qarushti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-20 11:04:52

كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى

  



مەيلى نىمە دەپ ئەيىبلەشلەردىن قەتئىي نەزەر، شۇنى يوشۇرمايمەنكى، مەن چەتئەلنىڭ تەرجىمە رومانلىرىنى ئوقۇشقا ئامراق. ئۇيغۇرلار يازغان رومانلارنى ئوقۇمايمەن ئەمەس ئوقۇيمەن، مۇھەببەت رومانلىرىنى بىر ئوقۇپلا تاشلاپ قويىمەن، تارىخىي رومانلارنى ئوقۇسام، يەنە ئوقۇشقا ئىنتىلىمەنيۇ، لېكىن تارىختىكى كۆز ياشلايدىغان ئاچچىق ساۋاقلاردىن قورقۇپ ئوقۇغۇم كەلمەيدۇ. لېكىن چەتئەل رومانلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقىمەن. بەزىدە ئۇ رومانلارنى يىلدا بىرەر ئۇقۇمىسام، دوستلىرىم بىلەن كۆرۈشمىگەندەك بوپ قالىمەن.


مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇغان رومانلار ناھايىتى جىق. كىچىك چېغىمدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇغان بولغاچقا، بەزىلىرى ئېسىمدىمۇ قالماپتۇ. ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان چەتئەل رومانلىرىنىڭ 90%نى ئوقۇپ بولدۇم دىسەم پو گەپ قىلمىغان بولىمەن.


يېقىندا كىتابخانىدا خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان تەرجىمە رومانلار ئاۋۇپ قالدى. مەن خېلى كۆپىنى سېتىۋالدىم. لېكىن تۈگەپ كەتمىسۇن دەپ ئاۋايلاپ ئوقۇۋاتىمەن. باشقا تىلنى بىلمەيمەن، شۇڭا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ ھوزۇرلىنىمەن.


بۇ كىتابلار توغرىسىدا تەسىراتىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.


بىرىنچى سىتىفان زىۋىگنىڭ ‹‹ناتۇنۇش ئايالدىن كەلگەن خەت ›› ناملىق ئەسىرى. مەن بۇ ئەسەرنى رومان ئوخشايدۇ دەپ ئاپتىكەنمەن. پوۋسىتلار توپلىمى ئىكەن. مەن تېخى بىرىنچى ئەسەرنىلا ئوقۇدۇم. مەزمۇنى دېڭىز بويىدىكى بىر مېھمانخانىدا تېخى ياشلىق يېشىغا قەدەم قويۇش ئالدىدىكى بىر بالا جىق ئادەملەر بىلەن بىللە تۇرىدۇ. ئۇ بىر كۈنى قاراڭغۇلۇقتا كىتىۋاتقاندا ئاق كىيىملىك بىر قىز ئۇنى تۇتىۋىلىپ ئەسەبىيلىك بىلەن قۇچاقلاپ سۆيىۋالىدۇ. بۇ بالا ئۆزىنى سۆيگەن قايسى قىز ئىكەنلىكىنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالىدۇ. ئەتىسى ئۇ قىز چىققاندا ئۇ قىزنىڭ قولىدىكى بىلەيزۇكنىڭ ئاسما بويۇمىنى ئۆز قولىغا پاتۇرىۋالىدۇ، قارىسا ئۇ بىر تىللا بولۇپ چىقىدۇ. ئەتىسى تەققەزالىقتا تاڭنى ئاران ئاتقۇزۇپ ناشتا قىلىۋاتقان قىزلارنىڭ قولىغا بىر بىرلەپ قاراپ چىقىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەن ئۈچ ئاچا سىڭىلنىڭ چوڭىنىڭ قولىدا بىلەيزۈك بار لېكىن تىللا يوق چىقىدۇ. ئىككىنچىسىنىڭ قولىدا تىللالىق بىلەيزۇك بار ئىدى. ئۇ بالا ئوتتۇرانچى خانقىزغا ئەسەبىيلىك بىلەن ئاشىق بولۇپ قالىدۇ.


لېكىن ئۇنى قۇچاقلىۋالغىنى، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىپ مەجنۇن بولغىنى ئىككىنچى خانقىز ئەمەس، كەنجى خانقىز ئىدى. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ دادىسى ئۇلارغا ئوخشاش بىلەيزۇكتىن ئۈچنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، چوڭ خانقىز ئۇنى ياراتمىغان، قالغان ئىككى خانقىز تاقىۋالغان ئىدى.


