارلىغى ئېنىق،شۇنىڭ بىلەن ھەم تەييار تاماق ھەم بۇلارنىڭ ئەخمىقانە ئېتىقادى قوشۇلۇپ بولىۋاتقان ئىشتە بۇ

6- قەۋەتتىكى Oliveنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دىننى ئىشلار ئىدارىسىگە قانۇنسىز دىننى يىغىلىش ئۇيۇشتۇرغان دەپ ئەرز قىلىپ قويدۇم![]()

يالغان دىلو مەلۇم قىلغان دەپ سىزنى سولاپ قويسا خاتىرجەم بولۇڭ مەن يوقلاپ بارمەن {:92:} {:90:}
6- قەۋەتتىكى Oliveنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دىننى ئىشلار ئىدارىسىگە قانۇنسىز دىننى يىغىلىش ئۇيۇشتۇرغان دەپ ئەرز قىلىپ قويدۇم![]()

راستقا ئايلاندۇرۇپ تۇتتۇرۋەتمەڭلا يەنە مىنى

ئۆزىنىلا دەپ ياشاش چوشقىنىڭ ئىشى قايسى كۈنى يۈندە ئازگىلىغاچۈشۈپ كەتكەن بىر چوشقىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يۈندە
ئازگىلىدا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ قالغان 4 يولداشقا ئىچىم ئاغرىغانتى


