adwukat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-19 22:39:06

16 يىل بۇرۇنقى ئۆلۈم دىلوسىدا مەسىلە بار بولۇشى مۇمكىن

16 يىل بۇرۇنقى ئۆلۈم جازاسى دىلوسىدا مەسىلە ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن



شىنخۇا تورى 16 – يانۋار خاڭجۇ تېلېگراممىسى . جىجياڭ ئۆلكىسى شاۋشەن تەۋەلىكىدىكى چىن جيەنياڭ قاتارلىق 4 كىشىگە بۇلاڭچىلىق ، ئوغىرلىق جىنايىتى دىلوسى ئۈچۈن 1997 – يىلى ئۆلۈم جازاسى بىرىلىپ كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بىرىلگەن بولۇپ ،نەتىجىدە ج خ ئورگانلىرى 2012 – يىلى باشقا دىلولارنى رازۋىتكا قىلىۋاتقان جەرياندا ئەسلىدىكى دىلودا مەسىلە ساقلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايقىغان ، جىجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2013 – يىلى 4 – يانۋار مەزكۇر دىلونى قايتىدىن دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ھەمدە « خاتالىق بولسا چوقۇم تۈزىتىدىغان » لىقىنى بىلدۈرگەن .


مۇخبىرنىڭ جىجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 19 – يانۋار كەچ ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن ئىگىلىشىچە ، 1995 – يىلى 3 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ۋە 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ، شاۋشەن يېزا ئىگىلىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ 1 – مەيدانى 16 – ئەترەت 4 – كۆۋرۈك جەنۇبى ۋە ماي جىقلاش پونكىتى يېنىدا ئايرىم – ئايرىم ھالدا تاكسى ماشىنا شوپۇرىنى بۇلاش سەۋەبىدىن تاكسى ماشىنا شوپۇرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك ۋەقە يۈز بەرگەن . ج خ ئورگانلىرى رازۋىتكا قىلىش ئارقىلىق ، شاۋشەن تەۋەلىكىدىكى چىن جيەنياڭ ، تيەن ۋىيدوڭ ، ۋاڭ جيەنپىڭ ، جۇ يوڭپىڭ ، تيەن شاۋپىڭلارنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى بىكىتىدۇ . چىن جيەڭياڭ ، تيەن ۋىيدۇڭلار يەنە 1995 – يىلى 9 – ئاينىڭ 2 – كۈنى قىممىتى 1600 يۈەندىن ئاشىدىغان مال – مۈلۈكنى ئوغىرلىغان .


خاڭجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چىن جيەنياڭ ، تيەن ۋىيدوڭلارنى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ، ئوغىرلىق جىنايىتى سادىر قىلدى ، ۋاڭ جيەنپىڭ ، جۇ يوڭپىڭ ، تيەن شاۋپىڭلارنى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى سادىر قىلدى دەپ خاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىپلەشكە يوللايدۇ . 1997 – يىلى 7 – ئاينىڭ 11 – كۈنى خاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن چىن جيەنياڭ ، تيەن ۋىيدوڭلارغا ئۆلۈم جازاسى بىرىش ، ئوغىرلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بىرىش ، ئىككى جىنايەتنى قوشۇپ جازالاپ ئۆلۈم جازاسى بىرىش ؛ بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ۋاڭ جيەنپىڭ ، جۇ يوڭپىڭغا ئۆلۈم جازاسى بىرىپ ئىككى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بىرىش ، تيەن شاۋپىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىرىش توغرىلىق ھۆكۈم چىقىرىدۇ . چىن جيەنياڭ ، تيەن ۋىيدوڭ ، ۋاڭ جيەنپىڭ ، جۇ يوڭپىڭلار نارازىلىق ئەرز سۇنىدۇ . تيەن شاۋپىڭ نارازىلىق ئەرز سۇنمايدۇ .


1997 – يىلى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ، جىجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتىپ چىن جيەنياڭ ، تيەن ۋىيدوڭ ، ۋاڭ جيەنپىڭ ئۈچ كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بىرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بىرىش ، جۇ يوڭپىڭغا بىرىلگەن ئۆلۈم جازاسى بىرىپ ئىككى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسىنى تەستىقلايدۇ .