بالا كەتمەكچى بولىدۇ، ئۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇققان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىنچى خانقىزغا بولغان مۇھەببىتى سۇسلاشمايدۇ. ئۇنى يىغلاپ ئۇزىتىپ قويغىنى ئۈچىنچى خانقىز بولىدۇ....


بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ھەيرانۇ-ھەس قالدىم. ۋەقەلىكىگە ئەمەس، ئىپادىلىشىگە بەك قايىل بولدۇم. بۇنداق يېزىشنى ئۆگىنىپ قويۇش كىرەك ئىدى دەپ ئويلايمەن. لېكىن مەن يازغۇچى ئەمەس. شۇڭا ئارمىنىم ئارمان پېتىلا قالىدۇ.


سىتىفان زىۋىگ توغرىسىدا ئاڭلىغان، لېكىن ئەسەرلىرىنى جىق ئوقۇپ باقمىغان. بىرىنچى ئەسەردىلا ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىمنى باسالمىدىم.


ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-20 12:37:27

بىر ئايالنىڭ 24 سائەت ئىچىدىكى كەچۈرمىشلىرى دەپ بىر ھىكايىسى بار شۇ قولىڭىزدىكى توپلامدا ،،،،،،،،،،،،

ئىشقىلىپ ئۇ قالتىس يازغۇچى،،ھىكايە توقۇشقا ئۇستا ...يەنە كېلىپ ئويلىمىغان يەردىن چىقىشقا ئۇستا ...

tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-1-20 14:13:38

مەن رومانلارغا تازا قىززىقىپ كەتمەيمەن ، ھىكايە - پوۋسىتلارنى ياقتۇرىمەن . رومان ئوقۇسام ئاخىرىنى كۆرۈپ بولغىچە بېشىنى ئۇنتۇپ قالىمەن ، بۇ قانداق ئىشتۇ ؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-20 14:33:13

يەنە بىر قىسىمىنىمۇ ئېلىڭ. ماڭا شاھمات ھەققىدە ھېكايە بىلەن ھېسسىداشلىق جىنايىتى بەك يارىدى. ئىشقىلىپ بۇ ئادەمنىڭ ئەسەرلىرى بەك نوچىكەن.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-20 20:57:47

ۋىن 8 دا پەقەت نەقىل ئالغىلى بولمايۋاتىدۇ ئىزدىنىشتا. ئاندىن تولا ئىسىملىتىپ ھاردىم . پەقەت ساقلىمايدۇ. تۈزەپ قويساڭلار بۇلاتتى- بىكەت ئىگىسى.





نەقىل:

مۇھەببەت رومانلىرىنى بىر ئوقۇپلا تاشلاپ قويىمەن، تارىخىي رومانلارنى ئوقۇسام، يەنە ئوقۇشقا ئىنتىلىمەنيۇ، لېكىن تارىختىكى كۆز ياشلايدىغان ئاچچىق ساۋاقلاردىن قورقۇپ ئوقۇغۇم كەلمەيدۇ.



مەنمۇ شۇنداق ،يۈرۈكۈمدىكى گەپنى قىلىپسىز . مېنىڭ يەنە شىنجاڭ خەۋەرلىرىنىمۇ كۆرگۈم كەلمەيدۇ. كۆرسەملا ئىچىمغا ھاۋا كەپسىلىشپ قالغاندەك ،دىمىم تۇتۇلدۇ. نامراتلىق،توپا باسقان چىرايلاربىلەن تولغان سىن كۆرنۈشلەر بىز خەقنىڭ ،قىممىتى نەچچە مىڭ يۇەنگىمۇ يەتمەيدىغان تىجارەت كۆرنۈشلىرى بىز خەقنىڭ،دوپپىچىلىققا ئىشقا ئورۇنلاشقان ، گىلەمچىلىكتە ئىشقا ئورۇنلاشقان كۆرنۈشلەر بىزخەقنىڭ،...بەك جىقكەن بۇنداق كۆرنۈشلەرساناپ بولالمىدىم، (پارتىيىگە رەخمەت).