تېڭشۇن تورىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇ كۈنى 腊八 بايرىمى (بۇددا دىنى ئېتىقادى بويىچە ساكيامونىنىڭ 道 ئايلانغانلىقىنى خاتىرلەش كۈنى) بولغاچقا، ئېتىقادچى ئامما بۇ كۈن شۇنداق كۆپ كەلگەنمىش. بۇنى نۇقۇل قۇساق تويغۇزۇش دەپ چۈشەنمىدىم مەن. چۈنكى، كىچىك بالىلارنىمۇ مۇئەللىملىرى باشلاپ ئەكىلىپ، بۇ بايرامنىڭ كېلىش چىقىشى، تارىخى، ئەھمىيىتى توغرىسدا دەرس سۆزلەپ تەربىيىلەپتۇ.
سىرتتا قىستاشقان بىلەن ئىبادەتخانىغا كىرگەندە قانچىلىك رەتلىك ماڭغىنىنى كۆرۈڭلار. بۇنى ئېتىقادنىڭ كۈچى دەيمىز.
聊城市东方岚谷幼儿园的小朋友在了解“腊八节”的由来及习俗
مېنىڭچە، ئەڭ تەسىرلىكى مۇشۇ كىچىك بالىلار رەسىمى ئىكەن. بۇ خەقلەر بالىلىرىنى مۇشۇنداق تەربىيىلەيدىكەن، ئۇلارغا بايراملىرىنى ئۇنتۇلدۇرمايدىكەن.
مەنبە:http://news.qq.com/zt2013/laba/index.htm
ئاچارچىلىقتا قالدىمۇ ما خەق... ئاچلىقتىن توقلۇق يامان دېگەننى بىلمەيدىكەندە.. {:92:} يەسلى بالىلىرىنىمۇ دىنىي پائالىيەتكە قاتنشۇرۇپتىغۇ، قاپ يۈرەكلەر؟!
بىرىنجى ئىيۇل جاڭيو زاۋۇتىنىڭ ئالدىدىكى قاق سەھەردە ئۆچرەت تۇرىدىغان تەتەي- لوخەنلەر..... ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چىقتىم . ھەممىلا مەسىلىگە ئىنكار پوزىتسىيىسى تۇتۇشقا ئۆگىنىپ قاپتىمىز .
باشقىلارنىڭ ئىتىقادىنى كەمسىتمەيلى ، خۇددى بىزنىڭ ئىتىقادىمىز كەمسىتىلىۋاتقاندەك ئۇلارمۇ خورلۇق ھېس قىلىدۇ ، دىلى ئازار يەيدۇ . خۇددى بىز قانداق ئازار يىگەن بولساق شۇنداق ئازار يەيدۇ . بۇ بىر قاچا ئوماچقا قورساق تويمايدۇ . بەلكى ، قورساقنىمۇ ئەستەرلگىلى بولمايدۇ . بۇلارنىڭ تەلپۈنۋاتقىنى ئوماچ ئەمەس ساماۋى تائامدۇر. خۇددى بىزنىڭ ھاجىلىرىمىز مەككىدىن زەمزەم سۈيى ئېلىپ كەلسە زەمزەم سۈيىنىڭ خاسىيىتى ئۈچۈن بىزلەر تالىشىپ ، ئارزۇلاپ تۇرۇپ ئىچكەنگە ئوخشاش بىر ئىش . بىزلەرنىڭ زەمزەم سۈيىنى ئارزۇلاپ ئىچىكىنىمىزنى كۆرگەن باشقىلار ‹‹قارا ما بەدىۋىلەرنى ، ئۆمرىدە سۈزۈك سۇ ئىچىپ چېغى ، ئاغزىغا چىش چىقىپ تۇنجى ئۇچىرغان سۈزۈك سۇنى تالىشىپ ئېچىپ كېتىپتۇغۇ›› دىسە ، ئېنىقكى بىز ناھايتى رەنجىيمىز . چۈشەنمىگەنلىكىدىن ئاغرىنىمىز .
قاراڭلار ئاۋۇ مۇئەللىمەنىڭ بىر توپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇماچ تىزىلغان ئۈستەل ئەتراپىدا چۆرىدەپ ئولتۇرغۇزۇپ ئۇماچنى چۆرىدىگەن ھالدا دىننى ، مىللى ئۆرىپ - ئادەتلىرىنى چۈشەندۈرگىنىگە . رەسىمگە سىنچىلاپ قاراپ بېقىڭلار ، رەسىمدىكى ئاۋۇ ئۆسمۈرلەر ھازىر ئوماچ ئەمەس كېنتاكىنىڭ توخۇ پاچاقلىرىغىمۇ تازا ئىشتەيلىك ئەمەس . لېكىن ، ئۇلارنى ئۇماچقا قىززىقتۇرغىنى مۇئەللىمە سۆزلەپ بېرىۋاتقان سىھىرلىك ھىكايە ، ھاياجانلىق تارىختۇر . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ پەقەت بىر قاچا ئۇماچلا ئەمەس بەلكى نەچچە مىڭ يىللىق مىللى ، دىنى تارىخ بىلەن يۇغۇرۇلغان ساماۋى تائامدۇر .
18- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چىقتىم . ھەممىلا مەسىلىگە ئىنكار پوزىتسىيىسى تۇتۇشقا ئۆگىنىپ قاپتىمىز .
باشقىلارنىڭ ئىتىقادىنى كەمسىتمەيلى ، خۇددى بىزنىڭ ئىتىقادىمىز كەمسىتىلىۋاتقاندەك ئۇلارمۇ خورلۇق ھېس قىلىدۇ ، دىلى ئازار يەيدۇ . خۇددى بىز قانداق ئازار يىگەن بولساق شۇنداق ئازار يەيدۇ . بۇ بىر قاچا ئوماچقا قورساق تويمايدۇ . بەلكى ، قورساقنىمۇ ئەستەرلگىلى بولمايدۇ . بۇلارنىڭ تەلپۈنۋاتقىنى ئوماچ ئەمەس ساماۋى تائامدۇر. خۇددى بىزنىڭ ھاجىلىرىمىز مەككىدىن زەمزەم سۈيى ئېلىپ كەلسە زەمزەم سۈيىنىڭ خاسىيىتى ئۈچۈن بىزلەر تالىشىپ ، ئارزۇلاپ تۇرۇپ ئىچكەنگە ئوخشاش بىر ئىش . بىزلەرنىڭ زەمزەم سۈيىنى ئارزۇلاپ ئىچىكىنىمىزنى كۆرگەن باشقىلار ‹‹قارا ما بەدىۋىلەرنى ، ئۆمرىدە سۈزۈك سۇ ئىچىپ چېغى ، ئاغزىغا چىش چىقىپ تۇنجى ئۇچىرغان سۈزۈك سۇنى تالىشىپ ئېچىپ كېتىپتۇغۇ›› دىسە ، ئېنىقكى بىز ناھايتى رەنجىيمىز . چۈشەنمىگەنلىكىدىن ئاغرىنىمىز .
قاراڭلار ئاۋۇ مۇئەللىمەنىڭ بىر توپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇماچ تىزىلغان ئۈستەل ئەتراپىدا چۆرىدەپ ئولتۇرغۇزۇپ ئۇماچنى چۆرىدىگەن ھالدا دىننى ، مىللى ئۆرىپ - ئادەتلىرىنى چۈشەندۈرگىنىگە . رەسىمگە سىنچىلاپ قاراپ بېقىڭلار ، رەسىمدىكى ئاۋۇ ئۆسمۈرلەر ھازىر ئوماچ ئەمەس كېنتاكىنىڭ توخۇ پاچاقلىرىغىمۇ تازا ئىشتەيلىك ئەمەس . لېكىن ، ئۇلارنى ئۇماچقا قىززىقتۇرغىنى مۇئەللىمە سۆزلەپ بېرىۋاتقان سىھىرلىك ھىكايە ، ھاياجانلىق تارىختۇر . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ پەقەت بىر قاچا ئۇماچلا ئەمەس بەلكى نەچچە مىڭ يىللىق مىللى ، دىنى تارىخ بىلەن يۇغۇرۇلغان ساماۋى تائامدۇر .
بۇ پىنھانمۇ يا،.،،