2012 – يىلى ، ج خ ئورگانلىرى باشقا دىلولارنى رازۋىتكا قىلىۋاتقان جەرياندا 1995 – يىلى 3 – ئاينىڭ 20 – كۈنى يۈز بەرگەن تاكسى شوپۇرىنى بۇلاش دىلوسىنىڭ يىپ ئۇچىنى بايقاپ ، يۇقارقى دىلونىڭ ھۆكۈمىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ قارىغان . 2012 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى خاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جىجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دوكلات قىلغان .


2013 – يىلى 4 – يانۋار ، جىجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دىلونى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىشنى قارار قىلغان . مەزكۇر دىلوغا قارىتا پاكىتنى ئاساس ، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ خاتالىق بولسا چوقۇم تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغان . نۆۋەتتە ، كىڭەشمە سوت ئەزالىرى باشقىدىن تەشكىللىنىپ دىلو ماتىرياللىرىنى كۆرۈپ ، مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپاتلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ، چىن جيەنياڭ قاتارلىقلارنى ئالدۇرۇپ سوت سوراق قىلىپ ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى سوت نازارەتچىلىك تەرتىپگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئەستايىدىل تەكشۈرمەكتە . تەكشۈرۈش نەتىجىسى دەل ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدىكەن .




http://news.163.com/13/0119/21/8LK55PCI00014JB5.html

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-20 08:35:56

جوڭگودا ئادەم جىق شۇڭا ئادەمنىڭ ھېچ ئېتىبارى يوق. بىر تاكسى شوپۇرىنى بۇلىغان تۆت ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراپتۇ. ئەگەر شۇ تاكسى شوپۇرىنى 100 ئادەم بۇلاپ تاكسى شوپۇرى ئۆلتۈرۈلگەن بولسا شۇ 100 كىشىنىڭ ھەممىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلەمدا؟

format يوللانغان ۋاقتى 2013-1-20 10:35:17

ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغاندەك ، سوت مەھكىمىسىدىكى ھەزىلەكلەرنىڭ خاتالىق بولسا تۈزىتىمىز دەپ چوڭ سۆزلىگىنىگە قارىغاندا ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدىغان گۇمپىسى بار ئوخشىمامدۇ

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-1-20 12:12:57

بۇنداق دېلونى بىجىرىش ھۆنەرۋەننىڭ چەينەك سوقۇشىغا ئوخشايدۇ. ج خ ئورگىنى ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىپ چەينەك سوقتۇم دەپ بىر نىمىنى پۈتكۈزۈدۇ، تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭ چەينەك ئىكەنلىكى ياكى چەينەك بولماي چىلەك، چۆگۈن بولۇپ قالغىنىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. تەپتىش راسلا چەينەك ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلسا سوت مەھكىمىسى بۇ چەينەكنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى بىر كۆرۈۋېتىپ نەچچە پۇلغا يارايدىغانلىقىغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

يەنە كىلىپ بۇنداق دېلولاردا نەچچە دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى دېلونى كۆرىدىغان ئەھۋال بار. بۇ دېلوغا خاتا ھۆكۈم چىقىرىلغان تەقدىردىمۇ بۇنى سوت مەھكىمىسىنىڭ بىۋاستە خاتالىقى دەپ مۇتلەقلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇنداق دېلولدرغا ناھەق ھۆكۈم چىقىلسا دۆلەت دۆلەت تۆلىمى بىرىدىغان ئىش بار.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-20 16:03:09


3- قەۋەتتىكى bugdayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇنداق دېلونى بىجىرىش ھۆنەرۋەننىڭ چەينەك سوقۇشىغا ئوخشايدۇ.....


_______________________


ئىزدىنىشنىڭ ئىنكاس باھالايدىغان ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقى خەپ...


بەت: [1]
: 16 يىل بۇرۇنقى ئۆلۈم دىلوسىدا مەسىلە بار بولۇشى مۇمكىن