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-20 22:26:10

2000 -يىلىدىن بۇرۇنقى دۇنيا ئەدىبىياتىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئەمدى توپلام بولۇپ نەشر قىلىنىشقا باشلاپتۇدە .............. قولۇمدىكى كونا دۇنيا ئەدىبىياتى توپلىمىدا ئىسمىنى دەمھاللىق ئېسىمگە ئالالمىغان تۈركىيە يازغۇچىسىنىڭ  سۇسىز ياز دىگەن ئىسىل بىر پوۋېستتى بار ئىدى ،ئۆتكەندە قايتا ئوقۇي دەپ ئىزدەپ تاپالمىدىم.  \"\"

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-20 22:51:00

« سۇسىز ياز » نىڭ ئاپتۇرىنىڭ ئىسمى نەجاتى جۇمالى .   ئادەمگە خۇددى قېرغىز قېرىنداشلارنىڭ ئىسمدك تۇيۇلىدىغان بۇ تۈركىيلىك يازغۇچىنىڭ ئىسىمى ئېسىمدە شۇنداق ئېنىق ساقلىنىپ قاپتىكەن ،  « سۇسىز ياز » راستلا ياخشى يېزىلغان پوۋىست ..

qarushti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-20 22:51:56

سۇسىز يازنى مەنمۇ ئوقۇغان، ئاكىسىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇكىسى تۈرمىگە كەتسە، ئاكىسى ئۇكىسىنى ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ گەپ تارقىتىپ، ئۇكىسىنىڭ ئايالىنى ئەمرىگە ئالىدۇ. كېيىن ئۇكىسى قايتىپ كەلگەندە، ئاكىسى بىلەن سۆزلىشەي دەپ كەلسە ئايالى ئاكىسىنى يەنى ھازىرقى ئېرىنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ.

ياخشى پوۋسىت ئىدى. دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى جىق رومانلارنى ئوقۇپ چىققان. ھازىرمۇ خىيالىمدا دىسە...

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-21 00:18:03

7- قەۋەتتىكى mohsinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

« سۇسىز ياز » نىڭ ئاپتۇرىنىڭ ئىسمى نەجاتى جۇمالى .  ئادەمگە خۇددى قېرغىز قېرىنداشلارنىڭ ئىسمدك تۇيۇلىدىغان بۇ تۈركىيلىك يازغۇچىنىڭ ئىسىمى ئېسىمدە شۇنداق ئېنىق ساقلىنىپ قاپتىكەن ، « سۇسىز ياز » راستلا ياخشى يېزىلغان پوۋىست ..



بۇ  پوۋېستنى  تاپقىلى  بولارمۇ ؟

Mohsin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-21 15:01:52

@Erktekin



Erktekin@  بۇ بەلگىنى بېشى ياكى ئاخىرىدا قويۇشنى داۋاملىق ئۇنتۇپ قالىمەن ، شۇڭا ئىككىسىنىلا يېزىپ قويىمەن داۋاملىق .





« دۇنيا ئەدەبىياتى » نىڭ كونا سانلىرىنى مالتىلاپ قارىسام ، « سۇسىز ياز »  1987 - يىللىق 1 - ساندا ئىكەن .  « دۇنيا ئەدەبىياتى » نىڭ بەت چوڭلىغى بويىچە جەمى 41 بەت ئىكەن .  ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ بولالمايمەن ، ئەمما زادى كېرەك دىسىڭىز رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىپ بەرسەم بولىدۇ .  



ئايفۇن4 نىڭ كامېراسىدا تارتىلغان رەسىملەر راۋۇرۇس ئوچۇق چىقىدۇ . نۇسخىلىغاندەك ئېنىقلىقتا چىقىدىغۇ دەيمەن .



مەيلى دىسىڭىز شۇنداق ئەۋەتىپ بېرەي ، كىيۇ كىيۇ ياكى ۋېيشىن نۇمۇرىڭىزنى ئۇچۇردا ئەۋەتىسىڭىز ، تېلىفۇنۇمدىنلا بىۋاستە يوللاپ بەرسەم قولايلىق بولىدۇ .





                              

سۇسىز ياز



نەجاتى جۇمالى ( تۈركىيە )



مەرھۇم تۇرسۇنئاي ساقىم تەرجىمىسى



ئانام فىتنات جۇمالىغا بېغىشلايمەن



مۇھەررىردىن : نەجاتى جۇمالى تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق شائىرى ، ھېكايىچىسى ، دراماتورىگى ۋە رومانچىسى . ئۇ 1921 - يىلى تۈركىيەنىڭ فلورىنا شەھرىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ « ئۇرۇشقا ماڭغانلارنىڭ ناخشىسى » ، « چىرايلىق ئايدىڭ كېچە » ، « جەرەننىڭ ماتىمى » قاتارلىق ئون شىئىرلار توپلىمى ، « يالغۇز ئايال » ، « سۇسىز ياز » قاتارلىق بەش پوۋىست - ھېكايىلەر توپلىمى ، « ئاچچىق تاماكا » قاتارلىق تۆت رومانى بار . كۆپلىگەن ئەسەرلىرى سىنارىيەلەشتۈرۈلگەن . ھازىر ئۇ ئىستانبولدا كەسپى يازغۇچى .

نەجاتى جۇمالى « سۇسىز ياز » ناملىق پوۋىستىدا ، يەر ۋە سۇ دەۋالىرىنى ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە جىنايەتلەرنى ، ئۆچ ئېلىش تۇيغۇلىرىنى ساپ ۋە يېنىك تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن . « سۇسىز ياز » 1962 - يىلى سىنارىيەلەشتۈرۈلگەن ۋە دىراما ھالىتىدە تۈركىيە سەھنىللىرىدە كۆپ يىللار ئوينالغان .





بۇ ، مۇشۇ پوۋىسىتنىڭ بېشىدىكى قىستۇرما ئىكەن .

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-1-22 22:25:54

مەن چەتئەل ھېكايە پوۋستىلىردىن ئامېرىكلقنىڭ (ئاپتۇرى ئىسمدە تۇرماپتۇ) «بۆرە خۇمار » نىلا ئوقۇپتىمەن،

ئاندىن تۈرك تىلىدىن ئاغدۇرۇلغان بارلىق كىتاپلارنى توپلاپتىمەن، ئەزىز نەسننىڭ «ھازىرقى باللار كارامەت» نى بۇرۇن چىققاندا قىززىقماپتىكەنمەن، ئەمدى كونا كىتاپ بازىردىن مىڭ تەستە ئىزدەشتۇرۈپ يۇرۇپ ئوقۇپ پۇخادىن چىققۇچە كۈلۈپتىمەن.

يېقندا يەنە مەمەت ئاۋاقنى ناھايتى ھوزۇر بلەن ئوقۇپ چىقتىم، مەمەت ئاۋاق ھەققىدە گەپ ساتساق بولتى...

qarushti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-22 22:45:06

‹‹مەمەت ئاۋاق››نى ناھايىتى ھەۋەس ئىلكىدە ئوقۇپ چىققان. مەن ‹‹مەمەت غەزەپلەنگەندەك بويى بىردىنلا ئۆسۈپ كەتكەندەك، بەستىلىك بولۇپ قالغاندەك بولاتتى. كۆزلىرىدىن يىڭنە ئۇچىدەك سېرىق نۇر يالتىرايتتى›› دىگەن تەسۋىرلەرنى ئوقۇپ كۆز ئالدىمغا پەقەت ئەكىلەلمىگەن. ھازىر ئۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ مەنىسىگە يەتتىم.

بەك ئېسىل كىتاب جۇمۇ ئۇ. ئابدى ئۆلسە خوش بولىدىغان، يەنە ئۇنىڭغا ھازا تۇتىدىغان، مەمەتنى تىللايدىغان ھەم ماختايدىغان خەلقنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-1-22 23:52:41

سېرىق قىزىل تاشلىق ياھۇدىـــــلارنىڭ سىرى دىگەن كىتاپنى ئىشتىياق بىلەن ھەركۇنى كەچ ئوقۇۋېتىپتىكەنمەن ھازىرقىچە مۇشۇنداق كىتاپ ئوقۇپ باقمىدىم ،. ئۇ كىتاپنى ئالمەن نەچچە بەت ئوقۇپ تاشلايمەن بۇ كىتاپنى ئالمەن ئۇيەر بۇيەردىن ئوقۇپ تاشلاپ قويمەن بۇلتۇر يېڭىدىن قارا تاشلىق ياھۇدىلارنىڭ سىرى دىگەن چىقىپتىكەن بۇرۇنقىسىدەك ياخشى چىقماپتۇ تۇزۇك ئوقۇماي تاشلاپ قويدۇم .
بەت: [1]
: كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى